تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-09-06 16:19:16

تەكلىپلىك مۇخپىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى :
قاراقاش ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردىمى-ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،«بىر يۈەن ئارقىلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش »ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كىيىن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىن زالىدا ئېچىلدى.مۇراسىمدا ناھىيە بويىچە 16 يېزا-بازاردىكى دېھقانلارنىڭ پەرزەنىتلىرىدىن  تاللانغان،بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان،ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 30 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىغا 2000 يۈەندىن جەمئىي 60 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلىپ ئۇلار خۇشاللىق ئىلكىدە ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىلدى.ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ياردەمنى قوبۇل قىلدى،ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ھەم ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ،ئۆزلىرىگە ياردەم بەرگەن ئاياللار بىرلەشمىسىگە شۇنداقلا جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتتى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شى خەي مۇراسىمدا سۆز قىلىپ ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇشنى ،ئاتا-ئانىلاردىن بالىلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇشقا كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.
سۈرەتتە:مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش

\\\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号