ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى

ۋاقىت : 2014-03-28 23:16 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 月和蔼 | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

2013-2014-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق 8-يىللىق 2-سىنىپ ،فىزىكا دەرسىنىڭ دەرس لايىھىسى

 

 

 


 
          ھەپتە            2013-يىلى ---ئاينىڭ ....كۈنى
ئىلىم پەنگە سەپەر
ئوقۇتۇش نىشانى:
●                بۇسائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا بۇدەرىسنى ئۆتۈش ئارقىلىق فىزىكا پىنى ئاۋاز ھادىسىسى  ،يورۇقلۇق ھادىسىسى، ئىسسىقلىق  ھادىسىسى، كۈچ  ھادىسىسى، ئىلىكتىر ھادىسىسى  ھەركەت    قاتارلىق ھەرخىل  شەكىلدىكى فىزاكىلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈش
 •فىزىكا پىنىنى ئۆلگە كۆرسىتىش ،ئويلىنىپ ئىشلەش ،كولتىقىپ تەجىرىبە ئىشلەش ئۇسۇللىرنى قوللىنىپ ئۈگۈنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش  
●   كۆپ ئۇچرايدىغان فىزىكىلىق ھادىسىلەر بىلەن خىمىيەلەك ھادىسىلەرنى بىر بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈپ ئايرىيالايدىغان بولۇش 
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
مۇھىم نۇقتا:         ئۆتۈش ئارقىلىق فىزىكا پىنى ئاۋاز ھادىسىسى  ،يورۇقلۇق ھادىسىسى، ئىسسىقلىق  ھادىسىسى، كۈچ  ھادىسىسى، ئىلىكتىر ھادىسىسى  ھەركەت    قاتارلىق ھەرخىل  شەكىلدىكى فىزاكىلىق ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرۈش
 قىيىن نۇقتا: فىزىكا  پىنىنى ئۈگەنگەندە فىزىكا  پىنىنى قانداق  ئۈگۈنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىتىش
 دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش ئەسۋابى:  ئستاكان .كولبا كولبا قىسقۇچ ،لوپا ئەينەك ،تىكتاك توپ ،ۋىرىنكا رەزىنكە شار ،گاز يىغىش پوتۇلكىسى  ،ماگىنىت ،مىسسىم  ،باتارىيە 
دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى :كۆرسەتمە ،سۆھبەتلىشىش،ئىزلىنىش ،مۇھاكىمە قىلىشئۇسۇللىرى
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپىدىكى  ھەرخىل ھەرياڭزا تەبىئەت ھادىسىللىرنى  سۆزلەتكۈزىلىدۇ  ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى سۆزلەتكۈزۈپ  دەرىس تىمىسى كىرگۈزىلىدۇ
  ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى: ئوقۇغۇچىلار كۆرسەتمىلىك رەجىربىلەرنى كۆرگەندىن كىيىن  ھۇزۇر ئالغاندىن كېيىن مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىپ، قىياس قىلىنىدۇ.
كىتاپتىكى رەسىم ۋە  ئىشلەنگەن كۆرسەتمە تەجىربىلەر ئاساسىدا دەرىس تىمىسى كىرگۈزۇلىدۇ
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
ئىلىم پەنگە سەپەر
كۆرسەتمىلىك تەجرىبە:
1 )   .3-بەت    1-رەسىمدىكى كۆرسەتمىلىك تەجىرىبە ئىشلەپ كۆرسىتىلىدۇ
2)  3-بەت -.3-رەسىمدىكى  ئويلىنىپ ئىشلەش  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ ،
3)4-بەت 2.4 –رەسىمدىكى تەجىرىبە ئىشلىنىدۇ ۋە ئوقوغۇچىلار مۇلاھىزگە ئورۇنلازتۇرلىدۇ 
ئوقۇغۇچىلارنى تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاشقا يېتەكلەپ، نەتىجىگە ئېرىشىش؛
سۇئال ئوتتۇرغا قويۇش :فىزىكىنى قانداق ئغگۈنىش كىرەك ?
نەتىجىگە ئېرىشىش؛1- كۈزتۈشكە ماھىر بولۇش ، قولسىلىپ ئىشلەشنى خالاتدىغان بولۇش
2-پىكىر يۈرگۈزۈشكە تىرشىش ،چۈشۈنىشنى موھىم ئورۇنغا قويۇش .
3- ئەمەلىيەتكە باغلاش ، جەمىتەتكە باغلاش
 خۇلاسە:
بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى تەكىتلەش.
تاپشۇرۇق:
دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ .
دەرستىن كېيىنكى يەكۈن..

 

 

 

 

 

 

 

 

 

  ھەپتە            2013-يىلى ---ئاينىڭ ....كۈنى

1 – باب مىخاينىك ھەركەت
 §1. ئۇزۇنلۇق ۋە ۋاقىتنى ئۆلچەش
ئوقۇتۇش نىشانى:
بىلىم ۋە ماھارەت.
●  مۇۋاپىق قوراللاردىن پايدىلىنىپ ۋاقىت ۋە ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچىيەلەيدىغان بولۇش .
●ئۆلچەشتە خاتالىق پەرقى بولىدىغانلىقى   خاتالىق پەرقى بىلەن خاتالىقنىڭ پەرىقلىنىدىغانلىقىنى  ئۇقۇۋىلىش
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
مۇھىم نۇقتا: كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تەجىرىبە ،بويۇم  ياكى تەبىئەت ھادىسلىر     ئارقىلىق ۋاقىت ۋە ئۇزۇنلۇقنى يۈزەكى مۆلچەرلەش ئۇسۇلىنى ئۆز تەجىربىسىدىن ئۆتكۈزۈش
مۇھىم ھالقا:   ئۇزۇنلىقنى ۋە ۋاقىتنى  ئۆلچەشنى ئۈگۈنىۋىلىش،  ۋاقىت ۋە ئۇزۇنلۇقنى  ئۆلچەش قوراللىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ تەرەققى قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىنى تونۇپ يىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن-تىخنىكىنى سۆيۈش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش .
دەرس سائىتى: بىر سائەت
دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى :كۆرسەتمە ،سۆھبەتلىشىش،ئىزلىنىش ،مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوقۇتۇش ئەسۋابى:
ئىشكالىلىق گەز ،يۆگەلمە لاتا مېتىر ،ئۈچبۇلۇڭلۇق سىزغۇچ ئۇزۇن شوينا مېتىر، شىتانگىن سىركولى ،ۋىنىتلىق مىكرومىتىر قاتارلىقلار ھەرخىل سىكوندو مېتىر .
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇغۇچىلار غا  ھەرخىل ھەرياڭزا ئۆلچەش ئەسۋاپلىرنى كۆرسىتىلىپ تىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرلىدۇ
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى: ئوقوغۇچىلار ئابىدا قويۇلغان ھەرخىل ئۆلچەش ئەسۋاپلىرنى كۆرۇپ ئەسلەش بىلەن بىرگە مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىپ، قىياس قىلىنىدۇ.
  ئوقوغۇچىلار ئالدىدىكى ھەرخىل ئەسۋاپلارئارقىلى ئۆلچەش ئىلىپ بىرىپ ھەمدە ئاۋازنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكنى مۇنازىرە قىلىڭ.
كىتابتىكى رەسىم ۋە ئەسۋاپلارنى كۆزىتىپ،ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىڭ .
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش

1. ئۇزۇنلۇق ۋە ۋاقىتنى ئۆلچەش
ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەش
1.ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:12-بەتتىكى ئىككى رەسىم نى كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ
كەلتۈرۈپ چىقىرىش: ئۇزۇنلۇقنى ئۆلچەش ؛«مۇلاھىزە قىلىڭ » دىكى ئادەمنىڭ بىۋاستە سىزىمنىڭ ئىشەنچلىك بولممايدىغانلىقىنى  تەجىربىدىن ئۆتكۈزۈشتىن پايدىلىنىپ توۈرا ئۇزۇنلۇقنى قورالدىن پايدىلىنىپ ئۆلچەش زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرغا قويلىدۇ 
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى: ئوقۇغۇچىلاغا ئۆزىدىكى ھەرخىل گەزلەرنى كۈزەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ئوخشايدىغان قانداق جايلىرى  ۋە ئوخشىمايدىغان قانداق جايلىرىنىڭ بارلىقىنى تولۇق خاتىرە قالدۇرۇشقا يىتەكلىنىدۇ
كەلتۈرۈپ چىقىرىش:شىكالىلىق گەزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئوخشاش بولمىسىمۇ  ئۇلارنىڭ شىكالىسى يەنىلا   سانتىمىتىر  شىكالا قىممىتى 1مىللى مىتىر بولىدۇ
. كېڭەيتىش: 1㎞=1000m                  
1dm=0 1m                            
1㎝=0.01m                             
1㎜=0.001m                           
1µm=0.000001m                           
1nm=0.000000001m                      
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى: كىتابتىكى ئىزدىنىش تەجرىبىسى.
كۆزىتىپ تەھلىل قىلىڭ.
ئىزدىنىش :ئىشكالىلىق گەز قانداق ئىشلىتىلىدۇ ?
(مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇش )دەرىسلىك كىتاپنىڭ ئۇزىنلىقى ،كەڭلىكى ،قىلىنلىقى قانداق ئۆلچىنىدۇ
 (مۆلچەرلەش )مۆلچەرلەش نەتىنجىسىنى خاتىرلەش
(مۇھاكىمە قىلىش ) گەزدىن پايدىلىنىپ قانداق ئۆلچىنىدۇ ?
(پائالىتەت )ئۆلچەش نەتىنجىسىنى خاتىرلەپ ئۆلچەش نەتىنجىسىنى سىلىشتۇرۇش
(يىغىنچاقلاش):شىكالىلىق گەزنى توغرا ئىشلىتىشنى 6سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ
1- تاللاش(ئۆلچەش دائىرسى ،شىكالا قىممىتى )
2- قويۇش (شىكالىلىق گەزنى ئۆلچىنىلىدىغان ئۇزۇنلۇققا چىڭ تىگىشتۈرلىدۇ )
3- قاراش(قاراش سىزىقى گەز يۈزىگە تىك بولىشى )
4- ئوقۇش(شىكالا قىممىتى بىرلىك قىلىنىپ كىيىنكى بىر خانىغىچە مۆلچەرلىنىدۇ )
5- خاتىرلەش(سان،بىرلىك )
6- ھىساپلاش (كۆپ قىتىم ئۆلچەپ  ئوييۇرچە قىممىتى ئېلىنىدۇ )
مۇلاھىزە قىلىڭ:
15-بەتتىكى مۇلاھىزە مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ بىر غۇلاچ ،بىر غىرىچ ، قەدەم ئارلىقى  ئۆلچىنىپ  بۇجەھەتتىكى بىلىملەر ئۇگۈتىلىدۇ
 ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىش ھەۋىسى ۋە ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇزۇنلىقلارنى ئۈگۈتىلىدۇ
سىيا قۇتىسى، بىرۋاراق قەغەز ،ئەگرى سىزىقنىڭ ئۇزۇنلىقى قاتارلىقلار .
 
2-ۋاقىتنى ئۆلچەش
16-بەتتىكى ھەرخىل ئۆلچەش سائەتلىرنى كۈزۈتىپ ئۇلارنىڭ قاداق ئوخشاشلىق ،ۋە ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى كۈزەتكۈزۈپ مۇلاھىزىگە تەشكىللىنىدۇ
مۇھاكىمە قىلىپ بولغاندىن كىيىن سائەتنىڭ بۆلەكچە قىممىتى ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇپ ھىساپلاش كىرگۈزۈلىدۇ مۇناسىۋەتلىك مەشىق ئىلىپ بىرلىدۇ
                      s 60= 1 mnvt        60 mnvt= h1

كۆرسەتمىلىك تەجرىبە:1-سىكىندومىتىر ئىشلىتىش مەشىق قىلىش ، سىكىندومىتىر  ئۈستىدىكى بىسىش كونۇپكىللىرىنى بىسىپ ئىستىرىلكا ياكى رەقەملەرنىڭ ئۆزگۈرشىنى كۈزىتىپ سىكىندومىتىر نى ئىشلىتىشنى ئۈگنتىلىدۇ .
2- سىكىندومىتىر  ئارقىلىق ئۆلچەڭ ،تومۇرىڭىزنىڭ 10قىتىم سوقىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت (     ) s، 1mnvt ئىچىدە تومۇرىڭىزنىڭ سوقۇش قىتىم سانى (       )قىتىم
3-خاتالىق پەرقى
ئۆلچەنگەن قىممەتبىلەن ھەقىقى قىممەت ئوتتۇرسىدىكى پەرىق خاتالىق پەرقى بولىدۇ
پائالىيەت :بىر قەلەمنى چىقىرىپ ،سۇئاق :بۇقەلەمنىڭ ئۇزۇنلىقى قاچىلەك كىلىدۇ؟
ئوقوغۇچىلارنىڭ جاۋابى(مۆلچەرلەنگەن قىممەت)
گەزدىنپايدىلىنىپ ئۆلچىگەندىن كىيىن (ئۆلچەنگەن قىممەتنى )بىلىۋالالايدۇ
يۇقۇردىكى ھىچ قايسىسى بۇ قەلەمنىڭ ھەقىقى ئۇزۇنلىقى ئەمەس  . قەلەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مانا بۇ قەلەمنىڭ ھەقىقى ئۇزۇنلىقى دەپ كۆرسىتىلىدۇ ،
كەلتۈرۈپ چىقىرىش:ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆلچىگەن نەتىنجىسىدە ئازراق پەرىق بولىدۇ ئۆلچەنگەن قىممەت بىلەن چەقىقى قىممەت ئارسىدا ھامان پەرىق بولىدۇ، خاتالىق پەرقىدىن ساقلانغىنى بولمايدۇ .
خاتالىق پەرقىنى ئازايتىش ئۇسۇلى:كۆپقىتىم ئۆلچەپ ئۇنىڭ ئوتتۇرچە قىممىتىنى ئېلىش .

تاپشۇرۇق: دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ .

دەرستىن كېيىنكى يەكۈن..

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

        ھەپتە            2013-يىلى ---ئاينىڭ ....كۈنى

§2.ھەركەتنى تەسۋىرلەش

ئوقۇتۇش نىشانى:
1- بىلىم ۋە ماھارەت
●بەلگە جىسىم ئۇقۇمىنى بىلىش .
●جىسىمنىڭ ھەركىتى بىلەن تىنىچلىقنىڭ نىسپى بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇۋىلىش .
ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىسى
مۇھىم نۇقتا: ئەمىلى مىسال ئارقىلىق مىخاينىك  ھەركەت ۋە ئۇنىڭ نىسپىلىگىنى چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇش .
قىيىن نۇقتا: ھەرىكەتنىڭ ئالەمدىكى ئومومى يۈزلىك ھادىسە ئىكەنلكىنى .ھەركەت بىلەن تىنىچلىقنىڭ نىسپى بولىدىغانلىقىنى تونىۋىلىش  ،ماتىريال ئارقىلىق دۇنيا قاراش تىكلەش.
دەرس سائىتى: بىر سائەت
دەرىس ئۆتۈش ئۇسۇلى :كۆرسەتمە ،سۆھبەتلىشىش،ئىزلىنىش ،مۇھاكىمە قىلىش ئۇسۇللىرى
ئوقۇتۇش ئەسۋابى: ھەرخىل ئاسما رەسىم
ئوقۇتۇش جەريانى:
 يېڭى دەرسكە يېتەكلەش:
ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى بۇرۇن كۆرگەن ھەرخىل جىسىملارنىڭ ھەركەتلىرنى تەسۋىرلەپ بىرىشكە مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرلىدۇ دەرىس تىمىسى كىرگۈزلىدۇ
§2.ھەركەتنى تەسۋىرلەش
ئوقوغۇچىلار پائالىيىت:
ئوقۇغۇچىلار غا  ھەرخىل ھەرياڭزا جىسىملارنىڭ ھەركەتلىرى ئېلىنغان سۈنلىنتا قويۇپ بىرلىدۇ
19-بەتتىكى رەسىم نى مۇلاھىزىگە تەشكىللىنىدۇ
ساۋاقداشلاربىلەن بىرلىكتد 1.2.1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ھەركەتلەرنى ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان ھەركەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇرلىدۇ ،كىشىلەر نىمىگە ئاساسەن بۇ جىسىملارنى ھەركەتقىلدى دەيمىز؟.
1ـ مىخانىك ھەركەت

 كىشىلەر ئاسمان بوشلىقىدىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ،يۈگۈرىۋاتقان قاپلان ،ئاستا ئۆمۈلەۋاتقان قۇلۇلە .....بۇ ھەركەتتىكى جىسىملارنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى بار ،يەنە ئۇلارنىڭ ئورنى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزلۈكسىز ئۆزگۈرىدۇ . فىزىكىدا جىسىملارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگۈرشىنى مىخانىك ھەركەت دەپ ئاتايمىز .
يۇقۇردا ئېتىپ ئۆتكەن قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز،قاپلان قۇلۇلىلەرنىڭ ھەممىسى مىخانىك ھەركەت قىلىۋاتقان بولىدۇ .
مىخانىك ھەركەتدائىم ئۇچرايدىغان بىرتۈرلۈك ھەركەت شەكلى 20-بەت (2.2.1-رەسىم )قاتارلىقلار
مىخانىك ھەركەت ئەڭ ئاددى بىرخىل ھەركەت شەكلى بولۇپ باشقا ھەرخىل ھەركەتلەرنى ئۈگىنىشنىڭ ئاساسى ..
ھەركەت بولسا ئالەمدىكى ئومومى يۈزلىك ھادىسە ،مىخانىك ھەركەتتىن باشقا يەنە كۆپخىل ھەركەت شەكلى بار  ،ئالەمدىكى باھارلىق جىسىملار نىڭ ھەممىسى ھەرخىل ئوخشىمىغان شەكىلدە ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ .

2-بەلگە جىسىم

   سۇئال ئوتتۇرغا قويۇش:
ئوقوغۇچىلار پائالىيىتى
مۇلاھى زە: 1. 2. 3-رەسىم :تاش يولدا كىتىۋاتقان ئاپتومبىل ھەرىكەت قىلىۋاتقان ،يولبويىدىكى دەل-دەرەخلەر تىنىچ تۇرغان بولىدۇ .بىراق ئەھۋال راستىنلا شۇنداق ئاددى بولامدۇ؟
خۇلاسە:كىشىلەر  جىسىمنىڭ ھەركەت قىلىۋاتقان ياكى تىنىچ تۇرۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلغاندا ھامان مەلۇم بىر جىسىمنى ئۆلچەم قىلىپ تاللىۋالىدۇ. ئەگەر بىر جىسىمنىڭ ئورنىدا بۇ ئۆلچەنگە نىسبەتەن ئۆزگىرىش بولسا ،ئۇ ھەركەت قىلىۋاتقان بولىدۇ ئەگەر ئۆزگىرىش بولمىسا تىنىچ تۇرۋاتقان بولىدۇ  .ئۆلچەم قىلىپ تاللىۋالغان جىسىم بەلگە جىسىم دەپ ئاتىلىدۇ .
يۇقۇردىكى مىسالدا ئەگەر ياندىكى پويىز ئۆلچەم قىلىنسا سىز ئولتۇرغان پويىز ھەركەت قىلىۋاتقان بولىدۇ؛ئەگەر يەر يۈزى ئۆلچەم قىلىنسا سىزئولتۇرغان پويىز تىنىچ تۇرغان بولىدۇ
بىز بىر جىسىمنىڭ تىنىچ تۇرغان ياكى ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىنىمىزدا ئاۋۋال بەلگە جىسىم تاللىۋالىمىز . بەلگەجىسىمنى ئىھتىياجغا ئاساسەن تاللاشقا بولىدۇ .ئەگەر تاللىۋالغان بەلگەجىسىم ئوخشاش بولمىسا ئوخشاش بىر جىسىمنىڭ ھەركىتىنى تەسۋىرلىگەندە ئىرىشكەن خۇلاسىمۇ ئادەتتە ئوخشاش بولمايدۇ .
جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ۋە تىنىچ تۇرىشى نىسپى بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى :
مۇلاھىزە: 21-بەت. 2.1. 5-رەسىم.مۇلاھىزىگە ئۇيۇشتۇرلىدۇ
خۇلاسە :


مىڭە ئىشلىتىپ قولسىلىپ فىزىكا ئۈگىنىش
1- جاۋاپ :پويىزنىڭ يۈك قويۇش ئورنىدىكى بويۇمنىڭ ،ۋاگوندىكى ئورۇندۇققا نىسپەتەن تىنىچ تۇرغان ،يول بويىدىكى دەل-دەرەخكە نىسپەتەن ھەركەتتە بولىدۇ .
2-جاۋاپ:B
3- جاۋاپ:تەنھەركەتچى بىلەن ئىكران نىسپى تىنىچ تۇرىدۇ .يۈگۈرۈش يولى ئۆزلىكسىز ھەركەت قىلىۋاتقان بولىدۇ
تاپشۇرۇق : (1) مەشىقنىڭ 2-سى(2) دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ .

دەرستىن كېيىنكى يەكۈن..

