• 2010-05-08

    يىڭى پوۋىست : قوشكىزەكلەر

     قوشكىزەكلەر

    پوۋىست

     

    *** **** ******
    __ئوغرى ! ئوغرىنى تۇتۇڭلار ! ئوغرى !
    پىيادىلەر كوچىسىدا ئۇيان –بۇيان ئۈتۈشۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن بىرى تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى . بىر خەنزۇ قىزچاق ئەتراپتىكىلەرگە غەلىتە قاراپ :
    __ۋاي ، مىنىڭ پورتمىنىم ،-دەپ نالە قىلىپ كەتتى . بۇ چاغدا داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىشقان كىشىلەر جىددىيلىشىپ دەرھال يانچۇقلىرىنى تۇتۇشتى. پورتمىنىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان ھېلىقى قىزمۇ شۇ تاپتا خۇددى بىر توپ ئوغرىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ، ئەتراپىدا تۇرغان ھەربىر ئادەمگە گۇمان بىلەن قارايتتى . نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ ، خۇددى ئوغرىنىڭ ئىچى ئاغرىپ پورتمىنىنى قايتۇرۇپ بىرىدىغاندەك ئەتراپىغا تەلمۈرەتتى .
    - پورتمىنىڭىزدا قانچە پۇل بار ئىدى ؟ - دەپ سورىدى ئارىدىن بىر ياش ئۇيغۇر كىشى قىزغا ئىچى ئاغرىتىپ .
    - ئىككى يۈز يۈەن ، يەنە بانكا كارتىسى ، سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتىسىدا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان بەش مىڭ يۈەن پۇل بار ئىدى ... ـ ئۇنىڭ ئۈنى بارغانسىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى . ئەتراپتىكى بەزىلەرنىڭ قىزغا ئىچى ئاغرىپ ئوغرىنى نىمىنىدۇر تىللاپ قىزغا تەسەللىي بىرەتتى .ئۇ بولسا نىمە قىلارىنى بىلمەي قاققان قۇزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالغانىدى .
    ئادىلە پىيادىلەر كوچىسىدىن ئۈتۈپ ، مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىۋالدى . بەك تېز يۈگۈرگەنلىكتىن ھاسىراپ ، يۈرىكى سېلىپ ، پۈتۈن ئەزايى –بەدىنى چىلىق –چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى . ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپلا تامغا يۈلىنىپ بىردەم تۇرىۋالدى ، ئاندىن بايا كوچىدا ھېلىقى خەنزۇ قىزنىڭ يانچۇقىدىن ئوغۇرلىۋالغان پورتماننى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتى . ئىچىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى كۈرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ ، ۋۇجۇدى يايراپ كەتتى . ئالمان –تالمان پورتماننىڭ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىۋىلىپ ، ھەممە يەرلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ باققاندىن كىيىن ، ئۆزىگە لازىملىق باشقا نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئىچىدىكى نەرسىلەر بىلەن قۇشۇپلا ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتتى .
    ئۇ ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئۇدۇل يەنە پىيادىلەر كوچىسىغا يىتىپ كەلدى . بۈگۈن بازار بەكمۇ ئاۋات بۇلۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى .ئادىلە كۆڭلىدە يەنە بىرنەچچە ‹‹سودا ››نىڭ ئۇڭۇشلۇق پۈتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلگىنىچە ، ئەتراپتىكىلەرنى كۆزەتكىلى تۇردى . توساتتىن ئۇنىڭ كۆزى كوچىدا كىتىپ بارغان بىر ئوتتۇراياشلىق كىشىگە چۈشكەندە بولسا ، ئۈمىد نۇرلىرى پارقىراپ كەتتى .ئادىلە قەدەملىرىنى تېز –تېز ئېلىپ ئۇ كىشنىڭ يېنىغا ئەمدىلا كىلىشىگە كوچا ئاپتۇبۇسى كىلىپ قالدى . ئۇ كىشى كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ كەتتى، ئادىلەمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇ كىشنىڭ ئارقىسىدىن ئاپتۇبۇسقا چىقتى . ئاپتۇبۇستا ئادەملەر شۇنداق نۇرغۇن ئىدىكى ، ھەتتا پۇت قويغۇدەك يەرمۇ تېپىلمايتتى . بايىقى كىشى ئىككى قۇلىدا سومكا –چامدانلىرىنى كۆتۈرۈپ ، باشقىلارغا سۇقۇلۇپ كىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئولتۇرغۇدەك ئۇرۇن ئىزلەپ ئاۋارە ئىدى . لىكىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇرۇن بوشىتىپ بەرگۈدەك ھېچكىم چىقمىدى. شۇ چاغدا ئادىلەمۇ بۇ قىستا –قىستاڭ كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ ،ئۇ كىشىنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى . ئۇ كىشىنىڭ ئىككىلا قۇلىدا نەرسە بارلىقىنى كۆرۈپ ئادىلە قەدىمىنى ئاران –ئاران يۆتكەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىلىۋالدى . شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دادىسىنىڭ ئەتىگەن دىگەن : ‹‹ ئەگەر بۈگۈنمۇ ۋەزىپەڭنى ئۇرۇندىيالماي قۇرۇق قول قايتىپ كىلىدىغان بولساڭ ، كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ! ›› دىگەن ۋارقىراشلىرى كەتمەيتتى . ئاپتۇبۇس تويۇقسىز قاتتىق تۇرمۇز قىلىنىپ ، بىر نەچچە كىشىلەر يىقىلىپ چۈشتى . ئادىلە بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇ ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن پورتمانىنى سۇقۇۋالدى-دە ، ئۆزى ئادەملەر ئارىسىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ چىقىش ئىشىكىگە يېقىن بىر جايغا كىلىپ تۇرىۋالدى . ھېلىقى ئادەممۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قىستىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېڭىلا بوشىغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى . ئادىلە ئۇنىڭ ئۆزىگە يېقىن كىلىۋالغانلىقىنى كۈرۈپ يۈرىكى دۈپۈلدەپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى .
    شۇ ئارىدا ئاپتۇبۇس توختاپ بىر نەچچە ساقچىلار چىقىپ يۇلۇچىلارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىر –بىرلەپ تەكشۈرگىلى تۇردى . ھېلىقى ئادەم ساقچىلارنى كۈرۈپ ، قۇلىدىكى نەرسىلەرنى ئاستا يەرگە قويدى –دە ، ئادىلەگە قاراپ قويدى . ئادىلە دەرھال يەرگە قارىۋالدى . ھېلىقى ئادەم ئەتراپىغا قارىۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى :
    -قىزىم ، سىز ئېلىۋالغان پورتماننىڭ ئىچىدە سالاھىيەت كىنىشكەم بار ئىدى ، سالاھىيەت كىنىشكەمنى ماڭا بىرىپ ، پورتماننى ئۆزىڭىز ئېلىپ قالسىڭىز .
    ئادىلە ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ئۆزلىرى تەرەپكە يېقىنلاپ كىلىۋاتقان ساقچىلارغا قاراپ قويدى . ھېلىقى ئادەم بايىقى سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم سىلىق ئېيتتى . ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانىدى . شۇ چاغدا بىر ساقچى ھېلىقى ئادەمگە گەپ قىلدى :
    -سىزنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىڭىز ؟
    -ھە ، قىزىمنىڭ يانچۇقىدا ئىدى ، قىزىم سالاھىيەت كىنىشكىنى بەرگىنە ،- ئۇ ئادىلەگە مىھىر بىلەن تىكىلدى . ‹‹قىزىم ››دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئادىلە خىجىل بولغىنىدىن ئۆزىنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالدى ۋە تىترىگەن قوللىرى بىلەن پورتماننى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمگە بەردى . ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ساقچى ئادىلەگە قارىۋىدى ، ئادىلە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى .
    - قىزىمنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى يۇتۇپ كىتىپ ، يېقىندا يېڭىدىن بىجىرگەن ئىدۇق ،تېخى چىقمىغان ئىدى ،- ھېلىقى ئادەم ئالدىراش –تىنەش چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . ساقچىمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇلارنىڭ يېنىدىن كىتىپ قالدى .
    ئادىلە ھېلىقى ئادەمگە قارىغىنىچە ئولتۇرۇپلا قالغانىدى ، ئۇنىڭ بىر نىمە دىگۈسى كىلەتتى ، لىكىن خىجىلچىلىقتا ئاغزىنى ئاچالمايتتى . نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى .
    -ئىسمىڭىز نىمە ؟-سورىدى ھېلىقى ئادەم .
    -ئادىلە ،-ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى .
    -قارىسام ئۆزىڭىز شۇنداق چىرايلىق قىز ئىكەنسىز ، نىمە ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى قىلىسىز ؟
    -...
    ئادىلە ئۈندىمىدى .
    -يوقسۇزچىلىقتىن مۇشۇنداق قىلىۋاتقان گەپمۇ ؟
    -ياق ، مەجبۇرىيى قىلىۋاتقان گەپ .
    -كىم ئۇ سىزنى مۇشۇنداق سەت ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ؟
    -دادام ،- ئادىلە شۇنداق دىدى –دە ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ھېلىقى ئادەمگە تىكىلدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يۈرىكىدىكى ھەسرەت –نادامىتىنى ئىزھارلاپ تۇراتتى .
    ئاپتۇبۇس بىر بىكەتكە كەلگەندە توختىدى ، ئادىلە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۈرۈنمەسلىك ئۈچۈن ، سىرتقا قاراپ ئىتتىك ماڭدى .تۇساتتىن بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ بايىقى ئادەمنى كۆردى . قۇلىدا يەنە سومكىلار ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ ئادىلە تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى .
    -سىز نەگە بارىسىز ؟
    -ھېچنەگە .
    - قىزىم ،خاپا بولماي مۇشۇ نەرسە –كىرەكلىرىمنى ئۆيۈمگە ئاپىرىشىپ بەرگەن بولسىڭىز ، ئۆيۈم ئالدىمىزدىكى بىنادا ئىدى . ئادىلە رەت قىلىشقا ئامالسىز ، ئۈندىمەي نەرسە –كىرەكلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى . ھېلىقى ئادەم ئادىلەنىڭ تىخىچىلا خىجىل بۇلۇپ تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى .ھەم تېزلا ئۇنى خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى :
    - ئىسمىم ئابلەت ، ئۆزۈم ساقچى ، ئايالىم تۈگەپ كەتكەن ، بىر نەچچە يىل بولدى پىنسىيەگە چىقىپ يالغۇز ياشاۋاتىمەن .
    ‹‹ساقچى ›› دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈرىكى قارتتىدە سېلىپ كەتتى . ئۇ ئۈندىمەي ئۇ ئادەمنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.
    بايا دادامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاشۇنداق ئىشنى قىلىۋاتىمەن دىدىڭىز ، توۋا ، ئۆز قىزىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان دادىمۇ بارمىدۇ ، بۇ جاھان نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە ،،،- ئۇ سۆزلەۋىتىپ تۇيۇقسىز توختىۋالدى . ئۇ ئادىلەنىڭ چىرايى باشقىچە بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالغانىدى . ‹‹ ئۆز قىزىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان دادىمۇ بارمىدۇ ››دىگەن گەپ ئادىلەنىڭ يۈرىكىگە تەككەن ئىدى ، كۆزلىرىدە ياش ئوينايتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىدى ، ئۇ ئادەممۇ ئادىلەنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ باشقا گەپ قىلمىدى .
