ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى بىتخوۋېن

ۋاقىت : 2014-03-03 00:34 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : babor | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
دەرىس تەييارلىغۇچى ئوسمانجان دۆلەت دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت 2011- يىلى2- ئاينىڭ 25- كۈنى
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ 7- يىللىق 2-، 3- سىنىپ  3- سائەتلىك دەرىس لايھەسى
دەرىس تىمىسى مۇزىكا پىشىۋاسى بىتخوۋېن
ئاپتۇرى خې ۋېي ژانىرى ئەدەبىي تەرجىمھال خارەكتىرلىك ئەسەر
ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم  نىشانى بىتخوۋىننىڭ كىملىكى ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلىۋېلىش.
بىتخوۋىننىڭ ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ، ئاليىجاناپ ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە بىر مۇزىكا پىشۋاسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش.
ئىقتىدار نىشانى بىتخوۋىننىڭ ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ، ئاليىجاناپ ئەخلاقى پەزىلىتى، مەشھۇر كىشلەرنىڭ ۋاقىتىنى قەدىرلەش روھىدىن ئىلھام ئېلىش ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يىتلدۈرۈش.
ھىسىيات نىشانى مەشھۇر شەخىسلەرنى ھۆرمەتلەش ، ئەنئەنىۋى مىسراسلارنى قەدىرلەش ، مەشھۇر كىشلەرنىڭ ۋاقىتىنى قەدىرلەش روھىدىن ئىلھام ئېلىش ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يىتلدۈرۈش.
مۇھىم نوختا بىتخوۋىننىڭ كىملىكى ، ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلىۋېلىش.
مەشھۇر شەخىسلەرنى ھۆرمەتلەش ، ئەنئەنىۋى مىسراسلارنى قەدىرلەش ، مەشھۇر كىشلەرنىڭ ۋاقىتىنى قەدىرلەش روھىدىن ئىلھام ئېلىش.
قىيىن نوختا بىتخوۋىننىڭ ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ، ئاليىجاناپ ئەخلاقى پەزىلىتى ۋە مەشھۇر كىشلەرنىڭ ۋاقىتىنى قەدىرلەش روھىدىن ئىلھام ئېلىش ، ياخشى ئەخلاقى پەزىلەت يىتلدۈرۈش.
ئوقۇتۇش قۇراللىرى دەرسىلىك كىتاب، دوسكا، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، بىتخوۋېن مۇزىكىللىرى
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش ساۋاقداشلار سىلەر ئۇيغۇر مىللىتى بۇلۇش سۈپىتىڭلار ھەممىڭلار سەنئەتكە ھىرىسمەن، ئۇنداق بولسا قېنى كىم ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇزىكا ئىجادىيەتچىللىرىدىن 5 نىڭ نامىنى ئېيتىپ بىرەلەيدۇ؟
 كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇزىكىغا قىززىقىدۇ. ئۇنىداقتا سىلەر قانداق داڭلىق مۇزىكانىتلارنى بىلىسلەر؟ قېنى كىم ئېيىتپ بىرىدۇ؟ ( مۇزىكا دەرسلىك كىتابىتىن كۆرسىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ . ) مۇزىكا ئاڭلىتىلىپ يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا خۇلاسىلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن، يىڭى دەرىس باشلىنىدۇ.
ئۇنداقتا بىز « تەقدىر سىمفونيسى » « دالا سىمفونىيسى » قەلىپ تارىىمىزنى چەككەن ، تەقدىرنىڭ ئېىغىر زەربىسىگە ئۇچىرىغان ئۇلۇغ مۇزىكانىت بىتخوۋىن بىلەن تۇنۇشىمىز.
تىكىسىت ئوقۇلىدۇ. ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇراتقان يىڭى سۆزلەرگە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىزاھات بىرىلىدۇ.
لۈكچەك  _  ئۇرۇش- تالاش ، جىدەل- ماجىرادىن يانمايدىغان ، ئەخلاقى- پەزىلىتى ناچار ،  ئەخلاقىسىز .