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


                   ھەپتە            2013-يىلى ---ئاينىڭ ....كۈنى

§3  -  ھەركەتنىڭ تىز ئاستىلىقى
ئوقۇتۇش نىشانى
●تىزلىك ئارقىلىق جىسىمنىڭ ھەركىتىنى تەسۋىرلىيەلەيدىغان بولۇش .
●تىزلىك فپرمىلاسىدىن پايدىقىنىپ ئاددى ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش .
●تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ئۇقۇمىنى ئۇقىۋىلىش .
ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىسى
مۇھىم نۇقتا: تىزلىك ئارقىلىق جىسىمنىڭ ھەركىتىنى تەسۋىرلىيەلەيدىغان بولۇش .
تىزلىك پورمىلاسىدىن پايدىقىنىپ ئاددى ھىساپلاشلارنى ئېلىپ  بارالايدىغان بولۇش .
تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ئۇقۇمىنى ئۇقىۋىلىش.
قىيىن نۇقتا: تىزلىك فپرمىلاسىدىن پايدىقىنىپ ئاددى ھىساپلاشلارنى ئېلىپ  بارالايدىغان بولۇش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابى: ئاسما رەسىملەر .ۋە كىتاپ
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇنازىرە قىلىڭ  سۆھبەتلىشىش  مۇلاھىزە قىس ئۇسۇلى
يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش:
1) مىخانىك ھەركەت دەپ نىمىگە ئېيتىمىز ؟
2) بەلگە جىسىم دەپ نىمىگە ئىيتىمىز ؟
يۇقۇردىكى سۇئاللار ئاساسىدا يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرلىدۇ

1-تىزلىك
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى :
مۇلاھىزە قىلىڭ :مۇلاھىزە قىلىڭدىكى سۇئاللار بىر بىرلەپ ئوتتۇرغاقويۇلۇپ مۇلاھىزە قىلدۇرلىدۇ
خۇلاسە :1)بىرلىك مۇساپىنى بىسىپ بولۇش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتقا قاراپ .
2)پۈتۇن مۇساپىنى بىسىپ بولۇش ئۈچۇن كەتكەن ۋاقىت كىمنىڭ ئاز بولسا شۇ تىز يۈگۈرگەن بولىدۇ  ئوخشاش .
3)ئەكرەمنىڭ تىز
ھەركەتنىڭ تىز-ئاستىلىقىنى ئىپادىلەشتە چوقۇم مۇساپە ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنى ئويلىشىش كىرەك .
فىزىكىدا جىسىمنىڭ ھەركىتىنىڭ تىز-ئاستىلىقىنى سىلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش ۋاقىتتا مۇساپىنى سىلىشتۇرۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .
فىزىكىدا مۇساپە بىلەن ۋاقىتنىڭ نىسپىتى تىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ .
ھەرىپVبىلەن sبىلەن مۇساپىنى tبىلەن ۋاقىتنى ئىپادىلىسەك  ئۇنداقتا
=t\s                               V
تىزلىكنىڭ بىرلىگى ئۇزۇنلۇقنىڭ بىرلىگى بىلەن ئۇزۇنلىقنىڭ بىرلىكىنىڭ بىرىكمىسى بولۇپ خەلقارا بىرلىكلەر سىستىمىسىدا تىزلىكنىڭ ئاساسى بىرلىكى مېتىرھەر سىكوت  بەلگىسى s/m
بۇخىل بىرلىك بىرلەشمە بىرلىك دىيىلىدۇ .
                                          h / k3.6 =s/m1

2-تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت

جىسىمنىڭ مىخاينىك ھەركىتى ھەرىكەت تىرايىكتورىيە سىنىڭ  تۈز ئەگرىلىكىگە ئاساسەن تۈز سىزىقلىق ھەركەت ۋە ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتكە بۆلۈنىدۇ .تۈز سىزىقلىق ھەركەت تىزلىكنىڭ ئۆزگىرىدىغان –ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا قاراپ يەنە تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ۋە تۈز سىزىقلىق ئۆزگۈرۈشچان ھەركەتكە بۆلۈنىدۇ . 

ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
مۇلاھىزە قىلىڭ :   25-بەت تىكى1.3.3 –رەسىم   مۇلاھىزەگە تەشكىللىنىدۇ  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى خۇلاسىلايدۇ مەن يەكۈن چاقىرىمىن ئوموملاشتۇرىمەن
يەكۈن ؛بىز جىسىمنىڭ تۈز سىزىق بويلىغان ھەمدە تىزلىكى ئۆزگەرمەيدىغان ھەركىتىنى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت دەيمىز .
 تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ئەڭ ئاددى مىخاينىك ھەركەت .ئۇ باشقا مۇرەككەپ ھەركەتلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئاساسى .
ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى ؛
26-بەتتىكى ئۆلگەمىسال ئوقوغۇچىلاربىلەن بىرلىكتە ئىشلىنىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
مۇلاھىزە قىلىڭ :27-بەتتىكى مۇلاھىزە قىلىڭنى ئوقۇغۇچىلار دۇلاھىزە گە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار گورۇپپىلار بويىنچە مۇلاھىزە ئىلىپ بارىدۇ .
خۇلاسە :  ئومومى مۇساپىنى 1سائەتتە بىسىپ بولۇش كىرەك دىگەنلىك بولىدۇ .

تاپشۇرۇق : (1) مەشىقنىڭ3-4سى  (2) دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ .
دەرستىن كېيىنكى يەكۈن.

 

 

ھەپتە          2013-يىلى          ئاينىڭ كۈنى  


§4  -   ئوتتۇرچە تىزلىكنى ئۆلچەش

ئوقۇتۇش نىشانى
●جىسىمنىڭ ئوتتۇرچە تىزلىك ئۇقۇمىنى بىلىۋىلىش
●تىزلىك فپرمىلاسىدىن پايدىقىنىپ ئاددى ھەركەتلەرنىڭ ئوتتۇرچە تىزلىكىنى تىپىش ئۇسۇلىنى  تاپالايدىغان  بولۇش .
●ئوتتۇرچە تىزلىكى ئۇقۇمىنى پۇختا ئىگەلتىۋىلىش
ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىسى
مۇھىم نۇقتا: تىزلىك فپرمىلاسىدىن پايدىقىنىپ ئاددى ھەركەتلەرنىڭ ئوتتۇرچە تىزلىكىنى تىپىش ئۇسۇلىنى  تاپالايدىغان  بولۇش
قىيىن نۇقتا: تىزلىك فپرمىلاسىدىن پايدىقىنىپ ئوتتۇرچە تىزلىككە  مۇناسىۋەتلىك  ھىساپلاشلارنى ئېلىپ  بارالايدىغان بولۇش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابى: ئاسما رەسىملەر يانتۇ تەكشىلىك  ،كىچىك ھارۋا  سىكوندو مىتىر
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇنازىرە قىلىڭ  سۆھبەتلىشىش  مۇلاھىزە قىس ئۇسۇلى ھەمدە تەجىرىبە ئىشلەش ئۇسۇلى
يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش:
تىزلىك دەپ نىمىگە ئېتىمىز ؟فورمىلاسىنى يېزىڭ ؟  تۈزسىزىقلىق تەكشى ھەركەت دەپ نىمىگە ئېتىمىز ؟  دىگەن سۇئاللار ھەمدە 27-بەتتىكى 3- مىستللار ئارقىلىق بەرىسكە باشلاپ كىرلىدۇ .
يىڭىدەرىس كىرگۈزىلىدۇ:
 يىڭىدەرىستىمىسى ؛
§4  -   ئوتتۇرچە تىزلىكنى ئۆلچەش
فورمۇلا = s/t  V دىن بىلىشكە بولىدىكى ئەگەر بىز جىسىم ھەركىتىنىڭ مۇساپىسى s  ۋە مۇشۇ بۆلەك مۇساپىنى بىسىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت نى ئىشلىتىپ t  نى ئۆلچەپ چىقساقلا جىسىمنىڭ بۇ بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى ھەركىتىنىڭ ئوتتۇرچە تىزلىكىنى ھىساپلاپ چىقالايمىز .
تۆۋەندە بىز جىسىم ھەركىتىنىڭ ئوتتۇچە تىزلىكىنى ئەمەلىيەتتە ئۆلچەيمىز .
1- جىسىم ھەركىتىنىڭ ئوتتۇچە تىزلىكىنى ئەمەلىيەتتە ئۆلچەش
ئوقوغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى پائالىيىتى
تەجرىبە؛   كىتاپنىڭ 28-بەتتىكى تەجرىبە ئوقوۈۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىنىپ 29-بەتتىكى جەدىۋەلگە تولدۇرۇپ تەجىرىبە دوكلاتى تەييارلىنىدۇ ھەمدە خۇلاسىلىنىدۇ.
 كىڭەيتىش خاراكتىردىكى تەجىرىبە

تەجىرىبەئىشلەش : 29 -  بەتتىكى تەجىرىبە  ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىنىپ خۇلاسە قىلىنىدۇ.
29-بەتتىكى ئىلىمپەن دۇنياسى ئوقۇشقا تەشكىللىنىدۇ .

مىڭە ئىشلىتىپ قولسىلىپ فىزىكا ئۈگىنىش
1-ئوتتۇرچە تىزلىكنى ئۆلچەش تەجىربىسىدە (شىكالىلىق گەز ) نى ئىشلىتىپ  كىچىك ھارۋىنىڭ s نى ،( سىكىندومىتىر )  نى  ئىشلىتىپ كىچىك ھارۋىنىڭ ۋاختى  t  نى ئۆلچەپ فورمۇلا (= s/t  V   )ئارقىلىق ئوتتۇرچە تىزلىك V نى تىپىش كىرەك . 

تاپشۇرۇق : (1) مەشىقنىڭ -سى(2) دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ .

دەرستىن كېيىنكى يەكۈن..

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


ھەپتە          2013-يىلى          ئاينىڭ كۈنى 

2– باب ئاۋاز ھادىسىسى
 §1. ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە تارقىلىشى
ئوقۇتۇش نىشانى:
بىلىم ۋە ماھارەت.
● ئاۋازنىڭ جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بىلىش.
● ئاۋازنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن مۇھىت لازىم بولىدىغانلىقى، ئوخشاش بولمىغان مۇھىتلاردا ئاۋازنىڭ تارقىلىش تېزلىكى ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بىلىش.
● كۆپ ئۇچرايدىغان ئاۋاز ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلالايدىغان بولۇش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
مۇھىم نۇقتا: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تارقىلىش جەريانىغا بولغان ئىزدىنىش.
قىيىن نۇقتا: 1. ئىزدىنىش تەجرىبىسىنى لايىھىلەش.
2. ئاۋاز ھادىسىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش.
مۇھىم ھالقا: ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا يېتەكلەش، نەتىجسىنى خۇلاسىلەش.
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش ئەسۋابى:
كومپيۇتېر، كامېرتون، داپ، قوڭغۇراقلىق سائەت، ۋاكۇئۇملاشتۇرۇلغان ئەينەك.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل ھەرياڭزا ئاۋازلار ئېلىنغان سىنئالغۇنى كۆرۈپ، دەرس تېمىسى كىرگۈزۈلىدۇ؛ ئاۋاز قانداق ھاسىل بولىدۇ ۋە تارقىلىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى: ئوقۇغۇچىلار كۆرۈنۈشلەردىن ھۇزۇر ئالغاندىن كېيىن مەنزىرىنى ئەسلەش بىلەن بىرگە مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىپ، قىياس قىلىنىدۇ.
تەۋرىنىش ئارقىلىق ئاۋاز ھاسىل بولىدىغان تەجرىبىنى ئېلىپ بېرىڭ ھەمدە ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكنى مۇنازىرە قىلىڭ.
كىتابتىكى رەسىم ۋە سىنئالغۇدىكى ئاۋاز ھادىسىلىرىنى كۆزىتىپ، ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبىنى تەپەككۇر قىلىڭ.
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇشى
كۆرسەتمىلىك تەجرىبە:
33-بەت ئويلىنىپ .ئىشلەڭ
1. كامېرتوننى ئۇرۇش ــ كامېرتون تەۋرىنىدۇ، ئاۋاز چىقىدۇ.
2. تەۋرىنىۋاتقان كامېرتوننى قول بىلەن تۇتىۋالساق، ئاۋاز توختايدۇ.
3. ئاۋاز ئېلىنغان سىنئالغۇنى قويۇش.
ئوقۇغۇچىلارنى تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاشقا يېتەكلەپ، نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
ئاۋاز جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. تەۋرىنىش توختىسا ئاۋاز چىقىرىشمۇ توختايدۇ.
4. كېڭەيتىش: ئاۋازنى خاتىرىلەش.
2. ئاۋازنىڭ تارقىلىشى
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى: كىتابتىكى ئىزدىنىش تەجرىبىسى.
كۆزىتىپ تەھلىل قىلىڭ.
كەلتۈرۈپ چىقىرىش:
1. قاتتىق جىسىم، گاز جىسىملار ئاۋاز تارقىتالايدۇ.
2. كىتابنىڭ 35 – بەتتىكى 2  .5.1 – رەسىم.
كەلتۈرۈپ چىقىرىش: ۋاكۇئۇم ئاۋاز تارقىتالمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلارنى تەھلىل قىلىپ يىغىنچاقلاشقا يېتەكلەپ، نەتىجىگە ئېرىشىش؛
ئاۋازنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن مۇھىت كېرەك.
قاتتىق جىسىم، سۇيۇقلۇق، گاز جىسىملارنىڭ ھەممىسىدە ئاۋاز تارقىلالايدۇ. ۋاكۇئۇمدا ئاۋاز تارقالمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
ئاي شارىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى قانداق ئالاقىلىشىدۇ؟
سۇيۇقلۇقتا ئاۋاز تارقىلالايدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلاش كېرەك؟
3. ئاۋاز دولقۇنى: كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلار نېمىنىڭ ئاۋاز دولقۇنى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش. (سۇ دولقۇنى بىلەن سېلىشتۇرۇش)
3. ئاۋازنىڭ تېزلىكى
ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتا ئاۋاز تېزلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
1. 36– بەتتىكى جەدۋەلنىڭ مەزمۇنىغا قاراڭ.
2. ئاۋازنىڭ قاتتىق جىسىم، سۇيۇق جىسىم ۋە گاز جىسىملاردىكى تېزلىكىنىڭ قايسىسى تېز؟
℃15 تىكى ھاۋادا ئاۋازنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى m/s340.
Ⅲ خۇلاسە:
بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى تەكىتلەش.
Ⅳ تاپشۇرۇق:
دەرىسنىڭ موھىم مەزمىنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ .
Ⅴ دەرستىن كېيىنكى يەكۈن .
 
ھەپتە          2013-يىلى          ئاينىڭ كۈنى 

§2. ئاۋازنىڭ خۇسۇسىيىتى
ئوقۇتۇش نىشانى:
● ئاۋازنىڭ ئۈچ خىل خۇسۇسىيىتىنى بىلىش.
● چاستوتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش، چاستوتىنىڭ ئىشلىتىلىشى.
● تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋازنىڭ خۇسۇسىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سەۋەبنى ئىزدىنىش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
1. ئاۋازنىڭ ئۈچ مۇھىم ئامىلىنى بىلىش.
2. ئاۋازنىڭ ئاھاڭى ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ياڭراقلىق ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمنىڭ ئامپىلتۇدىسى بىلەن ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمنىڭ يىراق – يېقىنلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىملارنىڭ تېمبىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بىلىش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابى:
ئۈنئالغۇ، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، چىشلىق چاق قۇرۇلمىسى، ياغاچ تارغاق، قاتتىق قەغەز پارچىسى، قاتتىق سۇلياۋ پارچىسى، ئىنچىكە – توملۇقى ئوخشاش بولمىغان رېزىنكە بوغقۇچ، ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان چالغۇ ئەسۋابلار.
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
مەنزىرە كۆرۈنۈشى:
گۈلى ئەتراپىدىكى فىزىكىلىق ھادىسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئامراق، ئۇ بىر قېتىم يېنىدىكى پولات گەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ 31/ قىسمىنى چىقىرىپ ئۇرغان چاغدا، بىرقەدەر «ئىنچىكە زىل» ئاۋازنى ئاڭلىغان. ئۇ بۇ خىل ئاۋازنىڭ پولات گەزنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولغانلىقىنى بىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇ پولات گەزنىڭ 3/2 قىسمىنى ئۈستەل يۈزىدىن چىقىرىپ، سىزغۇچنى ئۇرغان (ئورۇن دەرىجىسى ئوخشاش) چاغدا ئاڭلىغان ئاۋاز بىرقەدەر «توم» بولغان. كۆپچىلىك ئويلىشىپ قول سېلىپ ئىشلەپ بېقىڭ.
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. ئاھاڭ
ئۇسۇل 1: ئوقۇغۇچىلار تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ خۇلاسە قىلىدۇ.
[تەجرىبە 1] قاتتىق قەغەزنى ياغاچ تارغاقنىڭ چىشىغا بىر قېتىم ئاستا، بىر قېتىم تېز سۈركەپ ئۆتۈش.
تەھلىل: قايسىسى ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىم؟ تېز ۋە ئاستا سۈركىلىش ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ چىقارغان ئاۋازدا قانداق ئوخشىماسلىقلار بار؟
[تەجرىبە 2] چىڭ تارتىلغان ئىنچىكە رېزىنكە بوغقۇچنى تەۋرىتىپ، ئاندىن چىڭ تارتىلغان توم رېزىنكە بوغقۇچنى تەۋرىتىش.
تەھلىل: ئىنچىكە توملۇقى ئوخشاش بولمىغان رېزىنكە بوغقۇچنىڭ تەۋرىنىش تېز – ئاستىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاھاڭىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
نەتىجە: ئاھاڭ ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىم تەۋرىنىشىنىڭ    تېز – ئاستىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇسۇل 2: ئوقۇغۇچىلار كۆرسەتمىلىك تەجرىبىگە ئاساسەن نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
[كۆرسەتمىلىك تەجرىبە] ئاۋۋال چىشلىق چاقنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن بىر ئوقۇغۇچىنى سىرتقا چىقىرىپ، ئوخشاش بىر ئوقتىكى ئاۋاز چىقارغۇچى چاقنىڭ چىش سانىنى كۆزىتىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ھەربىر ئوقتىكى چاقنىڭ چىش سانىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىش. چاقنى ئايلاندۇرۇپ، قاتتىق سۇلياۋنى چىش سانى ئوخشاش بولغان چاققا تەگكۈزگەندە ئاۋازنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىدە قانداق ئوخشاشماسلىق بارلىقىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش.
تەھلىل: قاتتىق سۇلياۋنىڭ تەۋرىنىشى ئاۋاز چىقىرىدۇ. چىش سانى كۆپ بولسا، تەۋرىنىش تېز، چىش سانى ئاز بولسا تەۋرىنىش ئاستا.
نەتىجە: ئاھاڭ ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چاستوتىسى قانچە چوڭ بولسا، ئاھاڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. چاستوتىسى قانچە كىچىك بولسا، ئاھاڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاڭلاش دائىرىسىنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
2. ياڭراقلىق
1. ياڭراقلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى:
ئادەم ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ياڭراقلىق دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇلاقنىڭ ھېس قىلىشى: ئوخشاش بولمىغان ئادەم، ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئاۋازنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ھېس قىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ.
[ئۇسۇل 1] ئوقۇتقۇچى: ئادەمنىڭ ئاۋازنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ھېس قىلىشى قايسى ئامىلغا مۇناسىۋەتلىك؟ ئۆزىڭىز تەجرىبە لايىھىلەپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟
(ئوقۇتقۇچى تەمىنلەپ بەرگەن تەجرىبە ئەسۋابى داپتىن باشقا تەجرىبە ئەسۋابلىرى چەكلەنمەيدۇ. نەق مەيداندا يوقلىرىغا تىل بىلەن بايان قىلىڭ.)
ۋاقىت چەكلىمىسى 5 مىنۇت ئەتراپىدا، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق سۆز بايان قىلدۇرۇش كېرەك.
يىغىنچاقلاپ نەتىجىسىنى خۇلاسىلەڭ: ياڭراقلىق ئاۋاز مەنبەسىنىڭ تەۋرىنىش ئامپىلتۇدىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن ئاۋاز مەنبەسىنىڭ يىراق – يېقىنلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.
[ئۇسۇل 2] كۆرسەتمىلىك تەجرىبە بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئېلىپ بارغان تەجرىبە ئارقىلىق نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
[كۆرسەتمىلىك تەجرىبە] قەغەز تەخسىنىڭ ئىچىگە تىك تاك توپ ياكى قەغەز پارچىسىنى سېلىپ، ئاۋاز كۈچىنى تەڭشەش ئارقىلىق توپ (ياكى قەغەز پارچىسى) نىڭ سەكرەش ئامپىلتۇدىسىنى كۆزىتىمىز.
[تەجرىبە ئارقىلىق ھېس قىلىش] قول بىلەن كېكىرتەكنى سىيلاپ تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىڭ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىشنىڭ ئوخشىماسلىقىنى، نەتىجىسىنى خۇلاسىلەڭ.
2. ئاھاڭ بىلەن ياڭراقلىقنىڭ پەرقى
ئاۋانىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئادەتتە ياڭراقلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋازنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى ئادەتتە ئاھاڭنى كۆرسىتىدۇ.
3. تېمبىر (ئاۋاز تۈسى)
پائالىيەت: بىرنەچچە ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىغا چىقىرىپ سۆز قىلدۇرۇش، باشقا ئوقۇغۇچىلار كۆزلىرىنى يۇمۇپ دېيىلگەن سۆزنىڭ ئالدى – كەينى تەرتىپىنى تېپىپ چىقىش.
ئوقۇغۇچى بايان قىلغان پەرەزگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى تېمبىرنىڭ ئۇقۇمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
4. تىپىك مىساللار
[1 – مىسال] يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى يېنىك ئاۋازدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ، ناخشا ئېيتىۋاتقان تۆۋەن ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىغا جور بولۇپ ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئاھاڭى يۇقىرى؟ كىمنىڭ ياڭراقلىقى چوڭ؟
ئانالىز قىلىش: بۇ مىسالنىڭ مەقسىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋازنىڭ ئۈچ خىل مۇھىم ئامىلىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان قىلىش.
«يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال»، «تۆۋەن ئاۋازلىق ئەر» دىكى «يۇقىرى»، «تۆۋەن» دېگەن ئاھاڭنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىنىڭ ئاھاڭى يۇقىرى، تۆۋەن ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىنىڭ ئاھاڭى تۆۋەن. «يېنىك ئاۋاز» بىلەن «ئاۋازنى قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتىش» ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچىنىڭ ياڭراقلىقى كىچىكرەك، تۆۋەن ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىنىڭ ياڭراقلىقى چوڭ.
[2 – مىسال] پويىز ۋوگزالغا كىرىپ ۋاقتىنچە توختىغاندا، پويىز ئاسراش خادىملىرى بولقا بىلەن پويىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرىنى ئۇرىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئانالىز قىلىش: پويىز ئاسرىغۇچى خادىملار كۆپ يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتىدىن، مول بولغان خىزمەت تەجرىبىسىنى يىغىدۇ. پويىزنى ئۇرغاندا چىقارغان ئاۋازنىڭ ئاھاڭى بىلەن تېمبىرىسىنىڭ غەيرىيلىك بار – يوقلۇقىغا ئاساسلىنىپ، پويىزدا كاشىلىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تېزلا بايقىيالايدۇ.
Ⅲ دەرسخانا خۇلاسىسى:
بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى تەكىتلەش.
Ⅳ تاپشۇرۇق: مۇشۇ پاراگرافتىكى دەرىسنىڭ موھىم مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ
دەرىس تىن كىيىنكى يەكۈن .

