دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
ئوسمان قۇربان
دەرسخانا دېگەن نېمە؟ بۇ ئاڭلىماققا ئاددىي، ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن مۇرەككەپ ئۇقۇم. دەرسخانا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سورۇن ئەمەس، ئۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن ئورتاق پائالىيەت قىلىدىغان سورۇن. دەرسخانا ئوقۇغۇچىلارنى چېنىقتۇرىدىغان جاي ئەمەس بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىدىغان، ئەخلاق ئۆگىتىدىغان، قانداق ياشاشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مەنىۋى پائالىيەت سورۇنى.
دەرسخانا ئوقۇتقۇچى بىلىم يەتكۈزىدىغان، مۇھىمى ئوقۇغۇچى بىلىم ئىزدەيدىغان سورۇن. دەرسخانا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان سورۇن ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان سورۇن. دەرسخانا دائىم ھەرىكەت ھالىتىدە بولىدۇ. يۇنان پەيلاسوپى ئېيتقاندەك: ‹‹بىر ئادەم بىر ۋاقىتتا ئىككى ئېقىنغا كىرەلمەيدۇ››، بىر ئوقۇتقۇچى بىر دەرسخانىغا ئىككى قېتىم كىرەلمەيدۇ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ پوزىتسىيىسى، جۇغلانغان بىلىم ۋە تەجرىبىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دەرسخانىنىڭ فىزىكىلىق دائىرىسىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئۈچۈن بىر سىناق. ئوقۇتقۇچى ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتۇشتا مەۋقەنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ روھى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلىگەندە، دەرسخانىدا ئاندىن جانلىق كەيپىيات يارىتىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرەلەيدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مۇھىتتا ئوقۇغۇچىلارغا كىتابتىكى مەۋھۇم دۇنيا بىلەن ئۇلار ياشاۋاتقان ھازىرقى دۇنيانىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئۇلارنى ئىلىم – پەن ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل بولغان دۇنيانى يارىتىش يولىدا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىخلاندۇرۇش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشى كېرەك.
دەرسخانىنى چۈشىنىشنىڭ چېكى يوق، ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە قاتلامدىن دەرسخانىنى كۆزەتكەندە ئوخشىمىغان يەكۈنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ‹‹دەرسلىك ئىسلاھاتى يېڭى دەرسلىك››نىڭ ئاساسى بولغان يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى شارائىتىدا شەكىللەنگەن جانلىق دەرسخانا شەكلى، بىزنىڭ دەرسخانىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا يېڭى يول ئاچىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييار
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- 4-يىللىق گۈزەل سەنئەت 2-ماۋسۇملۇق 14- دەرى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خە
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىن
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- 4-يىللىق گۈزەل سەنئەت 2-ماۋسۇملۇق 14- دەرىس خىلم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خەۋەر
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى