تەۋىسىيە
ئىزدەش

فوتوئاپپاراتنىڭ تارىخىنى بىلەمسىز ؟

تۈرى : تېخنىكا يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-03 22:53:01

پىليونكىلىق ئاپپارات ھازىرقى ئاپپاراتلارنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئاپپاراتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۈگۈنكىدەك زامانىۋى دەۋردە سەيلە–ساياھەت، ھەرخىل يىغىن، ئولتۇرۇش، پائالىيەت، شۇنداقلا باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە فوتو ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ مىسىلسىز رولىنى نامايان قىلماقتا. تۆۋەندە فوتو ئاپپاراتنىڭ قىسقىچە تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرى، موزى يازغان ‹‹موزى تەپسىرلىرى›› ناملىق ئەسەردە، يىڭنە سانجىپ سۈرەت ھاسىل قىلىش ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇلغان. 13–ئەسىردە، ياۋرۇپادا يىڭنە سانجىپ ھاسىل قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا سۈرەت قۇتىسى ياساپ چىققان ھەمدە ھەرخىل ئوبرازلارنى سىزىپ چىققان.
 
   1550–يىلى ئىتالىيەلىك كاردانو قوش كۆپۈنكى لېنزىنى ئەسلىدىكى يىڭنە سانجىپ سۈرەت ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسستىپ، سۈرەت ھاسىل قىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.
   1558–يىلى ئىتالىيەلىك باربالو يەنە كاردانونىڭ مېخانىزمىغا يورۇقلۇق چەمبىرى تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، سۈرەتنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
   1665–يىلى گېرمانىيەلىك روھانىي يوھان بىر كىچىك تىپتىكى ئاددىي لېنزىلىق رېفلىكىسلىك، ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈرەت قۇتىسىنى ياساپ چىققان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللار يوق بولۇپ، پەقەت رەسىمدىنلا پايدىلانغىلى بولاتتى.
   1882–يىلى فىرانسىيەلىك نايپىس يورۇقلۇققا سەزگۈر ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى سۈرەتنى ياساپ چىققان. ئەمما ئۇنىڭدىكى تەسۋىر تۇتۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نۇر ئۆتكۈزۈشكە سەككىز سائەت ۋاقىت كېتەتتى.
   1839–يىلى 8–ئاينىڭ 19–كۈنى فىرانسىيەلىك رەسسام لويى داگېر دۇنيادىكى تۇنجى ھەقىقىي ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ شەكلى ياغاچ ساندۇققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ھەرقاچان ياندا ئېلىپ يۈرگىلىبولاتتى.
   1841–يىلى ئوپتىكا ئالىمى يېگېلاند پۈتۈنلەي مېتالدىن ياسالغان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان.
   1845–يىلى گېرمانىيەلىك فون ماتىس دۇنيادىكى تۇنجى 150 گىرادۇس ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان ئاپپاراتنى كەشىپ قىلغان. 
   1849–يىلى داۋى بىرسىت سىتېرېئولۇق ئاپپارات بىلەن قوش لېنزىلىق سىتېرېئولۇق كۆزىتىش ئەينىكىنى كەشىپ قىلغان. 
   1861–يىلى فىزىكا ئالىمى ماكسۋېل دۇنيادىكى تۇنجى رەڭلىك سۈرەتنى كەشىپ قىلغان. 
   1866–يىلى گېرمانىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئوتتو سىكوت بىلەن ئوپتىكا ئالىمى كارل زېس ئىككىيلەن زېس شىركىتىدە ئوپتىكىلىق ئاپپارات كۆزىنى كەشىپ قىلغان. 
   1888–يىلى ئامېرىكا كوداك شىركىتى يېڭى تىپتىكى نۇر ئۆتكۈزۈشچان پىليونكىنى ئىشلەپچىقارغان. شۇ يىلى، كوداك شىركىتى يەنە دۇنيادىكى تۇنجى نىگاتىپ سالغىلى بولىدىغان، ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئاپپاراتنى ئىشلەپچىقارغان. 
   1906–يىلى ئامېرىكىلىق مۇھاجىر جورجى شىلاس ئاپپاراتتا تۇنجى بولۇپ چاقماق لامپا ئىشلەتكەن. 
   1948–يىلى 11–ئاينىڭ 26–كۈنى ئامېرىكا پولارويد شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى ۋاقىت ھېسابلاپ سۈرەتكە تارتىدىغان تېلېكامېرانى بازارغا سالغان. 
   قەدىرلىك دوستلار، يۇقىرىدىكىلەر بىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىدۇر. بۇنى بىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长