تۈرى : تېخنىكا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-29 00:20:18
ھازىر كىشىلەر بارغانسېرى يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. ھەتتا كارتا شەكىلدىكىDC نىڭ مەۋجۇتلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ يىل يېڭى ئېلان قىلىنغان جۇڭگو بايراقدار يانفونلىرىنىڭ ئىچىدە زادى قايسىسىنىڭ رەسىمگە تارتىشى ئەڭ ياخشى؟ تەھرىر ئۇلارنى بىر يەرگە قويۇپ ئايرىم-ئايرىم تەھلىل قىلىشنى توغرا تاپتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى بايراقدار يانفونلار:
vivo Xplay 5
Xplay 5نىڭ ئارقا تېلېكامىراسىغا 16 مىليون پېكسىللىق سونىي IMX298 يورۇقلۇق سەزگۈچ دېتال قوللىنىلغان. دىئافراگما نۇر چەمبىرىكى f/2.0 ھەمدە vivo ،vivo بىلەن Arcsoft بىرلىشىپ ئورتاق ئاچقان كېچىلىك مەنزىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ غۇۋا نۇر ئاستىدىمۇ مۇكەممەل سۈرەتنى تارتىپ چىقالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Xplay 5 فازا فوكۇسلاشنى قوللىيالايدۇ.
بۇ يەردە ئالدى بىلەن سونىي IMX298نىڭ پارامېتىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى، چۈنكى كېيىن بارزارغا چىقىدىغان يانفون گەۋدىسىدە IMX298 يەنە داۋاملىق قوللىنىلىشى مۇمكىن. IMX298 نىڭ ھەجىمى 1/2.8 ديۇم، يەككە پېكسىل ئۆلچىمى 1.12μm. بىر قەدەر ئالاھىدە يېرى شۇكى ئۇنىڭدا RGBW قۇرۇلمىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى RGB تۈزۈلۈشىگە قارىغاندا يورۇقلۇق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، ئاجىز نۇردا تەسۋىر ھاسىل قىلىشى تېخىمۇ ياخشى.
شياۋمى 5
شياۋمى 5 نىڭ ئارقا تېلېكامېراسىغا ئوخشاشلا 16 مىليون پېكسىللىق سونىي IMX298 يورۇقلۇق سەزگۈچى دېتالى سەپلەنگەن. DTI پېكسىل ئايرىش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ. دىئافراگما نۇر چەمبىرىكى F/2.0، كۆك ياقۇت ئەينەك قوللىنىلغان ھەمدە تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق سىلكىنىشتىن ساقلىنالايدۇ.
توغرا يۆنىلىشلىك + بوي يۆنىلىشلىك + ئالدى يانتۇ + يانغا يانتۇ قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك تىترەشنى قوللايدۇ. فازا فوكۇسلاشنى قوللايدۇ.
OPPO R9 Plus
قاتتىق دېتال جەھەتتە R9 Plusنىڭ باش تېلېكامېراسى 16 مىليون پېكسىللىق 1/2.8 ديۇملۇق سونىي IMX298 CMOS يورۇقلۇق سەزگۈچ دېتالى سەپلەنگەن. دىئافراگما نۇر چەمبىرىكى f/2.0 ،6P لىنزا گۇرۇپپىسى، ئوخشاشلا PDAF فازا فوكۇسلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە OPPO R9 Plus غا ئەڭ ئىلغار سىلكىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى 2.0 سەپلەنگەن.
مېيزۇ PRO 6
PRO 6 ئالدىنقى ئەۋلاد PRO 5 غا ئوخشاش، ئارقا تېلېكامېراسى 21 مىليون 160مىڭ پېكسىللىق ھەمدە باشقىلارغا ئوخشاش سونىي IMX230 CMOS قوللىنىلغان. مېيزۇ PRO 6 غا سەپلەنگەن CMOS نىڭ سونىيغا ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياساتقانلىقىنى، شۇڭا تېخىمۇ نېپىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
«بۇيرۇتۇپ ياساش» دېگەن بۇ سۆز مېيزۇنىڭ فوتو ئاپپاراتقا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداقلا بولۇپ قالماستىن بۇ تېلېكامىراغا يەنە ئون دانە بەش گۇرۇپپىلىق قوش رەڭ LEDھالقىسىمان نۇر تولۇقلاش چىرىغى سەپلەنگەن، يەنە ئۈنۈملۈك مۇساپە ئارىلىقى 2 مېتىرغا يېتىدىغان لازېر نۇرلۇق توغرىلاش دېتالىمۇ بار.