    قىزىم ، خاپا بولسىڭىزمۇ سىزگە بىر نەسىھەت قىلاي ، ياشلىق باھارىڭىزنى مۇنداق خاراپ قىلىۋەتمەڭ . گۈل دىگەن خۇدالىق يۇلىدا گۈزەل ، دادىڭىز سىزنى مۇنداقلا نابۇت قىلىۋەتمىسۇن ، ئۇنىڭغا ياخشى چۈشەندۈرۈڭ ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈڭ ...
    ئادىلە تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ ، باشقا گەپ قىلىشنى خالىمىدى ، ئىككىسى پاراڭ بىلەن بۇلۇپ ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قېلىشقانىدى . ئادىلە ئۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكى يىڭنە تىققاندەك ئېچىشىپ كەتتى . ئىككىلىسى ئاتا ، لىكىن ئارىدىكى پەرق نىمىدىگەن زور- ھە ! بىرى قىزغا تەربىيە قىلىپ ياخشى يولدا مېڭىشقا ئۈندەۋاتىدۇ ، يەنە بىرى ئۆز قىزىنىڭ يۇلىغا ماڭدامدا بىر تىكەن ئۈندۈرۈپ ، قىزىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ ...مۇشۇلارنى ئويلىغاندا ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان نەپرىتى قايناپ تاشتى . ئۇ ئادەم ئادىلەنىڭ قورۇنۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ :
    -قىزىم ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ ،-دېدى ئۇنىڭ قوللىرىدىكى نەرسە –كىرەكلەرنى ئالغاچ .
    ئادىلە بىر پەس ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئاستا ئەگىشىپ ، قورۇنۇش ، خىجىلچىلىق ئىچىدە ئۆيگە كىردى . ئادىلە ئۆيگە كىرىپ ئازادە ،ئېسىل سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆينى كۈرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدى . ئۇنىڭ مۇنداق ئېسىل ئۆيگە ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كىرىشى ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز باشقىچە سېلىشقا باشلىدى . ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆيگە سەپ –سېلىپ قارىدى ، ئۆزىنى خۇددى بىردەمنىڭ ئىچىدە قاپقاراڭغۇ بىر دۇنيادىن يۇپيۇرۇق دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشىقا باشلىدى . بۇ ئۇنىڭغا تامامەن ناتۇنۇش ئۆي بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى .
    تۇيۇقسىز ئادىلەنىڭ كۆزى تامغا چوڭايتىپ ئېسىپ قۇيۇلغان سۆرەتكە چۈشتى . سۆرەتتە بايىقى كىشى ، يېنىدا چىرايلىق بىر ئايال ، ئايالنىڭ قۇلىدا تۆت –بەش ياشلار چامىسىدىكى ئوماق بىر قىز تۇراتتى .
    -سۈرەتتىكى مېنىڭ ئايالىم بىلەن قىزىم .
    ئادىلە چۈچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ، ئۇ ئادەممۇ سۈرەتكە تىكىلىپ قاراپ قالغانىدى .
    سىزنىڭ قىزىڭىز ؟ -ئادىلەنىڭ قىزغا بەكمۇ مەستلىكى كەلگەنىدى ، مۇشۇنداق باياشات ئائىلىدە ، مىھرىبان دادىسىنڭ كۈيۈنىشىدە ياشاۋاتقان نىمىدىگەن بەختلىك قىزھە .
    شۇنداق ، مېنىڭ بىرتاللا قىزىم ئىدى ، ئىسمى مۇنىرە ئىدى . لىكىن ...
    ئادىلە ئۇ كىشىنىڭ گىپىنىڭ تىگىگە يىتەلمەي كۆزىگە تىكىلدى ، ئۇ كىشى ئادىلەنىڭ مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ سۆزىنى داۋام ئەتتى :
    - ئون بەش يىل بولدى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ غېمى تا بۈگۈنگىچە يۈرىكىمنى ئازابلايدۇ ،- سۆزلەۋىتىپ ئۇنىڭ كۆزى لىققىدە ياشقا تولدى . ئادىلە ئۇنىڭ يۈرەك جاراھىتىنى قوزغاپ قويغانلىقىنى سىزىپ ئارتۇقچە سوئال سورىمىدى .
    - سىز ،-دېدى ئۇ كىشى كۆزىنى بىر سۈرتىۋىتىپ ،- مەن سىزنى ئاپتۇبۇستا تۇنجى كۆرگەندە قانداق تۇيغۇغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ مەن خۇددى ئۆز قىزىمنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قالغان .
    بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئادىلە ئۈنچىقماي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى . ئۇ كىشى ئادىلەنىڭ ئۈندىمىگەنلىكىنى كۈرۈپ :
    ۋۇي ، سىزنى ئولتۇرۇڭ دىمەپتىمەنغۇ ، قېنى ئولتۇرۇڭ .
    بولدى ، رەھمەت تاغا ... مەن ئۆيگە قايتايمىكىن ...
    مەيلى ئەمىسە ، سىزنى تۇتىۋالماي ، - ئۇ كىشى شۇنداق دىگەچ يېنىدىن 100 يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى چىقىرىپ ئادىلە تەڭلىۋىدى ، ئادىلەنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى .
    - بۈگۈن ،-دېدى ئۇ ،- مەن سىزنىڭ قىزىڭىز سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم مىھرىبانلىقىڭىزغا مۇيەسسەر بولغانىدىم . بۇ پۇلنى بەرسىڭىز مەن شۇ مىھىردىن مەھرۇم بۇلۇپ قالماسمەنمۇ؟
    ئادىلەنىڭ سۆزلىرى ئۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرۋەتتى ، ئۇ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىپ قويدى . ئادىلە بېشىنى كۆتۈرمەي ، بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن چىقىپ ماڭاي دەپ تۇرىشىغا ، ئۇكىشى ئۇنىڭغا :
    قىزىم ، ئۆينى بىلىۋالغاندىن كىيىن قانداق قىيىنچلىق تارتسىڭىز مىنى ئىزدەپ كىلىڭ ،- دېدى .
    ئادىلە بېشىنى يىنىك لىڭىشتتى .
    ئەمىسە ئامان بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ
    رەھمەت ، ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق ،- ئۇ ئەلەم بىلەن شۇنداق دىدى –دە ، كۆز ياشلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى ئەتكىنىچە خوشلىشىپ بۇرۇلۇپلا يۈگۈردى . ئۇ كىشى ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىدى ، لىكىن ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى . ئۇ كىشى شۇنداق بىر پاك قىزنىڭ جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ ئىچىدە قاتتىق ئازابلانماقتا ئىدى .

