ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > پەنلەر ئوقۇتۇشى > تولۇق مەزمۇنى

8-يىللىق 2-قىسىم تارىخ دەرس تەييارلىقى

ۋاقىت : 2014-04-03 14:19 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : باغۋەن321 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
دەرىس تىمىسى:   1-بۆلەك  جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى
1. دەرىس  جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى: بۇ سائەتلىك دەرىستە بۇ سائەتلىك دەرىستە دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا ئائىت تارىخى پاكىتلارنى ۋە شىزاڭنىڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلنىشىغا دائىر ئاساسى تارىخى پاكىتلارنى قىسقىچە بايان قىلىش ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى بىلدۇرۇلىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ۋە  دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش جەريانىنى،شىزاڭنىڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد  قىلنىپ ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۇرۇش،
2. ئوقۇغۇچىلارنى  يولداش ماۋزىدوڭنىڭ خەلىق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يېزىپ بەرگەن بىغىشلىمىسىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ۋە رىئال مەنىسى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە يىتەكلەش،ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ئاساسىدا دەرىس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈش.
3. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ،ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ بىرلىككە كىلىشى جەريانىدىكى جاپالىق مۇھىت سۆزلىنىپ،  بۇگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ قەدىرىگە يىتىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا: جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى،دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى
قىيىن نوختا :جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىى بىلەن مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ باغلىنىشى ۋە پەرقى
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە دۇلەت قۇرۇش مۇراسىمى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلار ئاسان ئىگەللىيەلەيدۇ، جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنىى بىلەن مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ باغلىنىشى ۋە پەرقى،يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتنى ئىگەللەش بىر قەدەر قىيىنراق بولۇپ،مۇشۇ نوخىتىلارغا كۆپرەك دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇشكە توغرا كىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قاچان قۇرۇلغان؟ دۆلەت بايرىقى قانداق؟ دىگەن سۇئال سۇرۇلىدۇ، دۆلەت شىئىرىنى كوللىتىپ ئوقۇشقا تەشكىللەپ يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ 2-بىتىدىن 5-بىتىگىچە بولغان مەزمۇنلارنى كۆرۇپ چىقىشى ئۈچۈن 5 مىنۇت ئەتىراپىدا ۋاقىت بىرىلىدۇ.
       دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە كىچىك سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
  1. سۇئال؛ جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنى قاچان ،قەيەردە چاقىرىلدى؟يىغىندا قايسى مەسىللەر مۇزاكىرە قىلىندى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 2-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق ،ئىختىيارى ئاساستا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
1949-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنى بېيپىڭدا داغدۇغىلۇق  ئۆتكۈزۈلدى،يىغىندا ‹‹ جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ ئورتاق پرۇگىراممىسى ››ماقۇللىنىپ ، جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى مەركىزىي خەلىق ھۆكۈمىتى كومتېتى سايلاپ چىقىلدى،ماۋزېدۇڭ مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.يىغىندا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى ،‹‹پىدائىلار مارشى››نى دۆلەت شىئىرى قىلىش ،بېيپىڭنى بېيجىڭ دەپ ئاتاپ پايتەخىت قىلىش ،مىلادىيە يىلنامىسىنى ئىشلىتىش بەلگىلەندى.يىغىندا يەنە ئىنقىلابى قۇربانلارغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە سېغىنىشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، پايتەختتىكى تىيەنئەنمېن مەيدانىغا خەلىق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ياساش قارار قىلىندى.
2-سۇئال؛ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى مەركىزىي خەلىق ھۆكۈمىتى كومتېتىنىڭ تۇنجى يىغىنى قاچان جاقىرىلغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 2-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق ،ئىختىيارى ئاساستا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چۇشتىن كىيىن سائەت 2دە ،مەركىزىي خەلىق ھۆكۈمىتى كومتېتى جۇڭنەنخەيدىكى چىنجېڭ سارىيدا تۇنجى قېتىم يىغىن ئېچىپ ،ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.يىغىندا  ‹‹جۇڭگو خەلىق سىياسى مەسلىھەت كىڭىشىنىڭ ئورتاق پرۇگىراممىسى ››نى مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىميەت يۇرگۈزۈش فاڭجىنى قىلىش،جۇئېنلەينى گوۋۇيۈەننىڭ  زۇڭلىسى،قۇشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلەش قارار قىلىندى.
3-سۇئال؛ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى قاچان ،قەيەردە ئۆتكۈزۈلدى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 3-4-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
1949 -يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن ،ماۋزېدۇڭ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى تىيەنئەنمىن راۋىقىغا چىقتى،پايتەختتىكى ئارمىيە ۋە خەلىقتىن 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىيەنئەنمىن مەيدانىغا جەم بولدى، دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى داغدۇغىلۇق ئۆتكۈزۈلدى. ماۋزېدۇڭ پۈتۈن دۇنياغا : جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى مەركىزىي خەلىق ھۆكۈمىتى بۈگۈن قۇرۇلدى!دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.ئۇ يەنە مەركىزى  خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرشىنى ئوقۇپ ،بۇ ھۆكۈمەتنىڭ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىدىكى پۈتكۈل خەلىققە ۋەكىللىك قىلدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلدى.
4- سۇئال: يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ قانداق تارىخى ئەھمىيىتى بار؟
ئوقۇغۇچىلار ئۆز چۈشەنچىللىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو تارىخىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىتى.شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ،جۇڭگو يۈز نەچچە يىلدىن بۇيانقى تاجاۋۇزچىلىققا ۋە قۇللۇققا ئۇچىراشتەك ھاقارەتلىك تارىخقا خاتىمە بىرىپ،ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بۇلغان ھەقىقى مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندى.جۇڭگو خەلىقى شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،دۆلەتنىڭ خۇجايىنىغا ئايلاندى. يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى دۇنيادىكى تىنىچلىق،دىمۇگىراتىيە ۋە سوتىيالىزىم كۈچلىرىنى زۇرايتىپ،دۇنيادىكى ئىزىلگۇچى مىللەتلەر ۋە ئىزىلگۇچى خەلىقنىڭ ئازاتلىقنى قولغا كەلتۇرۇش كۆرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.
    شىزاڭنىڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىنىشى
سۇئال؛ شىزاڭ قاچان تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىنغان ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 5-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
شىزاڭ قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ زىمىنى.خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسى غەربى جەنۇپتىكى ئۆلكىلەرنى ئازات قىلغاندىن كىيىن ،بىر تەرەپتىن، شىزاڭغا يۇرۇش قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن شىزاڭنى تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىشقا تىرىشتى .1951-يىلى شىزاڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئاپېي ئاۋاڭجىنمېي باش ۋەكىللىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا كىلىپ مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ،ئىككى تەرەپ شىزاڭنى تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىش كىلشىمى تۈزدى،شىزاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلىقى بىرلىككە كىلىپ ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى .
 ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس  جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى
         دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى  : 1949-يىلى 9-ئاي  ، ئورتاق پرۇگىرامما،  1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ،  بىيجىڭ تىيەنئەنمىن،  ماۋزىدوڭ
  شىزاڭنىڭ تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىنىشى : 1951-يىلى  ، ئاپېي ئاۋاڭجىنمېي
 
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :  6-بەت مەشىق،7-بەت مۇلاھىزە قىلىڭ
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
دەرىس تىمىسى: 2. دەرىس ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە ئامىرىكىنىڭ چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى، ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پىدائىلار قۇشۇنى تەشكىللەپ چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىپ ،ئامرىكا جاھانگىرلىرىغا قارشى تۇرغانلىقى،بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ۋە چاۋشىيەن خەلقى تەرپىدىن ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر دەپ تەرىپلەنگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. ئامىرىكىنىڭ چاۋشىيەنگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ پىدائىلار قۇشۇنى تەشكىللەپ چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىپ ،ئامرىكا جاھانگىرلىرىغا قارشى تۇرغانلىقى،خۇاڭ جىگۇاڭ،چىيۇشاۋيۈنلەرنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى بىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخى بىلىملەرنى خۇلاسىلەش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
2. ئوقۇغۇچىلارنى  دەرىسلىك كىتاپتىكى ئۇرۇش ئەھۋالى خەرىتىسىنى كۆرۇش ۋە ئانالىز قىلىشقا يىتەكلەش،ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىك ئۈچۈرلارنى ئىزدەش.
3. دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ۋە  بۇگۈنكى چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنىڭ قەدىرىگە يىتىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا: ئامرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىش ئۇرۇشى جەريانىدا جۇڭگو خەلىق پىدائىيلار قۇشۇنىنىڭ چاۋشىيەن خەلقى تەرپىدىن ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر دەپ تەرىپلەنگەنلىكى بىلىش
قىيىن نوختا :دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشىيەن خەلىقىگە ياردەم بىرىش ئۈچۈن پىدائىيلار قۇشۇنى تەشكىللەپ چاۋشىيەنگە ئەۋەرتىشىدىكى سەۋەپنى بىلىش
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئامرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىش ئۇرۇشى جەريانىدا جۇڭگو خەلىق پىدائىيلار قۇشۇنىنىڭ چاۋشىيەن خەلقى تەرپىدىن ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر دەپ تەرىپلەنگەنلىكى ۋە كۆرەش قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئىگەللەش بىر قەدەر ئاسان، دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشىيەن خەلىقىگە ياردەم بىرىش ئۈچۈن پىدائىيلار قۇشۇنى تەشكىللەپ چاۋشىيەنگە ئەۋەرتىشىدىكى سەۋەپنى بىلىش
 بىر قەدەر قىيىنراق بولۇپ،مۇشۇ نوخىتىلار سۆزلەنگەندە كوپرەك دىققەت قىلىشقا  توغرا كىلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى 9-بەتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ 9-10-بەتلىرىدىكى مەزمۇننى ۋە خەرىتىنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
      ئامىرىكا جاھانىرلىرىگە قارشى تۇرۇپ،چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىپ ،ۋەتەننى قوغداش
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە كىچىك سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ ئامرىكا چاۋشىيەنگە قاچان تاجاۋۇز قىلغان؟ دۆلىتىمىز نىمە سەۋەپتىن چاۋشىيەنگە ياردەم بەرگەن؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 9-10-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
1950-يىلى 6-ئايدا ،چاۋشەندە ئىچكى ئۇرۇش پارتىلدى.ئامرىكا ئۆكتەملىك بىلەن  چاۋشەنگە ئەسكەر ئەۋەتىپ تاجاۋۇز قىلدى.ئامرىكا ئارمىيسىنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش‹‹بىرلەشكەن دۇلەتلەر تەشكىلاتى ئارمىيسى›› ‹‹38-پاراللېل››دىن ئۆتۇپ ،جۇڭگو چىگىرسىدىكى يالۇجىياڭ دەرياسى بۇيغا يىتىپ كەلدى؛ ئامرىكا ئارمىيسىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى جۇڭگونىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ،جۇڭگونىڭ شەرقى شىمال چىگىرىسىدىكى شەھەرلەرنى بومباردىمان قىلدى ۋە ئوققا تۇتتى.ئامرىكا 7-فىلوتى جۇڭگونىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ،خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسىنىڭ تەيۋەننى ئازات قىلشىغا توسقۇنلۇق قىلدى . ئامرىكىنىڭ بۇ ھەركىتى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالدى .شۇ ۋاقىتتا چاۋشيەن جۇڭگودىن قۇشۇن ئەۋەتىپ ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلدى.مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتى بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنىڭ زۇرۇر ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئامىرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ،چاۋشيەنگە ياردەم بىرىپ ،ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قۇشۇن ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.1950-يىلى 10-ئايدا ،پېڭ دېخۇەي قۇماندانلىقىدىكى جۇڭگو خەلىق پىدائىيلار قىسمى چاۋشەن ئالدىنقى سىپىگە ئاتلىنىپ ،چاۋشيەن ئارمىيە –خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئامرىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىگە زەربە بەردى.
  كۈرەش قەھرىمانى خۇاڭ جىگۇاڭ ۋە چىيۇشاۋيۈن
سۇئال : خۇاڭ جىگۇاڭ ۋە چىيۇشاۋيۈنلەرنى نىمە ئۈچۈن كۈرەش قەھرىمانلىرى دەيمىز؟ جۇڭگو خەلىق پىدائىيلار قىسمى نىمە سەۋەپتىن ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلەر دەپ تەرىپلەنگەن؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 11-12-13-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
خۇاڭ جىگۇاڭ –شاڭگەنلىڭ جېڭدىكى بىر كۈرەش قەھرىمانى .بۇ جەڭ 40نەچچە كۈن داۋاملاشقان بۇلۇپ، دۇشمەن ئىلگىرى –كىيىن بۇلۇپ 60مىڭدىن كۆپرەك ئەسكىرى كۈچنى ئىشقا سېلىپ ،ئارمىيمىزنىڭ 4كۋادىرات كىلومىتىرمۇ كەلمەيدىغان بازىسىغا 2مىليۇن دانە توپ ئوقى ۋە پارتىلاتقۇچ بومبا تاشلىغانبولسىمۇ،لىكىن پىدائىيلار قىسمى ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابى قەھرىمانلىق رۇھىنى جارى قىلدۇرۇپ،كۈرەشنى قەيسەرلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغان.بىر قېتىملىق جەڭدە خۇاڭ جىگۇاڭ دۇشمەننىڭ پىلموت ئېغىزىنى بەدنى بىلەن تۇسۇپ ،سەپداشلىرىنىڭ دۇشمەن بازىسىنى ئىگىلىشىگە قۇلايلىق يارتىپ بەرگەن ،ئۆزى مەردلەرچە قۇربان بولغان.
شاڭگەنلىڭ جېڭى ئېلىپ بېرلىۋاتقاندا ،پىدائىيلار قىسمىنىڭ مەلۇم تۇەنى دۇشمەنلەر ئىگەللىۋالغان بىر ئىگىزلىكنى تارتىۋېلىشا تەييارلاندى.چىيۇ شاۋيۈن تۇرۇشلۇق پەي بۇيرۇققا بىنائەن كىچىدە دۇشمەنگە 60مىتىرلا كىلدىغان تاغ باغرىغا يۇشۇرنۇپ ،چوڭ قىسىمنىڭ 2-كۈنى كىچىدىكى ھۇجۇمىغا ماسلىششقا تەييارلاندى.ئويلىمىغان يەردىن ،دۇشمەننىڭ توپ ئۇقى كۈچلۈك ئوت پەيدا قىلىپ ،چىيۇ شاۋيۈننىڭ بەدىنىگە تۇتاشتى.جەڭنىڭ غەلبە قىلشىغا ھەمدە يۇشۇرنۇپ تۇرغان قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، چىيۇ شاۋيۈن يۇشۇرنۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ،پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ ،مەردانىلەرچە قۇربان بولغىچە مىدىر –سىدىر قىلمىدى.
ئامىرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ،چاۋشيەنگە ياردەم بىرىش ئۇرۇشىدا جۇڭگو پىدائىيلار قىسمى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنقىلابى قەھرىمانلىق رۇھىنى جارى قىلدۇرۇپ ،‹‹ئەڭ سۆيۇملۇك كىشلەر ››دەپ تەرىپلەندى.1953-يىلى 7-ئايدا ئامرىكا ئۇرۇش توختىتىش كىلشىمىگە ئىمزا قويدى.جۇڭگو –چاۋشىيەن خەلقى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇردى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  جۇڭگو  خەرىتىسى
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس  ئەڭ سۇيۇملۇك كىشىلەر
ئامىرىكا جاھانىرلىرىگە قارشى تۇرۇپ،چاۋشىيەنگە ياردەم بىرىپ ،ۋەتەننى قوغداش : 1950-يىلى 6-ئاي، 1950-يىلى 10-ئاي،پىڭ دېخۇەي
  كۈرەش قەھرىمانى خۇاڭ جىگۇاڭ ۋە چىيۇشاۋيۈن؛ شاڭگەنلىڭ جېڭى
 
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى :  3. دەرىس يەر ئىسلاھاتى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە دۆلىتمىزنىڭ يەرئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش سەۋەبى ۋە يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى  سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۇرۇرلىكى،يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنىشى،يەر ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە ئەھمىيتىنى بىلىش
2. كۆرسەتمە رەسىملەرنى كۆرسىتىش،مىساللار ئېلىش،ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش
3. بۇرۇنقى ۋەزىيەت بىلەن ھازىرقى ۋەزىيەتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق  يەر ئىسلاھاتىدىن كىيىن دىھقانلارنىڭ يەرنىڭ ھەقىقى خۇجايىنلىرىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۇرۇش
مۇھىم نوختا: ‹‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى قانۇنى›› نىڭ ئىلان قىلىنىشى
قىيىن نوختا : يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى
 ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار يەر ئىسلاھاتى قانۇنىنىڭ ئىلان قىلىنىشىنى ئاسان بىلەلىسىمۇ ، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ سەۋەپ ۋە يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيتىنى ھەقىقى مەنىسىدىن ئىەەللەش بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى 15-بەتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش،‹‹يەر ئىسلاھاتى›› دىگەن ئوقۇم ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى سۆزلىتىش   ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ 15-16-بەتلىرىدىكى مەزمۇننى ۋە رەسىملەرنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
      ‹‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى قانۇنى›› نىڭ ئىلان قىلىنىشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە كىچىك سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ يەر ئىسلاھاتى قانۇنى قاچان ئىلان قىلىنغان؟ نىمە سەۋەپتىن يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 15-16-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
ئازاتلىقتىن بۇرۇن ،يېرىم مۇستەملىكە،يىرىم فىئۇداللىق كونا جۇڭگودا فىئوداللىق يەر تۈزۈمى يەنلا داۋاملاشقان ،يىزا نوپۇسىنىڭ %10ىگىمۇ يەتمەيدىغان پۇمېشىچىك،باي دىھقانلار تېرىلغۇ يەرنىڭ 70-%80ىنى ئىگلىۋالغانىدى. يىزا نوپۇسىنىڭ%90ىنى تەشكىل قىلدىغان كەمبىغەل دېھقانلار،ياللانما دىھقانلار ۋە ئوتتۇرا دىھقانلارتېرىلغۇ يەرنىڭ ئاران %20-%30نىلا ئىگەللىگەن ئىدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ،پۇتۇن مەملىكەتتىكى 300مىليوندىن كۆپرەك نۇپۇسقا ئىگە يېڭى ئازات رايۇنلاردكى كەڭ دىھقانلار يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ،يەرگە ئىرىشىشنى جىددى تەلەپ قىلدى.1950-يىلى مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتى ‹‹ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى قانۇنى››نى ئىلان قىلدى .ئۇنىڭدا ،پۇمېشىكلار سىنىپىنىڭ فىئوداللىق ئېكىسپىلاتاتسىيە ئاساسىدىكى يەر مۇلۇكچىلىكى بىكار قىلنىپ،دىھقانلارنىڭ يەر مۇلۇكچىلىكىنى  يولغا قۇيۇش  بەلگىلەندى.شۇ يىلى قىشتىن باشلاپ پۇتۇن مەملىكەتتە تۈركۈم بۇيىنچە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى.1952-يىلنىڭ  ئاخىرىغا كەلگەندە بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىدىن باشقا ،پۇتۇن مەملىكەت چوڭ قۇرۇقلىقىدا يەر ئىسلاھات ئاساسى جەھەتتىن ئۇرۇنلاندى.300مىليوندىن كۆپرەك يىرى يۇق ياكى يىرى ئاز دىھقان 700مىليون مو يەرگە،نۇرغۇن دىھقانچىلىق سايمانلىرىغا، ئات –ئۇلاغقا،ئۆي-جاي قاتارلىقلارغا ئىرىشتى.
يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيتى 
سۇئال: يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ قانداق تارىخى ئەھمىيىتى بار؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 17-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ ۋە ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيىتى چۈشەندۇرۇلىدۇ.
يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئورۇندىلشى ئىلىمىزدە 2000يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان فىئوداللىق يەر تۈزۈمىنى ئۈزۈل كېسىل يۇقاتتى، پۇمشچىكلار سىنىپىمۇ يوقىتىلدى،دىھقانلار قەد كۈتەردى،ئۇلار يەرگە ئىرىشىپ ،يەر ئىگىسىگە ئايلاندى.شۇنىڭ بىلەن خەلىق ھاكىمىيىتى تېخمۇ مۇستەھكەملىنىپ ،يىزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىمۇ زور دەرجىدە ئازات قىلىندى.يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تىز دەرجىدە ئەسلىگە كىلىپ ۋە راۋاجىلىنىپ ،دۆلەتنى سانائەتلەشتۇرۇش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى. يەر ئىسلاھاتىدىن كىيىن دىھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى زور دەرجىدە يۇقىرى كۆتۈرىلدى،
ئوقۇتۇش قۇرالى:  جۇڭگو  خەرىتىسى
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس يەر ئىسلاھاتى
‹‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ يەر ئىسلاھاتى قانۇنى›› نىڭ ئىلان قىلىنىشى: 1950-يىلى
  يەر ئىسلاھاتىنىڭ ئەھمىيتى:  2000يىل  فىئوداللىق يەر تۈزۈمى
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
دەرىس تىمىسى :  4.دەرىس            سانائەتلەشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىش،سانائەتلەشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرى ۋە دۆلىتىمزنىڭ تۈنجى ئاساسى قانۇنىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقتىدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە سانائەتلەشتۇرۇشنىڭ زۈرۈرلىكى، 1-بەش يىللىق پىلاننىڭ مەزمۇنى ۋە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلەرنى بىلىش.ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى ئوبىكتىپ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش
2. كۆرسەتمە رەسىملەرنى كۆرسىتىش،مىساللار ئېلىش،ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش
3. دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ  دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى  ئىقتىسادى ئەھۋالى،مۇكەممەللەشكەن قانۇن تۈزۈملەر ھەققىدە چۈشەنچە بىرىلىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا قانۇننى بىلىش،قانۇنغا رىئايە قىلىش،قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش تەربىيسى بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا: 1-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئاساسى ۋەزىپىللىرى ۋە تۈنجى ئاساسى قانۇننىڭ ئىلان قىلىنغانلىقى
قىيىن نوختا : 1-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قولغا كەلتۇرۇلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر ۋە تۈنجى ئاساسى قانۇننىڭ خاراكتىرى
 ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار 1-بەش يىللىق پىلاننىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئاساسى قانۇن ئىلان قىلىنغان ۋاقىتنى ئاسان ئىگەللىيەلەيدۇ،1-بەش يىللىق پىلان مەزىگىلىدە قايسى ساھەلەردە قانداق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۇرۇلگەنلىكىنى ئەستە تۇتۇش بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلاردىن ھازىر دۆلىتىمىز قانچىنجى بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويدى؟ بۇ بەش يىل ئىچىدە دۆلىتىمىز ئاساسلىق نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى؟ دىگەن سۇئاللارنى سۇراش ۋە  22-بەتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ 22-23-24-بەتلىرىدىكى مەزمۇننى ۋە رەسىملەرنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
      1-بەش يىللىق پىلان
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە كىچىك سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە  دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداق ئىدى؟نىمە ئۈچۈن 1-بەش يىللىق پىلان تۈزۈلگەن؟ ئۇنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى نىمە؟ بۇ پىلان قاچاندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 22-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ ۋە مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۇرۇلىدۇ.
جاھانگىرلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت تالان –تاراج قىلىشى ۋە مىللى ھۆكۈمەتنىڭ شىلىشى ،شۇنڭدەك كۆپ يىللىق ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى تۈپەيلىدىن ،پۈتۈن مەملىكىتىمىز ئازاد بولۇش ھارپىسىدا،گومىنداڭ ھۆكمىرانلىقىدىكى رايۇنلاردا ئىقتىساد ۋەيران بولغان ئىدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ،ئىگىلىكنى 3يىل ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئارقىلىق ،خەلىق ئىگىلىكى تۈپتىن ياخشىلىنىپ ،سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ،بىراق ئىلمىز يەنلا قالاق يىزا ئىگىلىكى دۆلىتى.سانائەت سەۋىيسى تۈۋەن ،سانائەت ئاساسى ئاجىز،سانائەت تۈرلىرى تولۇق ئەمەس ئىدى.
سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن،دۆلىتىمىزخەلىق ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ تۇنجى بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.ئۇنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى مۇنداق: ئاساسى كۈچنى مەرركەزلەشتۇرۇپ ئېغىر سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،دۆلەتنى سانائەتلەشتۇرۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلەش،قاتناش تىرانسىپورىت ئىشلىرى،يىنىك سانائەت،يىزا ئىگلىكى ۋە سودىنى ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش،قۇرۇلۇشقا كىرەكلىك ئىختىساس ئىگىللىرىنى ماس ھالدا يىتىشتۇرۇش. بەش يىللىق پىلان 1953-يىلىدىن باشلاپ ئىجىرا قىلىندى.
سۇئال: 1-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قايسى ساھەلەردە قانداق نەتىجىلەر  قولغا كەلتۇرۇلدى؟
 ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 22-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
1957  -يىلنىڭ ئاخىرىدا ،تۈرلۈك ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچلەر نۇرمىدىن ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلاندى. بولۇپمۇ سانائەت ۋە قاتناش ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلدى. 1953-يىلىنىڭ ئاىىرىدا ئەنشەن پۇلات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى پۇلات پىروكاتلاش زاۋۇتى قاتارلىق ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشى پۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى.1956-يىلىغا كەلگەندە ،جۇڭگونىڭ تۈنجى ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا تۇنجى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلدى.جۇڭگونىڭ تۇنجى ئايرىپىلان ياساش زاۋۇتىدا تۇنجى رىئاكتىپ ئايرىپىلان سىناق تەرىقىسىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ياسالدى. 1957-يىلى ۋۇخەن-چاڭجىياڭ چوڭ كۆۋرۇكى ياسىلىپ ،چاڭجىياڭنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالى ئوتتۇرسىدىكى قاتناش تۇتاشتۇرۇلدى. بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ،ئىلىمىز سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان 156تۈرنى مەركەز قىلغان ھالدا ئىلگىرى –كىيىن بولۇپ 10مىڭدىن ئارتۇق سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ باردى.شەرقى شىمال،غەربى شىمال ۋە شىمالى جۇڭگو زىمىندا بىر تۈركۈم يېڭى سانائەت بازىللىرى مەيدانغا كەلدى.شۇنىڭدىن ئىتبارەن ،ئىلىمىز سانائەتتىكى قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشكە باشلاپ،سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۇرۇشكە قەدەم تاشلىدى.
جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈنجى ئاساسى قانۇنىنىڭ ئىلان قىلىنىشى
سۇئال: تۈنجى ئاساسى قانۇن قاچان ئىلان قىلىنغان؟ نىملەر بەلگىلەنگەن؟ قانداق خاراكتىرگە ئىگە ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 25-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ.
ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ،دۆلىتىمىزدە دىموكىراتىك سىياسى قۇرۇلۇشمۇ جىددى ئېلىپ بېرىلدى. 1954-يىلى 9-ئايدا 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى بېيجىڭدا ئېچىلدى.قۇرۇلتايدا ‹‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى››تۈزۈپ چىقىلدى.ئاساسى قانۇندا:دۆلىتىمىز خەلىق دىموكىراتىيسى دىكتاتۇرلىقىدىكى سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۈرىدۇ، بارلىق  ھوقۇق خەلىققە مەنسۇپ،دەپ بەلگىلەندىبۇ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاساسى قانۇنى ،شۇنداقلا دۆلىتىمىز تارىخىدا خەلىقنىڭ مەنپەتى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ئاساسى قانۇن ھېساپلىنىدۇ.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  جۇڭگو  خەرىتىسى
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس سانائەتلەشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشى
1-بەش يىللىق پىلان : 1953-يىلى باشلانغان ، ئېغىر سانائەت،قاتناش تىرانسىپورت، يىزا ئىگىلىكى، ئىقتىساسلىق خادىم،   1953-يىلى پۇلات،  1956-يىلى ئاپتوموبىل،ئايرىپىلان،  1957-يىلى كۆۋرۇك،تاش يول
جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈنجى ئاساسى قانۇنىنىڭ ئىلان قىلىنىشى  : 1954-يىلى 9-ئاي، دۆلىتىمىز تارىخدىكى خەلىقنىڭ مەنپەتى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن قانۇن
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 24-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ،26-بەت مەشىق
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى :  5.دەرىس ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە دۆلىتىمىزنىڭ كوللىكتىپلىشىش ۋە ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت سوتسىيالىزىم يولىغا مېڭىش ئۈچۈن يىزا ئىگىلىكى، قول سانائەت ۋە كاپتالىستىك سودا- سانائەتكە قارتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۇرۇرلىكى ، ئۆزگەرتىش شەكلى ۋە جەريانىنى بىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى سېلىشتۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس ئىچىگە باشلاپ كىرىپ،تارىخ ئۆگۈنۈشتىكى مەخسەتكە يىتىش.
3. دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ  سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى چۈشەندۇرۇلىدۇ ۋە ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ قەدىرگە يىتىش تەربىيسى بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا: ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۇرۇرلىكى ۋە ئۆزگەرتىش شەكلىنى بىلىش.
قىيىن نوختا : ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ ماھىيتىنى بىلىش.
 ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ شەكىلى ۋە جەريانىنى ئاسان ئەستە ساقلىيالىسىمۇ لىكىن ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىشنىڭ زۈرۈرلىكى ۋە ماھىيتىنى  ئەستە تۇتۇش بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاتا-ئانىڭىزدىن كوپراتسىيە ۋاقتىدا ئۇنداق ئىدى،بۇنداق ئىدى دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغانمىتىڭىز؟ دىگەن سۇئاللارنى سۇراش ۋە  28-بەتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ 28-29-بەتلىرىدىكى مەزمۇننى ۋە رەسىملەرنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
      يىزا ئىگىلىكى ۋە قول سانائەتنىڭ كوپراتسىيلەشتۇرۇلۇشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
.سۇئال؛ نىمە ئۈچۈن يىزا ئىگىلىكى ۋە قول سانائەتكە قارتا كوپراتسىيەلەشتۇرۇش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغان؟تەسىرى قانداق بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 28-29-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ ۋە مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۇرۇلىدۇ.
يەر ئىسلاھاتىدىن كىيىن ،دېھقانلار يەرگە ئىگە بولۇپ،يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ،دۆلىتىمىزدە يىزا ئىگىلىكى يەنىلا ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان تارقاق شەكىلدە باشقۇرۇلاتتى.ئەينى ۋاقىتتا نامىرات دىھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرال سايمانلىرى ۋە مەبلىغى كەمچىل بولغاچقا ،ئائىلىلەرنىڭ سۇ ئىنشىئاتى مەسلىسىنى ھەل قىلىشى ،تەبئى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشى تەس ئىدى.تېرىلغۇ يەردىن مۇۋاپىق پايدىلنالمايتى.بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزگەچكە،يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دۆلەتنى سانائەتلەشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمىدى.شۇڭلاشقا دۆلەت يىزا ئىگىلىكىگە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ،ئاساسلىقى،تارقاق،يەككە دىھقانلارنى تەشكىللەپ ،ئۇلارنى يىزا ئىگىلىك كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يىتەكلەپ ،كوللىكتىپلىشىش ۋە ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت سوتسىيالىزىم يولىغا باشلىدى.
1953 -يىلى خىنەننىڭ ئەنياڭ ناھىيسىنىڭ بىر كەنىتىدىكى 18ئائىلىلىك دىھقان تەشكىللىنىپ يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىۋى قۇردى .بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. 1955-يىلى ،پۇتۇن مەملىكەت مىقياسىدا يىزا ئىگىلىكنى كوپراتسىيەلەشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.كىيىنكى يىلى ،پۇتۇن مەملىكەتتىكى دىھقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپى يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كوپراتىپىغا قاتناشتى.
يىزا ئىگىلىكىنى كوپراتسىيەلەشتۇرۇش ھەركىتى قول سانائەتنىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىلشىگە تۈرىتكە بولدى.1956-يىلى ،قول سانائەتچىلەرنىڭ %90تىن كۆپىرەكى قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كوپىراتىپىغا كىردى.
 
ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شىرىكچىلىكى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال: كاپتالىستىك سودا سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھۆكۇمەت قانداق تەدبىر قوللانغان؟ بۇنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
 ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 30-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
1954-يىلىدىن باشلاپ ،دۆلەت كاپىتالىستىك سودا –سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىپ ،كارخانىلاردا ھۆكۈمەت بىلەن شەخىسلەر شېرىكلىشىپ ئىگىلىك باشقۇرۇشنى قەدەممۇ قەدەم تەرەققى قىلدۇردى،ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلاردىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ ئىگىلىكنى ئورتاق باشقۇردى.ھۆكۈمەت تەرەپ رەھبىرى ئورۇندا تۇردى. يىزا ئىگىلىكنى كوپراتسىيەلەشتۇرۇش دولقۇنىنىڭ تەسىرىدە ،1956-يىلىنىڭ بېشىدا كاپىتالىستىك سودا –سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشتە ،پۇتۇن كەسىپ بۇيىنچە ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلارنىڭ شىرىكلىشىش دولقۇنى مەيدانغا كەلدى.
 ئۆزگەرتىش جەريانىدا ،دۆلەت كاپىتالىستلارنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە  قارىتا سېتىۋىلىش سىياسىتىنى قوللاندى.بۇ خىل سېتىۋىلىش سىياسىتى سوتسىيالىزىمغا تىنىچ ئۆتۇشنى ئىشقا ئاشۇردى،ئۇ ،جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشىدىكى ئىجادىيىتى ھېساپلىنىدۇ.
سۇئال: ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلدى؟ بۇنىڭ قانداق تارىخى ئەھمىيتى بار؟  
 1956-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ،دۆلەت يىزا ئىگىلىكى ،قول سانائەت ۋە كاپىتالىستىك سودا سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئاساسى جەھەتتىن ئورۇنداپ بولدى.بۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان خۇسۇسى مۇلۇكچىلىكنى سوتسىيالىستىك ئومۇمى مۈلۈكچىلىككە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىستىك ئاساسى تۈزۈم دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى، شۇنىڭدىن ئىتبارەن دۆلىتىمىز سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا قەدەم تاشلىدى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس ئۈچ چوڭ ئۆزگەرتىش
يىزا ئىگىلىكىنى كوپراتسىيەلەشتۇرۇش : 1953-يىلى ،خىنەن ئەنياڭ
قول سانائەتنى كوپراتسىيەلەشتۇرۇش  : 1956-يىلى
كاپتالىستىك سودا سانائەتنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش: 1956-يىلى، ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسىيلار شىرىكلىشىش،ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش.
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 31-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ، مەشىق
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
 
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى : 6-دەرىس سوتسىيالىزىم قۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇش يۇلى داۋامىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە سەۋەنلىكلەر،قولغا كەلتۇرۇلگەن مۇۋاپىقيەتلەر ۋە ئۆلگىلىك شەخسلەر سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. ج ك پ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەزىپىسى،1958-يىلدىكى سوتسىيالىزىم قۇرۇش باش لۇشىيەنى،ئۆلگىلىك شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخى شەخىس ۋە تارىخى ۋەقەلەرگە باھا بىرىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس ئىچىگە باشلاپ كىرىش.
3. سوتسىيالىزىم قۇرۇش يۇلى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن  ئۆلگىلىك شەخسلەرنى ئۆلگە قىلىپ،تىرشىپ ئۆگۈنۈش،ياراملىق ئادەم بولۇپ ۋەتەنگە تۆھپە قۇشۇش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا: ج ك پ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەزىپىسى، سوتسىيالىزىم قۇرۇش يۇلداقولغا كەلتۇرۇلگەن مۇۋاپىقيەتلەر
قىيىن نوختا : سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدىكى سەۋەنلىكلەر ۋە بۇنىڭ سەۋەبى
 ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار ج ك پ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ ۋەزىپىسى،ئۆلگىلىك شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاسان ئىگەللىيەلىسىمۇ  1958-يىلدىكى سوتسىيالىزىم قۇرۇش باش لۇشىيەنى،ئىزدىنىش داۋامىدىكى سەۋەنلىكلەرنىڭ سەۋەبىنى ئەستە تۇتۇش بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاتا-ئانىڭىزدىن دەرەخ كىسىپ پۇلات تاۋلاش دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغانمىتىڭىز؟ سىز‹‹جىياۋيۈلۈ›› دىگەن تىلىۋىزىيە فىلىمىنى كۆرگەنمۇ؟ لى فىڭ روھى قانداق روھ؟دىگەن سۇئاللارنى سۇراش ۋە  33-بەتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ33-34-35-بەتلىرىدىكى مەزمۇننى ۋە رەسىملەرنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
   ئىزدىنىش داۋامىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە سەۋەنلىكلەر
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ ج ك پ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى قاچان چاقىرلدى؟ نىملەر ئوتتۇرغا قۇيۇلدى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 33-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
  1956-يىلى ج ك پ نىڭ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتېيى چاقىرىلدى.قۇرۇلتايدا ،مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسى زىدديەت خەلىقنىڭ ئىلغار سانائەت دۆلىتى قۇرۇش تەلپى بىلەن قالاق يىزا ئىگلىكى دۆلىتىنىڭ رىئاللىقى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت؛ خەلىقنىڭ ئىقتىساد،مەدەنىيەتنى تىز تەرەقىقى قىلدۇرۇش ئىھتىياجى بىلەن نۆۋەتتىكى ئىقتىساد،مەدەنىيەتنىڭ خەلىق ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت،دەپ كۆرسىتىلدى.قۇرۇلتايدا نۆۋەتتە پارتىيە ۋە خەلىقنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى- كۈچنى مەركەزلەشتۇرۇپ ئىجتىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،دۆلەتنى سانائەتلەشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلىقنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددى ۋە مەدەنىيەت ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.بۇ سوتسىيالىزىم قۇرۇش يۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ياخشى باشلىنىشى ئىدى.
2.سۇئال؛ 1958-يىلدىكى سوتسىيالىزىم قۇرۇش لوشىيەنىدە نىملەر ئوتتۇرغا قۇيۇلدى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 33-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
پارتىيە مەركىزى كومتىتى ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ تىزلىتىش كىرەك دەپ ھىساپلاپ   1958  -يىلى ‹‹تولۇپ تاشقان غەيرەتكە كىلىپ ،يۇقىرى ئۆرلەپ،كۆپ ،تىز،ياخشى ،تىجەشلىك ئىشلەپ سوتسىيالىزىم قۇرۇش››باش لۇشىيەننى ئوتتۇرغا قويدى
3.سۇئال؛ ئىزدىنىش داۋامىدا قانداق ئېغىر سەۋەنلىك كۆرۇلدى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 34-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ ۋە ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۇرۇلىدۇ.
جۇڭگو ئىنقىلابى ئۇرۇشتىن سوتسىيالىزىم قۇرۇشقا ئەمدىلا قەدەم قويغانلىقى،پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزىمغا بولغان تۇنۇشىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقى،تەجىربىللىرىنىڭ تولۇق بولماسلىقى ،مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئالدىراپ كىتىپ، ئىقتىسادى قانۇنىيەتكە سەل قارالغانلىقى تۈپەيلىدىن ،پۇتۇن مەملىكەت مىقياسىدا ‹‹سول››چىللىق خاتالىقى يامراپ كەتتى.‹‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش›› ۋە خەلىق گۇڭشىسنى ئومۇمىلاشتۇرۇش ھەركىتى پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزىم قۇرۇش يۇلىدا ئىزدىنىش داۋامىدىكى بىر قېتىملىق ئىغىر خاتالىقى ھىساپلىنىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە ،ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن تەبىئى ئاپەتلەر تۇپەيلى ،دۆلەت ۋە خەلىق جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مىسلى كۈرۈلمىگەن ئىغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچىردى.1961-يىلى ئەتىيازدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خەلىق ئىگىلىكىنى ئومۇمىيۇزلۈك تەرتىپكە سېلىپ ،ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۇردى ۋە راۋاجلاندۇردى.تىرىشىش نەتىجىسىدا ،ئوزاق ئۆتمەي كۆرۇنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلدى.
قۇرۇلۇشتىكى مۇۋاپىقىيەتلەر ۋە ئۆلگىلىك شەخىسلەر
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال: قۇرۇلۇش داۋامىدا قانداق مۇۋاپىقيەتلەر قولغا كەلتۇرۇلدى؟ قايسى ئۆلگىلىك شەخىسلەر مەيدانغا كەلدى؟
 ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 36-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
ج ك پ نىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىدىن كىيىنكى 10يىلدا ،سوتسىيالىتىك قۇرۇلۇش داۋامىدا گەرچە ئىغىر خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ،لىكىن يەنىلا كۈرۇنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلدى.ئاساسلىق سانائەت مەھسۇلات مىقدارى زور دەرجىدە ئاشتى،نىفىت سانائىتىدە نەتىجە گەۋدىلىك بولدى.داچىڭ نىفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ ‹‹ئەجنەبىيلەر نىفىتى››گە  تاينىش دەۋرىگە خاتىمە بىرىپ ،خام نىفىت ۋە نىفىت مەھسۇلاتىدا پۇتۇنلەي ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.يېڭى ئىلىكتىرون سانائىتى ،ئاتوم ئىنىرگىيىسى سانائىتى ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى ھەم تەرەققى قىلدى. كەڭ خەلىق ئاممىسى ۋە كادىرلار ئارسىدا داچىڭدىكى نىفىت ئىشچىسى ۋاڭ جىنشى،ئىككى بومبا تۆھپىكارى دىڭ جىياشيەن،ناھىيلىك پارتىكوم شۇجىسى جياۋيۈلۇغا  ئوخشاش ئىغار شەخسلەر مەيدانغا كەلدى.ئۇلار سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ئاجايىپ تۆپىلەرنى قۇشۇپ،پۇتۇن مەملىكەت خەلىقىنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلاندى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس سوتسىيالىزىم قۇرۇش يولى ئۇستىدە ئىزدىنىش
ج ك پ 8-قۇرۇلتېيى : 1956-يىلى   ،
ياخشى باشلىنىش  : شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسلىق زىدىيەتنىڭ توغرا تەھلىل قىلىنىشى، باش لۇشىيەننىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشى
سەۋەنلىك  :  چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، خەلىق گوڭشىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش
 ئىلغار شەخسلەر : دىڭ جىياشيەن، جاۋ يۈيلۈ، ۋاڭ جىنشى
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : ئۆگۈنۈپ كىلىش
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
 
دەرىس تىمىسى :7-دەرىس ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› ئېلىپ بېرىلغان 10يىل
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە دۆلىتىمىزنىڭ 1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە بولغان 10يىل جەريانىدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ ، تەرەققىياتتا زور دەرجىدە چىكىنىش بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1.مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قوزغالغانلىقى،رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى،10يىللىق چوڭ مالىمانچىلىق ۋەزىيتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىگەللىتىپ،قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىشنىڭ ئىچكى ئامىللىرىنى تېپىپ چىقىشقا يىتەكلەپ ، تارىخى مەسىللەرنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى يىتىلدۇرۇلىدۇ.
2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس ئىچىگە باشلاپ كىرىش.
3. ج ك پ نىڭ ھەر قانداق مەسىللەرنى ئۆزى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلدۇرۇپ،بۇگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدىرگە يىتىش توغرىسىدا تەربىيە بىرلىدۇ.
