تەۋىسىيە
ئىزدەش

يۇلتۇز-قۇندۇز خەير-ساخاۋەت فوندىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-07 01:57:04

\

  2016-يىلى 1-ئاينىڭ6-كۈنى  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دە ,خەلقىمىزگە ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۈنۇپ كېلىۋاتقان ياش ئاچا-سىڭىل بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان ساخاۋەت فوندى (يۇلتۇز-قۇندۇز ساخاۋەت فوندىنىڭ )باشلىنش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە ئاتاقلىق رىياسەتچىمىز شەمسىيە ئەبەيدۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

\

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە  ئاساسلىقى كارخانىچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى داڭلىق ئەربابلار ۋە تاراتقۇلاردىن بولۇپ 400گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.
 پائالىيەت كۈن تەرتىپى بۇيىچە يۇلتۇز-قۇندۇز خەيرى ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ,يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ, ئۆزىنىڭ خەيرى ساخاۋەت  ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا ,يۇلىققان مەسىلىلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۇرمىشلىىرىنى ئۇنىڭدىن باشقا  تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلدى. كەينىدىنلا شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جاۋ يەنخۇڭ خانىم بۇ ئىككى ئاچا سىڭىلغا (يۇلتۇز-قۇندۇز خەيرى ساخاۋەت فوندى )قۇرۇلغانلىق لەۋھەسىنى تاپشۇرۇپ بەردى.ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئارقىدىنلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى,تەڭرىتاغ رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش  ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئارۇپ ئەپەندىم  بۇ ئاچا-سىڭىللارغا بولغا يۈرەك سۆزلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

\

 ئىگىلىشىمىزچە. يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق 2015-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە,(يۈلتۇزۋە قۇندۇز خەير-ساخاۋىتى)نامىدا تىڭشۇن جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمىيتى,جوڭخۇۋا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمىيتى ,جۇڭگو 958بالىلارا جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ئورنى قاتارلىق سۇپىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ مەبلەغ جۇغلاپ ,ھەرخىل خەيرى -ساخاۋەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ ,جەمئىي 650نەچچە مىڭ يۈەن ئىئانە يىغىپ,1433ئادەمگە ياردەم بەرگەن  . بۇمەزگىلدە 23يېزا مەكتىپىگە بېرىپ 20مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ 3مېھرى شەپقەت كۇتۇپخانىسى قۇرغان,(قىيىنچىلىقتىكى شىنجاڭباشلانغۇچ مەكتىپى ),(بىھوش ياتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ),(كۆرۈش سېزىمىنى يوقاتقان مۇقەددەس),(خوتەندىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۇزەيلى )قاتارلىق 21تۈرنى  يولغا قويغانىكەن.

\

يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق 2015-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە، «يۇلتۇز ۋە قۇندۇز خەير-ساخاۋىتى» نامىدا تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى، جوڭخۇا ئىجدىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى جەمئىيىتى، جوڭگۇ نامراتلارنى يۆلەش فوندى جەمئىيىتى، جوڭگۇ 9958 بالىلار جىددىي قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش ئورنى، شىنجاڭئىقتىساد گېزىتىدىن تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، «ياخشى ياشاڭ» مېھىر-شەپقەت خەير-ساخاۋىتى قاتارلىق ئاپپارات-سۇپىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەرخىل مەبلەغلەرنى جۇغلاش خەير-ساخاۋەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 650 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە يىغىپ، 1433 ئادەمگە ياردەم بەردى. بۇ مەزگىلدە، 23 يېزا مەكتىپىگە بېرىپ، 20 مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ، ئۈچ مېھىر-شەپقەت كۇتۇپخانىسى قۇردى، «قىيىنچىلىقتىكى شىنجاڭباشلانغۇچ مەكتىپى»، «بىھۇش ياتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى»، «مەدىنە قۇياش نۇرىغا ئىنتىلىدۇ»، «كۆرۈش سىزىمىنى يوقاتقان مۇقەددەس»، «خوتەندىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزەيلى قاتارلىق 21 تۈرنى يولغا قويدى.

\

يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى :مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ,ساپامائارىپىنى ئۈمۈمىيۈزلۇك تەرەققىي قىلدۇرۇپ ,شىنجاڭنىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاساسىنى مۇھتەھكەملەپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ,شەھەر يېزا مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ,سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئىجدىساسلىقلار جەھەتتە قوللاش ۋە مائارىنى يۆلەپ ,تەربىيە ئارقىلىق,ئىدىيە نامراتلىقىنى تۈگىتىش كېرەك . بىز بۇ ساخاۋتلىك ئىشلىرىمىزنى تۆختىتىپ قويماي بۇنىڭدىن كېيىنمۇ, تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم قۇلىنى سۇنىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇشۇ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى ,قوللاپ كەلگەن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى,كارخانىچىلار,ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغان كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىمى بىلدۈردى.

\

پائالىيەت ئاخىردا يۇلتۇز_قۇندۇز ساخاۋەت فوندىنى قوللايدىغان ۋە ياردەم  بېرىشنى خالايدىغان كارخانىچىلار ,ئىئانە بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ساخاۋەتنى قىلىدىغانلار كۆپ ئامما ئۇنى  دەل جايىغا تەككۇزۇپ ياردەمگە موھتاج  خەلق ئاممىسىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلار ساناقلىقلا ,يۇلتۇز-قۇندۇز ساخاۋەت ئەترىتى بولسا جەمىيتىمىزدىكى ئەنە شۇ ياردەمگە موھتاج خەلق ئاممىسىنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەپ ,تەربىيە ئارقىلىق ,ئىدىيە نامراتلىقىنى تۈگۇتىشنى نىشان قىلىنغان ساخاۋەت كۆلىكتىۋىنىڭ بىرى .بۇ ساخاۋەت ئەترىتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىدىنمۇ تەرەققىي قىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىلا ئەمەس, ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكىمۇ  ياردەمگە موھتاج  خەلق ئاممىسىغا ياردەم قۇلىنى سۇنىشىنى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى  ساخاۋەت يولىدا باسقان ھەر بىر قەدىمىگە بەرىكەتلەر تىلەيمىز!

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

\

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长