ئاماننىساخان
ۋاقىت : 2013-11-09 23:43 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 13659927373 | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
دەرس تېمىسى : ئاماننىساخان ئوقۇتۇش نىشانى : بىلىم ۋە قابىليەت :تېكېستنى روللارغا بۆلۈنۈپ ھېسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش ، موھىم سۆز جۈملىلەر ئارقىلىق ئاماننىساخاننىڭ خاراكتىرىنى ئىگەللەش ئۇسۇل ۋە جەريان : كۆزىتىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق كىچىك سۇئاللار ئاساسىدا مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇپ ، ئاماننىساخانغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش . ھېسيات پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى : ئاماننىساخاننىڭ تىرشىچان ،قەيسەر ، جاپادىن قورقمايدىغان ،كۆيۈمچان روھىدىن ئۆگىنىش تەربىيىسى بېرىلىدۇ . موھىم نوقتا :تېكىستنى روللارغا بۆلۈنۈپ توغرا ، راۋان ، ھېسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش. قىيىن نوقتا :موھىم سۆز جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلق ئاماننىساخانننىڭ خاراكتىرىنى ئىگەللەش . ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : كۆزىتىش ئۇسۇلى ، بايقاش ، بايان قىلىش ئۇسۇلى، مۇھاكىمە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى . ئۆگۈنۈش شەكلى : ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكلى ، ئىزدىنىپ ئۆگۈنۈش شەكلى،مۇستەقىل ئۆگۈنۈش شەكلى . ئوقۇتۇش ۋاستىسى: مۇقامشۇناس ئاماننىساخاننىڭ رەسىمى ، مۇقامدىن ئارىيە . دەرس تىپى،دەرس سائىتى : يېڭى دەرس ، بىر سائەت ئوقۇتۇش جەريانى يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش . ساۋاقداشلار بىز ئالدىنقى سائەتتە تېكىستنى ئوقۇشنى ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆگۈنىۋالغان ئىدۇق . سىلەرگە بىر ئائىلە تاپشۇرۇقى بىرىلگەن ئىدى ،قىنى قايسى ساۋاقداش 12مۇقامنىڭ نامىنى ئېيتىپ باقىدۇ ؟ ئاماننىساخان كىم؟ قاچان ، قەيەردە تۇغۇلغان ؟ ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل جاۋاپ بېرىدۇ . چارىگاھ ، پەنجىگاھ ، سىگاھ ، باياۋان ، چەبىيات ، ئەجەم ، ................ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاپلىرىنى تۇلۇقلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ. يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش تېكىستنى روللارغا بۆلۈنۈپ ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ .ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ .باشقا ساۋاقداشلار موھىم جۈملىلەرنى بايقاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئوقۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن موھىم جۈملىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، جۈملە تەھلىل قىلىنىدۇ . ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوستازىم !ــ قولىدا ساتار كۆتۈرگەن غۇنچە بوي قىز سالام بەردى. ـــ ۋەلەيكۇم ئەسسالام ،كېلىڭ قىزىم ، كېلىڭ،دادىڭىز كەلمەپتىغۇ؟ ـــ يالغۇز كەلدىم ،ـ دېدى قىز پىشانىسىدىكى مۇنچاق-مۇنچاق تەرلەرنى سۈرتۈپ . ـــ يالغۇز كەلدىم؟! شۇنچە ئوزۇن يولنى پىيادە بېسىپ كەلدىڭىزما ؟ بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل تەھلىل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بايان قىلىدۇ ، تۈزىتىش،تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئولار بىر نەچچە كۈن بېرىلىپ مەشىق قىلدى ............. بۇ جۈملىلەرنى ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل تەھلىل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار بايان قىلىدۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايانلىرى تۈزىتىش،تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ــ دادام ساقايمىسا مەنمۇ مۇزىكىنى ياخشى چالالمايدىكەنمەن، شەھەرگە بېرىپ سادىر تېڭىقچىنى باشلاپ كەلسەم.................؟ دەپ ئويلىدى . بۇ جۈملىنى ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل مۇلاھىزە قىلىدۇ ،ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرۇغا قويىدۇ ، تۈزىتىش تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ـــ ئۇستازىڭغا تەشەككۈر، دادام ئىككىمىز بۇ پۇلنى كۈيخانا سېلىش ئۈچۈن ئويلاشقانىدۇق ، ماقۇل كۆرگەيلا ! بۇ جۈملىنى پارتىداشلار ئارا مۇلاھىزە قىلىدۇ .ئولىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ .تۈزىتىش ۋە تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . ساۋاقداشلار ، تېكىسستە يەنە « مۇقامچى ، تېڭىقچى ، غەزەلنى،چاچلىق ، كۈيخانا›› قاتارلىق سۆزلەرنى ئوقۇپ ئۆتتۇق ،بۇ سۆزلەرنىڭ سۆز تومۇرى بىلەن قوشۇمچىسىنى ئايرىپ باقايلى. ئوقۇغۇچىلار مۇستەقلىل ئايرىيدۇ .ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغانلىرى تەكشۈرۈلۈپ،تۇزىتىش،تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش ۋە بىلىمنى كېڭەيتىش سۇئاللار ئاساسىدا دەرس مەزمۇنىنى ئىگەللەش. 1) ئاماننىساخان قانچە ياش ۋاقتىدا مۇقام ئۆگۈنۈشكە باشلىغان ؟ سىزمۇ مۇشۇ بالىلىق ۋاقتىڭىزدا بىرەر ھۈنەرگە ياكى بىرەر نەرسە ئۆگۈنۈشكە قىزىقىپ باقتىڭىزمۇ ؟ 2) قېدىرخان ئۇستاز ئاماننىساخانغا مۇقام ئۆگۈتۈشكە باشلاپتۇ ، ئۇلار نېمەگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ؟ 3) ئۇستازى نېمە ئۈچۈن ئەنسىرىدى ؟ ئاماننىسا ئۇستازى ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندا كەلدى، بۇچاغدا نېمە ئۈچۈن ئۇستازىنىڭ يۈزى ئاپتاپتەك كېتىدۇ؟ بۇ جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بارمۇ ؟ 4) ‹‹شۇنچە ئۇزۇن يولنى پىيادە بېىسىپ كەلدىڭىزمۇ ؟›› سىز مۇشۇ جۈملىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئۇلار بىركۈن بېرىلىپ مەشىق قىلدى ،بىراق ئۇستازى شاگىرتىنىڭ ئىپادىسىدىن تازا رازى بولۇپ كېتەلمىدى . بۇ جۈملىدىن سىز نېمىنى ھىس قىلدىڭىز ؟ ئاماننىسا نېمە ئۈچۈن ئۇستازىنى رازى قىلالمىغاندۇ؟ ئاماننىسا دادىسىدىن ئەنسىرەپ ياخشى قىلالمىدى ،بۇ چاغدا ئۇ نېمە قىلماقچى بولدى؟ «تولۇن ئاي كۆكنىڭ قەرىگە چىققان چاغدا ئۆيگە قايتىپ كەلدى ›› سىز بۇ جۈملىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز ؟ سىزمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا كۆيۈمچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ بىرەر ئىش قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز ؟ ئاماننىسا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈرەكتە قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ؟ئەگەر ئاماننىساخان قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئېگىپ بەل قويۇۋەتكەن بولسا قانداق ئاقىۋەت كىلىپ چىققان بولاتتى ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئاماننىساخان كۆرەكتە ئالغان مۇكاپاتىنى نېمىگە ئىشلەتمەكچى بولدى ؟ سىز بۇنىڭدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز ؟ ئاناننىساخاننىڭ مۇشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشىگە نېمە سەۋەپ بولدى؟ مۇستەھكەملەش خۇلاسە ‹‹ جاپانىڭ تېگى ئالتۇن ›› دېگەن ماقالنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق خۇلاسە قىلىنىدۇ . خۇلاسە : بىزدە تىرىشچانلىق بولسا ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۆزلىگەن نىشانغا يېتىمىز،ھەرقانداق ئىشلاردە نەتىجە قازىنىمىز . شۇڭا ئۆزىمىزدە جاپاغا چىداش ئېڭىنى يېتىلدۇرۈشىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى نىشانى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىشىمىز ،تىرىشىشىمىز لازىم .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماسلىقىمىز ، ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ،مەدىنى مىراسلىرېمىزنى قوغدىشىمىز، ئاسرىشىمىز لازىم . تاپشۇرۇق : ئاماننىساخانغا بولغان ھۆرمەت ھىسياتىڭىزنى ئىپادىلەپ پارچە يېزىپ كېلىڭ . دوسكا لاھىيىسى 11.ئاماننىسا جاپاغا چىدايدىغان روھقا ئىگە بولۇپ ،قىيىنچىلىقنى ئاماننىساخان تىرىشچان يېڭىپ تىرىشىپ ئۆگەنگەندە ،ھەر كۆيۈمچان قاندق ئىشتا غەلبە قىلغىلى بولىـ مۇقام ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ـدىغانلىقىنى ، مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى مەڭگۈ ئەسلىشىمىز ، مەدىنى مىراسلىرىمىزنى قۇغدىشىمىز ،ۋارىسلىق قىلىشمىز لازىملىقىنى بىلىۋالدۇق
(تەھرىر : ئىزدەن)