ئالدىنقى بىر يازمىدا بۇ نادىر كارتوننى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم بىلەن قوشۇپ بىر يازما يوللىغان ئىدىم. شۇ يازمىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن كونا كېسىلىم قوزغىلىپ، بۇنى قانداقلا بولمىسۇن بىر تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەپقالدىم. شۇنىڭ بىلەن 3 كۈن ھەپىلىشىپ تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ كەسىپ ئەھلىلىرىگە ئىشلەشكە تاپشۇردۇم.

بۇ نادىر كارتون برازىلىيەنىڭ چوڭ شەھىرى رىيودى ژانىيرونىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان بولۇپ، فىلىم باشتىن ئاخىر چىرايلىق كۆرۈنۈش، يۇمۇرىستىك ۋە رەڭگارەڭ گۈزەل قۇشلار، قىزغىن قايناق ھېسيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مۇزىكا بىلەن داۋام ئېتىدىغان بولۇپ، كىشىگە ئىستىتىك زوق بېغىشلايدۇ. بۇ يىلقى ئەڭ نادىر كارتون دېيىشكە بولىدۇ (ئەلۋەتتە بەزىلەر جانباز مۈشۈكئېيىق تەرەپدارى بولىشىمۇ مۇمكىن).

بۇ فىلىمنىڭ باش رولچىسى بلۇغا ئىجتىمائى ئالاقە تورى Social Network دېگەن فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى مارك زاكىربۇرگنىڭ رولىغا چىققان جېسىي ئېيسىنبۇرگ Jesse Eisenberg ئاۋاز بەرگەن.

بلۇنىڭ «لايىقى» جۇۋلغا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ئەننى ھەزىۋەي Anne Hathaway ئاۋاز بەرگەن.

فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقتىكىسى ئاللاھ خالىسا مۇشۇ بىر ئىككى كۈن ئىچىدە تورغا يوللىنىدۇ. ئۇ چاغقىچە فىلىمگە ئاۋاز بېرىش، مۇزىكا ئىشلەش قاتارلىق بىر قاتار قىسقا فىلىملەرنى كۆرگەچ تۇرايلى.
بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمى 1

ئاۋاز بېرىش كۆرۈنۈشلىرى

بۇ فىلىمنىڭ ۋەكىللىك مۇزىكىلىرىدىن I Wanna Party

فىلىم ئاخىرىدىكى يەنە بىر پەچەت ناخشا Telling The World

فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى شاھ بلوگىدا ئېلان قىلماقچى. ئاللاھ خالىسا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن 1-ۋاقىتتا كۇلۇپتىمۇ ئېلان قىلىمەن ھەم سۈزۈك نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويىمەن. ياقتۇرغانلار ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر فىلىم. دىققىتىڭىز كۇلۇبىمىزدا بولسۇن.



无觅相关文章插件,快速提升流量



6 دانە ئىنكاس چۈشتى.

  1. divan bikarrr bolsila oltirdigan ga adam barrr

  2. مەنمۇ ئۆتكەندە« غەزەپلەنگەن قۇشقاچ » نىڭ « رىيو » نۇسخىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كۆرۈپ چىققانتىم… زادى بولىدىغان كىنوكەن… ماۋۇ تەرجىمسى چىقسا ئۆيدىكى باللاغا قايتا بىر قۇيۇپ بىرەي…  

  3. ياقەي! ۋاڭبانىڭ لاجى كومپىيوتىرىدا چىققانتىم.شۇڭىلاشقا……

    • سىزنى ئۇيغۇر دىسە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ..توۋۋا…ئانا تىلىنى قەدىرلىمەيدىغان مۇشۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەم زادى چىداپ تۇرالماي قالىمەن.!!!!

  4. بولسا پاسىبان بىلوگىدىنمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەرنى كۆرەلىسەك گۈل ئۈستىگە گۈل قونغاندەك ئىش بولاتتى….بولوپمۇ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىلىشى، سىتىۋجوبىسنىڭ نۇتۇقلىرىنى دىگەندەك…

باھا يېزىش

(تەلەپ قىلىنغان)

(تەلەپ قىلىنغان)

تېزلەتمە كونۇپكا Ctrl + Enter

باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟
:welcome: :vict: :upset: :shy: :rose: :roll: :right: :razz: :oh,no: :oh,no2: :o))): :night: :naive: :lol: :left: :kungfu: :knife: :knife2: :heart-brake: :good: :evil: :cute: :curse: :cry: :cry2: :cool: :bingo: :beauty: :appoint: :angry: :?: :...: :-| :-o :-D :-? :) :( :!: 8-O 8)

© 2014 پاسىبان بلوگى Suffusion theme by Sayontan Sinha
E-mail : ICP 备案 : 新ICP备10202432号
بەت ئۈستىگە قايتىش