مۇھىم نوختا: مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشى ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىر
قىيىن نوختا : مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى ۋە نەتىجىسى
 ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئېلىپ برىلغان ۋاقىت ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن يامان تەسىرلەرنى ئاسان ئىگەللىيەلىسىمۇ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خاراكتىرىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى قايسى دەرجىدە بۇغۇپ قويغانلىقىنى ئىگەللىشى بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاتا-ئانىڭىزدىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى، موزا كەيدۇرۇپ پىپەن قىلىش، كۆرەش قىلىش،ئۇزۇندە يادىلاش دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغانمۇ دەپ سۇراش ۋە  40-بەتتىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ40-44-بەتكىچە بولغان مەزمۇننى ۋە رەسىملەرنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
مالىمانچىلىق ۋە ئاپەت
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ دۆلىتىمىز نىمە سەۋەپتىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئېلىپ بارغان؟ قاچان باشلانغان؟ خاراكتىرىدە قانداق ئۆزگىرىش بولغان؟قانداق يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان؟‹‹ فىۋرال تەتۇر ئېقىمى ›› دىگەن نىمە؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 40-41-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
20 -ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،ماۋزىدۇڭ خاتا ھالدا پارتىيە مەرگىزى كومتىتىدا شيۇجېڭجۇيى پەيدا بولدى،پارتىيە ۋە دۆلەت كاپىتالىزىمنىڭ تىرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە دەپ قاراپ، كاپىتالىزىمنىڭ تىرىلىشىنىڭ ئالدنى ئېلىش ئۈچۈن  ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››قوزغاشنى قارار قىلدى.1966-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومتىتى ئارقا -ئارقىدىن  ‹‹پرۇلتارىيات مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، ‹‹مەركىزىي كومتىت مەدەنىيەت ئىنقىلابى گۇرۇپپىسى››نى قۇرۇپ ئاتالمىش ليۇشاۋچى،دىڭ شياۋپىڭ بۇرژۇئا قۇماندانلىق شىتابى بىلەن خاتا ھالدا كۈرەش ئېلىپ باردى.
لىن بىياۋ ،جياڭ چىڭ،كاڭ شىڭ،جاڭ چۇنچياۋ قاتارلىقلار ‹‹مەركىزىي مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى گۇرۇپپىسى››  نامى ئارقىلىق، پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ‹‹ھەممىنى يۇقۇتۇش،ئومۇمىيۈزلىك ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش›› قا قۇتراتقۇلۇق قىلدى.ئەينى ۋاقىتتا ،پۇتۇن مەملىكەتتە مەكتەپلەر ئوقۇشنى،زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ،‹‹ئىنقىلاپ قىلىش››تەك مالىمان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئورگانلىرى زەربىگە ،كەڭ كادىرلار ۋە زىيالىلار ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچىرىدى.دۆلەت رەئىسى ليۇشاۋچىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ ،‹‹خائىن ،جاسۇس،ئىشچىلار ئاسىيسى››دەپ تۆھمەت قىلىنىپ پارتىيدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ھەمدە قانۇنسىز نەزەربەنىت قلىنىپ ،ئۆلگىچە زىيانكەشلىك قىلىندى.بۇ-‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىكى ئەڭ چوڭ ناھەق دىلو ئىدى.
‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› باشلانغاندىن كىيىن پارتىيە ئىچىدىكى پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلار ،كەڭ كادىرلار ۋە ئامما نىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى توختاپ قالمىدى .1967-يىلى 2-ئايدا پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلار ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ››نىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق،‹‹فىۋرال تەتۇر ئېقىمى››دەپ تۆھمەت قىلىنىپ باستۇرۇلدى ھەمدە زەربىگە ئۈچىرىدى.
 
لىن بىياۋ،جىياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابى گوروھىنىڭ تارمار قىلىنىشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال: لىن بىياۋ ئەكسىلئىنقىلابى گوروھى قاچان تارمار قىلىندى؟ جىياڭ چىڭ گوروھىچۇ؟ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قاچان ئاخىرلاشتى؟
 ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 42-44--بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ،
لىن بىياۋ،جياڭ چىڭ گوروھى ‹‹مەدەنىيەت  زور ئىنقىلابى ››دا ئۆز ئارا تىل بىرىكتۇرۇپ ،ئىككى ئەكسىلئىنقىلابى گوروھنى شەكىللەندۇردى.1970-يىلدىن 1971-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا لىن بىياۋ ئەكسىلئىنقىلابى گوروھى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش قەستىدە بۇلۇپ،ئەكسىلئىنقىلابى قۇراللىق سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىدى.ماۋزىدۇڭ بىلەن جۇئىنلەي بۇ قېتىمقى سىياسى ئۆزگىرىشنى زىرەكلىك بىلەن تارمار قىلدى.1971-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ،لىن بىياۋ قاتارلىقلار ئايرىپىلانغا ئولتۇرۇپ ئالدىراپ –تىنەپ قېچىپ ،موڭغۇلىيەنىڭ ئۆندۇرغان دىگەن يىرىدە ئايرىپىلان پاچاقلىنىپ كىتىپ ئۆلدى.
لىن بىياۋ ئەكسىلئىنقىلابى گوروھى تارمار قىلىنغاندىن كىيىن،جۇئىنلەي ماۋزىدۇڭنىڭ قوللىشى بىلەن مەركەزنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلدى.دىڭ شياۋپىڭمۇ خىزمەتكە چۇشتى،ئۇلار ۋەزىيەتنى كۈرۈنەرلىك ياخشىلىدى.جياڭ چىڭ باشچىلىقىدىكى ‹‹4كىشلىك گوروھ››لىن بىياۋنى تەنقىد قىلىشنى باھانە قىلىپ تىغ ئۈچىنى جۇئىنلەي قاتارلىق پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلارغا قاراتتى،پۇتۇن مەملىكەت يەنە مالمانچىلىققا چۈشۈپ قالدى.1976-يىلى جۇئىنلەي بىلەن ماۋزىدۇڭ ئارقا –ئارقىدىن ۋاپات بولدى. جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابى گوروھى پارتىيە ۋە  دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالى رەھبەرلىك  ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش سۇيقەستىنى جىددىيلەشتۇردى.1976-يىلى 10-ئايدا خۇاگفىڭ ،يى جيەنيىڭ قاتارلىقلار مەركىزى كومتىت سىياسى بيۇروسىغا ۋاكالىتەن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابى گوروھىنى بىر يولىلا تارمار قىلىپ ،‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىن ئىبارەت ئىچكى مالمانچىلىققا خاتىمە بەردى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىلغان 10يىل
مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى : 1966-يىلى ،  ماۋزىدۇڭ،   ھەممىنى يوقىتىش،ئومۇمىيۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغاش،ئوقۇش توختىتىش، ئىش توختىتىش، 1967-يىلى 2-ئاي
ئىككى ئەكسىلئىنقىلابى گوروھنىڭ تارمار قىلىنىشى  : لىن بىياۋ گوروھى  1971-يىلى،  ماۋزىدۇڭ،جۇئىنلەي، جىياڭ چىڭ گوروھى 1976-يىلى  خۇا گوفىڭ،يى جيەنيىڭ
 
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى خاتالىقلار قايسىلار ؟ رەتلەپ چىقىڭ.
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
 
دەرىس تىمىسى :  8-دەرىس ئۇلۇغ  تارىخى بۇرۇلۇش
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنى،دىمۇگىراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈم قۇرۇلىشىنىڭ كۈچەيتىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىپ،مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ خاتالىقلىرنى تۈزۈتۈش جەريانىدىكى پائالىيەتلەر ۋە قولغا كەلتۇرۇلگەن نەتىجىلەر چۈشەندۇرۇلىدۇ .