    *** **** ******
    ئۇيان ئۆرۈلۈپ ،بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىغان نەرگىزە ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . كىيىم -كىچەكلىرىنى چالا -بۇلا كىيىپ سىرتقا چىقتى.
    كۈن تەڭ بۇلاي دەپ قالغانىدى ،ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار يېقىملىق جىمىرلىشىپ تۇراتتى . مەيىن شامال نەرگىزەنىڭ يۈزىنى يۇمشاققىنە سىيپاپ ئۆتەتتى .
    نەرگىزەنىڭ كۆڭلىنى ئاللىقانداقتۇر خۇشاللىق ھېسلىرى چىرمىۋالدى . كەنت ئىچى گويا دېڭىز ئاستىغا چۈكۈپ كەتكەندەك شۇنداق جىمجىت ، شۇنداق سۈرلۈك ئىدى . بۇ سۈرلۈك جىمجىتلىقنى پەقەت كەنتنىڭ ئوتتۇرسىدىن شىرىلداپ ئېقىپ ئۆتكەن ئېقىننىڭ ساداسى ، سەگەك ئىتلارنىڭ ئارلاپ -ئارلاپ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى بۇزۇپ تۇراتتى . ھەممە ئۆيلەردە چىراغلار ئۆچكەن ،ھەممە شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغان .پەقەت نەرگىزەلا بۇ خىل جىمجىتلىقتىن مۇستەسنا ئىدى . شۇ تاپتا ئۇ بۇ خىل قاراڭغۇلىقتىن بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقان كىشدەك ئەتراپقا توختىماي نەزەر سالاتتى . شاماللارنىڭ دىماققا ئۇرۇلىشىدىن شىرىن ئەللەيلىنەتتى .
    نەرگىزەدە شائىرلارنىڭ نەپىس غەزەللىرىدەك شۇنداق بىر شېئىرىي گۈزەللىك بار ئىدىكى ، ئۇ گويا سەھەر ئاسمىنىدىن ئاستا -ئاستا يۈتۈۋاتقان كەچكى شەپەقنى يۇرۇتماقچى بولغان كۈچلۈك نۇر دەستىسىگە ئوخشايتتى .
    قار لەيلىسىدەك، ئاپئاق بۇلۇتتەك يۇمشاق ،كەڭ ئېتەكلىك ،نىپىز يىپەك كۆينىكى ئۇنىڭ مەرمەردەك سۈزۈك ، تولغان پۇتلىرىنى شاماللارنىڭ ئۇرىشى بىلەن سۆيۈپ ئەركىلەتمەكتە ئىدى .
    قوڭۇر رەڭلىك ،دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆپكەن بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىنى ياپقان ، قىياقتەك ئىنچكە قاشلىرى ئاستىدىكى قاپقارا ئوتلۇق كۆزلىرىدە ، جىنەستىدەك قىزىل لەۋلىرىدە ، تاڭ شەپىقىدەك مەڭزىدە چەكسىز ئوماقلىق ، مەڭگۈلۈك بەخت ، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تەبەسسۇملۇق كۈلكە ئەكس ئىتىپ تۇراتتى .
    __ شۈكرى خۇدايىم ، كىشىنىڭ ئارزۇ -ئارمىنىغا يەتمىكى دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە -مەرۋايىت سۈزۈۋالماقتىنمۇ تەس دەيدىكەن ،__ دېدى نەرگىزە ئۆز -ئۆزىگە ،__ جاپالىق تىرىشىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم . ئارزۇ دىگەن خەتەرلىك چوققا بولسىمۇ ،سەۋرى قىلغان ، تىرىشقان ، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم چۇقۇم چىقالايدىكەن . ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن . ئۆزەمنىڭ كەلگۈسى بەختىم ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەيمەن . دادامنىڭ، مەرھۇم ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى چۇقۇم ئاقلايمەن ...
    شۇ دەقىقىدە نەرگىزەنىڭ دادىسى نۇرلان ئاكىمۇ ئويغاق ئىدى . ئۇ ئارزۇلۇق ، يالغۇز قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىغا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسىمۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلى يېرىم ئىدى . نۇرلان ئاكا مۇشۇ كەنىتتە خېلى داڭقى بار ئۇستا سەيپۇڭ ئىدى . بەزىدە شەھەرلەردىنمۇ خېرىدارلار چىقىپ نۇرلان ئاكىغا كىيىم تىككۈزەتتى . ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن قايتا تۇرمۇشلۇق بولغان . لىكىن نەرگىزە ئون ياشقا كىرگەندە ئىككىنچى ئايالىمۇ كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنىدى . شۇندىن كىيىن نۇرلان ئاكىنى شور پىشانە دەپ باشقا ئاياللار ياتلىق بۇلۇشنى رەت قىلغانىدى . نەرگىزەگە ھەم دادا ھەم ئانا بۇلۇپ مۇشۇنچىلىك قىلغىچە ئۆزىنىڭ قانچىلىك جاپالارنى چەككىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ ...
    نەرگىزە ئەتە يولغا چىقىدۇ ، بۇ كەنتتىن ئايرىلىپ ئۆزىگە تامامەن ناتۇنۇش بولغان شەھەردە ياشايدۇ . نۇرلان ئاكا ئۆزىنىڭ يەنە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى . ئۇنىڭ شالاڭ ساقىلى تىترەپ ، كۆزلىرىدە پەرىشان ئۇچقۇنلار پىلدىرلىدى .
    نۇرلان ئاكا كېچىچە كىرپىك قاقماي تاڭنى ئاتقۇزدى . ئۇ قىزى نەرگىزە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئېغىر كۈنلەرنى ئەسلىگەنسىرى كۆزلىرى نەملىنەتتى . نەرگىزە نەقەدەر ئوماق قىز بولغان ھە ؟ ئۇ گويا قىر -دالىلاردا ئەركىن باھار شامىلى بىلەن يەلپۈنۈپ تۇرغان چىغىرتماق گۈلدەك نەپىس ۋە نازاكەتلىك ئىدى . قاپ -قارا كۆزلىرى بۇلاقتەك ئويناپ ،ئىككى مەڭزىدىن تاڭ شەپىقىدەك قىزىل نۇر يېغىپ تۇراتتى . ئۇششاق ئۆرۈلگەن بوستان چاچلىرى مەجنۇنتالدەك كىچىككىنە يەلكىسىنى ياپاتتى .
    نۇرلان ئاكىنىڭ يۈرىكى ئاشۇ قىزى بىلەن شاد - خۇراملىققا تولاتتى . بىر كۈنلۈك ئىشىنى تۈگىتىپ ئېغىر قەدەملىرىنى بېسىپ ئۆيگە كەلگىنىدە ، نەرگىزەنىڭ <<دا دا >> دىگەن بۇلبۇلنىڭكىدەك ئوماق ئاۋازىنى ئاڭلىسا بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقى ۋۇجۇدىدىن تۇماندەك تارقىلىپ كىتەتتى . نۇرلان ئاكا ئۆزىنى بۇ دۇنيادا پەقەت نەرگىزە ۋە ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى .
    __ سەن ئانىسىز چوڭ بولدۇڭ ، قىزىم __ دېدى نۇرلان ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كىيىن نەرگىزەنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ . ئۇنىڭ چىرايىدىن مۇڭ ، مەيۈسلۈك ، قىزىغا چىدالماسلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى .
    __ ئەمدى مەندىن ، يۇرتتىن ئايرىلىپ ناتۇنۇش جايغا مېڭىۋاتىسەن . مېنىڭ ئۈمىدىمنى ئاقلاپ ،ئالىي ،مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىڭدىن بەك خوش بولدۇم قىزىم ، ،سەندىن ئۆمۈرۋايەت رازىمەن ، مەيلى قەيەردە بولما ، مېنى ئۇنتۇپ قالمىغىن .ھەرۋاقىت ئۆزەڭنى چىڭ تۇت ، دوستلىرىڭغا ئالدىراپ ئىشەنمە . قىيىنچىلىق تارتىپ ،قىسىلىپ قالساڭ ماڭا تېلفۇن قىلغىن ...
    ___ ماقۇل دادا ...ماقۇل ! چۇقۇم سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك ياخشى ئوقۇيمەن . سۆزلىرىڭىزنى ھەرۋاقىت ئىسىمدە چىڭ تۇتىمەن .
    نەرگىزە يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى زورىغا بېسىپ تۇرسىمۇ ،ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ ، بۇغۇلۇپ - بۇغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى . يۈرەكلەر ئايرىلىشقا چىداشلىق بىرەلمەيۋاتاتتى ، ئۆي ئىچىنى بارغانسىرى سۈر بېسىپ كىتىپ باراتتى .
    نەرگىزە كىتىپ قالدى ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن قۇتلۇق سەپەرگە ئاتلاندى .
    نۇرلان ئاكا نەرگىزەنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ ، دۇكانغا چىقمىدى ، ئۆيدىمۇ ئولتۇرمىدى . ئۇدۇل قەبرىستانلىققا باردى . ئۇ ياشلىق كۆزلىرىنى قەبرىلەرگە تىككەندە ،ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى. بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپ ، يېنىغا سۆگەت شېغى سانجىپ قويغان ، شاخقا ئاق رەڭلىك لاتا چىگىلگەن قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدى . بۇ نەرگىزەنىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئىدى . ئۇ قەبرىنىڭ يېنىغا چۈكۈپ ، ئىچىدە پىچىرلاپ ئايەت ئوقۇدى . ئۇزاق دۇئا قىلغاندىن كىيىن ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ،ئاسمانغا قارىدى :
    __ ئەي خۇدا ، قىزىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلغايسەن ...
    ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىسى قېتىپ قالغانىدى . ئۇ بىردىنلا قەبرىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى .
    __ جېنىم پاتەمخان ، ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولسۇن ! شۇ تاپتا ھەممىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتامدىغانسىلە ؟ مانا قىزىمىز ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ سەپەرگە ئاتلاندى . ئەگەر سىلە ھايات بولغان بولساڭلا قانچىلىك خۇشال بولغان بۇلاتتىڭلار ! مېنى كەچۈرۈڭلار ، مەندەك ئازغۇننى كەچۈرۈڭلار ، مەن گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان چوڭ جىنايەتچىمەن . روھىمنى ئىس -تۈتەك قاپلىغان گۇناھكار بەندەدۇرمەن . يەنە بىر قىزىمىزمۇ بولغان بولسا قانچىلىك بەخىتلىك بۇلار ئىدىم ، شۇ بىچارە قىزىم نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ يۈرگەندۇ ؟ مەندەك گۇناھكار دادىسىدىن نەپرەتلىنەرمۇ ؟ ....ئاھ خۇدا ، قىزلىرىمغا ئاسايىشلىق ، ئۇلارنىڭ دىلىغا ھەرۋاقىت ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن ...


    نەرگىزەنىڭ ئارمىنى رىئاللىققا ئايلاندى ، ئۇ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ نىمىس تىلى فاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى . ئۇ ھەقىقەتەن ھاياجانغا چۆمگەنىدى . بىراق ، ئۇنىڭ خىيالىدىن ھامان يىراقتىكى دولان يۇرتى ، يالغۇز دادىسى كەتمەيتتى . ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ماكانىدىن ئايرىلىپ بۇ قاينام -تاشقىنلىق پايتەخت شەھەر بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى . پويىزدىن چۈشۈشى بىلەن شەھەر قۇرلۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئالا -چەكمەن قىلىۋەتتى . ئۇ ئۆز ھاياجېنىنى باسالماي قالدى ، چەكسىز خۇشاللىققا تولدى . ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تولا ئاڭلايدىغان ، تېلىۋىزوردىن كۈرۈپ ھەۋەسلىنىپ كېتىدىغان شەھەرگىمۇ يىتىپ كەلدى ...
    نەرگىزە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆزى ئوقۇيدىغان بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى . ئۇنىڭ قانلىرى قىزىۋاتاتتى ، يۈرىكى ھېلىلا ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدىغاندەك گۈپۈلدەك سالماقتا ئىدى .ئاھ ، كىلىشنى كىچە - كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈيۈملۈك مەكتەپ ، مېنىڭ گۈزەل كەلگۈسىمنىڭ باشلانمىسى بولغان مىھرى ئىللىق ماكان ، مەن كەلدىم .
    نەرگىزە ئۆزىنى شۇنچىلىك بېسىۋىلىپ قۇلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بەرگەن كىچىك خەرىتىگە قاراپ ، كۇتۇپخانا ئالدىدىكى تار يول بىلەن قىزلار ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدى . كۆركەم سېلىنغان بىنالار ، كۆزىنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان چىرايلىق لۇزىنكىلار ، ئاسفالىتلانغان يوللار ، يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياپيېشىلچىلىق ۋە ئاجايىپ چىرايلىق گۈللۈك . تۆت قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى يانلىرى ، ئاستى سېمۇنتلانغان كىچىك كۆل ،يۆلەنچۈكلۈك ئۇرۇندۇقلار ...نەرگىزە ھەممە نەرسىگە تويماي قارايتتى . ئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك ، ھېلىلا چۈشىدىن ئويغانسا ھەممە نەرسە يوقاپ كىتىدىغاندەك سەزمەكتە ئىدى ...


    *** **** ******

    يېڭىدىن بۇ رايۇنغا يۆتكىلىپ كەلگەن ساقچى باشلىقى ئادىل چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كىيىن ، ئىشخانىغا ئەمدى كىرىپ تۇرىشغا ، سىرتتىن ۋارقىراشقان ئاۋاز ئاڭلاندى ، ئادىل سىرتقا چىقىۋىدى ، بىر ئادەم ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى بىلەن ھەدەپ تاكاللىشىۋاتاتتى .ئادىل ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچىغا قاراپ توۋلىدى :
    - ياقۇپچان ، نىمە ئىش بولدى ؟
    -بۇ ئادەم بىرى پورتمانىمنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ كىرىپتۇ ...
    ئۇ ئادەم ئۇدۇل ئادىلنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قوللاپ كۈرۈشتى ھەمدە :
    - يېرىم سائەت ئالدىدا كىنو كۈرۈپ كۈرۈپ ،قايتىپ چىقىشىمدا پورتمانىمنى ئوغۇرلىتىپ قويدۇم .
    - قايسى كىنوخانىدا ؟
    - مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى كىنوخانىدا ...
    - نىمە كىنو كۆرگەن ؟
    - ھىندىستاننىڭ ‹‹ئۇچقۇر ئوغرى ››دىگەن كىنوسىنى ...
    كىنونىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئادىل ئۇ ئادەمگە سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى .ياقۇپچان كۈلۈۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
    -پورتماننىڭ ئىچىدە نىمىلەر بار ئىدى ؟ ــ ئادىل ئەستايىدىللىق بىلەن سورىدى .
    - مىڭ يۈەن نەق پۇل ، يەنە سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتام ...قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى .
    - ئېم ... مۇنداق دەڭ ،ـ ئادىل شۇنداق دەپ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى ھەم ياقۇپجانغا قاراپ :
    - ياقۇپجان ، سىز بۇ كىشىنىڭ پۇل يۈتتۈرگەنلىكىنى خاتىرلەپ قۇيۇڭ .
    ياقۇپجان دەرھال دەپتەر –قەلەم ئېلىپ خاتىرلەشكە باشلىدى ، ئادىل ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ ئەمدى تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىكەي دەپ تۇرىشى بىلەن ئىشىك يىنىك چىكىلدى .
    - كىرىڭ .
    ئىشىك ئېچىلىپ چىرايىدىن ياشلىقنىڭ جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۆزى چىرايلىق ، گۈزەل بىر قىز كىرىپ كەلدى . بۇ ئادىلە ئىدى . ئادىل ئىختىيارسىز مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى ، ئادىلە ئەتراپىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن ، ئادىلنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى . ئۇ بۇ ساقچى باشلىقىنىڭ يېڭى كەلگەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغانىدى .
    - قىزچاق ، نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى ؟ ــ ئادىل ئۇ قىزغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن سورىدى.
    ـ مىنىڭ ئىسمىم ، قىزچاق ئەمەس ، ئادىلە ،- ئۇ شوخلۇق بىلەن شۇنداق دىگىنىچە ئادىلغا قاراپ مۇلايىمغىنە بىرنى جىلمايدى .
    -راست، راست ، بۇنى مەن بىلىمەن ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
    - مەن بىر نەرسىنى تاپشۇرۇپ بەرگىلى كەلگەنىدىم ...
    - نىمە نەرسىنى ؟
    - يولدا كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدىم . ئېڭىشىپ قارىسام پۇتلاشقىنىم باشقا بىر نەرسە ئەمەس ماۋۇ پورتمان ئىكەن ...ـ ئادىلە شۇنداق دەپ يېنىدىن بىر پورتماننى ئېلىپ ئادىلنىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى ، ــ ئىچىنى ئېچىپ قارىسام خېلى جىق پۇل بار ئىكەن ، مەن شۇ يەردە كىمنىڭ دەپ ۋارقىرىسام چۇقۇم ئىگىسى جىق چىقىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى ، شۇڭا ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم .
    باياتىن بېرى ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى ياقۇپجاننىڭ يېزىۋاتقان نەرسىسىگە قاراپ تۇرىۋاتقان كىشى پورتماننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تېزلا ئادىلەنىڭ قېشىغا كىلىپ پورتماننى ئېلىش ئۈچۈن قۇلىنى سۇنىۋىدى ، ساقچى باشلىقى ئادىل چاققانلىق بىلەن پورتماننى قۇلىغا ئېلىۋالدى . ھەمدە ئۇ كىشىدىن سورىدى :
    - بۇ پورتماننى مېنىڭ دىيىشىكە نىمە ئاساسىڭىز بار ؟
    -باشلىق بۇ پورتمان راستنلا مېنىڭ ، ئىشەنمىسىڭىز ئىچىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ . ئىچىدە مىڭ يۈەن نەق پۇل ، يەنە سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتام قاتارلىقلار بار . ئىسمىم ئابدۇل ، سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ئىسىمغا قارىسىڭىز بۇلىدۇ .
    ئادىل ئادىلەگە لەپپىدە بىرنى قاراپ قويغاندىن كىيىن پورتماننى ئېچىپ ئىچىدىكى پۇلنى ساناشقا باشلىدى، دەرۋەقە پورتماننىڭ ئىچىدىكى پۇل ئۇ كىشىنىڭ دىگىنى بىلەن ئوخشاش، سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ئىسىممۇ ئابدۇل ئىدى . ئادىل پورتماننىڭ ھەقىقەتەن شۇ كىشىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن ،پورتماننى ئۇ كىشىگە بەردى .
    - بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ ، بۈگۈن تەلىيىڭىز بار ئىكەن . ئەگەر پورتمان باشقا كىشىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا قايتۇرۇپ كىلىش تەس ئىدى . تەلىيىڭىزگە بۇ ئۆزىمۇ ، قەلبىمۇ گۈزەل قىزغا ئۇچرىغىنى ياخشى بوپتۇ .
    ئۇ كىشى پورتمالىنىڭ تېپىلغىنىدىن خۇشال بۇلۇپ ، ئۆزىنى قۇيىدىغان جاي تاپالماي ئادىلغا ئارقا -ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ كىتىۋىدى ، ئادىل رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك كىشىنىڭ ئادىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدى .
    - رەھمەت سىزگە ، شۇ تاپتا سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيۋاتىمەن ، سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت . خۇدايىم ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان ، خىزمىتىڭىزنى ئۇتۇقلۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي ،_ ئۇ كىشى شۇنداق دەپ ئادىلەگەمىننەتدارلىق بىلدۈرگەچ ، پورتماننىڭ ئىچىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقاردى -دە ، ئادىلەگە سۇندى .
    - بۇ .. بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ،- دېدى ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلمەي ، شۇتاپتا ئۇنىڭ ئۇ كىشى ئۇزاتقان پۇلنى ئالغۇسى كىلىۋاتاتتى . لىكىن ئۆزىنى تۇتىۋالدى ،ھەم ئۇ كىشىگە قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى .
    - رەھمەت سىزگە . جەمئىيەت قانچە تېز تەرەققى قىلغانسىرى ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە مۇرەككەپ بۇلىدۇ . لىكىن مەن ئىشىنىمەن ، ئەگەر پورتمانىڭىزنى باشقا كىشى تېپىۋالغان بولسىمۇ سىزگە قايتۇرۇپ بىرەتتى ، جەمئىيتىمىزدە يەنە نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بار . _ ئادىلە سۆزلەپ بۇلۇپ بۇنداق گەپلەرنىڭ قانداق ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ھەيران قالدى ، دەرۋەقە ساقچى باشلىقى ئادىلمۇ ئادىلەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ، ھەم ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى ، ئادىلە ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ گۈزەل كۈرۈنۈپ كەتتى .
    -ئەمىسە مەن كەتتىم ،_ دېدى ئادىلە ئادىلغا قاراپ قۇيۇپ .
    - رەھمەت سىزگە ، بۈگۈن ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدىڭىز ، سىزدەك ئالىيجاناپ قىزلار قانچە جىق بولغان بولسا شۇنچە ياخشى بۇلاتتى . ئەگەر خالىسىڭىز تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى يېزىۋالسام بۇلامدۇ ؟ كىيىن ساقچىخانىدىن سىزنى ئىزدەپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ،_ ئادىل قەستەن سوراۋاتتى ، ئۇ كۆڭلىدە بۇ گۈزەل ، ئالىيجاناپ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىۋاتاتتى .
    - رەھمەت ، مەن ئادەتتە تېلفۇن ئىشلەتمەيمەن . نىمىشقا دىسىڭىز تېلفۇنىڭىز بولمىسا سىزنى ئاۋارە قىلىپ تۇرىدىغان ئىشلاردىن بىردەملىك بولسىمۇ قۇتۇلۇپ ،ئەركىن ياشايسىز ئەمەسمۇ ؟!
    ئادىلەنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بۇ گىپى ئادىلغا بەك ئېسىل ئاڭلىنىپ كىتىپ باراتتى ، كۆڭلىدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇشقا تېخىمۇ قىزىقىپ كىتىپ بېرىۋاتاتتى .
    -خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى ماڭا يېزىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ . مەن سىز ياردەم قىلىدىغان ئىش چىققاندا چۇقۇم سىزنى ئىزدەپ تېلفۇن قىلىمەن .
    ئادىل بۇ گەپتىن بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ھەم ئالدىراپ بىر قەغەزگە ئۆزىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يوغان قىلىپ يېزىپ بەردى ھەم ئادىلەنىڭ قۇلىغا ئىككى قوللاپ ئۇزاتتى .
    ئادىلە كۈلۈمسىرگىنىچە ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ يەڭگىل قەدەم تاشلاپ ساقچىخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئادىل كۆزلىرىنى ئادىلەدىن ئۈزەلمەيۋاتاتتى ، ئادىلەنىڭ بۈگۈنكى سەمىمىيلىكى ھەم گۈزەللىكى ئادىلنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى . ئادىلەنىڭ قىياسەن ھالدا بىرەر داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، بىرەر ئېسىل ئۇرۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان قىزمىكىن دەپ ئويلىدى ....
    ئادىلە يول بۇيى كۈلۈپ مېڭىۋاتاتتى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭلىدە نەپرەتلىنىپ كېلىۋاتقان دادىسىغا بۈگۈن قانداقتۇر ئامراقلىقى كىلىپ قالدى ، دادىسىنىڭ بۇ <<قالتىس >> ھىيلىسىدىن سۈيۈنۈپ كەتتى ، كۆز ئالدىدىن ئادىلنىڭ مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان ، قاملاشقان چىرايى ، قۇلاق تۈۋىدىن بولسا ئادىلەنى ماختاۋاتقان سۆزلىرى كەتمەيتتى ... 

    ئەسلىدە بۈگۈن ئادىلە كىنوخانا ئالدىدا كىتىۋىتىپ قىستا -قىستاڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئۇ كىشىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن چىقىپ قالغان پورتماننى ناھايىتى ئاسانلا ئەپچىللىك بىلەن قولغا چۈشۈرگەن ئىدى .ئىچىنى ئېچىپ قارىغىنىدا بولسا كۆزلىرى بۈگۈنكى ئولجىنىڭ <<موللىقى >>دىن ئويناپ كەتكەنىدى . ئۆيگە قايتىپ دادىسىغا تاپشۇرغىنىدا دادىسى بۇ رايۇنغا يېڭىدىن بىر ساقچى باشلىقىنىڭ يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى ، ئادىلەنى  پورتماننى تېپىۋالغان كىشىنى دوراپ ساقچى باشلىقىنى تىڭ -تىڭلاپ كىلىشكە ئەۋەتكەنىدى . لىكىن ئويلىمىغان يەردىن ئادىلە بۇ ساقچى باشلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىدە ئەزەلدىن پەيدا بۇلۇپ باقمىغان بىر تۇيغۇنىڭ قەلبىدە خۇددى شامغا ئوخشاش پىلدىرلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدى ...

    **                            ***                                  *****     *****

    مانا ھەش -پەش دىگۈچە نەرگىزەنىڭ بۇ مەركىزى پايتەخت شەھەر بېيجىڭغا كەلگىنىگە بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى . 
    ئۈچ سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش نەرگىزەنى ھەددىدىن ئارتۇق چارچىتىۋەتكەنىدى . ئۇ ئازراق سەگىدەپ كىرىش ئۈچۈن سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ قۇيۇپ سىرتقا چىقتى .

    ئاھ ! كەچنىڭ ھاۋاسى نىمە دىگەن پەيزى ، جانغا ئارام ھە ! ئۇ بۇ ساپ ۋە ئىللىق ھاۋادىن ھۇزۇرلانغاچ ،مەكتەپ ئىچىدە يالغۇز ئايلىنىشقا باشلىدى . باشقا سىتۇدىنتلار تېخى كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتمىغان ، مەكتەپ ئىچى جىمجىت ، تىنچ ئىدى . بۇ كەچ مەكتەپ ئىچىمۇ ، يوللارمۇ ، مەكتەپ بېغىدىكى مەجنۇنتال ، قارىغاي ، گۈللەرمۇ ، ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىمۇ ،ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ نەرگىزەگە باشقىچە ئىللىق ۋە يېقىملىق ، بۇ ئايدىڭ كىچە بەكمۇ گۈزەل  تۇيۇلدى .

