تەۋىسىيە
ئىزدەش

لى كېچياڭ ئىنتېرنېت تورى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا تېخىمۇ چوڭ سىياسەت مەدىتى بەردى

تۈرى : تېخنىكا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-25 23:32:49

                                      \
جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى خەۋىرى: بىز  ئىنتېرنېت تورى دەۋرى گە قەدەم قويدۇق, بۇ دولقۇنغا يېتىشەلمىسەك, مەڭگۈ زاماننىڭ ئارقىدا قېلىشىمىز مۇمكىن,دېدى لى كېچياڭ زۇڭلى 20- ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا: ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى, يېڭىلىق يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىنتېرنېت تورىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ, شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتېرنېت تورى كارخانىلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.زۇڭلىنىڭ بۇ قېتىم پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ مەنبەئەسى بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە كارخانىچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى. ئۇ چاغدا بىر ئىنتېرنېت كارخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى زۇڭلىغا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى كارخانىلارغا تېخىمۇ جانلىق قەرەللىك ھوقۇق بېجى ئېلىش تۈزۈمىنى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى ئېيتقان.لى كېچياڭ 20- ئاپرېلدىكى دائىمىي يىغىندا بۇ ئىشنى تىلغا ئالغاندا: بىز ھازىر سىياسەتنى ئېلان قىلدۇق , جۇڭگۈەنسۈن دۆلەت مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا پاي ھوقۇقى بىلەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلدۇق. لېكىن يانداشما سىياسەت ھۆججەتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كېيىنرەك بولىدۇ, بۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسم كارخانىلارلا بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالىدى.  بۇنىڭ بىلەن يېڭىلىق ياراتقۇچى, ئىگىلىك تىكلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قانداق قوزغىغىلى بولىدۇ? دېدى ئېغىر تەلەپپۇزدا.زۇڭلى مۇنداق دېدى: ئىنتېرنېت تورىدا يېڭىلىق ياراتقۇچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى, ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلىشتىكى ناھايىتى مۇھىم ۋاسىتىسى پاي ھوقۇقىنى قەرەللىك ھوقۇققا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىش. ئەمما ھازىر يانداش سىياسەت ھۆججىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى كېيىنرەك بولۇپلا قالماي, يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كارخانانى مۇئەييەنلەشتۈرۈش جەريانىدا توخۇ تۇخۇم تۇغۇش, تۇخۇمدىن چۈجە چىقىش تەك ئايلانما ئىسپات كېلىپ چىقىپ, كارخانىلار قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى. لى كېچياڭ: نۇرغۇن ئىنتېرنېت تورى كارخانىسى  ئىنتېرنېت تورى+ ئارقىلىق, سوبيېكت كەسىپنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ, دېدى. ئۇ دەرھال ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىنتېرنىت يۇمشاق دىتال قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقنى قەرەللىك ھوقۇققا ئايلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇشىنى تەلەپ قىلدى.لى كېچياڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتېرنىت تورى كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ نۇرغۇن قېتىم ئىنتېرنېت تورى+ نى ئىلگىرى سۈرۈش جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىشىنىڭ زور پۇرسىتى, ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ كەسىپ ئەندىزىسىنى قايتا تۈزەشكە چوقۇم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ, دەپ كۆرسەتكەن. زۇڭلى بۇندىن ئىلگىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئىنتېرنېت تورى+ نى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى دائىمىي يىغىنىدا مۇنداق دېگەن:  ئىلگىرى بىز ئۇچۇر ساھەسىدە, بولۇپمۇ ئالاقە تورى ساھەسىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ئوخشاش بىر پەللىدە تۇرىدۇ دېگەن. ھازىر , بىز مانا مۇشۇنداق ئوخشاش پەللىدە تۇرىۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن.بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىنتېرنىت تورىغا قەدەم قويغانلىقىنىڭ 22-يېلى. ئىنتېرنىت تورى ھازىر جۇڭگو بىلەن دۇنيانى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلماقتا. زۇڭلى ئىنتېرنىت تورىغا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور ئۈمىد باغلىدى. لى كېچياڭ 20-ئاپرىل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ, ئېنتېرنېت تورى, چوڭ سانلىق مەلۇمات , بۇلۇت ھېسابلاش , ئەشيا ئالاقىسى تورى قاتارلىق ئالاقىدار يۇقىرى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.زۇڭلى ئاخىرىدا: پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش, يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان تېخىمۇ چوڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ, يىڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ, تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكا, يېڭى كەسىپ, يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك, دېدى.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号