تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئاپا مەن زىنا قىلماقچى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-19 00:17:33

بىر قىز ئاپىسىدىن زىنا قىلىشىغا يول قويۇشىنى سوراپتۇ. ئانىسى ھەرقانچە گەپ قىلسىمۇ قىز گىپىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ،.ئاخىرى ئاپىسى بىر شەرت بىلەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.  
ئۇنداقتا ئانىنىڭ شەرتى نىمىدۇ؟ قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى:  
 
ئانا قىزىدىن ئىمتاھان ئېلىپ باقىدىغانلىقىنى ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلىسە قىز نىڭ گېپىگە ئۇنايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. 
بىرىنجى ئىمتاھان بولسا تۈۋەندىكىچە ئىكەن:   
ئانا قىزىدىن ئەتىسى ئەتىگىنى پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشىنى، پادىشاھ چىققان ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ چۈشكەن قىياپەتتە يەرگە تاشلىنىشىنى ئېيتىپتۇ. ئاندىن نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈزىتىشىنى ئيېتىپتۇ. قىز ئانىنىڭ گىپىگە قۇشۇلۇپتۇ. , 
سىزنىڭچە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟  
ئەتىسى ئەتىگەندە قىز پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ، قىز ساقلاپ تۇرۇپ پادىشاھ چىققان ھامان قەستەن دەلدەڭشىگەن ھالدا يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. پادىشاھ قىز بارتەرەپكە ئالدىراپ كەپتۇ ۋە قىزنى يەردىن تۇرغۇزۇپتۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممسى ئارىنى ئورىۋاپتۇ. قىز ھۇشۇنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ چاندۇرماي پادىشاھقا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كىتىپ قاپتۇ.  قىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئانىسىغا بولغان ئىشنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ ئىمتاھاندىن ئۇتۇقلۇق ھالدا ئۆتكەنلىكىنى ئيېتىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئالدىراپتۇ. قىز ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئاپىسىغا دەپ بېرىپتۇ . 
ئاپىسى: ئەتە بۈگۈن بارغان يەرگە بېرىپ بۈگۈن قىلغان ئىشلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشنى ئېيتىپتۇ.  
لېكىن ئىشنىڭ نەتىجىسى ئاۋۋالقىسىغا ئوخشىماپتۇ. بۇ قېتىم قىز يىقىلغان ۋاقىتتا پادىشاھ بارماستىن ۋەزىرى بېرىپتۇ ۋەئەتراپىنى بىر نەچچە ئەسكەر قورشىۋاپتۇ. سۇلتان قىزغا قاراپمۇ قويماستىن ئۆتۈپكېتىپتۇ. قىز بېشىنىڭ قېيىپ كەتكەنلىكىنى دەپ ۋەزىرگە رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋەئاپىسىنىڭ قېشىغا مېڭىپتۇ. ئاپىسى بولغان ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كىيىنكى ئىمتاھاننىڭ ئوخشاش يەردە پادىشاھ  ئۆتىدىغانۋاقىتتا ئىكەنلىنى ئېيتىپتۇ.  
ئەتىسى قىز بۇرۇنقى يەرگە كىلىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ پادىشاھ نىڭ چىقىشى يەرگە يىقىلىپتۇ، بۇ قېتىم قۇماندان كىلىپ قىز نى يولدىن چەتكە چىقىرىپ قويۇپ ھال ئەھۋال سومايلا كىتىپ قاپتۇ، قىزئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئىشنلارنى دەپ بېرىپتۇ، لىكىن بۇ قېتىم بولغانئىشقا قىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئىچىدە ھەسرەت ھىس قىپتۇ.  
قىز ئاپىسىدىن: ئىمتاھانىڭىز تۈگىدىمۇ دەپ سوراپتۇ؟  
ئاپىسى: ياق قىزىم سىز باغان يەگە يەنە ئۈچ كۈن بارىسىز، ئۈچۈنجى كۈنى نىمىلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنى ماڭا دەپ بېرىڭ دەپتۇ. 
قىز ئانىسىنىڭ گېپى بويىچە پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىدا بۇرۇن قىلغان ئىشلارنى قىپتۇ،ۋە ئاخىرقى كۈنى يىغلىغان ھالدا ئاپىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، چۈنكى ئىمتاھاننىڭ مۇشەققىتى كۆپىيىپ كەتكەنىدى، ئۈچۈنجى كۈنى قىز نىڭ قېشىغا ھىچكىم كەلمەپتۇ، بەزى كىشىلەر قىزنى زاڭلىق قىپتۇ، بەزىلىرى قىزنى تىللاپتۇ، بىزىلىرى قىزنى تېپىپ ئۆتۈپكىتىپتۇ.   
بۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق مېھرىبان ئانامۇنداق دەپتۇ: قىزىم زىنا نىڭ باشلىنىشى مۇشۇنداق، ئەمما بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەممە سىزدىن قاچىدۇ، قېچىپلام قالماي سىزنى زاڭلىق قىلىدۇ. يوقالغان ئىززىتىڭىزگە ھەرگىز قايتا ئېرىشەلمەيسىز، ئەڭ پەس كىشىلەر ئۈستىڭىزدىن كۈلىدۇ.   
مەلىكەم يانا زىنا قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟   
قىز بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ ئەقلىنى تېپىپتۇ ۋە ئەقىللىق ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە ئاللاھ بىلەن قەسەم ئاسمان زېمىن دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ زىنا قىلمايمەن دەپتۇ.  
زىنا خار –زەبۇنلۇقتۇر   
زىنا نىڭ جازاسى بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ سۇنۇپ كەتسە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. 
ئەقىللق كىشى ھىكمەتتىن ياخشى ۋەز نەسىھەتتىن پايدىلانغان ئادەمدۇر.   
ئەقىلسىز كىشى باشقىلارغا ئىبرەت بولغان كىشىدۇر.  
سىز ئەقىللىق كىشىمىكەنسىز ياكى ئەقىلسىز؟  
ئەي ئەقىللىق قىزلار بىرەسى سىلەرنى زىنا بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن، زىنا خار_زەبۇنلۇق نىڭ چوڭ دەرۋازىسى! زىنا قىلغۇچىدىن كېسەل بالايىئاپەت بەرىكەتسىزلىك تۈگىمەيدۇ.
بۇ دۇنيادا زىنا قىلغۇچىنىڭ يۈزنىڭ نۇرى تۈگەيدۇ ، يۈز ئابروي يوق بولىدۇ.
ئاخىرەتتىكىى ئازابى بولسا ئەشەددىدۇر.   
قىزلىرىنى باشقۇرمىغان دادا دەيۈز،   
سىڭلىسىنى باشقۇرمىغان ئاكا خىيانەتچى، 
ئايالىنى باشقۇرمىغان گۇي سولامچى،   
ئاللاھ تائالا دىن زىنا دىن ۋە زىناغا ئېلىپبارىدىغان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز  -
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长