تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم جۇڭگو « 4-ماي» ياشلار مىدالىغا ئېرىشتى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-05-12 00:13:04

\
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى :
جۇڭگو« 4- ماي» ياشلار مىدالىنى تارقىتىش، مۇكاپاتلاش يىغىنى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى پايتەختىمىز بېيجىڭدا چاقىرىلدى . قاراقاش ناھىيە   زاۋا بازىرى لەڭگەر كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ، خوتەن «بالىم» خەلقئارا سودا چەكلىك  شىركىتنىڭ باش لىدىرى ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىم   بۇ قېتىمقى مۇكاتلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ « 4- ماي » ياشلار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27 نەپەر ،ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىككى نەپەر مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرسى بولۇپ ، ئالتۇن مېدال ئېلىپ 8- ماي خوتەنگە قايتىپ كەلدى . 
   جۇڭگو « 4- ماي » ياشلار مىدالى -جۇڭگو كوممۇنىسىتىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزى كومتىتى ، مەملىكەتلىك ياشلار ئىتتىپاق بىرلەشمىسى تەرپىدىن مۇنەۋۋەر ياشلارغا  بىرىلىدىغان ئەڭ  ئالىي مۇكاپات ، ئۇ  ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئالاھىدە تۆھپە قۇشۇپ سىياسى  ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت جەھەتتە بارلىق ياشلارغا ئۈلگە بۇلالايدىغان ، خىزمەت ئورنىدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلق ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلغان،  پائال ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە ياشلارغا بىرىلىدىغان مۇكاپات تۈرى بۇلۇپ بۇ يىل 3- ئاينىڭ 29 – كۈندىن 4- ئاينىڭ 11- كۈنگىچە پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە  توردا بىلەت تاشلاش،   ۋە قاتلاممۇ – قاتلام ئايرىم باھالاش شەكلى بىلەن  ئاخىرقى باھالاش نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ئارقىلق  بۇ مۇكاپات تارقىتىش يىغىنى چاقىرلغان ئىدى . . 
ياش كارخانىچى ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھارماي – تالماي ئىشلەپ ئۈزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش روھى ۋە يىڭىلق يارتىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن يەرلىكتىكتىكى دىھقانلانىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش قىينچىلقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە كەنتتتىكى 59 نەپەر دىھقانننى بىر يەرگە جەم قىلىش ئارقىلق  ، قاراقاش ناھىيە «بالىم» دىھقانلا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلق خوتەن «بالىم» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت  شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى . ئۇ ئىزچىل مەسئۇلىيەتچانلىق  ، يۇقۇرى پەللە يارتىشنى ئۈزىنىڭ نىشانى قىلدى . يەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرغىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ زور كۈچ بىلەن يەرلىكتىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يىغىپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇردى، ئەل ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۈلۈپ قىينچىلقى بار ئاممىغا يار يۆلەك بۇلۇپ كەلدى .ھازىر ئۇنىڭ شىركىتىدە 1300 دىن ئارتۇق ياش ئىشلەيدىغان بۇلۇپ ،ھەر بىر خىزمەتچى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر ئايلىقىغا 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئېلىۋاتىدۇ . 
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كىيىم كىچەك جەمىيتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى،  دۆلەتلىك ئىقتىساد تەرەققىيات مەركىزى  قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنىڭ ئالىي دەرىجىلك تەتقىقاتچىسى ،«  9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا ياشلىرىنىڭ بېيىش باشلامچىسى»  ،«  2012- يىلى مەملىكەتلىك ئىناق  جۇڭگۇ بەرپا قىلشىتىكى ئىلغار شەخىس » قاتارلىق شەرەپلەرگە ئىرىشتى، ئۇنىڭ نەتىجىلىرى بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى ، ئۇ يەنە ئاپترونۇم رايۇن بۇيىچە « 4- ماي » ياشلار مىدالىغا ئىرىشتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ جوڭگۇ 20- نۆۋەتلىك « 4- ماي ياشلار مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . 
شۇ كۈنى خوتەن ئايرۇدىرومىغا ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومتىتى ، قاراقاش ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومتىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە  ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىمنىڭ كارخانسىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى چىقىپ ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ، قىزىل گۈللەرنى تۇتۇپ ئۇنىڭ شان- شەرىپىنى مۇبارەكلىدى . 
ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىم مۇنداق دېدى:« مەن ئالدى ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومتىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بۈگۈنكى ئارام ئېلىش ۋاقتىنى چىقىرىپ مېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئايرۇدرومغا ياشلارنى باشلاپ چىقىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ خورسان بۇلدۇم ! مەن «4- ماي »ياشلار مىدالىدىن ئىبارەت بۇ شان شەرەپكە ئىرىشكەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىمنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئىپادىلىيەلمەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسىپتىكى  ئەمەلىي ئىش پائالىيەتلىرىم ئارقىلق جەمىيەتكە، خەلققە ، جۈملىدىن پارتىيە ، ھۆكۈمەتكە ئۈزۈمنىڭ بىر كىشىك تۆھپىسىىنى قوشۇش ، شۇنداقلا جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئالىي شەرىپىگە ئىرىشكەنگە چۇشلۇق ئەمەلىيتىم ئارقىلق جاۋاپ جاۋاپ قايىتۇرىمەن » 
ئوبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىم بېيجىڭدىكى مۇكاپاتلاش يىغىنىدىكى ھاياجانلىق مىنوتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:« « 4- ماي » ياشلار مىدالى بولسا جوڭگۇ ياشلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي شان- شەرىپى ، مەن بېيجىڭغا  بارغاندىن كېيىن باشقا ئۆلكىلەردىكى ئىلغار  ياشلار ئۆزىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى سۆزلىدى ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەمسۆھبەتتە بولدۇق . دۆلەت رەھبەرلىرى بىزدىن نۇرغۇن تەلەپلەرنى كۈتتى. مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىمدە ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرگە ئەتراپىمدىكى ياشلارنى يىتەكلەپ ، ئۇلارنىڭ  باشلامچىلق رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن  ئىبارەت مۇشۇ سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمدا تېخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرىشىمەن . »
ئوبۇلھەسن ئوبۇلقاسىمنىڭ ئىرىشكىنى ئاددىيلا شان – شەرەپ ئەمەس . ئۇ نەچچە مىليون جوڭگۇ ياشلىرىنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى .سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ روشەن ئىپادىسى . ئۇنىڭ بۇ شانلىق نەتىجىسى جوڭگۇدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىغا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپلا  قالماي ، ئۆز كارخانىسدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى خىزمەتچىلەرگىمۇ  ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپ قالدى . 
خوتەن «بالىم» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى  پاتىگۈل تۇرسۇن مۇنداق دىدى  : «ئۇبۇلھەسەن ئاكىمىزنىڭ « 4- ماي» ياشلار مىدالىغا ئىرىشىپ كاتتا شان – شەرەپ قۇچۇپ كەلگىنى ھەممىمىزنى خۇش قىلدى . ئۇبۇلھسەسەن ئاكىمىز ئۈزىنىڭ ئۆزلىكسىز تىرىشچانلقى بىلەن ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ جەمىيەتنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتى . مەن بالىم شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن  بۇنىڭدىن كېيىن ئۇبۇلھسەن ئاكىمىزنى ئۆلگە قىلىپ، ئىلىم -پەننى ياخشى ئۈگىنىپ ، ياشلىقىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، شىركەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشۇمەن » 
قاراقاش ناھىيە زاۋا بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇنجان يولۋاس مۇنداق دېدى:« پەخىرىمىز ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىمنىڭ بېيجىڭغا بېرېىپ «4-ماي مىدالى» غا ئىرىشىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكنى تەبرىكلەيمەن . بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇق، ئۇ ناھىيەمزدىن چىققان بارلىق ياشلارنىڭ ئۆلگىسى . ئۇ ھازىر پۈتۈن مەملىكەت ياشلىرىنىڭ ئۈگىنىش ئۆلگىسىگە ئايلاندى . ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىمنىڭ بۇ ئىش- ئىزلىرىنى ياشلار ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ تەشۋىقات قىلىپ ، بۇنىڭدىن ئۈگىنىپ ، كېيىنكى ئىش پائالىيەتلىرىمىزدە ئۇنى ئۈزىمىزگە ئۆلگە قىلىپ ناھىيەمىز ۋە ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بىز كىشلىك تۆھپىمىزنى قۇشىمىز » 
خوتەن ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەخمەتجان ئابدۇباقى مۇنداق دېدى: « بىز بۈگۈن جۇڭگو «4- ماي» ياشلار مىدالىغا ئىرىشكەن خوتەن « بالىم» خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىمنى قىزغىن قارشى ئالدۇق . ئۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 27  مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرسى بۇلۇپ باھالىنىپ ۋىلايىتىمىزدىكى 700مىڭدىن ئارتۇق ياشلارنىڭ پەخى بولدى . بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئۇبۇلھەسەن ئۇبۇلقاسىمنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات قىلىش ئارقىلق ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت بارلىق ياشلىرىنى يېڭىلق يارىتالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان يېڭى ياشلاردىن بۇلۇشقا يىتەكلەيمىز » 
\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长