 
ھەپتە          2013-يىلى          ئاينىڭ كۈنى 

§3-ئاۋازدىن پايدىلىنىش

ئوقۇتۇش نىشانى:
● ئاۋازنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋىلىش ھەمدە ئىشلەپ چىقىرىش تۇرمۇش بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنى ئىگەللىتىش  .
● ئاۋازنىڭ ئىنىرگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق ئىگەللىتىش .
● تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋازنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش  .ۋە ئىنىر گىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
1. ئاۋازنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋىلىش ھەمدە ئىشلەپ چىقىرىش تۇرمۇش بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنى ئىگەللىتىش  .
● ئاۋازنىڭ ئىنىرگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق ئىگەللىتىش.
قىيىن نۇقتا تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋازنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش  .ۋە ئىنىر گىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش
ئوقۇتۇش ئەسۋابى:
ئۈنئالغۇ، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، چىشلىق چاق قۇرۇلمىسى، ياغاچ تارغاق، قاتتىق قەغەز پارچىسى، قاتتىق سۇلياۋ پارچىسى، ئىنچىكە – توملۇقى ئوخشاش بولمىغان رېزىنكە بوغقۇچ، ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان چالغۇ ئەسۋابلارۋە ئاۋاز كانىيى .
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
ئادەم تۇغۇلغاندىنتارتىپلا ئاۋازدىن پايدىلىنىشقا باشلايدۇ .ئانا بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىدىن ئۆنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگۈرۈشنى بايقىيالايدۇ . ماتىروس كاناي چالغاندا قايىتقان ئەكسى ساداغا ئاساسەن تىك يار بىلەن بوغان ئارلىققا ھۆكۈم قىلالايدۇ ؛دوختۇر ھەرخىل ئولتۇرا ئاۋاز ئۈسكىنىللىرى ئارقىلىق بىمارلارغا دىئاگۇنۇز قويىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى :
47-بەتتىكى مۇلاھىزە قىلىڭ مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ .سۇئال ئوتتۇرغا قويۇلۇپ مۇلاھىزە قىلىنىدۇ خۇلاسىلىنىدۇ .

1-ئاۋاز ۋە ئۇچۇر
ئوخشىمىغان ھايۋانلار ھىس قىلالايدىغان ئاۋاز دولقۇنلىرنىڭ چاستۇتا دائىرسى ئوخشاش دولمايدۇ بەزى ھايۋانلارنىڭ يۇقىرى چاستۇتىلىق ئاۋاز دوقۇنىغا نىسپەتەن ئىنكاسى ياخشى بولسا ،بەزى ھايۋانلارنىڭ تۆۋەن چاستۇتىلىق ئاۋاز دولقۇنىغا نىسپەتەن ئىنكاسى ياخشى بولىدۇ .
شەپەرەڭ ئادەتتە پەقەت كىچىسىلا چىقىپ ھەركەت قىلىدۇ ،ئوزۇقلۇق تۇتۇپ يەيدۇ .ئەمما ئۇلار ھەرگىز تام ،ۋە دەرەخلەرگە ئۈسۈۋالمايدۇ ،ناھايىتى يۇقۇرى ئىنىقلىقتا نىشاننى بىكىتەلەيدۇ .
ئەسلىدە شەپەرەڭ ئۇچقاندا ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىدۇ .كىتاپنىڭ 48-بەت 2.3.2رەسىم
بۇ ئاۋاز دولقۇنلىرى تام ياكى ھاشاراتلارغا يولۇققاندا قايتىپ كىلىدۇ .شەپەرەڭ قايىتقان مۇشۇ ئەكسىسادانىڭ ئورنى ۋە ۋاختىغا ئاساسەن نىشاننىڭ ئورنىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ .
شەپەرەڭ قوللانغان بۇئۇسۇل قايىتقان ئاۋازدىن ئورۇن بىكىتىش دەپ ئاتىلىدۇ

2-ئاۋاز ۋە ئىنىرگىيە

تەجىرىبە ئىشلەش:
ئۆلگە كۆرسىتىش تەجىربىسى ئىشلەش: 49- بەتتىكى  ئۆلگە كۆرسىتىش تەجىربىسى ئىشلىنىدۇ
ئوقۇغۇچىلارنى مۇلاھىزىگە ئورۇنلاشتۇرلىدۇ (گورۇپپىلار بويىنچە ).
خۇلاسە قىلىش ئوموملاشتۇرۇش:ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئىنىرگىيە ئۇزىتىشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيىتى ئىژتىمائى تۇرمۇشتا نۇرغۇن جەھەتلەردە قوللىنىلىدۇ .ئادەتتە ئولتۇرا ئاۋاز دولقۇنى ھاسىلقىلغان تەۋرىنىش ئاڭلىغىنى بولىدىغان ئەۋازغا قارىغاندا تىخىمۇ كۈچلۈك بولغانلىقتىندائىم جىسىملارنى يۇيۇشتا ئىشلىتىلىدۇ .50-بەت (6.3.2-رەسىم ) چۈشەندۈرلىدۇ.
ئىلىم –پەن دۇنياسى  ؛ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرلىدۇ . 
دەرسخانا خۇلاسىسى:
1.ئازنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەڭ ؟
2. ئاۋاز ئىنىرگىيە  گەئىگىمۇ مىسال كەلتۈرۈڭ ؟.
Ⅳ تاپشۇرۇق: دەرىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى ئۈگۈنۈپ كىلىڭ ؟

دەرىس تىن كىيىنكى يەكۈن:

 

 

 

 

 

ھەپتە          2013-يىلى          ئاينىڭ كۈنى 

§4. شاۋقۇننىڭ زىيىنى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت:
● شاۋقۇننىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى بىلەن تونۇشۇش.
● شاۋقۇندىن ساقلىنىشنىڭ يوللىرىنى بىلىپ، مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل:
● ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق، شاۋقۇندىن ساقلىنىش ھەققىدىكى ئوي – پىكىرلەر بىلەن تونۇشۇش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆزىمىز ياشايدىغان «يەر شارى كەنتى» نى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئۇنى قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش.
ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىسى
مۇھىم نۇقتا: شاۋقۇننى تىزگىنلەشنىڭ يولى.
قىيىن نۇقتا: شاۋقۇننىڭ زىيىنى ۋە ئوقۇغۇچىلاردا مۇھىت قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابى: كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش دېتالى
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى: گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇنازىرە قىلىڭ.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
ئاۋۋال يېقىملىق مۇزىكا قويۇش، ئاندىن قالايمىقان ئاۋازنى قويۇش.
تېمىسىنى كىرگۈزۈش: يېقىملىق مۇزىكا كىشىنىڭ قەلبىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، ئەمما قالايمىقان ئاۋازلار ئادەمنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ. ئۇنداقتا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئاۋازلار قانداق ھاسىل بولغان؟ ئۇنىڭ ئادەملەرگە زىيىنى بارمۇ – يوق؟ قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا بۇ ئاۋازلاردىن ساقلىنىشقا ياكى ئاجىزلىتىشقا بولىدۇ؟
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. شاۋقۇننىڭ كېلىش مەنبەسى
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
1. كىتابنى ئوقۇپ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا فىزىكىلىق نۇقتىدىن ۋە مۇھىت قوغداش نۇقتىسىدىن شاۋقۇننىڭ ئېنىقلىمىسىنى تېپىپ چىقىش.
2. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش: ئەتراپىڭىزدا شاۋقۇنلار بار؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىلىنى خۇلاسىلەپ، شاۋقۇننىڭ ئېنىقلىمىسىنى چىقىرىڭ.
ئاۋاز چىقارغۇچى جىسىمنىڭ تەرتىپسىز تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. (فىزىكىلىق نۇقتىسىدىن)
كىشىلەرنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىكى ئاۋازلار ۋە كىشىلەرنىڭ ئاڭلىماقچى بولغان ئاۋازغا كاشىلا يەتكۈزىدىغانلىكى ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى شاۋقۇن بولىدۇ. (مۇھىت قوغداش نۇقتىسىدىن)
2. شاۋقۇننىڭ دەرىجىسى ۋە زىيىنى
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
1. كىتابنى ئوقۇپ، شاۋقۇننىڭ دەرىجىسىنى، نېمىنى بىرلىك قىلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش.
2. ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى شاۋقۇنلارنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى قانداق بولىدۇ؟
3. كىتابتىكى شاۋقۇننىڭ تۈرگە ئايرىلغان جەدۋىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇش.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھلىلىنى خۇلاسىلەپ، ئۈچ تال چېگرا سىزىقىغا ئىگە بولماق. dB900〉 ئاڭلاش ئىقتىدارىنى بۇزىدۇ.
dB70〉 خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
dB50〉 ئارام ئېلىش ۋە ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
3. شاۋقۇننى تىزگىنلەش
ئادەمنىڭ ئاۋاز سېزىش جەريانىنى تەكرار قىلىش.
ئاۋاز مەنبەسىنىڭ تەۋرىنىشى ئاۋاز ھاسىل قىلىدۇ.            (ئاۋاز مەنبەسىدىن)
ھــاۋا قـــاتــارلىق مـۇھىتلاردا تارقىلىشى. (ئاۋازنىڭ تارقىلىش جەريانىدا)
 قـۇلاق پەردىسىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.      (قۇلاق تۈۋىدىن)
كۆرسەتمىلىك تەجرىبە:
قوڭغۇراقلىق سائەتنى سايرىتىۋېتىپ، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن قەغەز قاپنىڭ ئىچىگە سېلىپ سايرىتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى سىرتتىكى ئاۋاز بىلەن قانداق پەرقى بارلىقىنى سېلىشتۇرغۇزۇش.
ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى:
1. كىتابنىڭ 31 – بېتىدىكى 4 – رەسىمدە، شاۋقۇننى تىزگىنلەشنىڭ ئۇسۇللىرى قايسى جايلاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆزىتىڭ.
2. گۇرۇپپىلار بويىچە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش: تۇرمۇشىمىزدا شاۋقۇننى ئىدارە قىلىشنىڭ قانداق ئەمەلىي مىساللىرى بار؟
ئۇنىۋېرسال تەجرىبە ۋە ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەزمۇنىدىن شاۋقۇننى تىزگىنلەشنىڭ يولىنى خۇلاسىلەپ چىقىش.
ئاۋاز مەنبەسىدىن ئاجىزلىتىش، تارقىلىش جەريانىدىن ئاجىزلىتىش، قۇلاق تۈۋىدىن ئاجىزلىتىش.
Ⅲ دەرسخانا خۇلاسىسى:
شاۋقۇننىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە زىيىنى قايسىلار؟
شاۋقۇندىن قانداق مۇداپىئەلىنىش.
Ⅳ تاپشۇرۇق: مەكتەپ ئەتراپىدىكى شاۋقۇن مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈڭ، مەكتەپ مۇۋاپىق بولغان قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك؟

دەرىس تىن كىيىنكى يەكۈن:
ھەپتە          2013-يىلى          ئاينىڭ كۈنى 

ئاۋاز ھادىسىسىنى تەكرارلاش

تەكرارلاش نىشانى:
تەكرارلاش ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە تارقىلىش شەرتلىرىنى تونۇش، ئاۋازنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش، ئاۋازغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھازىرقى زامان تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى بىلىش. شاۋقۇندىن ساقلىنىشنىڭ يوللىرىنى بىلىش. ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ۋە ئىنفرا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قوللىنىشنى بىلىش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰبىلىم تۈرى
   1. ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە تارقىلىشى 


 ئاۋازنىڭ ھاسىل بولۇش شەرتلىرى
ئاۋازنىڭ تارقىلىشى
ئاۋازنىڭ تېزلىكى
ئەكس سادا
2. قۇلاقنىڭ ئاۋازنى سېزىش جەريانى ۋە ئىككى قۇلاق ئېففىكتى.
   3. ئاۋازنىڭ خۇسۇسىيىتى 
ئاھاڭ (چاستوتا تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ)
ياڭراقلىق (ئامپىلتۇدا ۋە ئاۋاز مەنبەسىنىڭ يىراق – يېقىنلىقى)
تېمبىر (جىسىمنىڭ ماتېرىيالى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.)

4. شاۋقۇننىڭ زىيىنى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش 
شاۋقۇننىڭ كېلىش مەنبەسى
شاۋقۇننىڭ زىيىنى
شاۋقۇننى كونترول قىلىش
5. ئاۋازدىن پايدىلىنىش 
 ئاۋاز ئۇچۇر تارقىتىدۇ (قوللىنىش)
ئاۋاز ئېنېرگىيە ئۇزىتىدۇ (قوللىنىش)

Ⅱ مىسال
1. ئاۋاز ھاۋا، پولات تۇرۇبا، يۇمشاق ياغاچ، سۇ قاتارلىق مۇھىتلاردا تارقالغاندا، قايسىسىدا تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ كىچىك (        )
A. ھاۋا   B. پولات تۇرۇبا  C. يۇمشاق ياغاچ  D. سۇ
2. ئادەتتە چوڭ زاللارنىڭ تاملىرى ھەرە كۆنەكلىرىدەك ئوڭغۇل – دوڭغۇل شەكىلدە ياسىلىدۇ. بۇنداق          قىلىش (      )
A. ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قايتىشىنى ئاجىزلىتىش
B. ئاۋاز دولقۇنىنىڭ قايتىشىنى كۈچەيتىش
C. ئاۋازنىڭ ياڭراقلىقىنى كۈچەيتىش
D. بىزەش ئۈچۈندۇر
3. كىرئالغۇنىڭ قۇرۇتۇش بۆلمىسىگە كىيىمنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن سالغاندا، ئەگەر تەكشى بولمىسا قۇرۇتۇش بۆلمىسى شاۋقۇن چىقىرىدۇ. توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى (       )
A. ئاۋاز مەنبەسىدىن ئاجىزلىتىش، يەنى كىيىمنى تەكشى قويۇش
B. ئاۋازنىڭ تارقىلىش جەريانىدىن ئاجىزلىتىش، يەنى دېرىزىنى ئېتىۋېتىش
C. قۇلاق تۈۋىدىن ئاجىزلىتىش، قۇلاق ياپقۇچ تاقىۋېلىش
D. كىرئالغۇغا كۆپرەك سۇ قۇيۇش
4. ئادەملەر شەپەرەڭنىڭ بوشلۇقتا ئۇچقانلىقىنى كۆرەلىسىمۇ، لېكىن شەپەرەڭنىڭ چىقارغان ئاۋازىنى ئاسانلىقچە ئاڭلىيالمايدۇ. چۈنكى (        )
A. شەپەرەڭنىڭ چىقارغان ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقى كىچىك
B. شەپەرەڭ چىقارغان ئاۋازنىڭ چاستوتىسى بەك چوڭ
C. شەپەرەڭ ئاۋاز چىقىرالمايدۇ
D. شەپەرەڭ چىقارغان ئاۋازنىڭ چاستوتىسى بەك كىچىك
5. A ئوقۇغۇچى يېتەرلىك ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر تۇرۇبىنىڭ بىر ئۇچىغا قۇلىقىنى ياقىدۇ، B ئوقۇغۇچى تۆمۈر تۇرۇبىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئۇرسا، A ئوقۇغۇچى ئىككى قېتىم ئاۋاز ئاڭلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى (       )
A. ئاۋازنىڭ ھاۋادىكى تارقىلىش سۈرئىتى تۆمۈر تۇرۇبىنىڭكىدىن چوڭ
B. ئەكس سادا بار
C. ئاۋازنىڭ ھاۋادىكى تارقىلىش سۈرئىتى تۆمۈر تۇرۇبىنىڭكىدىن كىچىك
D. ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ
6. كامېرتوننى چەكسەك، يەنە بىر كامېرتوننىڭ يېنىدىكى كۆپتۈرمە سۇلياۋ شارچە قاڭقىيدۇ. ئەگەر بىز بۇ قۇرۇلمىنى ئاي شارىغا ئاچىقىپ ئىشلىسەك، كۆپتۈرمە سۇلياۋ شارچە رەسىمدىكىدەك              (قاڭقىيدۇ ياكى قاڭقىمايدۇ دەپ تولدۇرۇڭ)
 
7. ئادەم چاۋاك چېلىپ s0.5 تىن كېيىن تامدىن قايتقان ئەكس سادانى ئاڭلايدۇ. بۇ ئادەم بىلەن تامنىڭ ئارىلىقى m     
8. تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئاۋاز ئاساسلىقى نېمىگە تايىنىپ تارقىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ. (1) قۇلاقنى ياستۇققا ياقساق، ياستۇق ئاستىدىكى مېخانىك سائەتنىڭ  «چىك - چىك» قىلغـان ئـاۋازىنى ئــاڭلايمىز. بـۇ ئـاۋاز
           تايىنىپ تارقىلىدۇ. (2) غەۋۋاسلار سۇدا تۇرۇپ قىرغاقتىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازىنى ئاڭلىيالىشى، ئاۋاز
           تايىنىپ تارقالغانلىقىدۇر.
9. پويىز ۋوگزالغا كىرگەندە، پويىز ئىشچىلىرى پويىز چاقىدىكى زاپچاسلارنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ چىقارغان ئاۋازنى تىڭشاپ، پويىز زاپچاسلىرى ئارىسىدا بوشلۇق بار – يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ئاۋازنىڭ (       )
A. ياڭراقلىق   B. تېمبىر   C. ئاھاڭ    D. چاستوتا
10. سۇ كالىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن پاشىنىڭ غىڭشىغان ئاۋازىنى سېلىشتۇرساق            نىڭ ئاۋازنىڭ ئاھاڭى يۇقىرى،            نىڭ ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقى چوڭ.
Ⅲ تاپشۇرۇق: بىر باب مەزمۇننى تەكرارلاپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش

دەرىس تىن كىيىنكى يەكۈن:

