ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

7-يىللىق ئەدەبىيات2-مەۋسۈم - بۈۇۈك بۇددا ئالىمى كومراجىۋا

ۋاقىت : 2014-03-03 00:33 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : babor | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
دەرىس تەييارلىغۇچى ئوسمانجان دۆلەت دەرىس تەييارلىغان ۋاقىت 2011- يىلى2- ئاينىڭ 25- كۈنى
دەرىس ئۈتىدىغان سىنىپ 7- يىللىق 2-،3- سىنىپ  5- سائەتلىك دەرىس لايھەسى
دەرىس تىمىسى بۈۇۈك بۇددا ئالىمى كومراجىۋا
ئاپتۇرى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ژانىرى تارىخى تەرجىمھال
ئوقۇتۇش نىشانى بىلىم  نىشانى كۇماراجىۋانىڭ ھاياتى پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش. كۇماۋاجىۋانىڭ كىملىكىنى بىلىۋېلىش.
ئاپتۇر بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇش.
ئەسەردىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىش ۋە ئشلىتىلىشىنى بىلىۋېلىش.
ئىقتىدار نىشانى كۇماراجىۋانىڭ كىچىكىدىن باشلاپ تىرىشىپ ئىزدىنىش، بىلىم ئىگىلەشتەك ئالىجاناپ روھىنى ھەقىقى ھىس قىلدۇرۇش.
ھىسىيات نىشانى ئالىملارنىڭ شانلىق ھايات مۇساپىسىدىن پەخىرلىنىپ ئىلىم – پەن بىلىمىلىرىنى ئىگەللەش روھىنى يىتىلدۈرۈش ، ئىسل ئەخلاقى – پەزىلەت يىتىلىدۈرۈش .
مۇھىم نوختا كۇماراجىۋانىڭ ھاياتى پائالىيتى بىلەن تۇنۇشۇش. كۇماۋاجىۋانىڭ كىملىكىنى بىلىۋېلىش.
ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش.
قىيىن نوختا   ئەسەردىكى يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىش ۋە ئشلىتىلىشىنى بىلىۋېلىش.
ئالىملارنىڭ شانلىق ھايات مۇساپىسىدىن پەخىرلىنىپ ئىلىم – پەن بىلىمىلىرىنى ئىگەللەش روھىنى يىتىلدۈرۈش ، ئىسل ئەخلاقى – پەزىلەت يىتىلىدۈرۈش .
ئوقۇتۇش قۇراللىرى دەرسىلىك كىتاب، دوسكا، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قوللانمىسى، كومراجىۋانىڭ سۈرىتى
تەييارلىق سىناق ۋە دەرىسىكە باشلاپ كىرىش بىر ئادەمنىڭ بىلىمىنىڭ ئۇنىڭ يېشى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ يېشى چوڭلارنىڭ بىلىمى كۆپ، يېشى كىچىكلەرنىڭ بىلىمى ئاز دىيىشكە بۇلامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
«ئەقىل ياشتا ئەمس، باشتا» دىگەن ئاقالنى قانداق چۈشىنىسىز؟
سىز ئاياللارنى تالىشىپ ئۇرۇش بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ، ئەرلەرنى تالىشىپ دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇش بولقىنىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئۇنداقتا شۇنچە تالاشقا چۈشكەن ئۇ كىمدۇ؟ بىلىشنى خالامسىز؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئاساسىدا دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى بۇ سائەتتە سىلەرگە نىسبەتەن يەنىلا تېخى يات تۇيۇلىدىغان ھەم مەلۇم بولمىغان بىر ئالىمىمىزنى بۇ سائەتلىك دەرسمىزدە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. ئۇ بولسىمۇ بۇددىزىم مەدەنىيتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە بۇددىزىمنىڭ يىراق شەرىققە ( جۇڭگۇ ) غا تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان بۈيۈك ئۇيغۇر بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋادۇر.
بىز تۈۋەندە بۇ ئالىمىمىزنىڭ ھاياتى پائالىيتى ۋە كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن تېكىستنى ئوقۇپ باقايلى :
تېكىست ئوقۇلۇپ يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات بىرىلىدۇ.
ئىسلام دىنى _ دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى . يەنى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت تەرىپىدىن مىلادىيە Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بەرپا قىلىنغان دىن . ئۇ بىر ئىلاھقا ئىشىنىدىغان ئاخىرقى دىن بولۇپ ، مۇھەممەدتىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بۇ دىننىڭ ئىتىقاد ، ھۆكۈملىرىنى ھەر زامان ، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئويغۇن بىر شەكىلگە كەلتۈردى ۋە بۇنىڭ بىلەن  پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەجبۇرىيەت قىلىپ بەردى دەپ قارايدۇ . بۇ دىن ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ غەربى قىسمى، ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالى قىسمىدا كەڭ ئەۋج ئالغان بولۇپ ، Ⅹ ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىىسىغا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان .
ئۆتكەل _  ① ئۆتىدىغان جاي ، مۇھىم ئېغىز ، مۇھىم يول ؛ تۈگۈن . ② كۆچمە . ھالقىلىق پەيت ، مۇھىم پەيىت . ھالقىلىق پۇرسەت . ③ كۆچمە . بېسىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان جەريان ، ئىشنىڭ ھالقىسى ، باسقۇچ . ④ نىشانلانغان ، مۆلچەرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى پەللە .
روناق تېپىش _ گۈللەپ ياشناش ، تەرەققى قىلىش ، راۋاجلىنىش .
ياتلىق قىلىش _  تۇرمۇشقا چىقارماق ، تالالىق قىلىماق ، ئەرگە بەرمەك .
يۈكسىلىش _ ① ئېگىزلىمەك ، ئۆرلىمەك ، يۇقىرىلىماق . ② كۆچمە . ئۆسمەك ، راۋاجلانماق ، تەرەققى قىلماق ، ياخشىلانماق .
ئىلىم تەھسىل قىلىش _  ئىلىم ئۆگىنىش ، ئوقۇش .
مەنسىتمەسلىك _ تۆۋەن نەزەر بىلەن ئېتىبارسىز قاراش ، كۆزگە ئىلماسلىق ، پىسەنىت قىلماسلىق .
داڭقى  –  نام- ئاتاق ، شۆھرەت ، ئىناۋەت .
مەنسەپ -  بىرەر ئورگاندىكى مەسئۇل ۋەزىپە، ئەمەل.
دىن - بىر خىل ئىجتىمائى ئىدىئولۇگيە . ئۇ ئىلاھى كۈچكە ئىشىنشكە ئاساسلانغان دۇنيا قاراش ۋە تەسەۋۋۇرلار .
كاتتا - ① چوڭ ھەشەمەتلىك ، ئىسىل . ② بۈيۈك ، داڭلىق . ③ ياش جەھەتتە چوڭايغان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ؛ باشلىق ، ئەمەلدار .
كىمخاپ _  ئۆرۈشى يىپەك ، ئارقىقى زەر يىپتىن توقۇلغان رەخىت .
ئەۋلىيا _ ① ئىتقادلىق ، دىندار كىشلەر نەزىرىدە گۇيا ئاجايىپ كارامەتلەرگە ئىگە ، كارامەت كۆرسىتەلەيدىغان ، مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغان مۇقەددەس ، ئەزىز ئادەم . ② كۆچمە . گەپ ، ۋەقە ، ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ مەنبەسىگە چۈشىنىپ يەتكەن ؛ دانىشمەن ، ئۇلۇغ ئادەم . ③ كۆچمە . مۇبالىغە ، مەسخىرە قىلىشتا  كىنايە ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .
كامالەت _  تۇلۇق يىتىشكەنلىك ، مۇكەممەللىك .
دۆلەت ئۇستازى  _  دۆلەتنىڭ چوڭ ئشلىرى ، ھاكىمەت يۈرگۈزۈش قاتارلىقلاردا يول كۆرسەتكۈچى ، پادىشاھ ۋە ۋەزىر- ۋوزرالارنى تەربىيلىگۈچى ، ئىدىيە جەھەتتىن يىتەكچىلىك قىللايدىغان نەزەررىيە يارىتىپ بەرگۈچى .
نوم بىتىگ _  بۇدا دىنىنىڭ كىلاسسىك كىتابى .
 
