تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئالما خادىمىنىڭ Apple ID سى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟

تۈرى : تېخنىكا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-02-11 00:15:27

ئالما خادىمىنىڭ Apple ID سى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تېخنىكا شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالمىنىڭ يېقىندىكى كۈنلىرى ئانچە ياخشى ئەمەس، iPhone نىڭ بازار ئۈلۈشى تۆۋەنلىدى، ئالمىنىڭ پېيى قايتا چۈشۈپ كەتتى، گەرچە بازار قىممىتى قايتا رىقابەتچىسى Alphabet تىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما Alphabet نىڭ چىقارغان ئىجادىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، ئالمىنىڭ كەلگۈسى بۇنداق پارلاق بولماسلىقى مۇمكىن. 

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالمىنىڭ كەلگۈسى بىر ئىش سەۋەبىدىن تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشى مۇمكىن: خاككېر، بەلكىم خائىنمۇ بولىشى مۇمكىن.

 

 

«Business Insider» تورىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خاككېرلار ئالمىنىڭ ئىچكى قىسىم سانلىق مەلۇماتى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن، 20 مىڭ ياۋرو، يەنى 150 مىڭ يۈەن باھادا ئالما خىزمەتچىلىرىنىڭ Apple ID تىزىملىتىش تەپسىلىي ئۇچۇرىنى سېتىۋالغان، تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى بۇنداق قىلىدىغانلار پەقەت بىر ئادەملا ئەمەسكەن.

بۇندىن سىرت ئالمىنىڭ بىر سابىق خادىمى بۇ نۇقتىنى تولۇقلاپ، دائىم خاككېر ياكى باشقىلار ئالمىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىزدەپ، پۇل خەجلەپ ياكى باشقا ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلارنى ئالمىنىڭ ئىچكى قىسىمى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى بېرىشكە قىزىقتۇرىدۇ دېگەن. «ناۋادا سىز قانچىلىك كىشىنىڭ پەقەت بىر مەخپىي نومۇر ئۈچۈن ئالما خادىملىرىغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بىلسىڭىز، سىز چوقۇم ھەيران قالىسىز. ئۇلار دائىم نەچچە ئون مىليون دوللارلىق مائاش ۋەدە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالمىنىڭ ئىچكى قىسىم تورىغا كىرىشىگە ياردەم قىلغۇزىدۇ.»

خاككېرلار قانداق ئادەمنى تاللاشنى ئىنتايىن چۈشىنىدۇ: ئۇلار دائىم ئالما ئىچكى قىسىمىدىكى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئۆسۈشتىن ئۈمىد ئۈزگەن، ياكى ئالمىدا ئۇزۇن مەزگىل قېلىپ قالمايدىغان ئادەملەرنى تاللايدۇ. ئۇچۇر كۆپ بولمىغانلىقتىن، شۇ سەۋەبتىن نۆۋەتتە بۇ سېتىۋالغۇچىلارنى خاككېرلار تەشكىللىگەن ياكى رىقابەتچىلەر تەشكىللىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ناۋادا ئالمىنىڭ ئىچكى قىسىم تورى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، زىيانغا ئۇچرايدىغىنى ھەرگىزمۇ ئالمىنىڭ كەلگۈسى پىلانى ياكى مەھسۇلات ئەۋرىشكىسى بولمايدۇ، نۇرغۇنلىغان بەخىتسىز ئالما ئابونىتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىمۇ خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. 

 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号