تەۋىسىيە
ئىزدەش

قاراقاشتا قۇرۇلغان «ئەلقەلب»خەيرى-ساخاۋەت جەمىيىتى ئىشقا كىرىشتى

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-09-06 16:16:30

تەكلىپلىك مۇخپىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى :
 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ،قاراقاش ناھىيەسىدىكى  «ئەلقەلب»خەيرى-ساخاۋەت جەمىيىتىنىڭ 20 گە يېقىن پىدائىيلىرى ئاقساراي يېزىسىنىڭ ئاياغقۇمباغ كەنتىدىكى يەتتە يىلدىن بۇيان ئولتۇرۇپ قالغان 25 ياشلىق مېيىپ ياش ئابدۇباقى زىكرۇللانىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ ئۇنىڭغا بىر دانە مېيىپلار ھارۋىسى تەقدىم قىلىپ ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ ئۇنى خۇشال قىلىۋەتتى.ئۇنىڭغا گۈرۈچ،سۇ يېغى قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى سوۋغا قىلىپ ئائىلىسىنىڭ غېمىنى يەڭگىللەتتى. ئابدۇباقى زىكرۇللا ھەم ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىدىن چەكسىز سۆيۈندى.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەيرى-ساخاۋەت قانۇنى»نىڭ يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئىلغار پىكىرلىك،قولى ئوچۇق ياشلار بىرلىككە كىلىپ،خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن قاراقاش   «ئەلقەلب»خەيرى-ساخاۋەت جەمىيىتىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.ئۇلار پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش،نامراتلارنى يۆلەش چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن خەلق ئاممىسىغا خالىس مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.
قاراقاش   «ئەلقەلب»خەيرى-ساخاۋەت جەمىيىتىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇن   تۇراتۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرىشىچە بۇ جەمىيەت بۇ يىل يىل بېشىدا 25 ئەزا بىلەن سىناق تەرىقىسىدە خەيىرلىك ئىشلىرىنى باشلىغانىكەن،ھازىرغىچە ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرگە 60 مىڭ يۈەنلىك ماددى بۇيۇم ھەم نەق پۇل بىلەن ھال سوراپ ئۇلارغا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپتۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ ئەزاسى  56 يەتكەن بولۇپ ئۇلار بۇنىڭدىن كىيىن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يىتەكچىلكىدە ساخاۋەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشىدىكەن.
سۈرەتتە: پىدائىيلار ئابدۇباقى زىكرۇللانى مېيىپلار ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزماقتا

\\\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号