ئوقۇتۇش جەريانى نەزمە _  شېئىر ، شېئىرىيەت ، پوئېزىيە .
مەلۇمات _ ① ئوقۇش ، ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئىگەللىگەن بىلىم ، ئىلىمى سەۋىيە . ② بىرەر نەرسىگە دەلىل بولىدىغان خەۋەر ، ئۇچۇر ، ئاخبارات ، ماتىرىيال . 
ئۇسلۇب _ ① بىر دەۋىر ، مىللەت ، ئېقىم ياكى بىرەر شەخىسنىڭ بەدئىي ئەسەردە ئىپادىلىگەن ئاساسلىق ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىكىۋە سەنئەت ئالاھىدىلىكى ؛ ئسىتىلى . ② يازغۇچىنىڭ تىل ۋاستىللىرىدىن پايدىلىنىشىكى ئۆزىگە خاس يولى ؛ ئۇسۇلى .
مۇتەخەسسىس _ بىرەر ساھەدە مەخسۇس بىلىم ئىگەللەپ ھەم شۇ ساھەدە مول تەجىربىگە ئىگە بولغان كىشى ، ئىختىساس ئىگىسى .
مېيىت _  ئۆلۈك ، جەسەت .
قىزىل مىڭۆي _  بۇددىزىم مەدەنيتگە ئائىت بولغان ئۆي - ئىمارەت قورلۇشى .
ئاپتۇرنى تۇنۇشتۇرىلىدۇ. ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىنى دەرسلىك كىتابتىن كۆرۈشكە يىتەكلىنىدۇ.
ساۋاقداشلار دەرسلىك كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدۇڭلار؟
(1) كۇماراجىۋا كىم ؟ ئۇ قەيەردە توغۇلغان؟ قەيەردە ۋاپات بولغان ؟ قوشقان تۆھپىسى نېمە؟
(2) كۇماراجىۋا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇلۇغلىنىپ لىياڭجۇغا ئېلىپ بېرىلىدۇ ؟
ئوقۇغۇچىلارنى يۇقارقى سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىشقا يىتەكلەيمەن. ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتابتىن يۇقارقى سۇئاللارنى تېپىپ چىقىپ، كومراجىۋا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
ئوقۇتۇشقا باھا كۇماراجىۋا بۇددا ئالىمى ئىكەن. سىز بۇددا دىنى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟ ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلغانمۇ-يوق؟
تاپشۇرۇق مەزمۇنى تېكىستنىڭ قايسى جايلىرىدا سىزىقچە ( - ) ئىشلىتىلگەن؟ ئۇنىڭ قانداق رۇلى بار؟
نىشان تىنىش بەلگىللرىنى تۇغرا پەرىقلەندۈرۈش ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش.
تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرلىدۇ
خۇلاسىلاش ئۇسسۇلى سىنىپتا كوللىكتىپ خۇلاسىلىنىدۇ
تەستىقلىغۇچى ئىمزاسى   2011- يىلى       - ئاينىڭ      - كۈنى
 

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
babor تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-03-31 18:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-02 16:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