ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى

ۋاقىت : 2013-12-24 17:59 | مەنبەسى : يازغۇچىلار تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

  مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشنىڭ ئەپچىل يولى

ئادىلجان ئابدۇقادىر

    بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسىدە نۇقتىئىينەزەر توغرا بولۇش، پاكىت يېتەرلىك بولۇش، ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى قايىل قىلارلىق بولۇش كېرەك.بۇ ئۈچ مۇھىم ئامىل ئىچىدە پاكىت ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەتتە نەزەرىيەۋىي پاكىت ۋە كونكېرت پاكىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالىلىرىدە كۆپ ئۇچراۋاتقان خاتالىقلارنىڭ بىرى: ماۋزۇ ژانېرغا ماس كەلمەسلىك، بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەزەرىيەۋىي پاكىتلار كۆپ، جانلىق ھەم تەسىرلىك كونكېرت پاكىت يوق بولۇش؛ يەنە بىرى: ھېسىياتقىلا تايىنىپ شەرھىيلەش كۆپ، نۇقتىئىينەزەر بىلەن كونكېرت پاكىتنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە مۇۋاپىق ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ قايىل قىلارلىق ئىسپاتلاش يوق (ياكى يېتەرسىز) بولۇش. ئاخىرقى يەنە بىر خاتالىق: ماقالە قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق بولۇش. بۇنداق نۇقسانلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك:
     1) ماۋزۇنى چوقۇم ياخشى قويۇش كېرەك. ماقالىدا  نېمىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىمىز ئالدى بىلەن ماۋزۇدا ئېنىق ئىپادىلىنىشى كېرەك. مەسىلەن: «قەدرى-قىممەت» ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يازماقچى بولغاندا، ئۇنىڭغا «قەدرى-قىممەت» ياكى«قەدرى-قىممەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» دەپ ماۋزۇ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ماۋزۇلار ھېچقانداق بىر نۇقتىئىينەزەرنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. «قەدرى-قىممەت دېگەن نېمە» دېگەندەك سۇئال جۈملە شەكلىدە ماۋزۇ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، سۇئال جۈملە ھېچقانداق لوگىكىلىق ھۆكۈمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. «قەدرى-قىممەتنىڭ مەنبەسى ياخشى پەزىلەت»دەپ، ياكى «قەدرى-قىممىتىمىز باشقىلارغا باغلىقمۇ»(قايتۇرما سۇئال جۈملە ھۆكۈمنى ئىپادىلەيدۇ) دەپ ماۋزۇ قويۇلسا مۇۋاپىق. ماۋزۇنىڭ ئاستىدىكى قۇرغا (مۇھاكىمە ماقالىسى) دېگەن ماقالە ژانېرىنى چوقۇم ئېنىق يېزىش كېرەك.
    2) ماقالىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىدا مەلۇم بىر نۇقتىئىينەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن، «بۇ ھەقتىكى مۇنۇ بايانىمغا قۇلاق سېلىشنى خالامسىز؟»،«ئۆز نۆۋىتىدە تۆۋەندىكى بىر پاكىتنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:»… دېگەندەك ئۆتۈشۈش سۆزلىرى ئارقىلىق بۇ ئابزاسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى ئابزاسقا يەنى، كونكېرت پاكىتقا ئۆتۈش كېرەك. كونكىرت پاكىت (نۇقتىئينەزەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان كونكېرت ئىش)نى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىچىدىن تاللىسىمۇ، ياكى ئاڭلىغان-كۆرگەنلىرى ئىچىدىن تاللىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، «چوقۇم نۇقتىئىينەزەرگە ئۇيغۇن بولۇش؛ تەسىرلىك بولۇش» كېرەك.
    مەسىلەن: يۇقۇرىدىكىدەك «قەدرى-قىممەت» ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسىدە تۆۋەندىكىدەك ماتىرىيالنى «كونكېرت پاكىت» قىلىپ پايدىلانساق بولىدۇ. يەنى:
