خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا
بىر سائەتلىك دەرسنى ياخىش ئۆتۈش ئۈچۈن دەرسكە ئالدىن ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك . دەرس تەييارلىقى – ئوقۇتۇش ۋەزىپىسنى ئۈنۈملۈك ئۇرۇنداشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقا . خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى دەرس تەييارلاش جەريانىدا كۆز ئالدىدىكى ماتىرىيالغىلا ، يەنى دەرسلىك كىتاپ ، تۈرلۈك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ۋە كونا دەرس تەييارلىقى قاتارلىقلارغا تايىنىۋالماستىن ، بەلكى ھەربىر سائەتلىك دەرسنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە ئەستايىدىل تەييارلىق كۈرۈش لازىم . يەنى بىر سائەتلىك دەرس تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش ماتېرياللىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشنى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشى لازىم.
بۇ بىر قاتار تەلەپلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەندىلا ئاندىن دەرس تەييارلىقىنى ئەلا پۈتتۈرۈش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئەگەر دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قوماندانلىق قىلىپ، بىلىمدىن ئىبارەت ئىستىھكامغا ھوجۇم قىلىش ئۇرۇشى دېسەك، دەرس تەييارلىقى بۇجەڭنى باشلاشنىڭ ئالدىدىكى تەييارلىقتۇر.
جەڭنىڭ غەلبىلىك بۇلۇش - بولماشلىقى تەييارلىقنىڭ پۇختابولۇش _ بولماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،ئەلۋەتتە.
دەرسلىك ماتىرىيالنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىشقا، ئوقۇغرچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا، تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بىرىش ھەر بىر ئوقۇتقۇچى سەرس تەييارلىغاندا ئۇرۇنداشقا تېگىشلىك ئەقەللىي تەلەپ. بۇ تەلەپنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، ‹‹ نېمىنى ئۆگىتىش ›› ۋە ‹‹قانداق ئۆگىتىش ›› تىن ئىبارەت بۇئىككى مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئىنتايىن زۆرۈر.
‹‹نېمىنى ئۆگىتىش ››ئوقۇغۇچىلارغا قايسى بىلىملەرنى ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە ئوقۇغۇچىلار ئۆەىنىدىغان مەزمۇن كالېندار پىلانىغا ئاساسەن يېزىلغان، دەرس تەييارلىقىغا تۇلۇق كىرگۈزۈلىدىغان بولسىمۇ، لېىن شۇ بىر سائەتلىك دەرس كۆپلىگەن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگە تەڭ ئېتىۋار بىرىپ كىتىشى، ئوقۇغۇچىلارغا بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق يەتكۈزۈپ بىرىشى ناتايىن. خەنزۇتىلى دەرسلىكىنى ئالساق، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر دەرس كۆپ تەرەپلىمىلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بىرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئوقۇتقۇچى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش پىروگىرممىسىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ، ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىدا كۆرسىتىلگەن مەقسەت-تەلەپنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئاساسىدا ئوقۇتۇش ماتىرىيالىنى قېتىرقىنىپ تەھلىل قىلىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن قاتلاملارنى ئېنىق ئايرىپ، مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «نېمىنى ئۆگىتىش» تىن ئىبارەت مەقسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغىلى بۇلىدۇ.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇتىلى دەرسلىكىدىكى تىكىستتە تاۋۇش، سۆز، گىرامماتىكا قاتارلىق بىلىملەرنى ئوقۇتۇش، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش جەھەتتىكى ئونۋىرسال ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىرگەۋدە قىلىنغان بۇلۇپ، بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى. باشقا مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى تېكىستنى چۆرىدەيدۇ ھەم تېكىست ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
دىمەك، خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا تىكىست ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىش كىرەك. تېكىست ئوقۇتۇشىدا ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش مەشىقىنى پۈتكۈل تېكىست ئوقۇتۇشى جەريانىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈۋەتكەندە «نىمىنى ئۈگىتىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى، ئەمەلى ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ ئوقۇتۇشنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى بەلگىلىگىلى بۇلىدۇ.
«قانداق ئۆگىتىش»بولسا، ئوقۇغۇچىلارغا چۇقۇم ئۈگىنىشكە ۋە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى قانداق بىلدۈرۈش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى قانداق يىتىلدۈرۈش مەسىلىسىنى كۆرستىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش چۈشىنىشتىن بىلىشكە، بىلىشتىن پىششىقلاشقا ئۆتۈش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بۇ ھەم ئوقۇتۇش ماتىرىيالىغا، ھەم ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «قانداق ئۆگىتىش» مەسىلىسىدە تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
1. ئوقۇتۇش ماتىرىيالىنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش.
بۇ، ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىنى ، دەرسلىك كىتاپنى تەتقىق قىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىنى ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىنى قېتىرقىنىپ تەقتىق قىلغاندا، شۇ پەننىڭ ئوقۇتۇش مەقسىتىنى ئېنىقلىۋالغىلى، شۇ پەننىڭ سىستىمىسى ۋە ئاساسى مەزمۇنىنى چۈشىنىۋالغىلى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئاساسى تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغىلى بۇلىدۇ.
دەرسلىك كىتاپ_ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلاشتىكى مۇھىم ئاساسى. ئوقۇتقۇچى مۇشۇ ئاساسقا تايىنىپ، دەرسنىڭ مۇھىم نوقتىلىرىنى، قىيىن نوقتىلىرىنى ۋە ھالقىلىق ئورۇنلىرىنى ئىگىلەيدۇ. پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى دەرسلىكنىڭ مەزمۇنىنى تۇلۇقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرسىنى كېڭەيتىدۇ. نۆۋەتتە يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى ئۆز رۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرماقتا.
2. ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشنىڭ مەقسىتى_ ئوقۇتۇشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. بىر سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى پەرقلىرى چوڭ بۇلۇشى، مىجەز-خۇلقى، قىزىقىشى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى، ئەخلاق-پەزىلىتى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بۇلۇشى مۇمكىن. بۇلارنى بىر قەدەر ئەتراپلىق ئىگىلىگەندە، دەرس تەييارلىقىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرغىلى، شۇ بىر سائەتلىك دەرسكە نىسبەتەن بىر قەدەر توغرا مۆلچەرگە ئىگە بولغىلى ، شۇنداقلا بىرەر ئەمەلى ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندىمۇ مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتۇشنىڭ نۇرمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ.
3. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مەسىلىسى_ قانداق ئۇسۇلدا ئۆگىتىش مەسىلىسى . ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلەشتە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى، ئوقۇتۇش ماتىريالىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشنى ئاساس قىلىش لازىم. ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ مەشىقلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشتە كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
(تەھرىر : سەپەر)
«خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇللىرى
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييار
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئا
- 4-يىللىق گۈزەل سەنئەت 2-ماۋسۇملۇق 14- دەرى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خە
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋ
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈيۈك بۇددا
- تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە دەرسخانا ئۈنۈمىن
- خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىغاندا ئەھمىيەت
- مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئوتقاش قەلىب تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-01-12 00:01 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-06 07:03
- 8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييارلىقى
- 8-يىللىق فىزىكا 1-ماۋسۇملۇق دەرىس تەييارلىقى
- ئوقۇغۇچىلارغا ماقالىنى ياخشى يازدۇرۇش ئۈچۈن
- خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقە
- 4-يىللىق گۈزەل سەنئەت 2-ماۋسۇملۇق 14- دەرىس خىلم
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - كىرشتۈرمە خەۋەر
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - مۇزىكا پىشىۋاسى ب
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم -مۇزىكا پىشىۋاسى بى
- 7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىم
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى