تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-02-11 00:03:28
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا ئوخشاپ كېتىدىغان جۇڭگولۇق يىگىت شاۋ جىگو ھاياتىدىكى تۇنجى ئېلان ئوبراز ۋەكىلى بولۇش پۇرسىتىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئوبامانىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئوبرازىنى دوراپ كۆزىنى سەل يۇمۇپ، بارمىقىدا يىراقلارنى كۆرسىتىپ تۇرغان سۈرىتى چوڭايتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن گۇاڭجۇنىڭ ھەر قايسى شەھەر-بازارلىرىنىڭ كوچىسىغا ئېسىلدى. ئارقىدىنلا ئوباماغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ يىگىت ئامېرىكىدىكى بىر قانچە داڭلىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بىردىنلا نام چىقاردى. يېقىندا ئۇ فوشەندە ئىشلىنىدىغان مىكرو فىلىمدا رول ئېلىش سەۋەبلىك، چاغاندىمۇ يۇرتىغا قايتالمىدى. شاۋ جىگونىڭ كىرىمىنىڭ جىقلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمۇ ئالدىراشچىلىققا تولدى.
ئون يىل بۇرۇن، ئەمدىلا تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەن شاۋ جىگو سىچۇەندىكى ئۆيىدىن گۇاڭجۇغا تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كەلدى، بىراق تېخى 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىيەلمەي، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىكار ياتتى. ئارقىدىن ئۇ گۇاڭدۇڭچە بىلگەنلەرنىڭ ئاسان خىزمەتكە ئورۇنلىشالايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۆزلۈكىدىن گۇڭدۇڭچە ئۆگىنىشكە باشلىدى. نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۇ گۇاڭدۇڭچىنى ئاساسىي جەھەتتىن پىششىق ئىگىلىۋالدى. ئارقىدىن، شاۋ جىگو چىڭيۈەندە ئامانلىق خادىمى بولدى، ئۇ چاغلاردا شاۋ جىگو «مەن چىڭيۈەنلىك» دېسىمۇ باشقىلار ئىشىنىپ قالاتتى. ھازىر، ئۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە موھتاج بولدى. ھەر قېتىم سەھنىگە چىققاندا، ئۇ راۋان «ئىنگلىز تىلى» دا سۆزلىيەلەيدۇ، بىراق ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ نەق مەيداندا ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەيدۇ. سۈرەتتە مەلۇم پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن بىر قىز ئۇنى تونۇپ قالغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
2007-يىلى، گۇاڭجۇ ۋە دۇڭگۇەندە بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، شاۋ جىگو چىڭيۈەنگە كېتىپ مەلۇم زاۋۇتنىڭ ئامانلىق خادىمى بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ زاۋۇت ئۇيۇشتۇرغان ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىدە «ئانا» ناملىق ناخشىسى بىلەن چېمپيون بولۇپ، 1000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ خۇشاللىقىدىن ياتاقداشلىرىنى مېھمان قىلدى. ئارقىدىن ئۇنىڭ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلىغان بىرەيلەن ئۇنى 300 يۈەنگە گۇاڭجۇغا كېلىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شاۋ جىگو كۆڭلىدە ناۋادا ناخشا ئېيتىپ كۈنلۈكى 300 يۈەندىن كىرىم قىلغاندا بىر ئايلىق كىرىمى ھازىرقى زاۋۇتتىكى مۇئاشىنى نەچچە قاتلايدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتى-دە گۈلقەقەلىرى ئېچىلدى. سۈرەتتە شاۋ جىگو مەلۇم بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا نومۇر ئورۇنلىماقتا.
بىراق، شۇ مەيدان ئويۇندىن كېيىن ئۇنى ھېچكىم ئىزدەپ كەلمىدى. بىر كۈنى ياتاقدىشى ئۇنىڭغا : «ساڭا بۇرۇنلا دېيىش ئويۇم بار ئىدى، بىراق ئاچچىقلانمىغىن، سەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا ئوخشايدىكەنسەن» دېدى، بىراق ئۇ ۋاقىتتا شاۋ جىگو ئوبامانى تونۇمايتتى. بىر كۈنى ئۇ كاستيۇم كىيىپ ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوبامانىڭ سۈرىتىدىكى قىياپىتىنى دوراپ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. 2012-يىلى، شاۋ جىگو بەش يىللىق ئامانلىق خادىمى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، بېيجىڭغا كېلىپ جاھاندارچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئالتىنچى ئايلانما كۆۋرۈكتىكى ئايلىقى 150 يۈەنلىك كىچىك يەر ئاستى ئۆيدە ئولتۇراقلاشتى.
ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك بېيجىڭ تىياتىر ئىنىستىتوتى ئالدىغا كېلىپ خەلق ئارتىسى بولۇپ جېنىنى باقتى. شۇ يىلى، ئۇ يەنە بىر تېلىۋىزىيە پروگراممىسىغا قاتناشتى. پروگراممىدا ھېچكىم ئۇنىڭ ئوباماغا ئوخشايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا تېلىۋىزيە ئىستانسىسىدىكىلەرمۇ بىر جۇڭگولۇق يىگىتنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا ئوخشاپ قالغانلىقىنىڭ قانداق ئاۋارىچىلىك كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئارقىدىن، ئۇ خېڭديەنگە يېتىپ كەلدى، (جۇڭگو كىنو بازىسى، مەخسۇس كىنو ئىشلەش شەھىرى، قەدىمكى دەۋىردىكى پادىشاھلىق زامانىدىكى كىنولارنى سۈرەتكە ئالىدىغان ئوردا-قەسىر قاتارلىق قۇرۇلۇشلار سېلىنغان) ئۇ بۇ يەردە نەچچە يۈز قېتىم خەلق ئارتىسى بولدى، «مەن ناتونۇش ئادەم» ناملىق فىلىمدا ئۇ كۆرۈنۈشكە چىقمايدىغان رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، «يېڭى ساخاۋەتچى جىگۇڭ» فىلىمىدا ئەسكەرنىڭ رولىنى ئېلىپ تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. «مۇھەببەت قوغدىغۇچىسى» ناملىق فىلىمدە ئۇ «نېمە؟ دېگىنىڭ راستمۇ؟» دىن ئىبارەت پەقەت بىرلا ئېغىز سەھنە سۆزىنى دېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
خېڭديەندە ئىككى يىل جان باققاندىن كېيىن، شاۋ جىگو پۇل تاپالمايۋاتقانلىقىنى، ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى نىشانىغىمۇ يېقىنلىشالمىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، قايتا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش كېرەك ياكى ئەمەسلىكىدە ئىككىلەندى. 2015-يىللىق چاغاندىن كېيىن ئۇ يۇرتىدا قېلىپ قۇرۇلۇشتا ئىشلىدى، 40 كۈنلۈك 5000 يۈەن ئىش ھەققىنى قولغا ئېلىپ، چىقىملىرىنى ئېلىۋەتكەندە، قولىدا 2000 يۈەنلا قالغان بولۇپ، يەنە تېخى 10 نەچچە كىلو ئورۇقلاپ كەتكەنىدى. دەل ئۇ نىشانىنى يوقىتاي دېگەن پەيتلەردە مەلۇم توپتا «ناخشىچى جاڭ گورۇڭنى دورىغان XX ماھىر نام چىقاردى» دېگەن ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، «مەن جۇڭگولۇق ئوباما...» دەپ ئۇچۇر يازدى، نەتىجىدە ھەقىقەتەن ئۇنى ئىزدىگەنلەر بولدى، تۇنجى مەيدان ئويۇندىلا ئۇ 3000 يۈەن كىرىم قىلدى.
2015-يىلى 5-ئايدا، زوۋ داڭرۇڭ ئىسىملىك «يېڭى چولپانلار ۋاستىچىسى» نىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا شاۋ جىگو تۇنجى ئېلانغا ئوبراز ۋەكىلى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئوبامانى دوراپ چۈشكەن سۈرىتى ئېلان قىلىپ ئىشلىنىپ گۇاڭجۇدىكى سودا سارايلارنىڭ تاملىرىغا، ئايرودروملارغا ئېسىلدى. بىردىنلا ھەممەيلەن جۇڭگودىمۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا ئوخشاپ كېتىدىغان يىگىتنىڭ بارلىقىنى تونۇشتى، بۇ ئېلان ھەم ئۇنىڭ شەخسىي ئوبراز ئېلانى بولۇپ قالدى. ئۇ : «ئەينى چاغدىكى ئېلان پۇلى تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقتۇم» دېدى. يىل ئاخىرىدا ئۇ يەنە بىر ئېلاننىڭ ئوبراز ۋەكىللىك پۇرسىتىگە ئېرىشتى، بۇ قېتىملىق ئېلانغا تەكلىپ قىلغان كىشى دەل ئايرودرومدا شاۋ جىگونىڭ ئېلانىدىن ئۇنى تونىغانىدى.