خۇاۋېي P9
خۇاۋېي P9 SUMMARITH 1:2.2/27 ASPH كامېرانى قوللانغان. دىئافراگما نۇر چەمبىرىكى F2.2، ئېكۋىۋالېنتلىق فوكۇس ئارىلىقى 27 مىللىمېتىر، 12 مىليون پېكسىللىق. شۇنداقلا P9 تۇنجى بولۇپ قوش كامېرا ئۈچۈن ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان قوش يادرولۇق تەسۋىر بىر تەرەپ قىلىش ئۆزەك پلاستىنسىكىنى ئىشلەتتى. لەيكا بىلەن ھەمكارلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن P9 نىڭ ئارقا قېپى ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تېلېكامىراغا «LEICA» دېگەن خەت چۈشۈرۈلدى.
خۇاۋېي P9 دا قوش تېلېكامىرا لايىھىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئىككى تېلېكامىرا ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى تېلېكامېرانىڭ بىرسىگە سونىينىڭ IMX 286 ئۆتكۈزگۈچى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ جىسىمنىڭ RGB رەڭگىنى تۇتۇشقا ئىشلىتىلدۇ. ئەكسىچە يەنە بىرى monochrome رەڭسىز تېلېكامىرا جىسىمنىڭ رەڭسىز كۆرۈنۈشىنى تارتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
خۇاۋېينىڭ مەخسۇس تورىدا خۇاۋېي P9 سۈرەتكە تارتالايدىغان يۇرۇقلۇق كۋانتىنىڭ iPhone 6s نىڭكىدىن %270 يۇقىرى، Galaxy S7 نىڭكىدىن %70 يۇقىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ھەقىقىي سۈرەتكە تارتىش سېلىشتۇرمىسى
چۈشۈندۈرۈپ ئۆتسەك، بۇ قېتىمقى سېلىشتۇرۇشقا قاتناشقان بەش خىل يانفوننىڭ ھەممىسى تولۇق ئاپتوماتىك ھالەتتە سۈرەتكە تارتىش ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە ھەممىسى دەسلەپكى ئالدىن تەڭشەش ھالىتىدە بولۇپ ئۆزگەرتىلمىگەن. ئادەتتە ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان كۆرۈنۈش ھالىتىگە قايتۇرۇلدى.
تۆۋەندىكى ئەۋرىشكە سۈرەتلەر يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەرتىپ بويىچە شياۋمى 5، مېيزۇ PRO 6، خۇاۋېي P9 Xplay 5ۋىۋو، OPPO R9 Plus دىن تارتىلغان. بارلىق ئەۋرىشكە سۈرەتلەر بىر قېتىمدا تارتىلغان بىر قانچە پارچە سۈرەتلەر ئىچىدە تاللىۋېلىنغان ئەڭ ياخشىسى.
نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن OPPO R9 Plus تارتقان سۈرەتلەرگە EXIF ئۇچۇرى قېتىش مۇمكىن بولماي قالدى، قالغان ماركىدىكى يانفونلاردا تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تەپسىلىي EXIF ئۇچۇرى بار.
بىرىنچى گۇرۇپپا:
R9 Plus:f/2 ISO-50
ئىككىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus: f/2 ISO-70
بىرىنچى، ئىككىچنى گۇرۇپپا ئەۋرىشكە سۈرەتلىرى يانفوننىڭ CMOS ئازادىلىكى ۋە كامېرانىڭ نۇر چېچېلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن تارتىلدى. OPPO R9 Plus نىڭ بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى، شياۋمى 5 نىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ئىنتايىن ياخشى، بىراق نۇر چېچىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر ئاز ناچار، مېيزۇنىڭ يۇقىرى نۇرنى بىر تەرەپ قىلىشى بەك زىيادە، كامېرانىڭ نۇر چېچىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى شياۋمى 5 نىڭكى بىلەن ئوخشاش. خۇاۋېي P9 بىلەن Xplay 5 نىڭ غۇۋا نۇردىكى تەپسىلاتلارنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈشى بىر قەدەر ناچار، پۈتكۈل كۆرۈنۈشمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس.
ئۈچىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-50
دائىم كۆرۈلىدىغان قۇياش نۇرى مۇھىتىدا بۇ بايراقدار يانفونلارنىڭ ئىپادىسى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ،
مېيزۇ PRO 6 تارتقان سۈرەتتىكى ئاسمان بىر قەدەر تۇتۇق، دەرەخ يوپۇرماقلىرىغا دىققەت قىلىدىغان
بولساق، ئاق رەڭ تەڭپۇڭلۇقى بىر ئاز سېرىقراق بولۇپ قالغان. خۇاۋېي P9 نىڭ يوپۇرماق قىسمى ئازراق
سۈركەلگەندەك تەسىر بېرىدۇ.
تۆتىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-50
بەشىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-66
بەش خىل تىپتىكى يانفوننىڭ كامېراسى مەيلى تىك يۆلىنىشتە بولسۇن ياكى تۈز يۆلىنىشتە تارتسۇن، كەڭ بولۇڭنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس. تۆتىنچى گۇرۇپپا ئەۋرىشكىدىن پايدىلانغاندا OPPO بىلەن vivo كامېرانىڭ نۇر چېچىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سەۋىيەنى ساقلىغان. قالغان ئۈچ يانفوندا ئازدۇر-كۆپتۇر تۇمانلىشىش كۆرۈلگەن.
مېيزۇ PRO 6 نىڭ كەڭ بۇلۇڭى ئەڭ چوڭ، بۇنداق بولغاندا كەڭ كۆلەمدىكى مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتقاندا ئۇ بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ. ئەلۋەتتە مىكرو ئارىلىقىنى سۈرەتكە تارتقاندا بۇ چوقۇم يېتەرسىزلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئالتىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-144
مۇشۇ بىر گۇرۇپپىدىن باشلاپ بىزنىڭ سېلىشتۇرمىمىز كۈندۈزدىن كېچىگە ئۆزگىرىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، كېچىدە ۋە تۆۋەن يۇرۇقلۇقتا سۈرەت تارتقاندا، گەرچە تېلېكامىرا تولۇق ئاپتوماتىك ھالىتىگە تەڭشەلگەن بولسىمۇ، بۇ بەش خىل يانفونننىڭ ھەممىسى رەسىمگە ئۆزلۈكىدىن تەڭشەش ئېلىپ بارىدىكەن، يەنى مېيزۇ PRO 6 نىڭ تولۇق ئاپتوماتىك ھالىتىدە ئاپتوماتىك ھالدا كېچىلىك تارتىش ھالىتى ئېچىلىدۇ.
شياۋمىنىڭ «غۇۋا نۇردىكى سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئىقتىدارى ئۇنچىۋالا ئىلغار ئەمەستەك تۇرىدۇ، رەسىم سۈپىتىنىڭ پەرقىنى قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار ئېچىلغاندىن كېيىن شياۋمى 5 نىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈرئىتى ۋە ساقلاش سۈرئىتى ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. «غۇۋا نۇردىكى سۈرەتلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» ئىقتىدارى بولغانلىقتىن، ئادەتتە ئىشلەتكەندە بۇ ئىقتىدارنى تاقىۋەتمىسەكلا بولىدۇ.
يەنە ئالتىنچى گۇرۇپپا سۈرەتنى تەھلىل قىلساق ئەمەلىيەتتە بۇ بېيجىڭنىڭ سائەت 7 دىكى چىراقلار ئەمدى يانغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشى، ئاسمان پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇققا پاتمىغان، يەنە ئازراق كۆك رەڭ ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. خۇاۋېينىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان، ئاسماننىڭ «كۆك» لىقىنى ساقلاپ قالغان، يەنە دىققەت قىلىپ قارىساق، سول ئاستى بۇلۇڭدىكى ئېلان ماركىسىنى خۇاۋېيدىن باشقا يانفونلارنىڭ ھېچقايسى ئېنىق تارتالمىغان.
يەتتىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-1471
يەتتىنچى گۇرۇپپىدا vivo بىلەن شياۋمىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئىنتايىن ياخشى، بىراق Xplay 5 تەپسىلاتلارنى سۈركەلگەن ھالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈشى ۋە قاراڭغۇ نۇقتىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى بىر قەدەر ئېغىر بولغان. PRO 6نىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ياخشى، بىراق ئوخشاشلا سۈركىلىش تۇيغۇسى كۈچلۈك، P9 نىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى ئالدىنقى ئۈچىگە يەتمىسىمۇ، غۇۋا قىسىمنىڭ شاۋقۇن نۇقتىسى ئەڭ ئاز بولغان. OPPO R9 Plus نى بىر پۈتۈن گەۋدىسى بويىچە خۇاۋېي بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ناچار ھېسابلىنىدۇ.
سەككىزىنچى گۇرۇپپا
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-97
خۇاۋېي P9 نىڭ يېقىن ئارىلىقتىكى سۈرەتكە تارتىشتا ئىپادىسى ئەڭ ياخشى.
PRO 6 نىڭ كەڭ بۇلۇڭلۇق يېتەرسىزلىكى مۇشۇ يەردە ئۆزىنى ئىپادىلىدى. ئاق رەڭ تەڭپۇڭلۇقنىڭ سېرىقداپ قېلىشىمۇ ئاشكارىلاندى. قالغانلارنىڭ ئىپادىسى ئاساسىي جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ.
توققۇزىنچى گۇرۇپپا:
OPPO R9 Plus:f/2 ISO-2678
خۇلاسە
شىياۋمىينىڭ تۈز نۇرلۇق تارتىش ۋە نۇرغا قارشى تارتىش ئىقتىدارى يامان ئەمەس، ئىنتايىن مۇقىم. ئالدىن تەڭشەلگەن غۇۋا سۈرەتنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى شىياۋمىينى كېچىلىك سۈرەتكە تارتىشتا كىشنى ھەيران قالدۇردىغان ئىپادىگە ئىگە قىلدى.
OPPO R9 Plus نىڭ ئازادىلىك دەرىجىسى ۋە نۇر چېچىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى، بىراق كېچىدە سۈرەت تارتىش ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە.
خۇاۋېي P9نىڭ قوش تېلېكامېراسى كېچىلىك كۆرۈنۈشتە ئىپادىسى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، شاۋقۇن نۇقتىسىنى كونترول قىلىشىمۇ ياخشى، پەقەت كۈندۈزلۈك بەزى كۆرۈنۈشلەردە سۈركىلىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇشتەك مەسىلىنى تۈزىتىشكە تېگىشلىك.
vivo Xplay 5 كېچىلىك كۆرۈنۈشنى ئالغاندا يورۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ ياخشى، بىراق شاۋقۇن نۇقتىسى كۆپرەك بولۇش، سۈركىلىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش مەسىلىسىگىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ.
ئۆتكۈزگۈچ ھەجىمى ئەڭ چوڭ بولغان، پېكسىلى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېيزۇ PRO 6 ھەرخىل كۆرۈنۈشلەردىكى ئىپادىسى ئەۋزەللىكنى ئىگىلىيەلمىدى. ئەكىسچە ئاق رەڭ تەڭپۇڭلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسىمۇ كىشنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
Apple Watch سائەت بېغىنى كۆگەزمە قىلىش ئۇسۇلى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى
شياۋمى، مېيزۇ، خۇاۋېي قاتارلىق بايراقدار يانفونلارنىڭ قايسىسى سۈرەتكە ياخشى تارتىدۇ؟
لى كېچياڭ ئىنتېرنېت تورى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا تېخىمۇ چوڭ سىياسەت مەدىتى بەردى
NHTSA گۇگېلنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرى
ئۈستەل كومپيۇتېرنىڭ سىملىق تورىدىن پايدىلىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى تورغا چىقىرىش ئۇسۇلى
سامسۇڭنىڭ Galaxy S6 Edge يانفونىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى ئاشكارىلاندى
تېخنىكا شياۋمى، مېيزۇ، خۇاۋېي قاتارلىق بايراقدار يانفونلارنىڭ قايسىسى سۈرەتكە ياخشى تارتىدۇ؟
تېخنىكا Apple Watch سائەت بېغىنى كۆگەزمە قىلىش ئۇسۇلى پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى
تېخنىكا سامسۇڭنىڭ Galaxy S6 Edge يانفونىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش جەريانى ئاشكارىلاندى
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长