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت
3– باب ماددا ھالىتىنىڭ ئۆزگۈرىشى
 §1. تېرمومېتىر
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● تېرمومېتىرنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىنى چۈشىنىش.
● تۇرمۇش مۇھىتىدا كۆپ ئۇچرايدىغان تېمپېراتۇرا قىممەتلىرىنى چۈشىنىۋېلىش.
● تېرمومېتىرنى ئىشلىتىپ تېمپېراتۇرا ئۆلچەشنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● كۆزىتىش ۋە تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، تېرمومېتىرنىڭ تۈزۈلۈشى ھەمدە ئىشلەش پرىنسىپىنى چۈشىنىۋېلىڭ.
● ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا تېرمومېتىرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىش.
3. ھېسسيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىلىم – پەنگە نىسبەتەن بىلىم ئېلىش تەشنالىقىنى قوزغاپ، ئۇلارغا تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى فىزىكىلىق پرىنسىپلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغان قىلىش.
ئوقۇتۇش مۇھىم نۇقتىسى:
تېرمومېتىرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى.
ئوقۇتۇش قىيىن نۇقتىسى:
تېرمومېتىرنى ئىشلەتكەندە ئاسان خاتالىشىدىغان جاي.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
ئۆزى ياسىغان تېرمومېتىر، تەجرىبىخانىدا ئىشلىتىدىغان تېرمومېتىر، بەدەن تېرمومېتىرى، ئىستاكان (ھەربىر پارتىغا ئۈچ تال)، كومپيۇتېر، قايناق سۇ، سوغۇق سۇ قاتارلىقلار.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەردىن سوئال سوراش شەكلىدە يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇتقۇچى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: قار – مۇزلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلگىڭلار بارمۇ؟ كىيىم نېمىشقا ئاپتاپتا قۇرۇپ قالىدۇ؟ كامفۇرا كۇمىلىچى نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا كىچىكلەپ كېتىدۇ؟
دوسكا لايىھىسى: تۆتىنچى باب ماددا ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى.
Ⅱ ئويلىشىپ ئىشلەڭ
1. تېمپېراتۇرا
ئويلىنىپ بېقىڭ ①: قىش كۈنى بىلەن ياز كۈنىدىكى   ھېس – تۇيغۇ (ئوقۇغۇچى جاۋاب بېرىدۇ).
ئويلىنىپ بېقىڭ ②: سوغۇقلۇق دەرىجىسى، ئىسسىقلىق دەرىجىسى ھاۋارايىدا قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟ (ئوقۇغۇچى جاۋاب بېرىدۇ)
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى بىرلىكتە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۇقۇمىنى خۇلاسىلەيدۇ.
دوسكا لايىھىسى: §1. تېرمومېتىر
2. تېرمومېتىر
ئويلىنىپ ئىشلەڭ: ① ئىككى ئىستاكان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ ② قانداق ئۇسۇل ئەڭ توغرا؟ (ئوقۇغۇچىلار تەھلىل قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ)
ئىشلەپ بېقىڭ: ئىسسىق، سوغۇق، ئىلمان سۇنى قول بىلەن ھېس قىلىش. ھېس – تۇيغۇغا ئاساسەن تېمپېراتۇرىغا ھۆكۈم قىلىش ئىشەنچىلىك ئەمەس.
ئويلىنىپ بېقىڭ: ③ تۇرمۇشىمىزدا يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش قانداق مىساللار بار؟ (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بېرىدۇ)
ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى بىرلىكتە خۇلاسىلەيدۇ: تېرمومېتىر بىلەن ئۆلچىسە بىر قەدەر توغرا بولىدۇ.
Ⅲ مۇلاھىزە قىلىڭ
1. سوئال: تېرمومېتىرغا ئائىت قانداق بىلىملەرنى بىلگىڭىز بار؟
2. پرىنسىپى: ئوقۇتقۇچى ئۆزى ياسىغان تېرمومېتىرنى كۆرسەتمە قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى سۇيۇقلۇقلارغا ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ ياسالغانلىقىنى جاۋاب بېرىشكە يېتەكلەيدۇ.
مۇلاھىزە قىلىڭ: تېمپېراتۇرىغا تېخىمۇ توغرا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن، تېرمومېتىرنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ (ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرە قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ)
3. قاراب جاۋاب بېرىڭ: تېرمومېتىرنىڭ تۈزۈلۈشى (ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي جىسىمنى كۆزىتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ)
4. ئويلىنىپ ئوقۇڭ: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تېمپېراتۇرىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بىرلىكى، بەلگىسى، ئوقۇلۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەيدۇ، ئاندىن سان ئوقۇشنى مەشىق قىلىدۇ.
5. قاراپ سېلىشتۇرۇڭ: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ خىل تېرمومېتىرنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كۆزەتكۈزۈش ۋە جاۋاب بېرىشكە يېتەكلەش بىلەن بىرگە، ئۆلچەش دائىرىسى ۋە شكالا قىممىتىنى ئوقۇتۇش.
6. مۇلاھىزە قىلىپ ئىشلەڭ.
ئوقۇغۇچى ئىسسىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ ھەمدە دوسكىغا چىقىپ كۆرسەتمە قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى تېرمومېتىرنى ئىشلىتىش توغرا ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەيدۇ (كومپيۇتېر ئارقىلىق).
توغرا ئۇسۇل:
(1) ئۆلچەش دائىرىسى ۋە شكالا قىممىتىنى ئېنىق كۆرۈش ھەمدە مۆلچەرلەش.
(2) ئەينەك كۆپۈكچە قاچىنىڭ تېگى ۋە يان دىۋارىغا تېگىپ قېلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا سۇيۇقلۇققا پۈتۈنلەي چۆكۈش كېرەك.
(3) تېرمومېتىرنىڭ كۆرسەتكەن سانى مۇقىملاشقاندىن كېيىن سان ئوقۇش.
(4) سان ئوقۇغاندا تېرمومېتىرنى ئۆلچەنمەكچى بولغان سۇيۇقلۇقتىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
(5) سان ئوقۇغاندا قاراش سىزىقى تېرمومېتىردىكى سۇيۇقلۇق تۈۋرۈكىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزى بىلەن تەكشى، تۈز بولۇش كېرەك.
خاتا ئۇسۇل (كومپيۇتېر ئارقىلىق كۆرسىتىلىدۇ)
7. مۇلاھىزە قىلىپ ئىشلەش: (بەدەن تېرمومېتىرنىڭ ئىشلىتىلىنىشى)
Ⅳ خۇلاسە:ئوقۇغۇچى بۇ سائەتلىك دەرستىن ئالغان ئۇسۇلنى سۆزلەيدۇ، ئوقۇتقۇچى يىغىنچاقلايدۇ.
Ⅴ تاپشۇرۇق
«مېڭە ئىشلىتىپ قول سېلىپ فىزىكا ئۆگىنىش».
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :
 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت
 §2. ئېرىش ۋە قېتىش
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
(1) ماددىنىڭ گاز ھالەت، سۇيۇق ھالەت ۋە قاتتىق ھالەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھالىتىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولۇش. بۇ ئۈچ خىل ماددا ھالىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تەسۋىرلىيەلەيدىغان بولۇش.
(2) ماددىنىڭ سۇيۇق ھالەتتىن قاتتىق ھالەتكە، قاتتىق ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئۆتۈشىنى بىلىش.
(3) ئېرىش، قېتىشنىڭ مەنىسىنى بىلىش، كرىستال جىسىم بىلەن ئامورف (كرىستال ئەمەس) جىسىمنىڭ پەرقىنى بىلىش.
(4) ئېرىش ئەگرى سىزىقى ۋە قېتىش ئەگرى سىزىقىنىڭ فىزىكىلىق مەنىسىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
(1) قاتتىق جىسىم ئېرىگەن چاغدىكى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق ھالەت ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىش شەرتلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىش.
(2) مۇقىم ئېرىش تېمپېراتۇرىسىنىڭ بولۇش – بولماسلىقى، كرىستال جىسىم بىلەن ئامورف جىسىمنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىش.
(3) ئىزدىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى گرافىكنىڭ فىزىكىلىق مىقدارلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەشنىڭ بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدىغان بىرخىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھېسسىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا:
1. ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش تەجرىبىسى ئارقىلىق كرىستال بىلەن ئامورف جىسىملارنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى يىغىنچاقلاپ چىقىش، يەنىمۇ بىر قەدەم ئوخشاش بولمىغان ماددىلارنىڭ ئېرىش ۋە قېتىش قانۇنىيىتىنى خۇلاسىلەپ چىقىش.
2. ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىسىدە خاتىرىلەنگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ، كاتەكچە قەغەزگە قاتتىق جىسىمنىڭ ئېرىش گرافىكىنى تەسۋىرلەپ سىزىش. گرافىكقا ئاساسەن كرىستال بىلەن غەيرى كرىستالنىڭ ئېرىش ۋە قېتىش ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
تۆمۈر شتاتىپ، ئىسپىرت لامپىسى، تاشپاختا، چوڭ ئىستاكان، ئىلمان سۇ، چوڭ نەيچە، ناترى تىئوسۇلفات ئۇۋىندىسى، موم، تېرمومېتىر، قوچۇش ئەسۋابى، سەرەڭگە.
ئوقۇتۇش شەكلى:
تەجرىبە ئارقىلىق ئىزدىنىش
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
ئوقۇتقۇچى: باشلانغۇچ مەكتەپتە بىز ماددىلارنىڭ ئۈچ خىل ھالەتتە يەنى قاتتىق ھالەت، سۇيۇق ھالەت، گاز ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۆگەنگەن. ئەمما ماددىلارنىڭ ھالەتلىرى ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس.
كارتونلۇق كۆرسەتمە: تۆمۈر رۇدىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوچاقتا ئېرىپ، سۇيۇق تۆمۈرگە ئۆزگىرىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوچاقتىن چىقىرىلغان سۇيۇق تۆمۈر قېتىپ تۆمۈر تاختايغا ئايلىنىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق تەجرىبىخانا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سۇيۇق ھالەتتىكى ئوكسىگېن، ئازوت ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ئوكسىگېن ۋە ئازوتنى ئايرىۋالىدۇ. ئوخشاش بولمىغان پەسىل، ھاۋارايىدىكى سۇ ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى.
يېتەكلەپ يىغىنچاقلاش: تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ماددىلار قاتتىق سۇيۇق، گاز ھالەت ئارىسىدا ئۆزگىرىدۇ.
تۇرمۇشقا باغلاش: سۇنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىگە سالغاندىن كېيىن، سۇ مۇزغا ئايلىنىدۇ. مۇزنى ئىچىملىككە سالغاندا ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىپ، سۇغا ئايلىنىدۇ. تۇغۇلغان كۈن شامىنىڭ ئوت يالقۇنى ئەتراپىدا قاتتىق ھالەتتىكى شام ئۈزلۈكسىز ئېرىپ سۇيۇق ھالەتتىكى شامغا ئايلىنىدۇ. ئېقىپ چۈشكەن بىر قىسىم شام تامچىلىرى ناھايىتى تېزلا قاتتىق ھالەتتىكى شامغا ئايلىنىدۇ. يول، كۆۋرۈك ياساش ئىشچىلىرى قاتتىق ھالەتتىكى قارىماينى سۇيۇلدۇرۇپ، ئۇنى يولغا تۆكىدۇ. سۇيۇق ھالەتتىكى قارىماي ناھايىتى تېزلا قاتىدۇ.
دەرس تېمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش: پەن – تېخنىكىدا ماددىنىڭ قاتتىق ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانىنى ئېرىش دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، مۇزنىڭ سۇغا ئايلىنىشى، سۇيۇق ھالەتتىن قاتتىق ھالەتكە ئايلىنىش جەريانى قېتىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، سۇنىڭ مۇزغا ئايلىنىشى.
مەسىلىنى تېپىپ چىقىش: ماددىنىڭ ئېرىشى ۋە قېتىشى ئۈچۈن قانداق شەرت كېرەك؟ ئوخشاش بولمىغان ماددىنىڭ ئېرىشى ۋە قېتىشى ئوخشاش بولامدۇ؟
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. قاتتىق جىسىملارنىڭ ئېرىش تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش: ئوخشاش بولمىغان ماددىلارنىڭ قاتتىق ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئايلانغاندىكى ئېرىش جەريانىدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئوخشاش بولامدۇ؟
قىياس ۋە پەرەز: ئېرىش جەريانىدا چوقۇم قىزدۇرۇلىدۇ، سۇدا ماددا چوقۇم ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى مۇمكىن.
تەجرىبە ئىشلەش: (1) تۆت ئوقۇغۇچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ھەربىر گۇرۇپپىنى ئىككى كىچىك گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل قاتتىق جىسىمنىڭ ئېرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش.

 

 


                    
(2) تەجرىبە قۇرۇلمىسىنى تونۇشتۇرۇش. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئىسپىرت لامپىسى ۋە تېرمومېتىرنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەكىتلەش.
(3) 1 – كىچىك گۇرۇپپا ناترىي تىئوسۇلفاتنىڭ ئېرىغاندىكى تېمپېراتۇرىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.℃68 تىن باشلاپ ۋاقىت خاتىرىلىنىپ تەجرىبە خادىمى ھەربىر مىنۇتتا تېمپېراتۇرا قىممىتى ۋە ماددا ھالىتىنى دوكلات قىلىش، خاتىرىلىگۈچى سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش ھەم كوئوردىنات قەغىزىدە ماس نۇقتىلارنى تەسۋىرلەپ سىزىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچى كىچىك گۇرۇپپا مومنىڭ ئېرىغاندىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئەگىشىپ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.℃50 تىن باشلاپ ۋاقىت خاتىرىلىنىپ، تەجرىبە خادىمى ھەربىر مىنۇتتا تېمپېراتۇرا قىممىتى ۋ ماددىنىڭ ھالىتىنى دوكلات قىلىش، خاتىرىلىگۈچى سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەش ھەم كوئوردىنات قەغىزىدە ماس نۇقتىلارنى تەسۋىرلەپ سىزىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
كارتونلۇق كۆرسەتمە: گرافىك ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يىغقان سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق ئانالىز قىلىش.
تەھلىل قىلىش ۋە ئىسپاتلاش: ھەربىر كىچىك گۇرۇپپىدىكىلەر كوئوردىنات قەغىزى ئۈستىگە ھەرقايسى نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ بىر تال ئەگرى سىزىقنى تەسۋىرلەپ چىقىش، گرافىكقا ئاساسەن قاتتىق جىسىم ئېرىغاندىكى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى ئانالىز قىلىش.
كىچىك گۇرۇپپىنى باھالاش: تەجرىبە جەريانىنى ئەسلەپ، قايسى ئورۇندا خاتالىق يۈز بەردى ؟ ئىسپاتلاش ئېلىپ بېرىش ئاساسىمىز تولۇقمۇ؟ تەجرىبە نەتىجىسى ئىشەنچىلىكمۇ؟
2. ئېرىش نۇقتىسى ۋە قېتىش نۇقتىسى بىلەن تونۇشۇش
سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش: ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل قاتتىق جىسىمنىڭ ئېرىش ئەگرى سىزىقىنى ئانالىز قىلىش.

 

نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش:
(1) بىر تۈردىكى قاتتىق جىسىملارنىڭ مۇقىم ئېرىش تېمپېراتۇرىسى بولۇپ، كرىستال دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، مۇز، ناترىي تىئوسۇلفات. يەنە بىر تۈردىكى قاتتىق جىسىملارنىڭ بەلگىلىك ئېرىش تېمپېراتۇرىسى بولمايدۇ، ئۇنى ئامورف جىسىم دەپ ئاتايمىز. مەسىلەن، دېۋىرقاي، قارىماي، ئەينەك قاتارلىقلار.
(2) كرىستاللار ئىرىگەندىكى تېمپېراتۇرىسى ئېرىش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئامورف جىسىملارنىڭ مۇقىم ئېرىش نۇقتىسى بولمايدۇ.
(3) كرىستاللار قاتقاندا مۇقىم تېمپېراتۇرىسى بولىدۇ، بۇ تېمپېراتۇرا قېتىش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوخشاش بىرخىل ماددىنىڭ قېتىش نۇقتىسى بىلەن ئېرىش نۇقتىسى ئوخشاش بولىدۇ.
بىلىمنى كېڭەيتىش: ئوقۇغۇچىلارغا «نەچچە خىل كرىستاللارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى» دېگەن ماتېرىياللارنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق، ئوخشاش بولمىغان كرىستاللارنىڭ ئېرىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش. ئېرىش نۇقتىسى كرىستاللارنىڭ بىرخىل خۇسۇسىيىتى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇزنىڭ ئېرىش نۇقتىسى℃0، ۋولفرامنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش.
3. ئېرىش ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىدىغان، قېتىش ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى تونۇتۇش.
يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەش: كرىستال بىلەن ئامورف جىسىملار ئېرىگەندە ھەممىسى ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ.
قارشىدىن چىقىپ تەپەككۇر قىلىش: مۇز ئىسسىقلىق سۈمۈرۈپ سۇغا ئايلىنىپ، سۇ بەلگىلىك شارائىتتا مۇزغا ئايلىنىش قائىدىسىدىن چىقىپ، قېتىشنىڭ، ئېرىشنىڭ قارشى جەريانى ئىكەنلىكىنى بىلىش، ئوقۇغۇچىلارنى ماددىنىڭ ئېرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ماددىنىڭ قېتىش قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەتكۈزۈش، مەيلى كرىستال جىسىم ياكى ئامورف جىسىم بولسۇن، قاتقان ۋاقىتتا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ. كرىستال جىسىم قاتقان ۋاقىتتا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ، لېكىن تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ئامورف جىسىم قاتقان ۋاقىتتا ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ.
تۇرمۇشقا باغلاش: شىمالنىڭ قىش پەسلى ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، كۆكتاتلارنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن كۆكتات ئورىسىغا بىرنەچچە چېلەك سۇ ئەكىرىپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ توڭلىغاندا چىققان ئىسسىقلىقتىن ئورىنىڭ تمېپېراتۇرىسى بەك تۆۋەنلەپ كەتمەيدۇ – دە، كۆكتاتلار توڭلاپ قالمايدۇ.
ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش: ساۋاقداشلار، «قار ياغقاندا سوغۇق ئەمەس، قار ئېرىگەندە سوغۇق» دېگەن سۆزنىڭ پەن - تېخنىكا قائىدىسىدىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭلار.
دەرسخانا خۇلاسىسى:
ئاساسىي ئۇقۇملار:
(1) ئېرىش: ماددا قاتتىق ھالەتتىن سۇيۇق ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانى.
(2) قېتىش: ماددا سۇيۇق ھالەتتىن قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانى.
(3) كرىستال: ئېرىش تېمپېراتۇرىسى بولغان قاتتىق جىسىم.
(4) ئېرىش نۇقتىسى: كرىستاللارنىڭ ئېرىگەندىكى تېمپېراتۇرىسى.
(5) ئامورف جىسىم: مۇقىم ئېرىش تېمپېراتۇرىسى بولمىغان قاتتىق جىسىم.
(6) قېتىش نۇقتىسى: كرىستاللار قاتقاندىكى تېمپېراتۇرىسى.
ئاساسىي قانۇنىيەتلەر:
(1) كرىستاللارنىڭ ئېرىش شەرتى: بىرىنچى، تېمپېراتۇرىسى ئېرىش نۇقتىسىغا يېتىش كېرەك؛ ئىككىنچى، داۋاملىق ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش.
(2) ئوخشاش ماددىلارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى بىلەن قېتىش نۇقتىسى ئوخشاش بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ماددىلارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ.
(3) ئېرىش ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، قېتىش ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ.
ئاساسى ئىقتىدار:
(1) ئىسپىرت لامپىسى، تېرمومېتىرنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى
(2) تەجرىبە ئەسۋابلىرىنى قۇراشتۇرۇش ئىقتىدارى
ئاساسىي ئۇسۇل:
تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، گرافىك سىزىپ مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى.
تاپشۇرۇق لايىھىسى
1. رەسىمدىكى مەلۇم بىرخىل كرىستاللارنىڭ ئېرىش جەريانىنىڭ گرافىكى، گرافىكتىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، بۇ كرىستاللارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى              ، ئېرىش جەريانى ئۈچۈن min              كەتكەن، بۇ كرىستال جىسىم           بولۇشى مۇمكىن.
2. ئىككى ساۋاقداش ناترىي تىئوسۇلفات بىلەن مومنىڭ ئېرىش تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلغان. خاتىرىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن. ئۇلار تەجرىبىدە ناترىي تىئوسۇلفاتنىڭ 5 - مىنۇتتىن باشلاپ ئېرىشكە باشلاپ، 11 – مىنۇتتا ئېرىشنى تاماملىغانلىقىنى، مومنىڭ 2 – مىنۇتتىن باشلاپ يۇمشاپ،    12 – مىنۇتتا پۈتۈنلەي ئېرىشنى تاماملىغانلىقىنى كۆزەتكەن.
16 15 14 13 12 11 10 9 8 7 6 5 4 3 2 1 ۋاقىتmin/
63 59 56 56 53 48 48 48 48 48 48 48 46 44 42 40 ناترىي تىئوسۇلفاتنىڭ تېمپېراتۇرىسى
65 63 59 59 56 54 52 51 49 48 47 46 44 42 41 40 مومنىڭ تېمپېراتۇرىسى
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارغا بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل يۈرگۈزگەندىن كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى تاماملاڭ.
(1) ناترىي تىئوسۇلفات ئېرىگەندىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى:
                                            
(2) مومنىڭ ئېرىگەندىكى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى:
                                             

پايدىلىنىش جاۋابى

℃0، 2، مۇز، (1) ناترىي تىئوسۇلفات ئېرىگەندە تېمپېراتۇرىسى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. (2) موم ئېرىگەندە تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت
 §3. ھورغا ئايلىنىش ۋە سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
ھورغا ئايلىنىش ۋە سۇيۇقلۇققا ئايلىنىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش. سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش بولسا ھورغا ئايلىنىشنىڭ ئەكس جەريانى ئىكەنلىكىنى بىلىش. قايناش ھادىسىسىنى بىلىش، نېمىنىڭ قايناش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش. ھورلىنىشنىڭ سوۋۇشنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىش.
2. قابىلىيەت نىشانى
قايناش بولسا، سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمى بىلەن سىرتقى يۈزدە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان كۈچلۈك ھورغا ئايلىنىش ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى كۆزىتىش. ئىزدىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق سۇيۇقلۇق قاينىغان چاغدىكى تېمپېراتۇرا ئالاھىدىلىكىنى بىلىش.
3. ھېسسىيات نىشانى
ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە ئىلىم – پەنگە نىسبەتەن بىلىم ئېلىش تەشنالىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى فىزىكىلىق پرىنسىپلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغان قىلىش.
ئوقۇتۇش مۇھىم نۇقتىسى:
1. سۇنىڭ قاينىشى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
2. ھورلىنىش بىلەن قايناشنىڭ ئورتاقلىقى ۋە ئوخشاشماسلىق.
ئوقۇتۇش قىيىن نۇقتىسى:
ئۆگەنگەن فىزىكىلىق بىلىمنى تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئىشلىتىش.
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى:
ئىزدىنىش تەجرىبە ئۇسۇلى، سۆزلەش ئۇسۇلى، پاراڭلىشىش ئۇسۇلى.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
نېپىز سۇلياۋ خالتا، ئىنچىكە يىپ، ئىسپرىت، تېمىتقۇچ، تۆمۈر شىتاتىپ، ئىسپرىت لامپىسى، تاش پاختا، ئىستاكان، ئوتتۇرىسى تۆشۈك قەغەز تاختا، تېرمومېتىر، سۇ، سائەت، كومپيۇتېر.
دەرس سائىتى: ئىككى سائەت.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
سۈزۈك سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە بىرنەچچە قېتىم ئىسپرىت تېمىتىپ، خالتىنى سىقىپ ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىپ، ئېغىزىنى يىپ بىلەن چىڭ چىگىپ قويۇپ، ئىسسىق سۇغا قويىمىز. ساۋاقداشلار كۆزىتىپ بېقىڭلار، مۇئەللىم ئۇنى سۇدىن ئالغان پەيتتە، ئۇ يەنە شۇنداق ياپىلاق تۇرامدۇ؟ (ياق) كۆپۈپ كېتىدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن، يەنە ياپىلاقلىشىپ قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە بىز ئىزدەنمەكچى بولغان 4 – باب §3 – ھورغا ئايلىنىش ۋە سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش ھادىسىسىدۇر.
Ⅱ يېڭى دەرس باشلاش
1. ھورغا ئايلىنىش ۋە سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش.
1) ئالدىدىكى كۆرسەتمىلىك تەجرىبىدىن ھورغا ئايلىنىش بىلەن سۇيۇقلۇققا ئايلىنىشنىڭ ئېنىقلىمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
2) تەجرىبە ئارقىلىق ھورغا ئايلىنىش ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان، سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ھەمدە سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش ھورغا ئايلىنىشنىڭ ئەكسى جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش.
2. ھورغا ئايلىنىشنىڭ ئىككى خىل شەكلى.
قاينىغان سۇنى توختاتماي قىزىتقاندا، قازاندىكى سۇنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يامغۇردىن كېيىن يىغىلىپ قالغان سۇ كىشىلەرنىڭ يول مېڭىشىغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەر يۈزى قۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ئىككى خىل ھادىسە ماددىنىڭ سۇيۇق ھالەتتىن گاز ھالەتكە ئۆزگىرىش جەريانى بولۇپ، مانا بۇ ھورغا ئايلىنىش ھادىسىسىدۇر. ئەمما بۇ ئىككى خىل مىسالغا ئازراق ئوخشاشماسلىقلار بار. بۇنىڭدىن ھورغا ئايلىنىشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ بولسا قايناش بىلەن ھورلىنىش.
Ⅲ قايناش ئۈستىدە ئىزدىنىش
ئادەتتە بىز داۋاملىق سۇنىڭ قاينىشىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، لېكىن سىز ئەستايىدىل كۆزىتىپ باققانمۇ؟
1. سۇنىڭ قايناش تەجرىبىسى
1) مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ 2) تەجرىبە لايىھىلەش ۋە تەجرىبە ئىشلەش؛ 3) تەھلىل قىلىش ۋە ئىسپاتلاش.
2. قايناش ئېنىقلىمىسىنى خۇلاسىلەش.
3. قايناش نۇقتىسى ۋە قايناش نۇقتىسى جەدۋىلى.
4. قايناش شەرتلىرى.
Ⅳ ھورلىنىش
1. ھۆل لۆڭگىنىڭ قۇرۇپ قېلىش مىسالىدىن ھورلىنىشنىڭ ئېنىقلىمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
2. ھورلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار.
ئەگەر سىز ھۆل لۆڭگىنىڭ تېزرەك قۇرۇشىنى ئويلىسىڭىز، قانداق ئامال تاپىسىز؟
3. ھورلىنىشنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىشى.
خۇلاسە:
1. ئوقۇغۇچىلار بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەيدۇ.
2. قايناش بىلەن ھورلىنىشنىڭ ئوخشاشلىق ۋە ئوخشاشماسلىق تەرىپىنى خۇلاسىلەش.
تاپشۇرۇق: «مېڭە ئىشلىتىپ قول سېلىپ فىزىكا ئىشلەش» 1 - مىسال ۋە 4 – مىسال.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت
 §4. سۇبلىماتسىيە ۋە بىۋاسىتە قېتىش
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● سۇبلىماتسىيە (بىۋاسىتە ھورلىنىش) ۋە بىۋاسىتە قېتىش ئۇقۇمىنى بىلىش.
● بىۋاسىتە ھورلانغاندا ئىسسىقلىق سۈمۈرۈلۈپ، بىۋاسىتە قاتقاندا ئىسسىقلىق چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلىش.
● تۇرمۇشتىكى بىۋاسىتە ھورلىنىش ۋە بىۋاسىتە قېتىش ھادىسىسىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● كۆزىتىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ھورلىنىش ۋە بىۋاسىتە قېتىش ھادىسىسىنى بىلىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلۈش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى بىر قىسىم تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغان بولۇش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
1. كۆپ ئۇچرايدىغان سۇبلىماتسىيە ۋە بىۋاسىتە قېتىش ھادىسىسىغا ھۆكۈم قىلىش.
2. سۇبلىماتسىيە ۋە بىۋاسىتە قېتىش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
ھىم ئېتىلغان ئەينەك بوتۇلكا، ئىسپرىت لامپىسى، يود.
دەرس سائىتى: بىر سائەت.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ تەكرارلاش ئارقىلىق ئەسلەش
1. ماددا           تىن            كە ئۆزگىرىش جەريانى ھورغا ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ھورلىنىشنىڭ ئىككى خىل شەكلى
              ۋە             .
2. ماددا           تىن            كە ئۆزگىرىش جەريانى سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. سۇيۇقلۇققا ئايلىنىش جەريانى ئىسسىقلىق             جەريان. شەھەر ئائىلىلىكلىرى ئىشلىتىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا             ئۇسۇلى ئارقىلىق نېفىت گازىنى پولات تۇڭنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ ساقلايدۇ.
3. ھورلىنىش بىلەن قايناشقا نىسبەتەن تۆۋەندە ئېيتىلغانلارنىڭ خاتاسى: (      )
A. ھورلىنىش ھەرقانداق تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، قايناش بەلگىلىك تېمپېراتۇرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ
B. ھورلىنىش ئىسسىقلىق سۈمۈرمەيدۇ، قايناش ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ
C. ھورلىنىش سۇيۇقلۇق يۈزىنىڭ ھورغا ئايلىنىش ھادىسىسىدۇر، قايناش بولسا سۇيۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھورغا ئايلىنىش ھادىسىسىدۇر
D. ھورلىنىش ئاستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھورغا ئايلىنىش ھادىسىسىدۇر
4. ياز كۈنى يەلپۈگۈچ بىلەن ئۆزىنى يەلپۈسە ئادەم ئۆزىنى سالقىن ھېس قىلىدۇ. ئاساسلىق يەلپۈنۈپ كەلگەن شامال (    )
A. ئەتراپتىكى تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتكەن
B. ئادەمنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكەن
C. ئادەم بەدىنىنىڭ سۇنىڭ ھورغا ئايلىنىشىنى تېزلەتكەن
D. ئادەم بەدىنى ئەتراپىدىكى ئىسسىق ھاۋانى قاچۇرۇۋەتكەن
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
دەرس تېمىسىگە باشلاش:
قار قانداق ھاسىل بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار قىياس قىلىدۇ.
يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. تەجرىبە: يودنىڭ سۇبلىماتسىيىسى ۋە بىۋاسىتە قېتىش.
نەتىجە: (1) «بىۋاسىتە» دېگەن سۆزگە دىققەت قىلىش.
(2) سۇبلىماتسىيە ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ، بىۋاسىتە قېتىش ئىسسىقلىق قويۇپ بېرىدۇ.
2. كۆپ ئۇچرايدىغان سۇبلىماتسىيە ۋە بىۋاسىتە قېتىش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈش.
▲ قارنىڭ ھاسىل بولۇشى.
▲ تازىلىق كومىلىچىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشى.
▲ لامپۇچكا دىۋارىنىڭ قارىداپ كېتىشى.
▲ تۇمان سۆڭگۈچىنىڭ ھاسىل بولۇشى.
▲ قۇرۇق مۇزنىڭ رولى.
▲ سۇنىڭ ئايلىنىشى.
3. دەرس مەزمۇنىنى خۇلاسىلەش.
                   قاتتىق جىسىم


