تەۋىسىيە
ئىزدەش

قاراقاشتا قۇربان ھېيت داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-09-12 18:22:20

\
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىنخەۋىرى فوتوسى : 
 9-ئاينىڭ 12-كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى قۇربان ھېيت. قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ھېيت نامىزىدىن كىيىنلا قاراقاش خەلق مەيدانىدا ساما،مەشرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك پاتكومنىڭ ئەزاسى،قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خې جۈن،ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ھاكىم جۈرئەت مەتسىيىت،ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىي دائىمىي كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر ياسىن،ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان مەمتىمىن  قاتارلىق ناھىيە رەھبەرلىرى،پىشقەدەم كادىرلار،دىنىي زاتلار ۋە ھەر ساھە ئاممىدىن بولۇپ   ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.
پائالىيەت قاتناشچىلىرى ئالدى بىلەن دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. قۇراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرى دۆلەت بايرىقىنى چىقارغاندا كۆپچىلىك بىرلىكتە دۆلەت بايرىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلدى.قۇربان ھېيتلىق ساما،مەشرەپ پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا ناھىيە رەھبەرلىرى پىشقەدەم كادىرلار ھەم دىنىي زاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلىدى،ئۇلارغا بىردىن چىمەن دوپپا تەقدىم قىلىپ ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۈلجەننەت مەخسۇت پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ھاكىم جۈرئەت مەتسىيىت تەبرىك سۆزى قىلىپ ناھىيەدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلىدى.
پائالىيەتتە ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى سەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ھەم سېرىك،داردا مېڭىش ماھارەتلىرىنى  كۆرسەتتى،ناھىيە رەھبەرلىرى پىشقەدەم كادىرلار ۋە ھەر ساھە ئامما شادىيانە مۇزىكىغا جۆر بولۇپ ساما،مەشرەپ ئويناپ قۇربان ھېيتقا تەنتەنە قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا ناھىيە رەھبەرلىرى پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق بالىلارغا ھېيتلىق پۇل بېرىپ ئۇلارغا ئالەمچە خوشاللىق ئاتا قىلدى
\\\\\\\\\\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号