تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-09-22 00:10:52
مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا داۋان كوچىسىغا جايلاشقان قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تاماقخانا ئىچىدە، داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەلگە تونۇشلۇق رىياسەتچىسى ئىسھاق سۇلايمان رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمغا يەنە مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتارلىق دىننىي ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى، كارخانىچىلار، ئىستىمالچىلار ۋە تاراتقۇ ۋەكىللىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم رىياسەتچى ئىسھاق سۇلايماننىڭ چۈشەندۈرىشى ئاستىدا داۋاملاشتى، ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇۋارىس ئەپەندى مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش ۋە رەھمەت ئېيتىش توغرىسىدا سۆز قىلدى، مۇھەممەد سالىھ داموللام، شۇنداقلا مۇراسىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان كارخانىچىلار قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە ئابدۇۋارىس ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلىدى.
ئۈرۈمچى قايناق تۇرمۇشقا ئىگە، تۇرمۇش رېتىمى تېز بىر شەھەر. تائام مەدەنىيىتى كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قىزىل ياقۇت بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئەۋزەللىكلەرنى يارتىپ بەردى، مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىقى، تاماق سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، باھانىڭ مۇۋاپىقلىقى ھەربىر خېرىدارنى رازى قىلسا، بېزىلىش جەھەتتىنمۇ كىشىلەرگە ھوزۇر بېرىپ، خېرىدارلارغا راھەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسى بېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە تۈركچە، ئەرەبچە، ياۋروپاچە بېزەكچىلىك ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلۈپپ بېزەلگەن بولۇپ، ئايرىمخانىلىرى ئازادە، راھەت. تاماقخانا قورۇما تۈرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، 60 نەچچە خىلدىن ئارتۇق قورۇما بار. قورۇمىلارنىڭ باھاسى ئەرزان، تاماق چىقىش سۈرئىتى تېز، تەمى ئۆزگىچە، تېتىتقۇ خام ماتېرىياللارنىڭ سۈپىتى ياخشى، شۈبھىدىن خالىي. ئۇندىن باشقا قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسى خېرىدارلارنى رازى قىلىش، شۇنداقلا خېرىدارلارغا رەھمەت ئېيتىش مۇناسىۋېتى بىلەن يالپۇز چېيى، ئەتىرگۈل چېيى، پارىژ چېيى، سەنپوتەي چېيى، گىراف چېيى، لىپتۇن چېيى، خوتەن دورىلىق چېيى قاتارلىق چايلارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ماشىنا توختىتىشقىمۇ ئىنتايىن قولايلىق.
ئىشىنىمىزكى، قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسىنىڭ ئۆزگىچە مۇھىتى ھەم مۇۋاپىق باھادىكى ئوخشىغان
لەززەتلىك قورۇمىلىرى خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكۈسى.
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا داۋان كوچىسى جەنۇبىي 28-كوچا 61-نومۇر
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى:
0991-8530000
بۇ قېتىملىق ئېچىلىش مۇراسىمىنى ساھىبخان شىركىتى پىلانلىدى.
ساھىبخان شىركىتىدىن دىلبەر ئابدۇرېشىت :
18999935718
ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق مۇراسىمنى ئالاھىدە قوللىغان ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شەھرىزات ھوجۇرلۇقلىرى ۋە ئاينۇر گۈلچىلىگى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
داۋەندىكى قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى
ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
قاراقاشتا قۇرۇلغان «ئەلقەلب»خەيرى-ساخاۋەت جەمىيىتى ئىشقا كىرىشتى
كانادا جىنسىي باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت شېئىرىنى ئۆزگەرتمەكچى
ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم جۇڭگو « 4-ماي» ياشلار مىدالىغا ئېرىشتى
جەمئىيەت داۋەندىكى قىزىل ياقۇت ئالىي تاماقخانىسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长