تەۋىسىيە
ئىزدەش

كىچىككىنە بىر يىشىكتىكى ئالەمچە سۆيگۈ

تۈرى : جەمئىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-08-22 18:59:06

كىچىككىنە بىر يىشىكنى سال چاغلىماڭ ، ئۇنىڭدا باھارلىق مىھىر شەپقەت ئىگىلىرىنىڭ كۆڭۈل رىشتى ، سوغۇقتا قېلىپ غال غال تىترەۋاتقانلارغا نىمجان بۇلىدىغان ھەقىقى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، كۈندە بالىلىرىمىز ئىسراپ قىلىپ خەشلەۋاتقان پۇللارنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورنى بار ، كىچىككىنە يىشىكتە شىنجاڭ ئىچىدىكى نامرات ، چەت ، يىراق كەنتلەردىكى يىتىم يىسىر ۋە باققۇچىسى يوق بالىلارنىڭ بىر قىشنى ئىسسىق ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان تۇرمۇش ، ئوقۇش بۇيۇملىرى بار .
مىھىر -ئۇ بىر پىيالە چاي.
مىھىرئۇ بىر قېتىملىق ئىللىق تەبەسسۇم.
مىھىر-ئۇ ئەلنىڭ توپلانغان يۈرىگى.
مىھىر-ئۇ ئۈزىنى باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش روھى.
مىھىرئۇ ئاجىزلارنىڭ بېشىنى يەڭگىل سىلاپ قۇيۇشنىڭ ئپادىسى.
كۈز شاماللىرى بىزگە يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئالدىمىزدىكى قەھرىتان قىشتىن سىگنال بېرىۋاتىدۇ ، قەھرىتان قىش پەسلى يىتىپ كەلگەندە سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ يۈرەك باغرىنى ئېزىدىغان يىراق چەت سەھرالاردىكى يىتىم يىسىر ۋە باققۇچىسى يوق بالىلار پارتىيەنىڭ مىھىر شەپقىتىدە ھەقسىز ئوقۇشتىن بەھرىمان بۇلۇپ ، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئاتا ئانىسىنىڭ ۋاقىتلىق بەختلىق تۇرمۇشىنى دەپ بالىلارنى تىرىك يىتىم قىلىشى ، كۈچ قۇۋۋىتىدىن كەتكەن چوڭ دادا ، چوڭ ئانىلىرىغا تاشلاپ قۇيىشى بىلەن ، بالىلار ئۆز يېشىدىن ھالقىغان ھالدا ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئارتىپ ، ئۇچىسىغا بىرە قۇر يېڭى ، ئىسسىق كىيىم ئارتالماي ، بىرە تال قېلىنراق ئاياق كىيەلمەي چىقىپ كىتىۋاتىدۇ ، يۈرىكى نامراتلىقتىن غال غال تىترەۋاتىدۇ .
بىز ئەنە شۇ نارسىدەلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان ئاددى پىدائىيلار ، خەير ساخاۋەت فوندىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ تۈرى رىشتە پىلانى دەل ھەر يىلى 2000 نەپەردىن ئارتۇق نامرات ، يىتىم يىسىر ۋە باققۇچىسى يوق بالىلارنىڭ قىشلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قۇيۇلۇپ ، 3 – يىلىغا قەدەم قويدى ، بىز سىزدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلمايمىز ، پەقەت قۇلىڭىزنى بىزگە بەرسىڭىز ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ مۇھاببەتلىك دېڭىز ياسىساقكەن ، نىمجان تەنلەر يايرىسىكەن دەيمىز خالاس .