        ئۇ بۇ گۈزەل مەنزىرلەردىن كۆڭلى شادلىنىپ چوڭقۇر خىياللار بىلەن چىراغ نۇرى ئاپئاق يۇرۇتۇپ تۇرغان تار باغچا يۇلىدا كىتىپ باراتتى . قاياقتىندۇر كەلگەن يېقىملىق كۈلكە ئاۋازى ئۇنى خىيالىدىن توختىتىپ ،ئەتراپىغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى . ئەتراپتا دەرس تەييارلاپ يۈرگەنلەردىن باشقا كىشى كۈرۈنمەيتتى . ئارقىدىنلا بىر يىگىتنىڭ چەتئەل تىلىدا سۆزلەۋاتقان زىل ئاۋازى ئاڭلاندى . نەرگىزە تەئەججۈپ ئىلكىدە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىۋىدى ، رەڭگارەڭ گۈللۈكلەر ۋە مەجنۇنتاللىق باغچىنىڭ ئوتتۇرسىغا قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا بىر يىگىت چىراغ يۇرۇقىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى . نەرگىزە قىزىقىش ئىلكىدە قۇيۇق ئۆسكەن بىر تۈپ قارىغاينىڭ دالدىسىغا ئۈتۈپ ئۇ يىگىتكە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى . يىگىت كىتابقا قاراپ ئىنگىلىزچە بىر نىمىلەرنى ئوقۇدى ، ئۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ۋە راۋان ئوقۇدىكى بىردەمدىلا بىر بەتنى ئوقۇپ بولدى . نەرگىزە بۇ يىگىتنى تۇنۇيتتى ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق سەلتەنىتى بىلەن كۆرگەنلا كىشىدە زوق قوزغايدىغان بەستلىك ، خۇش چىراي ، بۇغداي ئۆڭ ، قارا قاش ، مەردانە قىياپەتلىك بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئەخمەت بۇلۇپ ، ئىنگىلىزتىلى فاكۇلتىتىدا ئوقۇيتتى . نەرگىزە ياتاقداشلىرىدىن دائىم ئۇنىڭ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچانلىقى ، ئۆزىنىڭ تۇلىمۇ كىلىشكەنلىكىنى تۇلا ئاڭلىغان ئىدى . مانا بۈگۈن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى . نەرگىزە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ دەرۋەقە راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ، ئۇنىڭغا قايىللىق ھىسلىرى بىلەن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا قاراپ قالغانىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى . ئۇ جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، شۇ پەيتتە ئەخمەتمۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، قارىغاي دەرىخىنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نەرگىزەنى كۈرۈپ قالدى . ئوتلۇق كۆزلەر بىر -بىرى ئۇچراشتى . نەرگىزە دەرھال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدى .

     __ نەرگىزە !

    ئەخمەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ نەرگىزەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى . << ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلدىكىنە ؟ ۋاي ئاللاھ ...قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ توختايمۇ ياكى ئاڭلىمىغانغا سىېلىپ كىتىپ قالايمۇ ؟ ...>> نەرگىزە شۇلارنى ئويلاپ يەنىلا توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى .

     ئەخمەت نەرگىزەگە يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ، نەرگىزەنىڭ يۈرەك سېلىشى بىردىنلا تېزلىشىپ جىددىيلىشىپ كىتىپ باراتتى .

     __ نەرگىزە ! ..._ دېدى ئەخمەت ئۇنىڭغا سالام بەرگەچ ،__ سىزنى بۇ مەكتەپتە ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن . ئالدىنقى كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسدا سىزنى كۈرۈپ ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالغانىدىم . مېنى تۇنۇيالىدىڭىزمۇ ؟

    نەرگىزە ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ، ئەخمەتنى  تۇنۇشىغۇ تۇنۇيتتى ، ساۋاقداشلىرىدىن گىپىنى ، تىرىشچانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى مۇلايىم ، ئېسىل بالا ئىكەنلىكىنى تولا ئاڭلىغان  . لىكىن ئۇنىڭ گىپىدىن قارىغاندا ئەخمەت ئۇنى خېلى بۇرۇنلا تۇنۇيدىغاندەك قىلاتتى ، نەرگىزە ئۇيقۇدىن يېڭىلا ئويغانغان ئادەمدەك سەگەكلەشتى . لىكىن ئۇ ئەخمەتنى  نەدە ، قانداق ھالەتتە كۆرگەنلىكىنى پەقەتلا ئېسىگە ئالالمىدى . شۇنىڭ بىلەن خىجىلچىلىق ھىس قىلىپ بېشىنى ئەگدى .

     __ بىر يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانمىدىڭىز ؟ __ دېدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ ئۆزىنى تۇنۇيالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن .

    نەرگىزەنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى كەلدى ، نەرگىزە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ ، بىر قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا مەكتەپتىن ۋەكىل بۇلۇپ ئەۋەتىلگەنىدى . نەچچە كۈنلۈك ئېچىلغان جەرياندا ئەخمەت بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانىدى . ئەخمەتمۇ مەكتىپىدىن ۋەكىل بۇلۇپ كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەرگىزە بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەنىدى . ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىگە ناھايىتى ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ھەم كىتىش ئالدىدا بىر -بىرىنىڭ دوستلۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنىمۇ يېزىشقانىدى .

    - تېخىچە تۇنۇيالمىغان ئوخشىمامسىز ؟

     نەرگىزە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەسلىگە قايتىپ  ئەخمەتنى تۇنۇيالمىغانلىقىدىن خىجىل بۇلۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى ھەم :

     _ ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، قەتئىي خاپا بولماڭ، ئارىدىن ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى ئەمەسمۇ ، راستنلا تۇنۇماي قاپتىمەن ... ئۇنىڭ گەپلىرى قولاشماي قالغانىدى ، بۇ ھالدىن ئەخمەت كۈلۈپ كەتتى .

     _ ھا..ھا.. ھېچقىسى يوق، تۇنۇغان بولسىڭىزلا بولدى ، يەنە تۇنىمىغان بولسىڭىز تېخى ئۆزەمنى قايتىدىن تۇنۇشتۇراي دەپ تۇرغان ...

     ئىككىسى شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ تۇردى ، بىر -بىرىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىشىۋالغاندىن كىيىن كىيىن پات- پات ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتى . شۇدەمدە ئەخمەتمۇ ، نەرگىزەمۇ خۇشال ئىدى ، بۇ تۇلۇنئايلىق كىچە ھەر ئىككىسگە تېخىمۇ گۈزەل بىلىنىمەكتە ، قەلبىنى خۇشاللىق ، ھاياجان ھىسلىرى چۇلغىۋالغانىدى ...