      گاز جىسىم                     سۇيۇقلۇق
4. (1) تازىلىق شارچىسىنى ئىشكاپنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويسا، بىرنەچچە ئايدىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بۇ تازىلىق شارچىسى                     ھادىسىسىدۇر.
(2) رەسىمدىكىسى «قۇرۇق مۇز ساقىلى» بولۇپ، ئۇ قاتتىق ھالەتتىكى كاربون دانىچىسىدۇر. ئۇ بولسا كاربون گازىنى سىقىپ، مۇزلىتىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان. تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃78.5 قايتىدۇ. سىز قۇرۇق مۇزنىڭ ھاۋادا ساقال پەيدا قىلىش ھادىسىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟

 

 

 

 

دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

  ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت

4 – باب يورۇقلۇق ھادىسىسى
§1. يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● يورۇقلۇقنىڭ مەنبەسىنى بىلىش، يورۇقلۇق مەنبەلىرىنىڭ تەبىئىي يورۇقلۇق مەنبەلىرى ۋە سۈنئىي يورۇقلۇق مەنبەلىرى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى بىلىش.
● يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشىنى چۈشىنىش.
● يورۇقلۇقنىڭ ھەقىقىي بوشلۇقتا ۋە ھاۋادا تارقىلىش تېزلىكىنىڭ C=3×108m/s بولىدىغانلىقىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● يورۇقلۇقنىڭ ھاۋادا ۋە سۇدا تارقىلىشنىڭ تەجرىبە ھادىسىسىنى كۆزىتىپ، تەجرىبىنىڭ فىزىكا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىش.
●ئىلىم – پەن دۇنياسى «بىز قەدىمكى يورۇقلۇقنى كۆردۇق» دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇپ، يورۇقلۇقنىڭ ئالەمنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلىش. ئالەمنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● كۆزىتىش، تەجرىبە ئىشلەش ۋە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلاردا ئوبيېكتىپ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش.
● ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئاڭقىرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى ھېسسىي تونۇشقا ئىگە قىلىپ، كېيىنكى ئۆگىنىشكە ئاساس سېلىش.
● ئىزدىنىش خاراكتېرىدىكى فىزىكا ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش خۇشاللىقىغا ئىگە قىلىپ، فىزىكا ئۆگىنىش پائالىيىتىگە خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىدىغان قىلىش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى
كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش دېتالى، مېۋە ئۇيۇتمىسى (سېرىق رەڭلىك)، مېۋە سۈيى (سېرىق رەڭلىك)، لازىر نۇر قەلىمى، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ، سۈزۈك ئەينەك ئىستاكان.
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰيېڭى دەرسكە باشلاش
ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل كەچلىك مەنزىرىسى ئەكس ئەتكەن فىلىمنى قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا يورۇقلۇقنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.
سوئال: نېمە شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى بۇنچىلىك گۈزەل قىلغان؟
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. يورۇقلۇق مەنبەسى
ئوقۇغۇچىلارنى كىتابتىكى رەسىمگە قاراشقا يېتەكلەپ، يورۇقلۇقنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى يىغىنچاقلاتقۇزۇش؛ كىتابتىكى رەسىمدىن باشقا يەنە يورۇقلۇق چىقىرالايدىغان جىسىملار بارمۇ؟ كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش دېتالىدىن پايدىلىنىپ، يورۇقلۇق مەنبەسىگە نىسبەتەن تۈرگە ئايرىشنى ئېلىپ بېرىش ۋە يورۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئوقۇغۇچىلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش.
2. يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشى
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش:
1. يورۇقلۇق ھاۋادا قانداق تارقىلىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلارغا مۇۋاپىق بولغان تەجرىبە ئەسۋابلىرىنى تاللاپ تەجرىبە لايىھىلەتكۈزۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇرۇش.
تەجرىبە: يورۇقلۇقنىڭ ھاۋادا تارقىلىشى.
ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى بوشلۇققا چېچىپ لازىر قەلەمنى ياندۇرساق، يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ياكى ئىچى ئىس بىلەن توشقۇزۇلغان قۇتىغا لازىر قەلەمنى ياندۇرۇش.
نەتىجە: يورۇقلۇق ھاۋادا تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدۇ.
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش:
2. يورۇقلۇق سۇيۇقلۇق، سۈزۈك بولغان قاتتىق جىسىمدا قانداق تارقىلىدۇ؟
قىياس ۋە پەرەز:
تۈز، ئەگىمەش....... تارقىلىدۇ.
تەجرىبە لايىھىلەش:
مۇۋاپىق بولغان تەجرىبە ئەسۋابلىرىنى تاللاش.
تەجرىبە ئىشلەش:
سېرىق رەڭلىك مېۋە سۈيىگە لازىر قەلەمنى ياندۇرۇش. سېرىق رەڭلىك مېۋە ئۇيۇتمىسىغا لازىر قەلەمنى ياندۇرۇش. ئوقۇتقۇچى سىنىپتا كۆزىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەيدۇ.
نەتىجە: يورۇقلۇق سۇيۇقلۇق ۋە سۈزۈك بولغان قاتتىق جىسىمدا تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدۇ.
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش:
3. ئەگەر مۇھىت تەكشى بولمىسا، يورۇقلۇق قانداق تارقىلىدۇ؟
قىياس ۋە پەرەز:
ئەگىلىدۇ. تۈز تارقىلىدۇ....
بۇنىڭغا ئېكراندىكى ئېزىتقۇنىڭ رەسىمىنى ۋە قۇياش يېڭى كۆتۈرۈلگەندىكى رەسىمنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق تۆۋەندىكى يەكۈن چىقىرىلىدۇ.
نەتىجە: يورۇقلۇق تەكشى بولمىغان مۇھىتتا تارقالغاندا، ئېگىلىش يۈز بېرىدۇ.
خۇلاسە: يورۇقلۇق تەكشى مۇھىتتا تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدۇ.
نۇر: يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئىسترېلكىسى بولغان تۈز سىزىقنى كىرگۈزىمىز.     يەنى
ئىسترېلكا يورۇقلۇقنىڭ يۆنىلىشىنى، تۈز سىزىق يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
3. يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى:
ئېكراندا چاقماق چاققان كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىش تېزلىكىنى ھېسابلاتقۇزۇش.
يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تارقىلىش تېزلىكى 3×108m/s.
يورۇقلۇقنىڭ ۋاكۇئۇمدىكى تارقىلىش تېزلىكى ئەڭ تېز بولىدۇ، ھاۋادىكى تارقىلىش تېزلىكى ۋاكۇئۇمدىكى تارقىلىش تېزلىكىگە تەخمىنەن تەڭ بولىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ باشقا مۇھىتتىكى تارقىلىش تېزلىكىنى ۋاكۇئۇمدىكى تارقىلىش تېزلىكى بىلەن سېلىشتۇرۇش.
4. قوللىنىش
1) سايىنىڭ ھاسىل بولۇشى: يورۇقلۇق تارقىلىش جەريانىدا سۈزۈك بولمىغان جىسىملارغا يولۇقسا كەينىدە قاراڭغۇ كۆلەڭگە پەيدا بولىدۇ.
2) كۈننىڭ تۇتۇلۇشى ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇشى.
3) قول سايىسى ئويۇنى. (ئوقۇغۇچىلارنى دوسكىغا چىقىرىپ قىزىقارلىق قول سايە ئويۇنى ئويناش)
4) تېرە قونچاق ئويۇنى.
5) قۇياش سائىتى.
6) سايىسى چىراغ.
7) يورۇقلۇقنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىش مەنزىرىسى.
8) لازىر نۇرى.
9) كىنو قويۇش.
10) لازىر بىلەن قېزىپ كىرىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش.
11) ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەتكە تىزىلىشى.
12) قارىغا ئېلىش: ئۈچ نۇقتا بىر تۈز سىزىق.
13) كىچىك تۆشۈك ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش.
يۇقىرىقى مىساللارنى كۆرسىتىش جەريانىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ قايسىسى يورۇقلۇق ھادىسىگە، قايسى ئەمەلىي قوللىنىشىغا كىرىدىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىش.
Ⅲ دەرسخانا خۇلاسىسى:
1. يورۇقلۇق مەنبەسى: ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقىرالايدىغان جىسىملار
تۈرى  تەبىئىي يورۇقلۇق مەنبەسى: قۇياش
سۈنئىي يورۇقلۇق مەنبەسى: چوغلانما لامپا
2. يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشى: يورۇقلۇق تەكشى مۇھىتتا تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىدۇ.
3. تېزلىكى: ۋاكۇئۇمدىكى تارقىلىش تېزلىكى C=3×108m/s
ھاۋادىكى تارقىلىش تېزلىكى C≈3×108m/s
نۇر
4. قوللىنىلىشى
تاپشۇرۇق: يانداشما مەشىقنى تۈگىتىش.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت

§2. يورۇقلۇقنىڭ قايتىشى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● يورۇقلۇقنىڭ بەزى جىسىملارنىڭ يۈزىدىن قايتىدىغانلىقىنى بىلىش.
● يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنى بىلەن تونۇشۇپ، نورمال سىزىق، چۈشكەن نۇر ۋە قايتقان نۇر ھەمدە چۈشۈش بۇلۇڭى ۋە قايتىش بۇلۇڭىنىڭ مەنىسىنى بىلىش.
● قايتىش ھادىسىسىدىكى يورۇقلۇق يولىنىڭ قايتمىلىقىنى چۈشىنىش.
● نېمىنىڭ ئەينەك يۈزدىن قايتىش، نېمىنىڭ چاچراپ قايتىش ئىكەنلىكىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● تەجرىبە ئارقىلىق يورۇقلۇقنىڭ قايتىش ھادىسىسىنى كۆزىتىش.
● يورۇقلۇق چىقارمايدىغان جىسىملارنى بىزنىڭ قانداق كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈش.
● يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● «يورۇقلۇقنىڭ قايتقان چاغدىكى قانۇنىيىتى» ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلاردا ئىلمىي پوزىتسىيە يېتىلدۈرۈش.
● ئەمەلىيەتكە چىڭ باغلاپ، قوللىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
1. يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىش.
2. ھادىسە ۋە تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
لازىر قەلەم، تەكشى ئەينەك، قەغەز، بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰدەرس تېمىسىنى كىرگۈزۈش
1. بىز نېمە ئۈچۈن جىسىمنى كۆرەلەيمىز؟
جىسىمدىن قايتقان يورۇقلۇق كۆزىمىزگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، مەسىلەن، شام، كۈن نۇرى لامپىسى، تېلېۋىزور قاتارلىقلار.
2. ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە قىلىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان جىسىملار ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقارمايدۇ، ئەمما بىز نېمە ئۈچۈن كۆرەلەيمىز؟
Ⅱ يېڭى دەرس باشلاش
1. ھەرقانداق جىسىمنىڭ يۈزى يورۇقلۇقنى قايتۇرالايدۇ. نۇرغۇنلىغان جىسىملار ئۆزلىرى يورۇقلۇق تارقىتالمىسىمۇ، لېكىن كۆرەلەيمىز. چۈنكى، جىسىمدىن قايتقان يورۇقلۇق كۆزىمىزگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن.
مىسال كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش: ئوخشاش بولمىغان يۈزدىن قايتقان يورۇقلۇقنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنداقتا يورۇقلۇقنىڭ قايتىشىدا قانۇنىيەت بارمۇ – يوق؟ يورۇقلۇقنىڭ قايتىشى خالىغانچە بولامدىغاندۇ؟
2. ئىزدىنىش: يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنىيىتى
ئەسۋاب: قانداق ئەسۋابلار بار؟ قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟
ئۇسۇل، باسقۇچلار قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟
نەتىجە جەدۋەلگە توشقۇزىلىدۇ.
بۇلۇڭr  بۇلۇڭi  
  1 – قېتىم
  2 – قېتىم
  3 – قېتىم
نەتىجە تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنىيىتى:

 

 

ئەينەك يۈزى
نورمال سىزىق ئەينەك يۈزىگە تىك بولغان سىزىق. (ھەقىقىي سىزىقمۇ ياكى مەۋھۇم سىزىقمۇ؟)
1) يورۇقلۇقنىڭ قايتىش ھادىسىسىدە، قايتىش بۇلۇڭى چۈشۈش بۇلۇڭىغا تەڭ.
كۆرسەتمىلىك تەجرىبە: يورۇقلۇق يولى قايتما بولىدۇ.
چىقىرىلغان نەتىجە تۆۋەندىكىچە:
2) قايتىش ھادىسىسىدە يورۇقلۇق يولى قايتما بولىدۇ.
3. تەجرىبە: ئىككى خىل قايتىشنىڭ ئېنىقلىمىسى
1) چاچراپ قايتىش: يۈزى تەكشى بولمىغان يۈزىدىن قايتىش. (قايتقان نۇر ھەر تەرەپكە چاچرايدۇ)
2) ئەينەك يۈزىدىن قايتىش: سىيلىق يۈزدىن قايتىش. (پاراللېل چۈشكەن نۇرلار پاراللېل قايتىدۇ)
مۇلاھىزە قىلىش: چاچراپ قايتىش يۈز بەرگەندە يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنىغا بويسۇنامدۇ؟ (ئوقۇغۇچىلار مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سخېما سىزىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش)

 

چاچراپ قايتىشمۇ يورۇقلۇقنىڭ قايتىش قانۇنىغا بويسۇنىدۇ.
4. يورۇقلۇق قايتىشنىڭ قوللىنىلىشى: ئوقۇغۇچىلار مىسال كەلتۈرىدۇ.
Ⅲ خۇلاسە:
بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەش، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
Ⅳ دەرستىن كېيىنكى پائالىيەت
1. بۇ دەرسنىڭ مەشىقىنى تاماملاش.
2. يورۇقلۇق قايتىشىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى قوللىنىشى. (200 خەتتىن يۇقىرى)
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى    دەرس سائىتى: بىر سائەت