قەلبىدىن مىھىر مۇھاببەت تۆكۈلۇپ تۇرغان ، بەركەتلىك قوللىرىدىن ساخاۋەت يىغىپ تۇرغان ، مىھرى قايناق ، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان  ياشلار ، مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ، پەرىشتىدەك ئاچا-سىڭىللار ، ئاكا-ئۇكىلار ، مىھىر-مۇھاببەتلىك قۇلۇڭنى بىزگە بېرىڭلار . بىز قول تۇتۇشۇپ شۇنداق بىر مۇھاببەتلىك قۇچاق ياسايلىكى-پۈتۈن كائىنات بىزگە تاڭ قالسۇن . مىھىر -مۇھاببەتكە تەشنا دىللار يايرىسۇن  .يوقسۇزلىق ئىلكىدە غال-غال تىتىرەۋەتقان نىمجان تەنلەر، بىچارە سەبى بالىلار ، يېتىمچىلىك قوينىدا بىرەر قېتىم « دادا ، ئاپا » دەپ چاقىرىشىنى ، ئەركىلەشنى نەقەدەر ئۈمىت قىلىدىغان قارا كۆزلەرمۇ ھاياتلىقتىن ئىبارەت يۈكسەك تىمىدىن بەھىر ئالسۇن ، ھارارەتلىك قوللىرىمىز بىلەن ئۇلارنى ئىللىق قوينىمىزغا ئالايلى .
كەل دوستۇم ، مۇشۇ دەرقەمدە بەلكىم سەن بىرەر دوستۇڭنىڭ ، تۇققانلىرىڭنىڭ ، باشلىغىڭنىڭ قاتار چايلىرىغا ماڭغان بۇلۇشۇڭ ، ئادەمگەرچىلىك ، مۇناسىۋەت تورىڭنى يايماقچى بۇلۇشۇڭ مۇمكىنياكى مودىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ ئاسارىتىدە تەمتىرەپ قېلۋاتقان بۇلۇشۇڭ مۇمكىن . مېڭىشتىن بۇرۇن قۇلۇڭنى بىزگە بەر. مىھىر-مۇھاببەتكە تەشنا دىللارنى يوقلاپ ئۆت ، يانچۇغۇڭنىڭ بىر بۇرجىگىدە پۇرلۇشۇپ كەتكەن،ئەمما ئاشۇنداق ئىسل داستىخاندا ئوتتۇرغا چىقىشقا جۇرئەت قىللالمايدىغان پارچە-پۇرات پۇللىرىڭنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ كەت . بەلكىم بۇ پۇللىرىڭنى ئۈيۈڭدىكى ئەركە قوزاڭ قۇبۇل قىلماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ئاشۇ بىچارە نىمجانلار يايراپ كېتىدۇ . ئەل سەندىن رازى بۇلىدۇ ، دىللار سەندىن سۈيۈنىدۇ...
كەل دوستۇم!باياشات تۇرمۇش،ئېسىل ماشىنا،ئىسسىق ئۆي،قىممەت باھالىق كىيىم -كېچەك،يۇقىرى ئىستىمال سەۋىيەسى ئاستىدا مۈگدەپ ئولتۇرما.غېرىپلارنىڭ ئۈيىنى يوقلاپ قوي.ئىسراپچىلىق ئورنىغا ئۇلاردىن ھال سورا.بىرەر قېتىم كىيىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي تاشلىنىپ قالغان قىممەت باھالىق كىيىمىڭ،ئۆزەڭنى ۋە ئۆزگىنى زەھەرلەۋاتقان بىر قاپ تاماكاڭ بەدىلىگە ئۇلارنى ئازىراق بولسىمۇ ياشاش پۇرسىتىگە ئېگە قىل.بىرقېتىم ئەينەككە كام قاراش،بىر قېتىملىق ھەشەمەتتىن ۋاز كىچىش،بىر قېتىملىق قاتار چايغا كام بېرىش بەدىلىگە ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلالىساڭ،ئاز بولسىمۇ ياشاش ھۇقۇقى بېرەلىسەڭ سەن نىمەدىگەن ئالىجاناپ!سەن نىمە دىگەن مىھرىبان ھە!...
كەل دوستۇم ! ۋاقىتسىز ئاتا-ئانىىسىدىن ئايرىلىپ،كۆزلىرى قان-ياشقا تولغان يىتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپ قۇيايلى!...بىز شۇنداق مىھىرلىك-بۇلاق ھاسىل قىلايلىكى،بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى تا ئاخىر زامانغىچە كۇۋەجەپ ئاقسۇن.تاما-تاما كول بۇلار بۇ ئاۋالقىلارنىڭ يەكۈنى ئەمەسمۇ؟
ئىككىلىك كودىنى بېسىپ بۇ كىچىككىنە يىشىككە بولغان مىھىر مۇھاببىتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز ، قول تۇتۇشۇپ مىھىر ئىشىكىنى ئاچساق

\\
\
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号