ئېنگىلىزچى _  ئىنگىلىزلارنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى .
ئارىسالدى _ ① قانداق قىلىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغان ، ئىككىلەنگەن . ② جىدديىلىك ، ئالدىراشلىق پەسەيگەن ، بۇشىغان. ③ قانداق قىلىشنى ،  نېمە قىلىشنىنى بىلمەي ئىككىلىنىش . 
پالاكەت _ ① كىشىلەرنىڭ ئختىيارىدىن ، ئىرادىسىدىن تاشقىرى ؛ ئۇشتۇمتۇت ، كۈتۈلمىگەندە يۈز بىرىدىغان ھادىسە ؛ بەختسزلىك ، بالا- قازا ؛ ئاپەت . ② كۆچمە . چاققان ئەمەس ، لەقۋا ، لايىغەزەل ، ئېپى يوق ؛ كىلەڭسىز .
تەبەسسۇم _  كۆلەمسىرىگەن ھالەت ، كۆلەمسىرەش ، ئىچ – ئىچىدىن پەيدا بولغان خۇشاللىق ھىسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان چىراي ئىپادىسى .
ئويچان _ ئۇيغا پاتقان ، خىيال سۈرگەن ؛ خىيالچان ، تولا ئويلايدىغان .
بەخىش ئېتىش _  ئاتا قىلىش ، بېغىشلاش ، بىرىش دېگەن مەنىدە .
مەيۈس _ روھى چۈشكۈن ، روھىسىز ، ئۈمىدسىز ، غەمكىن ، پەرىشان .
رىتىم _  ① بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئارىلىقىدا مەلۇم تەرتىپ ۋە ئۆلچەم بۇيىچە تەكرارلىنىپ تۇرۇشى . ② ناخشا ياكى مۇزىكا تاۋۇشلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا نۆۋەت بىلەن بىر كۈچىيىپ بىر ئاجىزلاش ياكى بىر ئۇزىراپ بىر قىسقىرىشى . ③ شېئىرىي نۇتۇقتىكى بىر خىل مىقداردىكى سۆز بۆلەكلىرىنىڭ ئىزچىل ۋە بىر ئۆلچەمدە تەكرارلىنىپ كىلىشى .
يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىلىگەندىن كېيىن بىتخۇۋىننىڭ سۈرىتى كۆرستىلىدۇ ۋە بىر قانچە
ئوقۇتۇش جەريانى مۇزىكىسى كۆرسىتىلدۇ.
بىتخوۋىننىڭ كىملىكى ۋە ھاياتى پائالىيتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇش ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگىنىپ ئۆتكەن « ئايدىڭ مۇزىكىسى » ناملىق ئەسەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەسلىتىپ بىرىلىدۇ. بىتخوۋىن توغىرىسدىكى مەلۇماتلارنى دەرسلىك كىتابىتىن كۆرۈشكە يىتەكلىنىدۇ.
بىتخۇۋىننىڭ ۋاقىتنى ، ھاياتىنى قەدىرلەش رۇھىنى ، ئۇنىڭ روھىيتىدىكى ياخشى ئەخلاقى – پەزىلەتلەرنى ئۆگىنىش توغرىسدا ئەخلاقى تەربىيە بىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇشقا باھا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ مەشھۇر بولىشىدىكى سەۋەپلەر قايسى ؟ كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەڭ.
ئىنسانىيەتكە قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا رۇھى بايلىقى ۋە ئۇلارنىڭ رۇھىيتىدىكى ئالىيجاناپلىقتىن ئىبارەت.
تاپشۇرۇق مەزمۇنى سىزگە بىتخوۋېننىڭ قايسى سۆزلىرى بەك تەسىر قىلىدى؟ ئايرىپ كۈچۈرۈپ كىلىڭلار.
نىشان ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى   2011- يىلى       - ئاينىڭ      - كۈنى
 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(3)
75%
ناچاركەن
(1)
25%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