    سانلار قاتارىدا 0نى ھېچكىم ياقتۇرمايدىكەن.ئۇمۇ «مېنىڭ ھېچقانداق قىممىتىم يوق» دەپ، كۆڭلىنى بەك يېرىم قىلىدىكەن. ئۇ ئەنە شۇنداق غەمكىن يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يول بويىدىكى قورامتاش ئۈستىدە يوغان بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۆزىدىنمۇ بەك پەرىشان ئولتۇرغان 9نى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن نېمىگە بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، 9 ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا تاش ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ:
   ــ ئەي 0، بىزنى كەچۈرگىن. «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەندەك، بىز سېنىڭ قەدرىڭنى بىلمەپتۇق. سەن 0 بولغاچقىلا مەن 9 چوڭۇيۇپ 90غا، 900گە، 9000غا، ھەتتا چەكسىز چوڭلۇققا مۇيەسسەر بولالىغان ئىكەنمەن. سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ھېچقايسىمىزغا ئۇنداق چوڭىيىش نېسىپ بولمىدى. سەن ئەمدى بىزنى تاشلاپ كەتمىگىن،ــ دەپ، 0گە قاراپ باغرىنى كەڭ ئېچىپتۇ. 0مۇ سانلار قاتارىدىكى ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى تونۇپ، ئۆزىنى كەمسىتمەيدىغان بوپتۇ…
   بۇنداق كونكېرت پاكىت كەلتۈرۈش ــ ئىسپاتلاش ئۇسۇلىغا ئۆتۈشىمىزگە قولايلىق يول ئېچىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ نۇقتىئىينەزەرنى ئىسپاتلاشتىكى رولىمۇ نەزەرىيە جەھەتتىنلا شەرھىيلىگەندىن كۆپ ياخشى بولىدۇ.
   3)كونكېرت پاكىتتىن كېيىن بۇ ئابزاسنىمۇ ئاخىرلاشتۇرۇپ،«بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟»، «بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى» دېگەندەك ئۆتۈشۈش سۆزلىرى ئارقىلىق، يېڭى بىر ئابزاستىن باشلاپ ئىسپاتلاشقا ئۆتۈش كېرەك. ئادەتتىكى مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ماقالىلىرىدە «سانلىق مەلۇمات كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاش»، «ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش»، «نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلاش»، «سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلاش» قاتارلىق ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى كۆپ قوللىنىلىدۇ. تۆۋەندە «ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش» ۋە «نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلاش» ئۇسۇللىرىنى قانداق قوللىنىش ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىمىز.
   (1) «ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ ئۇسۇلى:
ماقالىمىزدە ئۆز نۇقتىئىينەزىرىمىزگە ماس كېلىدىغان بىرەر كونكېرت پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن،شۇ كونكېرت پاكىتتىكى شەيئىي ياكى ھادىسىنى ئوخشىغۇچى(ئىپادىلەپ بەرگۈچى ۋاستە)، ئۆزىمىز ياكى ئۆز كۆز قارىشىمىزنى ئوخشالغۇچى(ئىپادىلەپ بېرىلگۈچى ئوبېكىت) ئورنىدا قويۇپ ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىيلىسەك كۇپايە.مەسىلەن: يۇقۇرىدىكى كونكېرت پاكىتتىكى 0نى ئوخشىغۇچى شەيئىي، ئۆزىمىز ياكى ئۆز تونۇشىمىزنى ئوخشالغۇچى شەيئىي ئورنىدا قويۇپ شەرھىيلەپ، ئاخىرىدا «دېمەك، ئادەمنىڭ قەدرى-قىممىتى ئەڭ ئاۋال شۇ ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى توغرا تونۇشىدىن كېلىدۇ» دېگەن ساغلام بىر نۇقتىئىينەزەرنى ئىسپاتلاپ بەرگىلى بولىدۇ.
   (2) «نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ ئۇسۇلى:
نەقىل كەلتۈرۈش ــ ئۆز ماقالىمىزدا باشقىلارنىڭ سۆزى، ياكى ئەسەرلىرىدىن پارچىلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈندە ئېلىپ نەقىل كەلتۈرۈش، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈش، خەلق  ماقال-تەمسىللىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش… قاتارلىقلار بىرقەدەر كۆپ قوللىنىلىدۇ.بۇ ئۇسۇلنى «ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش»قا سىڭدۈرۈپ قوللىنىشقىمۇ (مەسىلەن: يۇقۇرىدىكى ماتىرىيالدا «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەن ئۇيغۇر خەلق تەمسىلنى قوللانغاندەك)، ياكى ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئايرىم قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. نېمىنى نەقىل ئېلىش ۋە بۇ نەقىلنى قايسى ئورۇندا ئىشلىتىشنى ماقالە قەغىزىگە قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن پىششىق ئويلىنىۋېلىش، شۇنداقلا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا تۆۋەندىكىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك:
   بىرىنچى، نەقىل سۆزى نۇقتىئىينەزەرگە ماس كېلىشى كېرەك.
   ئىككىنچى، نەقىل سۆزى ئىخچام، تەسىرلىك بولۇشى كېرەك.
   ئۈچىنچى ، نەقىل سۆزى كوللىكتىپنىڭ ئىجادىيىتى بولسا خەلق ئىچىدە ئومۇملاشقان شەكلى بويىچە ئېلىش؛ مەلۇم شەخسنىڭ ئەسىرىدىن ئېلىنغان بولسا چوقۇم ئەينەن ئېلىش، ئاپتورىنى توغرا ئەسكەرتىش  كېرەك.
   شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەككى، نەقىل سۆزى مەيلى كىمنىڭ سۆزى بولۇشىدىن، قانچە تەسىرلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ بەرىبىر نەقىل، ھەرگىزمۇ كونكېرت پاكىت ئەمەس. ئۇ بىرەر نۇقتىئىينەزەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىشنىڭ يېتەرلىك دەلىلى بولالمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئالدى بىلەن كونكېرت دەلىل-پاكىتقا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
    4) «ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش» ئۇسۇلى بىلەن «نەقىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلاش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى:
   (1) بۇ ئىككى خىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلى قوللىنىشقا ئەپلىك. ئىمتىھانلاردا بۇ ئىككى خىل ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ھەددىدىن زىيادە چۇڭقۇرلاپ كېتىپ، دىققەت چېچىلىپ كېتىشتىن، ۋاقىت ھەم زېھىن خوراپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
   (2) ماقالە راۋان، باش-ئاخىرى ماسلاشقان ھالەتتە يېزىلىپ چىقىدۇ. نۇقتىئىينەزەرنىڭ تەسىر كۈچىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
   (3) ماقالىنىڭ ھەجمى مۇۋاپىق كېڭىيىپ، تەلەپ قانائەتلەندۈرۈلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار ئادەتتىكى مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىقچىلىقىدا ۋە تۈرلۈك ئىمتىھانلاردا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئادەتتە ئۆزى يازغان  ھەربىر پارچە مەشق ماقالىسىنى مۇشۇ «ئەپچىل يول» بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بېقىشى، يېتەرسىزلىكلىرىنى سەزگەن ھامان كەمتەرلىك بىلەن تۈزىتىپ، توغرا يېزىقچىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر. نەتىجىدە بۇ ئورتاق تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ياخشى ھوسۇلغا ئېرىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

   ئىزاھات: يۇقارقىلار مېنىڭ تەجىرىبىلىرىم. 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا، ئىچكىرى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات سەۋىيە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ساۋاقداشلارنىڭ پايدىلىنىپ كۆرۈشىنى؛ باشقا ئوقۇتقۇچى كەسپداشلار مۇۋاپىقكەن، دەپ قارىسا بۇ «ئەپچىل يول»نى ئوقۇغۇچىلىرىغا تەۋسىيە قىلىپ بېقىشىنى؛ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭمۇ بۇ ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئىمتىھانلىرىدىكى يېزىقچىلىق سۇئالىغا جاۋاپ يېزىشىدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىپ بېقىشىنى سورايمەن.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(7)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