§3. تەكشى ئەينەكنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىشى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى بىلىش.
● تەكشى ئەينەكتە مەۋھۇم تەسۋىر ھاسىل بولۇشنى بىلىش، مەۋھۇم تەسۋىرنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلىش.
● كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل بولۇش ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش.
● پېتىنغۇ ئەينەكنىڭ يورۇقلۇقنى يىغىش رولىنى، كۆپۈنگۈ ئەينەكنىڭ يورۇقلۇقنى چېچىش رولىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● «تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل بولۇش ئالاھىدىلىكى» ئۈستىدە ئىزدىنىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، تەجرىبە جەريانىدىكى ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەشنى ئۆگىنىش.
● تەجرىبە ھادىسىسىنى كۆزىتىپ، مەۋھۇم تەسۋىرنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلىش.
● كۆزىتىش ئارقىلىق شار يۈزلۈك ئەينەكنىڭ نۇرغا بولغان تەسىرىنى ھېس قىلىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● «تەكشى ئەينەكنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكى» ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، فىزىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ ئاجايىپ گۈزەل ۋە ماسلاشقانلىقىنى ئاڭقىرىپ (بايقاپ)، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش خۇشاللىقىغا ئىگە بولۇش.
● ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىلمىي پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش.
● تەكشى ئەينەك ۋە شار يۈزلۈك ئەينەكنىڭ قوللىنىلىشىنى بىلىش ئارقىلىق، پەن – تېخنىكىنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تونۇش.
تەجرىبە ئەسۋابلىرى:
شام (ئىككى تال)، ئاق قەغەز، سۈزۈك ئەينەك تاختا، سەرەڭگە، سىزغۇچ، تەكشى ئەينەك.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰيېڭى دەرسكە يېتەكلەش
1. مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش: ئەينەككە قارىساق، ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل بولىدۇ. (تۇرمۇشتىن چىقىپ مەسىلىنى بايقاش)، تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل قىلىشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
2. قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇش. تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل بولۇشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
ئوقۇغۇچىلار قىياس ۋە پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
1) تەسۋىر بىلەن جىسىم تەڭ.
2) تەسۋىر بىلەن جىسىمدىن تەكشى ئەينەككىچە بولغان ئارىلىق تەڭ.
3) جىسىم بىلەن تەسۋىرنىڭ ئوڭ – سولى ئۆزئارا تەتۈر.
3. تەجرىبە لايىھىلەش.
جىسىم بىلەن تەسۋىرنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنىڭ تەڭ ياكى تەڭ ئەمەسلىكى ئۈستىدە قانداق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش كېرەك؟
بىز قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق تەسۋىر بىلەن جىسىمنىڭ تەڭ ياكى تەڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايمىز؟
تەسۋىر بىلەن جىسىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇش.
ئەينەك ئالدىدىكى جىسىم بىلەن ئوخشاش بولغان جىسىمنى تەسۋىر بىلەن سېلىشتۇرۇش.
4. تەجرىبە ئىشلەش ۋە ئىسپات توپلاش.
ساۋاقداشلار پارتاڭلاردىكى تەجرىبە ئەسۋابلىرىنى سىناپ بېقىڭلار، تەجرىبىنى ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ – بولمامدۇ؟
ئىككى تال ئوخشاش قەلەم.
ئىككى تال ئوخشاش شام.
ساۋاقداشلار مۇۋەپپەقىيەت قازاندىڭلارمۇ؟ قانداق توسالغۇ بار ئىكەن؟
تەكشى ئەينەكنىڭ ئۇدۇلىدىن تەسۋىرنى كۆردۇق، «ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان جىسىم» نى تەكشى ئەينەكنىڭ كەينىدىكى تەسۋىرنىڭ ئورنىغا قويغاندا، تەكشى ئەينەكنىڭ كەينىدىن پەقەت، «ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان جىسىم» نىلا كۆرۈپ، تەسۋىرنى كۆرەلمىدۇق. شۇڭلاشقا تەسۋىر بىلەن جىسىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرغىلى بولمىدى.
نېمە ئۈچۈن تەسۋىر كۆرۈلمىدى؟ [ئوقۇغۇچى: تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش]
تەكشى ئەينەك ھاسىل قىلغان تەسۋىر ھەقىقىي مەۋجۇت ئەمەس. ھەقىقىي مەۋجۇت بولغان تەسۋىر بارمۇ – يوق؟ سىلەر كۆرۈپ باققانمۇ؟
كىچىك تۆشۈك ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش، تەسۋىر ئېكرانغا چۈشۈرۈلگەن نۇرلار تەرىپىدىن شەكىللەنگەن.
پرويېكسىيە ئاپپاراتىنىڭ ئېكرانغا چۈشۈرگەن تەسۋىرى.
كىنوخانىلاردىكى كىنو قويۇش ئاپپاراتىنىڭ ئېكرانغا چۈشۈرگەن تەسۋىرى.
ئورمانلىقتىكى يورۇق داغ قۇياشنىڭ تەسۋىرىدۇر.
تەكشى ئەينەك ھاسىل قىلغان تەسۋىر ھەقىقىي نۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغانمۇ؟
ياق، تەكشى ئەينەكنىڭ كەينى بىر قەۋەت سىرلانغان، نۇرلار تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ.
[خۇلاسە] ياخشى! ھەقىقىي نۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان، ئېكراندا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان تەسۋىر ھەقىقىي تەسۋىر دەپ ئاتىلىدۇ. ھەقىقىي نۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولمىغان، ئېكراندا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان تەسۋىر مەۋھۇم تەسۋىر دەپ ئاتىلىدۇ. قانداق قىلغاندا تەسۋىر بىلەن «ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان جىسىم» نى كۆرگىلى بولىدۇ؟
[ئوقۇغۇچى: تەپەككۇر قىلىش، تەھلىل قىلىش، مۇنازىرە قىلىش، يىغىنچاقلاش]
تەسۋىر بىلەن ئورنىغا ئالماشقان جىسىمنى بىرلا ۋاقىتتا كۆزىتىش ئۈچۈن ئەينەكتىن قايتقان نۇر بىلەن ئورنىغا ئالماشقان جىسىمدىن چىققان نۇر كۆزىمىزگە كىرىشى كېرەك.
تەكشى سۈزۈك ئەينەك تاختىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش.
يـورۇقلۇق دەرىجىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېنىۋاتقان شامنى ئىشلىتىش.
ياندۇرۇلغان شام ئۇزاق ۋاقىت ئىشلىتىلسە كۆيۈپ قىسقىراپ كېتىدۇ، تەسۋىر جىسىمدىن كىچىك بولۇپ قالىدۇ.
شامنى ئاسانلىقچە تىك قويغىلى بولمايدۇ.
شام ئاسانلىقچە ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ.
قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق تەجرىبىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟
شامنىڭ ئورنىغا قول چىراغنى ئىشلىتىش.
تەكشى ئەينەكتە ھاسىل بولغان مەۋھۇم تەسۋىر بىلەن جىسىمنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى  تەڭ.
تەجرىبە ئىسپاتلايدۇكى، تەسۋىر بىلەن جىسىمدىن ئەينەككىچە بولغان ئارىلىق ئۆزئارا تەڭ، ئۇلارنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق ئەينەك يۈزىگە تىك.
[تەجرىبە خاتىرىسىنى ئانالىز قىلىش]
ھەر قېتىملىق تەجرىبىدە ئىككى دانە قول چىراغنىڭ ئەينەك تاختىغىچە بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ چىقىش.
ھەر قېتىملىق تەجرىبىدە ئىككى دانە قول چىراغنىڭ ئورنىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، تۇتاشتۇرۇلغان سىزىقنىڭ ئەينەك يۈزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزىتىش.
[تەجرىبە خۇلاسىسىگە ئېرىشىش]
5. پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە باھالاش.
1) ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىزدىنىش نەتىجىسى بىر – بىرىگە ئوخشاشمۇ؟
2) تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن يەنە قانداق پەرەزلىرىڭلار بار؟ قانداق ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلاش كېرەك؟
6. تەكشى ئەينەكتە تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپى
ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇشنى كۆرۈشكە يېتەكلەپ، سخېما سىزىشنى مەشىق قىلىش.
7. تەكشى ئەينەكنىڭ قوللىنىلىشى
1) تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ.
2) يورۇقلۇق يولىنى ئۆزگەرتىدۇ.
Ⅲ دەرسخانا خۇلاسىسى
1. تەكشى ئەينەكنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئالاھىدىلىكى.
1) تەسۋىر بىلەن جىسىم تەڭ.
2) تەسۋىر بىلەن جىسىمدىن ئەينەككىچە بولغان ئارىلىق تەڭ.
3) تەسۋىر بىلەن جىسىمنى تۇتاشتۇرغۇچى سىزىق ئەينەك يۈزىگە تىك.
4) مەۋھۇم تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ.
Ⅳ تاپشۇرۇق
ئىزدىنىش دوكلاتىنى تاماملاش.
كىتابتىن «كۆپۈنگۈ ئەينەك بىلەن پېتىنغۇ ئەينەك» قىسمىنى ئوقۇپ كېلىڭ.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت

§4. يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش ھادىسىسىنى بىلىش.
● يورۇقلۇق ھاۋادىن سۇغا ياكى باشقا مۇھىتقا چۈشكەن چاغدىكى ئېغىپ سۇنۇش قانۇنىنى بىلىش.
● يورۇقلۇقتا سۇنۇش ھادىسىسى بولغان چاغدا، يورۇقلۇق يولىنىڭ قايتما بولىدىغانلىقىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● كۆزىتىش ئارقىلىق، سۇنۇش ھادىسىسىنى تونۇش.
● سۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان خاتا سەزگۈنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى.
● سۇنۇش ھادىسىسىنىڭ گۈزەللىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە يېقىنلىق ھېسسىياتىغا ئىگە بولۇش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا
1. يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش قانۇنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
2. تەجرىبە، ھادىسە ئارقىلىق يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
لازىر نۇر مەنبەسى، لېنزا، سۇ، قەغەز، بۇلۇڭ ئۆلچىگۈچ.
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰتەكرارلاش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇغۇچىلارغا كومپيۇتېردىكى مۇنارنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەسۋىرىنى كۆزەتكۈزۈش ئارقىلىق، قايتىش ھادىسىسىنى، ئاندىن سۇنۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1. سۇدىكى رەسىمنى كۆزىتىپ، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
2. ئىشلەپ بېقىش ئارقىلىق، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
3. ئوقۇغۇچىلارغا يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇشىدا قانداق قانۇنىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلىشقا يېتەكلەش.

 

 


ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى قىياس قىلدۇرۇش؛ نۇر قايسى تەرەپكە قاراپ سۇنىدۇ؟
نەتىجە

 

 


2. يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش قانۇنىيىتى
1) يورۇقلۇق ھاۋادىن سۇ ياكى باشقا مۇھىتقا يانتۇ چۈشكەندە، سۇنغان نۇر نورمال سىزىق تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ.
2) تەجرىبە:

 

 

نەتىجە: سۇنۇشتا، يورۇقلۇق يولى قايتما بولىدۇ.
باشقا مۇھىتتىن ھاۋاغا يانتۇ چۈشكەندە، سۇنغان نۇر نورمال سىزىقتىن يىراقلىشىدۇ (ياكى چېگرا يۈز تەرەپكە ئاغىدۇ).
3) تەجرىبە:
يورۇقلۇق چېگرا يۈزگە تىك چۈشسە تارقىلىش يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
4) مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر:
(1) سۇدىكى جىسىمنىڭ ئۈستىگە ئېگىلىپ قېلىشىنى رەسىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ. (سۇنىڭ «تېيىز» بولۇپ كۆرۈنۈشى، چوكىنىڭ «ئېگىلىپ» قېلىشى قاتارلىقلار.)
(2) ئېزىتقۇ: (رەسىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ)
Ⅲ خۇلاسە: دوسكا لايىھىسى ئارقىلىق، بۇ پاراگرافتىكى مەزمۇننى خۇلاسىلەش.
Ⅳ مۇھىم، قىيىن نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش
دەرستىن كېيىنكى پائالىيەت: دەرسلىكتىكى مەشىقنى تۈگىتىش.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 


ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى    دەرس سائىتى: بىر سائەت
§5. يورۇقلۇقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىشى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● يورۇقلۇقنىڭ يالغۇز ئاق بىرخىللا يورۇغلۇق بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىرنەچچە خىل يورۇغلۇقنىڭ بىركىشىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى  يورۇغلۇقنىڭ ئۈچ خىل ئاساسى رەڭدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى  ئۈچ خىل ئاساسى رەڭ ئاساسىدا باشقا رەڭلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش  ھادىسىسىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● كۆزىتىش ئارقىلىق، رەڭلەرگە ئاجرىلىش ھادىسىسىنى  تونۇش.
●  يورۇغلۇقنىڭ ئۈچخىل ئاساسى رەڭدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى  ئۈچ خىل ئاساسى رەڭ ئاساسىدا باشقا رەڭلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش  ھادىسىسىنى بىلىش.
.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى.
●رەڭلەرگە ئاجرىلىش ھادىسىسىنىڭ گۈزەللىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھېس قىلىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە يېقىنلىق ھېسسىياتىغا ئىگە بولۇش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا
1. يورۇقلۇقنىڭ يالغۇز ئاق بىرخىللا يورۇغلۇق بولۇپلا قالماستىن بەلكى بىرنەچچە خىل يورۇغلۇقنىڭ بىركىشىدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى مەزمۇنىنى ئىگىلەش.
2. تەجرىبە، ھادىسە ئارقىلىق يورۇقلۇقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىش ھادىسىسىنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى:
ئۈچقىرلىق پىرىزما ،ئۈچ ئاساسى رەڭنى كۆرسىتىش ئەسۋابى  سۇ، قەغەز،داس .
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰتەكرارلاش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇغۇچىلارغا پىرىزمىنى ئاپتاپقا توغۇرلاپ ئىنىڭدىن ئۆتكەن يورۇغلۇقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىش ئەھۋالىنى كۈزەتكۈزۈپ تەھلىل قىلدۇرلىدۇ .
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
1.كىتاپتىكى رەسىمنى كۈزەتكۈزۈش ھەمدە ھەسەن ھۈسەننىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىقلارنى ئەسلىتىش ئارقىلىق تىڭىدەرىس كە يىتەكلىنىدۇ .
2. ئىشلەپ بېقىش ئارقىلىق، مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.
3. ئوقۇغۇچىلارغا يورۇقلۇقنىڭ ھەرخىل رەڭلەرگە ئاجرىلقشىدا  قانۇنىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلىشقا يېتەكلەش.
1-رەڭلەرگە ئاجرىلىشى
  ئۆلگە كۆرسىتىش
سۇئال ئوتتۇرغا قويۇش
بىردەستە قۇتاش نۇرىنى ئۈچ قىرلىق پىرىزمىغا چۈشۈرسەك (1.5.4-)پىرىزمىدىن چىققان نۇردا قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ ؟
مۇلاھىزىگە تەشكىللىنىدۇ.
تەكۈن :قۇياش يورۇغلىقى ئاق تورۇغلۇق بولۇپ ، قۇياش يورۇغلىقى پىرىزمىدىنئۆتكەندە ھەرخىل رەڭلىك يورۇغلۇققا ئاجرىلىدۇ ،بۇخىل ھادىسە يورۇغلۇقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىشى دەپ ئاتىلىدۇ . ئەگەر بىر ئاق ئىكرانغا چۈشۈرسەك ئاق ئىكراندا بىر تال رەڭلىك يورۇغلۇق بەلۋىغى ۋەكىللىنىدۇ . ئۇلارنىڭ رەڭگى تەرتىپ بويىنچە  ،قىزىل ،پورتىھال(قىزغۇچسىرىق )سىرىق يېشىل ،كۆك،(ھاۋارەڭ)تۆمۈر كۆك  ،بىنەپسە بولىدۇ .بۇ ئاق تورۇغلۇقنىڭ ھەرخىل رەڭلىك يورۇغلۇقنىڭ بىركىشىدىن ھاسىل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
ئويلىنىپ ئىشلەش
ئەگەر بىزدە ئۈچ قىرلىق پىرىشما بولمىسا يورۇغلىقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىش تەجىربىسىنى قانداق ئىشلەش كىرەك ؟
107-بەتتكى تەجرىبە نى ئىشلەشكە تەشكىللىنىدۇ
يەكۈن : ئەگەر بىزدە ئۈچ قىرلىق پىرىشما بولمىسا يورۇغلىقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىش تەجىربىسىنى(2.5.4-رەسىم )دىكىدەك ئۈسكىنە دىن پايدىلىنىپ  يورۇغلىقنىڭ رەڭلەرگە ئاجرىلىش تەجىربىسىنىئىشلەشكە بولىدۇ .
2- رەڭلىك يورۇغلىقنىڭ ئارلىشىشى
كىشىلەر قىزىل،يېشىل ،چە كۆك تىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭلىك يورۇغلىقنى ئوخشاش بولمىغان نىسپەتتە ئارلاشتۇرغاندا ھەرخىل رەڭلىك يورۇغلۇقلارنى ھاسىل قىلغىنى بولىدىغانلىقىنى          (4. 5. 3-رەسىم) شۇڭا  قىزىل،يىشىل،كۆك تىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭنى رەڭلىك نۇرلارنىڭ ئۈچ ئاساسى رېڭى دەپ ئاتىدى .
3-كۆرۇنمەيدىغان نۇرلار
قۇياش ئىنىرگىيىسى نۇر شەكلىدە رادىياتسىيەلىنىپ يەر شارىغا يىتىپ كىلىدۇ .ئەگەر ئىنتايىن سەزگۈر تىرمومىتىر رەڭلەرگە ئاجرىغاندىن كىيىنكى ئوخشىمىغان رەڭلىك نۇرلار بار ئورۇنغا ئايرىم –ئايرىم قويۇلسا ھەممىسىدىلا تىمپىراتۇرنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ئۆلچەشكە بولىدۇ .دىققەت قىلىشقا ئەرزىدىغىنى شۇكى قىزىل نۇرنىڭ سىرتىدىكى قىسمىدىمۇ تىمپىراتۇراتۇرا ئوخشاشلا ئۆرلەيدۇ ،بۇ ئورۇندىمۇ ئىنىرگىتە رادىياتسىيەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ،بىراق كۆزىمىزبىلەن كۆرەلمەيمىز . بىز قىزىل نۇرنىڭ سىرتىدىكى رادىياتسىيەسىنى ئىنپىرا قىزىل نۇر دەپ ئاتايمىز .
ئىنپىرا قىزىل نۇر دىن پايدىلىنىپ كىسەلگە دىياگىنۇز قويۇشقا ،ئىلىكتىر ئەسۋاپلىرنى يىراقتىن تىزگىنلەشكە بولىدۇ............................
        يورۇغلۇق ئىسپىكتىرىنىڭ بىنەپشە .ۇچىنىڭ سىرتىدىمۇ كۆرۈنمەيدىغان بىرخىل نۇربار  ئۇ ئولتۇرا بىنەپشە نۇر دەپ ئاتىلىدۇ . ئولتۇرا بىنەپشە نۇرمۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك .
ئولتۇرا بىنەپشە نۇر ئادەم بەدىنىگە مۇۋاپىق چۈشۈرۈلسە  سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى چە تەنساغلاملىقنىڭ نۇرغۇن جەھەتلىرىگ پايدىسى بار .
ئولتۇرا بىنەپشە نۇر مىكروپ ئۆليۈرەلەيدۇ  شۇڭا دوختۇر خانىلاردا ئوپىراتسىيە ئۆيى كىسەللەر ياتاقلىرنى دىزىنپىكسىيەلەيدۇ.
Ⅲ خۇلاسە: دوسكا لايىھىسى ئارقىلىق، بۇ پاراگرافتىكى مەزمۇننى خۇلاسىلەش.
Ⅳ مۇھىم، قىيىن نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش
دەرستىن كېيىنكى پائالىيەت: دەرسلىكتىكى مەشىقنى تۈگىتىش.
Ⅳ تاپشۇرۇق: بۇ دەرسنىڭ مەشىقىنى تاماملاش.
دەرىستىن كىتىنكى يەكۈن:

 

 

 

 

 

 

 

 


ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت
5– باب لىنزا ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشى
§1 -لىنزا
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● لىنزا نىڭ قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغانلىقىنى بىلىش  بىلىش.
●  لىنزا نىڭھەر قايسىسىنىڭ چۈشكەن نۇرلارغابولغان تەسىرىنى  ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە پرىنسىپىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● ئۆزىدە بار بولغان پەن – تېخنىكا قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈش دەسلەپكى قەدەمدىكى ئانالىز قىلىپ يىغىنچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.
● مودېل لىنزا ياساش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، لىنزا نىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى فوكۇس نوختىسى  فوكۇس ئارلىقىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● پەن – تېخنىكىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش.
● كۈندىلىك بۇيۇم ياكى يېڭى ئەسۋابلارنىڭ فىزىكىلىق پرىنسىپى ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش ھەمدە پەن – تېخنىكىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.
3
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
مۇھىم نۇقتا: لىنزا نىڭ قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغانلىقىنى بىلىش  . لىنزا نىڭھەر قايسىسىنىڭ چۈشكەن نۇرلارغابولغان تەسىرىنى  ۋە فوكىسى ،فوكىس نوختىسى،فوكىس ئارلىغىنى  بىلىش.
قىيىن نۇقتا: ئۆزىدە بار بولغان پەن – تېخنىكا قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق كونكرېت ئەمەلىي مىساللارنى چۈشەندۈرۈشنى باشتىن ئۆتكۈزۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ بىلىملەرنى ئەسلەپ، تېمىنى كىرگۈزۈش.
ساۋاقداشلارغا ھەرخىل ئىلىكتىر ئەسۋاپلىرنىڭ ،يەنە كىنو ئاپاراتى ،ھەرخىل رەسىم ئاپاراتى ،دىۋىدى ۋىسدى ،تىلىسكوپ قاتارلىق ئەسۋاپلارنى  ئەسلىتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدىكى ئوپتىك ئەسۋابلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىقلىرى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ يېڭى دەرس تېمىسىنى كىرگۈزۈش.
Ⅱ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش
1. ئوقۇتقۇچى ئەسۋابنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان رەسىمگە بىرلەشتۈرۈپ لىنزا ، يورۇقلۇق مەنبەسى ۋە يورۇقلۇق قايتۇرىدىغان ئەينەكلەرنى   ئاددىي تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن تۆۋەندىكى مىساللارنى بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ، بىر تەرەپ مۇنازىرە قىلىدۇ.
1) كىتاپنىڭ 113-بەتتىكى ئا ۋە بى دىن نىمىنى بىلدىڭىز ؟
2) قايسى كۆپۈنكى لىنزا ، قايسىپىتىنغۇ لىنزا ؟
3) كۈن نۇرىغا تۇتۇپ كۆرۈڭ ئۇلارنىڭ نۇرلارغا بولغان تەسىرى قانداق بولىدىكەن ؟
2. ئوقۇتقۇچى ئاددىيلاشتۇرۇلغان رەسىمگە بىرلەشتۈرۈپ لىنزىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرنى چۈشەندۈرۈش .
1-كۆپۇنكى لىنزا ۋە پىتىنغۇ لىنزا
كىشىلەر تۇرمۇشتا دائىم كۆزئەينەك فويو ئاپىرات ،پىرىياكسىيە ئاپاراتى ۋە مىكراسكوپ قاتارلىق ئەينەك ئەسۋاپلاردىن پايدىلىنىدۇ بۇ ئەينەك ئەسۋاپلار بىزنىڭ تۇرمىشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئۇلارنىڭ ئاساسلىق دىتالى لىنزىدىن ئىبارەت .
ئەگەر كۆز ئەينەكنى تەپسىلى كۈزەتسىڭىز ئەينەك پىلاستىنكىسىنىڭ ئوتتۇرسى بىلەن چۆرىسىنىڭ قىلىنلىقىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقايسىز . يىقىننى كۆرەلمەيدىغانلار كۆزئەينىكىنىڭ پىلاستىنكىسىنىڭ ئوتتۇرسى قىلىن چۆرىسى نىپىز بولىدۇ ،بۇنداق ئەينەك پىلاستىنكىلار كۆپۈنكى لىنزاھىساپلىنىدۇ .
رەسىم Aدا كۆرسىتىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار تاقايدىغان كۆز ئەينەكنىڭ پىلاستىنكىسىنىڭ ئوتتۇرسى نىپىز چۆرىسى قىلىن بولىدۇ بۇنداق ئوپتىك پىلاستىنكا  پىتىنقى لىنزا ھىساپلىنىدۇ


رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك لىنزەدىكى  ئوپتىك مەرگىزىدىن ئۆتكەن تۈز سىزىق باش ئوپتىك ئوق دەپ ئاتىلىدۇ .ھەربىر لىنزىنىڭ باش ئوقىدا بىر ئالاھىدە نوختابار مۇشۇ نوختىدىن ئۆتكەن نۇرنىڭ تارقىلىش تۆلىنىشى ئۆزگەرمەتدۇ بۇنوختا  ئوپتىك مەرگىزى دەپ ئاتىلىدۇ  ئىككى    .
2- لىنزىنىڭ نۇرغا نىسپەتەن رولى

(5. 4.1- رەسىم    )يورۇق داغ شەكىللەنگەن ئورۇننىڭ تىمپۇراتۇرسى ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ ،ئۇزاق ۋاقىت نۇر چۈشۈرۈلسە قەغەز كۆيۈپ كىتىدۇ بۇھادىسە لوپا ئەينەكنىڭ نۇرلارنى يىغىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ،لوپا ئەينەك كۆپۈنكى لىنزا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ ،دىمەك ،كۆپىنكى لىنزا نىڭ نۇرلارنى يىغىش رولى بار .115-بەتتىكى تەجىرىبە ئىشلەپ كۆرسىتىلىدۇ .

 

 

 


تەجىربىلەر شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى كۆپۈنكى لىنزىنىڭ نۇرلارنى يىغىش رولى بار .پىتىنقى لىنزىلارنىڭ نۇرلارنى چىچىش رولى بار . شۇڭا كۆپۈنكى لىنزا يىققۇچى لىنزا پىتىنقى لىزا چاچقۇچى لىنزادەپ ئاتىلىدۇ .

3-فوكۇس نوختىسى ۋە فوكۇس ئارلىغى

 

 

تەجىربىدىن يەنە كۆپۈنكى لىنزىنىڭ باش ئوپتىك ئوققا پاراللىل نۇرلارنى بىر نوختىغا يىغىدىغانلىقىنى بايقايمىز ،بۇنوختا كۆپۈنكى لىنزىنىڭ فوكۇس نوختىسى دەپ ئاتىلىدۇ فوكۇس نوقتىسىدىن كۆپۈنكى لىنزىنىڭ ئوپتىك مەرگىزىگىچە بولغان ئارلىق فوكۇس ئارلىۈى دەپ ئاتىلىدۇ . كۆپۈنكى لىنزىنىڭ ئىككى تەرپىدە بىردىنفوكۇس نوختىسى باربولۇپ  ئىككى تەرپىدىكى فوكۇس ئارلىغى ئۆشئارا تەڭ بولىدى .باش ئوپتىك ئوققا پاراللىل بولغان نۇرلارنىڭ كۆپۈنكى لىنزىدىن ئۆتكەندىكى نۇر يولى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.رەسىمدىكى Fفوكۇس نوختىسى fفوكۇس ئارلىقى نى ئىپادىلەيدۇ . كۆپۈنكى لىنزىنىڭ فوكىس ئارلىقى كانچىكى كىچىك بولسى نۇرنى يىغىش رولى شۇنچە كۈشلۈك بولىدۇ .

Ⅲ خۇلاسە:  كۆپۈنكى لىنشا ،پىتىنقى لىنزى ،ۋە ئۇلارنىڭ نۇرلارغا بولغان تەسىرى ،ئوپتىك ئوق ،فوكۇس نوختىسى،فوكۇس ئارلىغى قاتارلىقلارنى خۇلاسە قىلىنىدۇ .
Ⅳ تاپشۇرۇق: بۇ دەرسنىڭ مەشىقىنى تاماملاش.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 


ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى    دەرس سائىتى: بىر سائەت
§2. تۇرمۇشتىكى لىنزىلار
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● لىنزىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قوللىنىلىشىنى بىلىش.
● پرويېكسىيە ئاپپاراتى، فوتو ئاپپاراتى ۋە لوپا ئەينەك قاتارلىق ئوپتىك ئەسۋابلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە پرىنسىپىنى بىلىش.
● فوتو ئاپپاراتنىڭ خىزمەت پرىنسىپىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● ئۆزىدە بار بولغان پەن – تېخنىكا قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق كونكرېت مەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈش دەسلەپكى قەدەمدىكى ئانالىز قىلىپ يىغىنچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.
● مودېل فوتو ئاپپارات ياساش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، فوتو ئاپپاراتنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپىنى بىلىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
● پەن – تېخنىكىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشىنىش.
● كۈندىلىك بۇيۇم ياكى يېڭى ئەسۋابلارنىڭ فىزىكىلىق پرىنسىپى ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بولۇش ھەمدە پەن – تېخنىكىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.
3. تەقلىدىي فوتو ئاپپاراتنى ياساش ۋە ئىشلىتىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش خۇشاللىقىغا ئېرىشىش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
مۇھىم نۇقتا: كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن پرويېكتور، پرويېكسىيە ئاپپاراتى، فوتو ئاپپاراتلارنىڭ پرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈش.
قىيىن نۇقتا: ئۆزىدە بار بولغان پەن – تېخنىكا قانۇنىيەتلىرى ئارقىلىق كونكرېت ئەمەلىي مىساللارنى چۈشەندۈرۈشنى باشتىن ئۆتكۈزۈش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ بىلىملەرنى ئەسلەپ، تېمىنى كىرگۈزۈش.
ساۋاقداشلارغا كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدىكى ئوپتىك ئەسۋابلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىقلىرى قاتارلىقلارنى سۆزلەپ يېڭى دەرس تېمىسىنى كىرگۈزۈش.
Ⅱ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يېڭى بىلىم ئۈستىدە ئىزدىنىش
1. ئوقۇتقۇچى ئەسۋابنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان رەسىمگە بىرلەشتۈرۈپ پرويېكسىيە ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈلۈشىنى (ئوبيېكتىپ، پلاستىنكا، نۇر يېغىش ئەينىكى، يورۇقلۇق مەنبەسى ۋە يورۇقلۇق قايتۇرىدىغان ئەينەكتىن تەركىب تاپقانلىقىنى) ئاددىي تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن تۆۋەندىكى مىساللارنى بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ، بىر تەرەپ مۇنازىرە قىلىدۇ.
1) پلاستىنكا بىلەن ئېكراندىكى تەسۋىرنىڭ قايسىسى چوڭ، قايسىسى كىچىك؟
2) قايسى بۆلەك جىسىم ئارىلىقى، قايسى بۆلەك تەسۋىر ئارىلىقى؟
3) ئېكراندا ئوڭ، چوڭايتىلغان تەسۋىرگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پلاستىنكىنى قانداق قويىمىز؟
4) ئەگەر ئېكراندىكى تەسۋىرنى ئازراق چوڭايتماقچى بولساق، پرويېكسىيە ئاپپاراتىنى قانداق تەڭشەيمىز؟
2. ئوقۇتقۇچى ئاددىيلاشتۇرۇلغان رەسىمگە بىرلەشتۈرۈپ فوتو ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن پرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈش.
ئوبيېكتىپ: كۆپۈنگۈ لىنزىغا باراۋەر بولۇپ، فوتو ئاپپاراتنىڭ مۇھىم مەركىزىي. نىگاتىپ ئېكرانغا تەڭداش، ئوبيېكتىپ بىلەن نىگاتىپ ئارىسى قاراڭغۇ ئۆيدەك بولۇپ، تەسۋىر ئارىلىقىغا تەڭداش، يەنە فۇكۇس ئارىلىقىنى تەڭشەيدىغان فۇكۇس تەڭشىگۈچ، نۇر ھالقىسى، زاتۋۇر قاتارلىقلار بار؛ ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتا كۆرۈشكە بۇيرۇپ، تۆۋەندىكى مىساللارنى بىر تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ، بىر تەرەپتىن مۇنازىرە قىلىنىدۇ.
1) رەسىمگە تارتقاندا، نىگاتىپتا ھاسىل بولغان تەسۋىر، ئەمەلىي جىسىمدىن چوڭمۇ ياكى كىچىكمۇ؟
2) تەسۋىر مەۋھۇممۇ ياكى ھەقىقىيمۇ؟
3. ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ، يۇقىرىقى مىساللار ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ھەمدە فوتو ئاپپاراتنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئەگرى سىزىقىنى سىزىش.
Ⅲ خۇلاسە: پرويېكسىيە ئاپپاراتى، پرويېكتور، ئاپپاراتنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپى.
Ⅳ تاپشۇرۇق: بۇ دەرسنىڭ مەشىقىنى تاماملاش.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى دەرس سائىتى: ئىككى سائەت

§3. كۆپۈنگۈ لىنزا ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىشنىڭ قانۇنىيىتى
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
كۆپۈنگۈ لىنزا ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل بولۇشنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش.
2. ئۇسۇل ۋە جەريان
ئىزدىنىش پائالىيىتى جەريانىدا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش قابىلىيىتىگە دەسلەپكى قەدەمدە ئېرىشىش.
ئىزدىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىلمىي ئىزدىنىشتىكى پۈتۈن جەريان ۋە ئۇسۇلنى ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
پەنگە نىسبەتەن بىلىم تەشنالىقى بولۇش، تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى فىزىكىلىق پرىنسىپلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدىغان بولۇش.
كۆزىتىش، تەجرىبە قىلىش ۋە ياساش قاتارلىق ئىلمىي ئەمەلىيەتلەرگە خۇشاللىق بىلەن قاتنىشىش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
1. تەجرىبە جەريانى
2. كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتىنى خۇلاسىلەش
تەجرىبە ئەسۋابلىرى:
لىنزا، شام، ئېكران، ئوپتىك تەگلىك
دەرس سائىتى: ئىككى سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ ئەسلەش ۋە تەكرارلاش
1. كۆپۈنگۈ لىنزا، پېتىنغۇ لىنزىلارنىڭ يورۇقلۇققا نىسبەتەن قانداق رولى بار؟
2. فۇكۇس نۇقتىسى دېگەن نېمە؟ فۇكۇس ئارىلىقى دېگەن نېمە؟
3. ئوپتىك مەركىزىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟
Ⅱ دەرس تېمىسىنى كىرگۈزۈش

 

 

 

 

Ⅲ يېڭى دەرس ئۆتۈش
▲ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش:
تەسۋىرنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، ئوڭ – دۈملۈكى قانداق ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟
▲ قىياس ۋە پەرەز:
ئوقۇغۇچىلار قىياس قىلىدۇ. (ئارىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.)
كۆرسەتمىلىك تەجرىبە: رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملار:
جىسىم ئارىلىقى: جىسىمدىن لىنزىغىچە بولغان ئارىلىق u بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
تەسۋىر ئارىلىقى: تەسۋىردىن لىنزىغىچە بولغان ئارىلىق υ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
فۇكۇس ئارىلىقى: f بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2 ھەسسىلەنگەن فۇكۇس ئارىلىقى: 2f بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
نەتىجە: ئارىلىق ئوخشاش بولمىسا ھاسىل بولغان تەسۋىرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
تەجرىبە لايىھىلەش:
تەجرىبە باسقۇچلىرىنى لايىھىلەش.
تەجرىبە ئىشلەش.
دىققەت قىلىدىغان تۈر: شام، لىنزا، ئېكراننىڭ مەركىزى ئوخشاش ئېگىزلىكتە بولۇش كېرەك.
1) چوڭايتىلغان، كىچىكلىتىلگەن دائىرىسىنى ئىزدەش.
2) دۈم كۆمتۈرۈلگەن ئوڭ دائىرىنى ئىزدەش.
3) تەسۋىر ھاسىل بولمايدىغان دائىرىنى تېپىش.
4) تەجرىبە نەتىجىسىنى كىتابتىكى جەدۋەلگە توشقۇزۇش ۋە خۇلاسە ئېلىپ بېرىش.
كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتى
ھەقىقى، مەۋھۇم چوڭ، كىچىك ئوڭ، دۈم تەسۋىر ئارىلىقى جىسىم ئارىلىقى
    u>2f
    u=2f
    f     u<2f
كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپى:

 

(رەسىم سىزىش ئۇسۇلى)
ھەقىقىي تەسۋىر: ھەقىقىي نۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولغان، ئېكراندا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ.
مەۋھۇم تەسۋىر: ھەقىقىي نۇرلارنىڭ يىغىلىشىدىن ھاسىل بولمىغان، ئېكراندا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.
مۇلاھىزە: تەكشى ئەينەك ھاسىل قىلغان تەسۋىر مەۋھۇم تەسۋىرمۇ ياكى ھەقىقىي تەسۋىرمۇ؟
نىشانغا يېتىش مەشىقى:
يانداشما مەشىقتىكى بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى تۈگىتىش.
Ⅲ خۇلاسە:
دوسكا لايىھىسىگە ئاساسەن، بۇ پاراگرافنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەش، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
Ⅳ دەرستىن كېيىنكى پائالىيەت:
1. كىتابتىكى مەشىقنى تۈگىتىش.
2. كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش قانۇنىيىتىنى يېزىش.
دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     س

§4. كۆز ۋە كۆز ئەينەك
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● كۆزنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىلىش، كۆزنىڭ جىسىملارنىڭ قانداق كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلىش.
● كۆز ئەينەكنىڭ كۆرۈش كۈچىنى قانداق ئوڭشايدىغانلىقىنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
تەقلىدىي كۆزنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پائالىيىتى ئارقىلىق، كۆزنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپىنى ھېس قىلىش، سېلىشتۇرما تەجرىبە ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى بىلىش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە دۇنيانى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش.
دەرسخانا ئوقۇتۇشى ۋە دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى كۆز ساقلىقىنى ساقلاش ئېڭىغا ئىگە قىلىش.
مۇھىم، قىيىن نۇقتا:
مۇھىم نۇقتا: كۆزنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش پرىنسىپى ۋە تەڭشەش رولى، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز بىلەن يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كۆزنى تەڭشەش.
قىيىن نۇقتا: كۆزنىڭ تەڭشەش رولى، يىراقنى ۋە يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كۆزنى تەڭشەش.
تەجرىبە ئەسۋابلىرى:
سۇ تولدۇرۇلغان سۈزۈك شار، يورۇقلۇق مەنبەسى قىلىنغان قول چىراغ، كۆپۈنگۈ لىنزىدىن ئىككى تال (فۇكۇس ئارىلىقى ئوخشاش ئەمەس)، ئىككى ۋاراق ئاق قەغەز، بىر تال پېتىنغۇ لىنزا، كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش دېتالى.
ئوقۇتۇش جەريانى:
Ⅰ يېڭى دەرسكە يېتەكلەش
ھەممىمىزدە بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆز بار، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ مۇھىم ئەزاسىنىڭ بىرى، كۆز سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ئۇ كۆڭۈلنىڭ دېرىزىسى.
1) كۆز نېمىشقا جىسىمنى كۆرەلەيدۇ؟
2) يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز قانداق شەكىللەنگەن؟
3) يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆز بىلەن يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كۆزنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
Ⅱ يېڭى دەرس ئۆتۈش
كۆزنىڭ تۈزۈلۈشىنى كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش دېتالى ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش.
1. كۆزنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىشى
تەجرىبە 1: ئەينەك تەنچىنى سۇ قاچىلانغان سۈزۈك شار بىلەن كۆرسەتمە قىلىش، كۆز گۆھىرىنى كۆپۈنگۈ لىنزا بىلەن كۆرسەتمە قىلىش، كۆرۈش تور پەردىسىنى ئاق قەغەز بىلەن كۆرسەتمە قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا «كۆز قانداق تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ؟» دېگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەش. مۇۋاپىق بولغان پەرەزلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتقۇچى بۇ پەرەزلەرنى يىغىنچاقلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش.
ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش: (1) تەجرىبە قۇرۇلمىسى. (2) تەجرىبە باسقۇچى. (3) ئۇچۇرنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى. (4) دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ھەمدە مۇنازىرە قىلىنغان نەتىجىنى ياخشى تولۇقلاش.
كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ تەجرىبە مەشغۇلاتى: كۆزىتىش ۋە ئۈنۈملۈك ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش؛ كۆز دۈم كۆمتۈرۈلگەن، كىچىكلىتىلگەن، ھەقىقىي تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ.
2. كۆزنى تەڭشەش
تەجرىبە 2: لىنزىنىڭ ئورنى ئۆزگەرمىگەن چاغدا، يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ يىراق – يېقىنلىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تەسۋىرنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش.
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش: لىنزا بىلەن ئېكراننىڭ ئورنى ئۆزگەرمىگەن چاغدا، يىراق – يېقىنلىقى ئوخشاش بولمىغان جىسىملارنىڭ ھەممىسىنى ئېكرانغا چۈشەرمەكچى بولساق، قانداق قىلىمىز؟
تەجرىبە 3: سۇ توشقۇزۇلغان سۈزۈك شارنى كۆز گۆھىرىنىڭ ئۆزگىرىپ فۇكۇسىنى تەڭشەشكە تەقلىد قىلىش.
كۆپ ۋاسىتىلىق ئوقۇتۇش دېتالىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىرلەشتۈرۈپ يىغىنچاقلاپ خۇلاسىلەش: يىراققا قارىغاندا، كىرپىكسىمان تەنچە بوشاپ، كۆز گۆھىرى نېپىزلايدۇ. فۇكۇس ئارىلىقى ئۇزىراپ، يىراقتىكى جىسىمدىن كەلگەن يورۇقلۇق كۆرۈش تور پەردىسىگە يىغىلىدۇ. يېقىندىكى جىسىمغا قارىغاندا، كىرپىكسىمان تەنچە قىسقىراپ، كۆز گۆھىرى قېلىنلاپ فۇكۇس ئارىلىقى قىسقىرايدۇ. يېقىندىكى جىسىمدىن كەلگەن يورۇقلۇق كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئۈستىگە يىغىلىدۇ.
3. يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆزنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى
مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش: يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆزنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى نېمە؟
قىياس ۋە پەرەز:
مۇنازىرە: (1) قانداق قىلغاندا تېما ئاساسىدا مۇۋاپىق بولغان تەجرىبە سايمانلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ؟
(2) سېلىشتۇرما تەجرىبە ئىشلەش ئېلىپ بېرىش
(3) تەجرىبە سانلىق مەلۇماتنىڭ خاتىرىلىنىش ئۇسۇلى
(4) دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مەسىلە.
تەجرىبە مەشغۇلاتىدىن ئېرىشىلگەن خۇلاسە: كۆزنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكىدىكى سەۋەب كۆز گۆھىرى بەك قېلىن، نۇر كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ قالغانلىقتىن بولغان.
تەجرىبە 4: ئالدىنقى ئۈچ تەجرىبە ئاساسىدا، فۇكۇس ئارىلىقى بىرقەدەر قىسقا بولغان كۆپۈنگۈ لىنزىنى ئالماشتۇرۇپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ۋە ھاسىل بولغان تەسۋىرنىڭ ئورنىنى تەجرىبە 1 گە سېلىشتۇرۇش.
4. يىراقنى ۋە يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كۆزنى تەڭشەش.
تەييارلىق بىلىمى: كۆپۈنگۈ لىنزا نۇرلارنى يىغىدۇ، پېتىنغۇ لىنزا نۇرلارنى چاچىدۇ.
تەجرىبە 5: يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كۆزنى تەڭشەش.
فۇكۇس ئارىلىقى بىرقەدەر چوڭ بولغان لىنزىنى ئېلىپ، ئاق قەغەزنى تەڭشەپ، يورۇقلۇق مەنبەسى ئارقىلىق ئېكراندا ئېنىق بولغان تەسۋىرنى چۈشۈرىمىز، ئاندىن فۇكۇس ئارىلىقى قىسقا بولغان باشقا بىر كۆپۈنگۈ لىنزىنى ئالماشتۇرۇپ ئاق قەغەز (ئېكران) ئورنىنى ئۆزگەرتمەي، ئېكراندىكى تەسۋىرنى كۆزىتىمىز. كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ ئالدىغا پېتىنغۇ لىنزىدىن بىرنى قىستۇرۇپ قويۇپ، ئېكراندىكى تەسۋىر ئەھۋالىنى كۆزىتىمىز.
تەجرىبە 6: يېقىننى كۆرەلمەيدىغان كۆزنى تەڭشەش.
فۇكۇس ئارىلىقى بىرقەدەر چوڭ بولغان كۆپۈنگۈ لىنزىنى ئېلىپ، ئېكراننىڭ ئورنىنى تەڭشەپ، مەنبەنىڭ ئېنىق بولغان تەسۋىرىنى ئېكرانغا چۈشۈرىمىز. فۇكۇس ئارىلىقى تېخىمۇ چوڭ بولغان بىر تال كۆپۈنگۈ لىنزىنى ئالماشتۇرۇپ، ئېكراننىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتمەي تەسۋىرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىمىز. كۆپۈنگۈ لىنزىنىڭ ئالدىغا بىر تال كۆپۈنگۈ لىنزىنى قىستۇرۇپ، ئېكراندىكى تەسۋىرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىمىز.
ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆز ساقلىقىنى ساقلاش بىلىمىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆز تازىلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
Ⅲ دەرسخانا خۇلاسىسى:
ئوقۇغۇچىلار بۇ سائەتلىك دەرستە ئۆزلىرى ئۆگەنگەن مەزمۇننى خۇلاسىلەيدۇ.

دەرىستىن كىيىنكى تەكۈن :

 

 

 

 

 

 

ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت

6 – باب ماسسا  ۋە زىچلىق
 §1. ماسسا
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● ماسسىغا دائىر دەسلەپكى ئۇقۇمنى بىلىش.
● ماسسىنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنى بىلىش.
● ماسسىنى ئۆلچەيدىغان قورالنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● پەللىلىك تارازىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىلىش. ئوقۇغۇچىلار تارازىدىن پايدىلىنىپ، جىسىمنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش.
● تارازىدىن پايدىلىنىپ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
تەجرىبىگە ئاساسەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغان ئىلمىي پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش. تەجرىبە ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ساپانى يېتىلدۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
● ماسسىغا دائىر دەسلەپكى ئۇقۇمنى بىلىش.
● ماسسىنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنى بىلىش.
قىيىن نۇقتا:
● تارازىدىن پايدىلىنىپ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. ماسسا
(1) مۇلاھىزە قىلىڭ.
تۆمۈر بولقا بىلەن تۆمۈر مىخ قانداق ماددىدىن تۈزۈلگەن؟ ئۇلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ئوخشاشمۇ؟ بىر چېلەك سۇ بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ئوخشاشمۇ؟ جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى قانداق سېلىشتۇرىمىز؟
(2) ماسسا
جىسىملار ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز – كۆپلىكى.
ماسسا (mass) دەپ ئاتىلىدۇ، بەلگىسى: m.
فىزىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ماسسا ماددىنىڭ مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلىكىگە قارىتىلغان. ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ماددىنىڭ سۈپىتى بولسا ماددىنىڭ سۈپەت جەھەتتىكى ياخشى – ناچارلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم.
2. ماسسىنىڭ بىرلىكى
خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ماسسىنىڭ بىرلىكى كىلوگرام، بەلگىسى: kg. ئۇ خەلقئارا كىلوگرام ئېتالونىنىڭ ماسسىسىغا تەڭ، خەلقئارا كىلوگرام ئېتالونى پلانتا بىلەن ئىرىدىي قېتىشمىسىدىن ياسالغان سىلىندىردىن ئىبارەت. ئۇ پارىژ شەھىرىدىكى خەلقئارا ئۆلچەم ئىدارىسىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.
ئىشلىتىلىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن كىلوگرامدىن چوڭ بولغان بىرلىكلەردىن توننا (t)، كىلوگرامدىن كىچىك بولغان بىرلىكلەردىن گرام (g)، مىللىگرام (mg) ئىشلىتىلىدۇ.
1t=1000kg       1kg=1000g     1g=1000mg
3. ماسسىنى ئۆلچەش
تۇرمۇشتا ماسسا تارازا ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغان تارازىلاردىن ئۈستەل تارازىسى، دەستىلىك جىڭ، گىر، ئېلېكترونلۇق تارازا، تەجرىبىخانىلاردا پەللىلىك تارازا ۋە ئوقۇغۇچىلار تارازىسى ئارقىلىق جىسىمنىڭ ماسسىسى ئۆلچىنىدۇ.
پەللىلىك تارازىنىڭ تۈزۈلۈشى: تەگلىك، تارازا تەخسىسى، تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى گايكا، ئىسترېلكا، بۆلەكچە دېسكىسى، توغرا يەلكە، شىكالىلىق رېبكا ۋە سىيرىلما تاشتىن تۈزۈلىدۇ. ھەربىر تارازىغا بىردىن تارازا تاشلىرى قۇتىسى سەپلەنگەن بولىدۇ، ئادەتتە گىر تاشلىرى قۇتىسىدا موچىن سېلىنغان بولىدۇ.
(ئويلىنىپ ئىشلەڭ)
تارازىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1. قويۇش: تارازىنى گورىزونتال سۇپىغا قويۇپ، سىيرىلما تاشنى شىكالىلىق گەزنىڭ سول تەرىپىدىكى نۆللۈك شىكالىغا قويىمىز.
2. تەڭشەش: توغرا يەلكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى گايكىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىسترېلكىنى گرادۇسلۇق دېسكىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىغا كەلتۈرىمىز. بۇ چاغدا تارازا تەڭپۇڭلىشىدۇ.
3. ئۆلچەش: ئۆلچىنىدىغان جىسىمنى سول تەرەپتىكى تەخسىگە سېلىپ، موچىن بىلەن ئوڭ تەرەپتىكى تەخسىگە گىر تاشلىرىنى سېلىش ياكى ئېلىۋېتىش ھەمدە سىيرىلما تاشنىڭ ئورنىنى تەڭشەش ئارقىلىق، تارازىنى ئەسلىدىكى تەڭپۇڭ ھالىتىگە ئەكىلىمىز.
4. خاتىرىلەش: ئوڭ تەرەپتىكى تەخسىگە سېلىنغان گىر تاشلىرىنىڭ ئومۇمىي ماسسىسىغا سىيرىلما تاشنىڭ شىكالىلىق تاختايچىسىغا توغرا كەلگەن قىسىمىنى قوشساق، ئۇ ئۆلچەنمەكچى بولغان جىسمىنىڭ ماسسىسى بولىدۇ. ئۆلچەنگەن جىسىمنىڭ ماسسىسىنى خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن گىر تاشلىرىنى قۇتىغا سېلىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.
دىققەت قىلىش: باشقا ئۆلچەش ئەسۋابلىرىغا ئوخشاش ئۆلچىنىدىغان جىسىمنىڭ ماسسىسى تارازىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلچەش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تارازىنىڭ توغرا ئۆلچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تارازىنى قۇرۇق ۋە پاكىز ساقلاش، تەخسىگە گىر تاشلىرىنى سېلىشتا ئاستا سېلىپ، ئاستا ئېلىش كېرەك. فىزىكىلىق تارازىنىڭ تەڭلىكىنى ئالدى بىلەن گورىزونتال ھالەتتە تەڭشىۋېلىش كېرەك.
مۇلاھىزە قىلىڭ:
1. تارازا ئارقىلىق بىر دانە سۇلياۋ بوتۇلكىنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەڭ، ئاندىن كېيىن ئۇنى قايچىلاپ كېسىپ، ئۇششاق قىلغاندىن كېيىن تارازىغا سېلىپ، يەنە ئۆلچەپ، بۇ جىسىمنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ماسسىلىرىنى سېلىشتۇرۇڭ.
2. تارازا ئارقىلىق تىك تۆت تەرەپلىك ماسسىنى ئۆلچەيمىز، ئاندىن ئۇنى قىسىپ شار شەكىلگە ئەكىلىپ ماسسىسىنى ئۆلچەيمىز. ئاندىن شەكىل ئۆزگىرىشنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ماسسىلىرىنى سېلىشتۇرىمىز. (سېغىز لاينى تارازا تەخسىسىگە بىۋاسىتە سېلىپ ئۆلچەشكە بولامدۇ؟)
3. كىچىك بىر ئىستاكان سۇ بىلەن بىر قوشۇق شېكەرنىڭ ئومۇمىي ماسسىسىنى ئۆلچەڭ، ئاندىن كېيىن ئاق شېكەرنى سۇدا ئېرىتىپ، ئاندىن شېكەر قىيامىنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەڭ. ئاندىن بۇ ئىككى قېتىملىق ئۆلچەش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇڭ.
چۈشەندۈرۈش: ماسسا بولسا جىسىمنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتى بولۇپ، جىسىمنىڭ ماسسىسى ئۇنىڭ شەكلى، ھالىتى ۋە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ. ماسسا بولسا چوڭ – كىچىكلىككە ئىگە، يۆنىلىشى بولمىغان فىزىكىلىق مىقدار.
يۇقۇردىكى ئىككى تەجىرىبە ئارقىلىق تۆۋىندىكىدەك يەكۈنگە ئىرشىمىز :
 بىر پارچە تۆمۈرنى تۆمۈر شارچىغا ياكى تۆمۈر تاياقچە ياكى ئۇنى ئۇششاق تۆمۈر مىخقا ئايلاندۇرساقمۇ،بەلكى ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگەرسىمۇ ئەمما ئۆزئىچىگە ئالغان تۆمۈرنىڭ ئاز كۆپلىكى ئۆزگەرمەيدۇ  ئۇنىڭ ماسسىسىمۇ  ئۆزگەرمەيدۇ. ھەتتا ئۇنى ئېرىتىپ سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرساقمۇ ئۇنىڭ ھالىتىدە ئۆزگۈرۈش تۈز بەرسىمۇ  ھەجمى ئۆزگەرسىمۇ ماسسىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇنى يەر شارىدىن ئاي شارىغا ئېلىپ چىقساقمۇ ماسسىسى ئۆزگەرمەيدۇ.
تاپشۇرۇق : 143 -بەت مىڭە ئىشلىتىپ قول سىلىپ فىزىكا ئۈگۈنەيلى نىڭ 3-4-مىسال

دەرىستىن كىيىنكى يەكۈن ؛


ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت

§2-زىچلىق
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● ئوقۇغۇچىلار  زىچلىققا دائىر  دائىر دەسلەپكى ئۇقۇمنى بىلىش.
● زىچلىقنىڭ  بىرلىكى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنى بىلىش.
● زىچلىقنى  ئۆلچەيدىغان قورالنى بىلىش.
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● پەللىلىك تارازىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى بىلىش. ئوقۇغۇچىلار تارازىدىن پايدىلىنىپ، جىسىمنىڭ زىچلىقنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى ئىگىلەش.
● تارازىدىن پايدىلىنىپ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ زىچلىقنى ئۆلچەش.
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
تەجرىبىگە ئاساسەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغان ئىلمىي پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش. تەجرىبە ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ساپانى يېتىلدۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
● زىچلىققا  دائىر دەسلەپكى ئۇقۇمنى بىلىش.
●زىچلىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئۇنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشنى بىلىش.
قىيىن نۇقتا:
● تارازىدىن  مىنزوركىدىن  پايدىلىنىپ قاتتىق جىسىم ۋە سۇيۇقلۇقلارنىڭ زىچلىقىنى  ئۆلچەش.
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. زىچلىق
(1) مۇلاھىزە قىلىڭ.
 ھەجمى  ئوخشاش بولغان ياغاچ پارچىسى .ئاليۇمىن پارچىسى ۋەتۆمۈچ پارچىسىنىڭ ماسسىللىرى  ئوخشاش  بولمايدۇ . تۆمۈر پارچىسىنىڭ ماسسىسى ئەڭ چوڭ  .ئاليۇمىن پارچىسىنىڭ ماسسىسى نىسبەتەن  كىچىك  ياغاچ پارچىسىڭ   ماسسىسىئەڭ كىچىك  بولىدۇ  .
ئوخشاش  بىرخىل ماددىغا نىسبەتەن  ھەجمى قانچە چوڭ بولسا  ماسسىسى شۇنچە چوڭ  بولىدۇ  ئەگەر  ئىككى جىسىم بىرخىل ماددىدىن  تۈزۈلگەن بولۇپ ئەمما بىرنىڭ ھەجمى يەنە بىرىنىڭ ھەجمىنىڭ  ئىككى ھەسسا  ماسسىسىمۇ چوڭىيىپ ئەمەلىيەتتىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بولامدۇ ؟مۇنداقچە ئېيىتقاندا  ئوخشاشخىل ماددىنىڭ  ماسسىسى بىلەن  ئۇنىڭ ھەجمى ئوڭ تاناسىپ  بولامدۇ ؟.

(2) تەجىرىبە
بىرخىل ماددىنىڭ ماسسىللرى بىلەن ھەجىمنىڭ مۇناسىۋىتى  .ئۈستىدە  ئىزلىنىش
دەرىسلىك كلىتاپ؛               145-بەت 1.2.6؛-رەسىملەر تەلەپ بويىنچە تەجىرىبە ئىشلىنىدۇ 
تەكۈن؛ئاليۇمىن پارچىسىنىڭ ماسسىسى  ھەجمى بىلەن  ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋات تۈزۈدۇ .يۇقۇردىكى  ئىزلىنىشتە ئاليۇمىنپارچىسىنىڭ ماسسىسى  بىلەن ھەجىمنىڭ نىسبەت قىممىتى  ئۆزگەرمەيدۇ  ئەگەر تۆمۈر پارچىسى  ياكى  ياغاچ پارچىسى  بولسا  بۇ نىسبەت قىممەت ئوخشاش بولامدۇ ؟
يەكۈن؛ ئوخشاش بولىدۇ .
 زىچلىق
فىزىكىدا مەلۇم خىل ماددىدىن تۈزۈلگەن  جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن  ئۇنىڭ ھەجمىنىڭ نىسبىتى  بۇخىل ماددىنىڭ  زىچلىقى دەپ ئاتىلىدۇ ئەگەر زىچلىقنى  p  ئارقىلىق  ماسسىنى   m  ئارقىلىق  ھەجىمنىV ئىپابىلىسەك p ئۇھالدا  زىچلىقنىڭ پورمىلىسى
              m/V   = P
 
زىچلىق قىممەت جەھەتتە جىسىمنىڭ  بىرلىك  ھەجىمدىكى  ماسسىغا  تەڭ بولىدۇ

زىچلىق    نىڭ بىرلىكى ماسسىنىڭ بىرلىكى بىلەن  ھەجىمنىڭ بىرلىكىدىنتەركىپ تاپىدۇ  ،خەلىق ئارا بىرلىكلەر  سىستىمىسىدا زىچلىقنىڭ  ئاساسى بىرلىكى كىلوگىرام ھەر كۇپمىتىر  بەلگۈسى
   بەزىدە كىلوگىرام ھەر كۇپ سانتىمىتىر مۇ  زىچلىقنىڭ بىرلكى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ  بەلگىسى           زىچلىقنىڭ  بۇ ئىككى بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى

ئاددى ماتىريال (چۈشەندۈرلىدۇ )   147-بەت
148-بەتتىكى ئۆلگەمىسال ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىنىپ   دەرىس خۇلاسىلىنىدۇ


تاپشۇرۇق ؛ 149-بەت مىڭە ئىشلىتىپ قول سىلىپ فىزىكا ئۈگۈنەيلى نىڭ 2-4-مىسال
دەرىستىن كىيىنكى يەكۈن ؛

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت

§3-  ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەش

ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
● مىنزوركىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئىگىلىۋىلىش
● مىنزوركىا ئارقىلىق شەكلى تەرتىپسىز بولغان جىسىملارنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەش .
●مىددىلارنىڭ زىچلىقىنى قانداق  ئۆلچىنىدىغانلىقىنى ئىگەللەش .
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● مىنزوركىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئىگىلىۋىلىش
● مىنزوركىا ئارقىلىق شەكلى تەرتىپسىز بولغان جىسىملارنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەش .
●مىددىلارنىڭ زىچلىقىنى قانداق  ئۆلچىنىدىغانلىقىنى ئىگەللەش
3. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
تەجرىبىگە ئاساسەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغان ئىلمىي پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش. تەجرىبە ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ساپانى يېتىلدۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
● مىنزوركىنى قانداق ئىشلىتىشنى ئىگىلىۋىلىش
● مىنزوركىا ئارقىلىق شەكلى تەرتىپسىز بولغان جىسىملارنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەش .
قىيىن نۇقتا:
● مىنزوركىا ئارقىلىق شەكلى تەرتىپسىز بولغان جىسىملارنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەش ۋە ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەش .
ئوقۇتۇش جەريانى:
1. ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەش
تۇرمۇش ئىشلەپ چىقىرىشتا مەلۇم خىل ماددىنىڭ زىچلىقىنى توغرا كىلىدۇ ، ئۇنداقتا قانداق ئۆلچەش ئىلىپ بىرىش كىرەك ؟ پەقەت جىسىمنىڭ ماسسىسى ۋە ھەجمىنى ئۆلچەپ چىقساقلا  m/V =   Pغا ئاساسەن ناددىنىڭ زىچلىقىنى ھىساپلاپ چىقىشقا بولىدۇ .سۈيۈق ھالەتتىكى جىسىملارنىڭ ھەجمىنى مىنزوركا ئارقىلىق ئۆلچەپ چىقىشقا بولىدۇ 
ئويلىنىپ ئىشلەش
مىنزوركىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى .150-بەت ئويلىنىپ ئىشلەش ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۈگۈنىلىدۇ
سۈيۈقلىق ۋە قاتتىق جىسىملارنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەش 
جىسىملارنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ  ماسسىسى ۈە ھەجمىنى ئۆلچەش لازىم جىسىملارنىڭ ماسسىسىنى تارازا ئارقىلىق ئۆلچىگىنى بولىدۇ .سۈيۈقلىقلارنىڭ ۋە شەكلى رەتسىز قاتتىق جىسىملارنىڭ ھەجمىنى مىنزوركا ئارقىلىق  ئۆلچەپ چىقىشقا بولىدۇ . رەسىمدە شەكلى رەتسىز جىسىملارنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن  ، بۇخىل ئۇسۇلنى ئاغزاكى بايان قىلىپ ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن تەجىرىبە ئالماشتۇرۇڭ .بۇخىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ كىچىك تاش پارچىسىنىڭ ھەجمىنى ئۆلچەڭ .
تەجرىبە

تۇزلۇق سۇ ۋە كىچىك تاش پارچىسىنىڭ زىچلىقىنى  ئۆلچەش
1-بىر ئىستاكان تۇزلىق سۇدا ئىرىگەن تۇزنىڭ ماسسىسى ئوخشاش بولمىسا زىچلىقىمۇ  ئوخشاش بولمايدۇ  .
ئۆزىڭىز تۇز ۋە سۇدىن بىر ئىستاكان تۇزلۇق سۇ تەييارلاپ تارازا ۋەمىنزوركىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىڭىز تەييارلىغان تۇزلۇق سۇنىڭ زىچلىقىنى ،ئۆلچەڭ .ئۆلچىگەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ھىساپلاش نەتىنجىسىنى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ .
تۇزلۇق سۇنىڭ مىنزوركىدىكى تۇزلۇق سۇنىڭ  ھەجمى V مىنزوركىدىكى تۇزلۇق سۇنىڭ ماسسىسى  ىستاكان ۋە ئىشىپ قالغان تۇزلۇق سۇنىڭ ماسسىسىm/g ئىستاكان ۋە تۇزلۇق سۇنىڭ ماسسىسى m/g
    
تەھلىل ۋە ئىسپاتلاش :تەجىربىدىكى سانلنق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش  ئارقىلىق  تۆۋىندىكى خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ  .؛

تاپ شۇرۇق :152-بەت مىڭە ئىشلىتىپ قول سىلىپ فىزىكا ئۈگۈنەيلى نىڭ 2-4- مىسال
دەرىستىن كىيىنكى يەكۈن  :  
ھەپتە          2013     -يىلى  ئاي    كۈنى     دەرس سائىتى: بىر سائەت
§4-   زىچلىق ۋە ئىژتىمائى تۇرمۇش
ئوقۇتۇش نىشانى:
1. بىلىم ۋە ماھارەت
●زىچلىقنىڭ  ۋە ئىژتىمائى تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلىش .
● تىمپىراتۇرا ماددىلارنىڭ  زىچلىقنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغىنىنى  بىلىش.
● ماددىلارنى پەرىقلەندۈرۈشتە زىچلىق بىلىملىردىن پايدىلىنىدىنىنى بىلىش  .
2. جەريان ۋە ئۇسۇل
● پىچلىقنىڭ  ۋە ئىژتىمائى تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى
● تىمپىراتۇرا ماددىلارنىڭ  زىچلىقنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغىنىنى  بىلىش3
. ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى
تەجرىبىگە ئاساسەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدىغان ئىلمىي پوزىتسىيىنى يېتىلدۈرۈش. تەجرىبە ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان، باشقىلار بىلەن ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان ساپانى يېتىلدۈرۈش.
مۇھىم نۇقتا:
● تىمپىراتۇرا ماددىلارنىڭ  زىچلىقنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغىنىنى  بىلىش.
● زىچلىقنىڭ  ۋە ئىژتىمائى تۇرمۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلىش.
قىيىن نۇقتا:
● ماددىلارنى پەرىقلەندۈرۈشتە زىچلىق بىلىملىردىن پايدىلىنىدىنىنى بىلىش .
ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرى
ئىسپىرىت لامپىسى ،بىردانە چاق پىلەك ، ئاسما رەسىم قاتارلىقلار
دەرس سائىتى: بىر سائەت
ئوقۇتۇش جەريانى:
 تۇرمۇشتىكى ھادىسىلەردىن سوئال سوراش شەكلىدە يېڭى دەرسكە يېتەكلەش.
ئوقۇتقۇچى سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: زىچلىق بىلەن تىمپىراتۇرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
دوسكا لايىھىسى:  زىچلىق ۋە ئىژتىمائى تۇرمۇش دوسكىغا يېزىلىدۇ

 زىچلىق ۋە تىمپۇراتۇرا 
ئويلىنىپ ئىشلەڭ
ئۆيتىمپۇراتۇرا شارائىتىدا رىزىنكە پەردە ئارقىلىق ئىچى قۇرۇق كونۇس شەكىللىك پوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئىتىپ قوتۇپ  پوتۇلكىنى ئىسسىق سۇغا سالساق ، رىزىنكە پەردە كۆپۈپ قالىدۇ  ،بىرئازدىن كىيىن ، پوتۇلكىنى مۇزدەك سوغۇق سۇغا سىلىپ  رىزىنكە پەردىنىڭ ئۆزگۈرۈش  ئەھۋالىنى كۈزىتىڭ .
154-بەت رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىردانە قەغەز شامالدۇرغۇچ  ياساڭ .ئەگەر شامالدۇرغۇچنى ياندۇرۇلغان ئىسپىرىت لامپىسىنىڭ ئوتى ئۈستىگە قويساق ،شامالدۇرغۇچ  ئايلىنىشقا باشلايدۇ ،سىز نىمىنىڭ شامالدۇرغۇچنى ھەركەتلەندۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
يەككۈن :يۇقۇردىكى تەجىربىدە گاز ئىسسىقلىقتقن كىڭىيىدۇ زىچلىق m/V =  P بولغانلىقتىن بەلگۈلۈك ماسسىدىكى گازنىڭ ھەجمى كىڭەيگەنلىكتىن ،زىچلىقى كىچىكلەيدۇ .ھاۋانىڭ ھەجمى ئىسسىقلىقتىن كىڭىيىپ ،زىچلىقى كىچىكلەپ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ .ئىسسىق ھاۋا يۇقۇرى ئۆرلىگەندىنكىيىن  سوغۇق ھاۋا ھەرتەرەپتىن  ئىقىپ كىلىدۇ -دە،شامال شەكىللنىدۇ .
تىمپۇراتۇرا ماددىنىڭ زىچلىقىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ماددىلار ئىچىدە ،گازلارنىڭ ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش ناھايىتى رۇشەن بولىدۇ ،گازنىڭ زىچلىقىنىڭ تىمپۇراتۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىمۇ ئە چوڭ بولىدۇ .ئادەتتە قاتتىق جىسىم ،سۈيۈقلىقنىڭ ئىسسقلىقتىن كىڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىشى گازلارنىڭكىدەك رۇشەن بولمايدۇ ،شۇڭا زىچلىقنىڭ تىمپۇراتۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىمۇ نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ.
زىچلىق ۋە ماددىلارنى پەرىقلەندۈرۈش
مەلۇمخىل جىسىمنىڭ زىچلىقىنى ئۆلچەپ چىقساق ،ئۆلچەپ چىققان زىچلىقنى زىچلىق جەدىۋىلىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ زىچلىقى بىلەن سىلىشتۇرۇپ بۇ جىسىمنىڭ قايسى ماددىدىن ياسالغانلىقىنى بىلەلەيمىز .
156-بەت ئۆلگەمىسال ئۆلگەقىلىپ ئىشلىنىدۇ
ئوخشىمىغان ماددىلارنىڭ زىچلىقى ئوخشاش بولىشى مۇمكۈن ،مىسىلەن ئىسپىرىت ۋە كىرسىن ھەر ئىككىلىسى سۈيۈقلۈق ئۇلارنىڭ زىچلىقى ئوخشاشلا                بولىدۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ پۇرىقىدىن ئۇلارنى پەرىقلەندۈرۈشكە بولىدۇ . شۇڭا ،ماددىلارنى پەرىقلەندۈرۈشتە دائىم كۆپخىل ئۇسۇل بىرلىكتە قوللىنىلىدۇ .
خۇلاسە :زىچلىق بولسا ماددىلارنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيىتىنىڭ بىرى ھەرخىل ماددىلارنىڭ ئۆزىنىڭ زىچلىقى بار بولىدۇ . زىچلىقنىڭ بىزنىڭ ئىژتىمائى تۇرمۇشىمىزدا باشقا موھىم قوللىنىشلىرى بار . مەسىلەن ئەۋرىشكىنىڭ زىچلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۈرى ۋە ئىژتىمائى قىممىتىنى بىكىتكىلى بولىدۇ .يىزا ئىگىلىكتە ئۇرۇق تاللىغاندا ، سانائەت ئىشلەپ چىقىرىشتا زىچلىق ھەققىدىكى بىلىملەر  قوللىنىلىدۇ . ئاۋئاتسىيە  ئەسۋاپلىرىغا چىدامچانلىقى يۇقۇرى ، زىچلىقى تۆۋەن بولغان قىتىشمىلار  ياكى يىڭى تىپتىكى بىرىكمە ماتىرياللار قوللىنىلىدۇ
تاپشۇرۇق : 158-بەت مىڭە ئىشلىتىپ قول سىلىپ فىزىكا ئۈگۈنەيلى نىڭ 2- مىسال
دەرىستىن كىيىنكى يەكۈن:

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
月和蔼 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-06-25 10:06 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-03 13:04
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