تەۋىسىيە
ئىزدەش

NHTSA گۇگېلنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرى

تۈرى : تېخنىكا يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-02-11 00:14:22

NHTSA گۇگېلنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى (NHTSA) بۈگۈن ئېلان قىلغان ئاشكارا خېتىدە گۇگېل شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گۇگېل شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنىڭ بۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر نامايەندە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ خەتتە يەنە گۇگېلنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى ھەقىقىي «شوپۇر» دەپ ئېتىراپ قىلغان. بۇ خىل ئېتىراپ قىلىش گۇگېل شىركىتىنىڭ تەسەۋۇرىدىكى شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنايىن مۇھىم قوللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ قوللاش بەلكى شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ ھەقىقى يولغا چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ بېرىشى مۇمكىن. 
 

بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئوچۇق خەتتە يەنە ھازىرقى قاتناش قائىدىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا تېخنىكىسىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىملىقى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان، شۇنداقلا ماشىنىنى كىم ھەيدىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن. گۇگېل شىركىتىنىڭ شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىسىنى مىسالغا ئالساق ماشىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى «Self-Driving System» دەپ ئاتىلىدىغان سېستىما دەل ماشىنا ھەيدەشكە مەسئۇل شوپۇردۇر. 

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号