تېڭشۈن تېخنىكا تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Counterpoint Research نامىدىكى بازار تەكشۈرۈش شىركىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دىيىلىشىچە، بۇلتۇر 9-ئايدا iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نى رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كىيىن، ئالما شىركىتىنىڭ ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ مۇھىم بازاردىكى تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ھازىر، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەتتا سامسۇڭنىڭ «ئىشىك ئالدى» غىچە يېتىپ كەلگەن.
ياپونىيە، جۇڭگو ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، ئالما ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ بازار ئۈلۈشى توختىماستىن ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى كورىيە بولغان. بۇندىن ئىلگىرى، سامسۇڭ شىركىتى يەرلىك بازارنى مۇستەھكەم كونتىرول قىلىپ تۇرغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بازاردىكى ئورنى ئاسانلىقچە تەۋرەنمىگەن.
Counterpoint نىڭ سىتاتسىتىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا،iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلاردىن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئالما شىركىتىنىڭ كورىيەدىكى بازار ئۈلۈشى %15 گىمۇ يەتمەيدىكەن. 2014-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە، بۇ سان بىراقلا %33 گە يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئالما شىركىتى كورىيە بازىرىدىكى يەنە بىر داڭلىق يانفون ماركىسى بولغان LG دىن ئېشىپ چۈشۈپ، كورىيەدىكى ئۈچىنىچى چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ماركىسىغا ئايلانغان. سامسۇڭنىڭ بۇ دۆلەتتىكى بازار ئۈلۈشى ئىزچىل ھالدا تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، ھازىر تەخمىنەن %46 گە چۈشۈپ قالغان. ھالبۇكى، بۇلتۇر 11-ئايدىن ئىلگىرى، سامسۇڭنىڭ كورىيەدىكى بازار ئۈلۈشى ئىزچىل ھالدا %60 دىن يۇقىرى بولۇپ كەلگەن.
نۇرغۇنلىغان ئاسىيالىق ئىستېمالچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئاساسلىقى خەۋەرلىشىش قورالى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، چوڭ ئېكرانلىق يانفونلار ئاسىيا ئىستېمالچىلىرىنىڭ تېخىمۇ بەك ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. سامسۇڭ شىركىتى بۇ جەھەتتە ئاۋۋال يول ئاچقان بولۇپ، كورىيە دۇنيا بويىچە چوڭ ئېكرانلىق يانفونلار ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
Counterpoint نىڭ كۆچمە ئۈسكۈنە تەتقىقاتىغا مەسئۇل ئەمەلدارى Tom Kang بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى دىگەن:
«كورىيەنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ يەردە ھىچقانداق بىر چەتئەل كارخانىسىنىڭ بازار ئۈلۈشى ئەزەلدىن %20 تىن ئېشىپ باقمىغان. سامسۇڭ ئىزچىل ھالدا كورىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق بازىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. بىراق، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلار كورىيە بازىرىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇلار سامسۇڭنىڭ چوڭ ئېكرانلىق يانفونلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.»
ئالما شىركىتىنىڭ ياپونىيەدىكى بازار ئۈلۈشىدىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئۇزۇندىن بۇيان، ياپونىيە ئالما شىركىتى مەھسۇلاتلىرى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بازار بولۇپ كەلگەن. بۇلتۇر 11-ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ ياپونىيە بازىرىدىكى ئۈلۈشى %51 گە يەتكەن بولۇپ، سونىي شىركىتى ياپونىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپ، بازار ئۈلۈشى %17 بولغان.
جۇڭگوغا كەلسەك، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يەردە دۇچ كىلىدىغان رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن ئىكەن، بۇلتۇر 11-ئايدا، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئۈلۈشى %12 گە يېتىپ، جۇڭگو بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان، پەقەت شىياۋمى (%18) ۋە لىيەنشىياڭ (%13) دىنلا كىيىن تۇرغان. ئۇزۇن مەزگىل جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ كەلگەن سامسۇڭنىڭ بازار ئۈلۈشى بولسا %9 گە چۈشۈپ قالغان، ھەمدە ئومومىي رەت-تەرتىپتە تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
Counterpoint نىڭ دىيىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى بازار ئۈلۈشى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق، بۇلتۇر 11-ئايدىن بۇيان، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىدا %45 ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلگەن.
سامسۇڭ شىركىتى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئېلان قىلغان دوكلاتتا دىيىلىشىچە، 2014-يىلى تۆتىنتىچ پەسىلدە، شىركەتنىڭ تىجارەت پايدا نىسبىتى ئۇندىن ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37 تۆۋەنلەپ كېتىش مۇمكىن ئىكەن، بۇ سامسۇڭ شىركىتى پايدا نىسبىتىنىڭ ئۇدا بەش پەسىل ئارقىغا چېكىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ دىيىشىچە، بىر قىسىم سانلىق سىتاتسىتىكا مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون كەسپىدىكى ئارقىغا چېكىنىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
نۆۋەتتە ئالما ۋە سامسۇڭ شىركىتى بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99