بۇ يىل 9-ئايدا، ئەنگلىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇ رېيتېر ئاگېنتلىقى شاۋ جىگونىڭ بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىلىقلارغا جۇڭگودىمۇ بىر «ئوباما» نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىنلا، «ئامېرىكا ئاۋازى»، «نيۇ يورك ۋاقىتلىك گېزىتى» قاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلارمۇ بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋەر بەردى، ھەتتا شاۋ جىگونىڭ كورىيەدىكى دوستلىرىمۇ تېلىۋىزوردىن ئۇنىڭغا ئائىت خەۋەرنى كۆرۈپ شاۋ جىگونىڭ چەتئەللەردىمۇ نامى چىققانلىقىنى بىلدى. گەرچە بۇ خەۋەرلەرنىڭ تېمىسى «(يالغان ئىنگلىز تىلى) سۆزلەيدىغان جۇڭگولۇق ئوباما» بولسىمۇ، شاۋ جىگو كۆڭلىگە ئالمىدى. ئۇندىن بۇرۇنمۇ دوستلىرى شاۋ جىگوغا ھەقىقىي ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىپ سۆزلىشىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆگىنىش تەس بولغانلىقتىن، يەنە كېلىپ تەلەپپۇز جەھەتتىن ھەقىقىي زۇڭتۇڭلارغا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلالمىغانلىقتىن ئۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ ئۆزى نەق مەيدان توقىغان «يالغان ئىنگلىز تىلى» دا نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىدى. سۈرەتتە شاۋ جىگو دۇڭگۇەندىكى مەلۇم شىركەت بىلەن بىلەن توختاملاشقان بولۇپ، شىركەت لىدىرى ئۇنىڭ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرماقتا.
ئەينى ۋاقىتتا تۇنجى قېتىملىق شۇ ئېلاننىڭ تۈرتكىسىدە كۆپچىلىككە تونۇلغانلىقتىن، شاۋ جىگونىڭ قەلبىدە ئەينى ۋاقىتتا ئېلانغا چىقىش پۇرسىتىنى تونۇشتۇرغان زوۋ داڭرۇڭغا مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بار ئىدى. شاۋ جىگونىڭ دېيىشىچە ھازىر ئۇنىڭ بىر مەيدان ئويۇن قويۇش ھەققى بەش خانىلىق سانغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنى ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. بىراق پەقەت زوۋ داڭرۇڭ تەكلىپ قىلسىلا باھاسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا چوقۇم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ : «باشقىلار ماڭا قىلچىلىك ياردەم قىلسا، مەن پىلچىلىك قايتۇرىمەن» دېدى.
شاۋ جىگو دۇڭگۇەندىكى ئويۇنىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالايىتەن شۇ جايدىكى كونا ساۋاقدىشىنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدى. كونا ساۋاقدىشى ئۇزۇن يىلدىن كېيىن ئۇچراشقىنىدىن خۇشاللىنىپ، شاۋ جىگونى چوقۇم تاماققا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئارقىدىنلا باشقا نەچچە دوستلىرى جۇڭگولۇق ئوبامانى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى.
شاۋ جىگو ئۆزىنىڭ ھاراق ئىچسە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باشتىن-ئاخىرى ھاراققا يېقىن يوللىمىدى.
شاۋ جىگو چىقارغاندىن كېيىن زىيارەتكە كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. يېقىندا، دۇڭگۇەندە ساتىراچخانا ئېچىۋاتقان كونا ساۋاقدىشى شاۋ جىگو توغرۇلۇق خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.
چىرايى ئوباماغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن نام چىقارغان شاۋ جىگودىن ھەممەيلەننىڭ ئەڭ كۆپ سورىغان سوئالى «ناۋادا ئوباما تەختتىن چۈشسە قانداق قىلىسەن؟» دېگەن سوئال بولدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئوبامانىڭ تەخىتتىن چۈشۈشى ئۇنىڭغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدىكەن، ئۇ يەنە ئۆزىنى ئارتىس ياكى ئوبامانىڭ ئالاھىدە تىپىدىكى ئارتىس دەپ قارايدىغانلىقىنى، پەقەت ئوبامانىلا دورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئوبراز ۋەكىلى بولغان ھۆسن تۈزەش دوختۇرخانىسى ئۇنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئوباماغا تېخىمۇ ئوخشاش قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە ئۇ رەت قىلىۋەتكەن ئىكەن، ئۇ : «مەن ھەرگىز يۈزۈمگە تىغ تەگكۈزمەيمەن، ھەتتا قېشىمغىمۇ چېقىلىپ باقمىدىم» دېدى.
ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا، شاۋ جىگو شياڭگاڭلىق ۋاستىچى بىڭجيې بىلەن توختاملاشتى. بىڭجيې ئۇنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خىزمەت مىقدارىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتىن سىرت يەنە نۆۋەتتىكى سەنئەت ساھەسىدىكى تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتىپ بەردى. بىڭجيې يەنە مەخسۇس ئاساسلىق شاۋ جىگو رول ئالىدىغان تور كومېدىيە فىلىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. بۇ كومېدىيە فىلىمىدىكى رول ئېلىش ۋاقتى ئۇنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى بارلىق سەھنىگە چىقىش پۇرسىتىنى ئىگىلىگەن بولغاچقا بۇ فىلىمدە رول ئېلىش ئۈچۈن ئۇ باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى رەت قىلىۋەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ئۆزىگە خاس ماركا يارىتىش، بۇنداق بولغاندا ئوباما تەخىتتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ تەرەققىي قىلالايدۇ. سۈرەتتە شاۋ جىگو گۇاڭجۇدىكى مەلۇم شىركەتنىڭ يىللىق پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، تىل ئالاقە جەھەتتىكى توسالغۇ سەۋەبلىك ئۇ چىراي ئىپادىسى ۋە قول ئىشارىتى ئارقىلىق چەتئەللىكلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
گۇاڭجۇ مېتروسىدا بېلەت ئېلىۋاتقىنىدا تاغىسى ئۇنىڭ پارچە پۇل تەڭلىمەكتە. ھازىر تاغىسى ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ھەر تەرەپكە تەڭ قاتراپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەكتە.
شاۋ جىگو گەرچە ئۆزىنى داڭلىق چولپان دەپ قارىمىسىمۇ بىراق سىرتقا چىققىنىدا يەنىلا شەپكە كىيىۋالىدۇ. بىر قېتىم مېتروغا ئولتۇرغىنىدا مەلۇم يولۇچى ئۇنى تونۇپ قېلىپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ ئادەتتە سىرتقا چىققاندا شەپكە كىيىۋېلىشكە ئادەتلەندى.
شاۋ جىگو ھازىرچە ئۆي سېتىۋالمىدى، ھەم ئىجارە ئۆيمۇ ئالمىدى، ئۇ ئادەتتە سىرتقا خىزمەتكە چىققاندا مېھمانخانىدا تۇرۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا سىچۇەن نېيجياڭدىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ تۇراتتى. بىكار بولغىنىدا چوڭلار بىلەن تەڭ قارتا ئويناپ، ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بولاتتى. ئۇ : «كەلگۈسىدىكى قىز دوستۇم چوقۇم ئۆي سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالمىسىلا شەھەردىن ھەرگىز ئۆي سېتىۋالمايمەن» دېدى.
شاۋ جىگونىڭ ھاممىسى گۇاڭجۇدا مۇھىت ئاسراش خادىمى بولۇۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئادەتتە گۇاڭجۇغا كەلگىنىدە ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، يۇرتىنىڭ تاماقلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن.
شاۋ جىگونىڭ ھاممىسى ئۇنىڭ خەۋىرى چىققان گېزىتنى ساقلاپ قويغانىدى.
شاۋ جىگونىڭ ھاممىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر گۇاڭجۇ كونا شەھەر رايونىدىكى 10 نەچچە كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم ئويۇن قويۇش ئۈچۈن گۇاڭجۇغا كەلگىنىدە بۇ يەردە تۇرىدۇ.
ھازىر، شاۋ جىگو فوشەندە ئۆزى باش رول ئالغان تور كومېدىيە فىلىمىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشماقتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ يىل چاغاندا ئۆيىگە قايتالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە شۋ جىگونىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى ئالدىراشچىلىققا تولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزى پىلانلىغان نىشانىغا يېقىنلاشماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كىرىمىمۇ ئاشماقتا. ئۇ ئاخىرىدا : «پەقەت ئاتا-ئانامنى ئەنسىرىتىدىغان ئىش بولمىسىلا، ياخشى كۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش ئەرزىيدۇ» دېدى.
يەتتە ياشلىق ئوغۇل ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشنى قارار قىلغان
نەنجىڭدە ساياھەتچىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىق تاش ھەيكىلىگە مىنىپ رەسىمگە چۈشتى
ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزى ئالتە يىلدىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتتى
ياخشى ئىشنى بىللە قىلايلى - دۇنيا مېھرى - مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!
ئەپيۇننى ئۇششاق يېمەكلىك ئورنىدا يەيدىغان ئافغانىستان بالىلىرى
جياڭشىدا ئوقۇتقۇچى، دوختۇرلارنىڭ ئىستېپا بېرىشى ئىلھاملاندۇرۇلدى
يۇلتۇز-قۇندۇز خەير-ساخاۋەت فوندىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
جەمئىيەت يەتتە ياشلىق ئوغۇل ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشنى قارار قىلغان
جەمئىيەت ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر قىزى ئالتە يىلدىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىغا قايتتى
جەمئىيەت جۇڭگولۇق ئوبامانىڭ چاغاندىكى ئالدىراشچىلىققا تولغان تۇرمۇشى
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长