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مەزمۇنى،تارىخى ئەھمىيىتى ،دىمۇگىراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈم قۇرۇلىشىنىڭ كۈچەيتىلىشى قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگەللەش،تارىخى مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس ئىچىگە باشلاپ كىرىش.
3. 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىىڭ تارىخى ئەھمىيتىنى چۈشەندۇرۇپ ، بۇ يىغىندىن كىيىن قولغا كەلتۇرۇلگەن سىياسى،ئىقتىساد جەھەتتىكى مۇۋاپىقيەتلەر سۆزلىنىپ،بۇگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە يىتىش توغرىسىدا تەربىيە بىرىلىدۇ.
مۇھىم نوختا: 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنى
قىيىن نوختا : ھەقىقەتنى سىناشنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدىكى مۇنازىرە بىلەن 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ باغلىنىشى
 ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار  11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاسان ئىگەللىيەلىسىمۇ ،لىكىن بۇ يىغىننىڭ تارىخى ئەھمىيتىنى ئىگەللىشى بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى48-بەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ48-49-50-بەتكىچە بولغان مەزمۇننى ۋە رەسىملەرنى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ ‹‹ئىككى ئومۇمەن›› دىگەن نىمە؟ ‹‹ھەقىقەتنى سىناشنىڭ ئۆلچىمى›› نىمە؟ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىن قاچان چاقىرىلغان؟مەزمۇنى نىمە؟تارىخى ئەھمىيتى نىمە؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ48-49-50-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› ئېلىپ بېرىلغان 10يىللىق مالمانچىلىق جەريانىدا ،نۇرغۇن سىياسى ۋە ئىجتىمامى مەسىللەر دۆۋلىنىپ كەتتى. ‹‹4كىشلىك گوروھ›› تارمار قىلىنغاندىن كىيىن كىشلەر ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىكى ناھەق،يالغان ،خاتا دىلولارنى ئاقلاپ خاتالىقلارنى تۈزتىشنى تەلەپ قىلدى.ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتىكى ج ك پ مەركىزى كومتىتىنىڭ ئاساسى رەھبىرى ‹‹سول››چىل يىتەكچى ئىددىيدە چىڭ تۇرۇپ ‹‹ئومۇمەن،رەئىس ماۋزىدۇڭ ئوتتۇرغا قۇيغانلىكى تەدبىرلەرنى قەتئى ھىمايە قىلمىز، ئومۇمەن،رەئىس ماۋزىدۇڭ كۆرسەتكەنلىكى يوليۇرۇقلارغا باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي ئەمەل قىلشىمىز كىرەك››دىگەن ‹‹ئىككى ئومۇمەن›› فاڭجىنىنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ پۇتۇن مەملىكەتتىكى خەلىقنىڭ نارازلىقىنى قوزغىدى.
1978-يىلى 5-ئايدا نۇر گىزىتىدە ‹‹ ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنىبىر ئۆلچىمى››دىگەن تىمىدا ماقالە ئىلان قىلىنىپ،ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا مۇھاكىمە باشلاندى.
1978-يىلنىڭ ئاخىرى،ج ك پ مەركىزى كومتىتى بىيجىڭدا 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىنى ئاچتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ‹‹ئىككى ئومۇمەن›› فاڭجىنى ئۈزۈل –كىسىل ئىنكار قىلىنىپ ،ئىددىينى ئازات قىلىش،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىددىيۋى لۇشىيەن يېڭىۋاشتىن تىكلەندى؛‹‹سىنپى كۈرۈشنى تۇتقا قىلىش››شۇئارىنى قوللىنىش توختىتىلىپ،پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمەتنىڭ مۇھىم نوختىسىنى ئىقتىسادى قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ تەدبىر يولغا قۇيۇلدى.
يىغىندا،ئەمەلىيەتتەدىڭ شياۋپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومتىتى رەھبەرلىك كوللىكتىپى شەكىللەندى.بۇ يىغىن-جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدىكى چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بۇرۇلۇش ئىدى.ئۇ پارتىينىڭ ئىددىيۋى لۇشىيەنى،سىياسى لۇشىيەنى ۋە تەشكىلى لۇشىيەنىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاپ ،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ باشلىنىشى بولدى.شۇنىڭدىن ئىتبارەن جۇڭگو تارىخى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋىگە قەدەم قويدى.
دىمۇگىراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈم قۇرۇلىشىنىڭ كۈچەيتىلىشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال:11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىندىن كىيىن دىمۇگىراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا قانداق نەتىجىلەر  قولغا كەلتۇرۇلدى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ50-51-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
 ج ك پ مەركىزى كومتىتى بىيجىڭدا 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كىيىن پۇتۇن مەملىكەتتە ناھەق،يالغان ،خاتا دىلولارنى ئاقلاش خىزمىتى ئومۇمىيۇزلۇك قانات يايدۇرۇلدى.1980-يىلى ج ك پ مەركىزى كومتىتى ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلاب››دا ليۇشاۋچىغا مەجبۇرى تېڭىلغان جىنايەتنى بىكار قىلىپ،ليۇشاۋچىنىڭ نام شەرپىنى ئەسلىگە كەلتۇردى،شۇنىڭ بىلەن پارتىيە تارىخدىكى ئەڭ چوڭ ناھەق دىلو ئاقلاندى.1982-يىلىنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە ناھەق،يالغان ،خاتا دىلولارنى كەڭ كۈلەمدە ئاقلاش خىزمىتى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىپ ،كەڭ كادىرلار،زىيالىلار كۈڭۈل ئازادىلىك بىلەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا يېڭىۋاشتىن ئاتلاندى.كىشلەر ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››ئارقىلىق دىمۇگىراتىيە بىلەن قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇھىملىقىنى تېخمۇ تۇنۇپ يەتتى،1982-يىلى 4-يۇرۇش‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى››ئىلان قىلىندى.بۇ-يېڭى دەۋىردىكى بىرقەدەر مۇكەممەل ئاساسى قانۇن.1986-يىلى يەنە ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمى قائىدىسى››‹‹مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى››‹‹ئەمەەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت قانۇنى››‹‹مۇھىت ئاسراش قانۇنى››قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلار ماقۇنلاندى.خەلىقنىڭ قانۇن تۈزۈم كۆز قارشى ئۆزلۇكسىز يۇقىرى كۇتۇرلۇپ ،دۆلىتىمىز دۆلەتنى قانۇن بۇيىنچە ئىدارە قىلىش يۇلىغا پەيدىنپەي قەدەم قويدى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس   ئۇلۇغ تارىخى بۇرۇلۇش
11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىېت 3-ئومۇمى يىغىنى : 1978-يىلى،دىڭ شىياۋپىڭ
دىمۇگىراتىيە ۋە قانۇن تۈزۈم قۇرۇلىشىنىڭ كۈچەيتىلىشى :1979-يىلى جىنايى ئىشلار قانۇنى،1982-يىلى 4-يۇرۇش ئاساسى قانۇن،   مائارىپ قانۇنى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى...
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى : 9-دەرىس  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە مەھسۇلاتنى ئائىللەرگە ھۆددىگە بىرىش مەسئولىيەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى،ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلارنىڭ ئېچىلىشى،دۆلەت كارخانىللىرىدىكى ئىسلاھات قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. مەھسۇلاتنى ئائىللەرگە ھۆددىگە بىرىش مەسئولىيەت تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنى بىلىش،ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنشىگە ماس كىلشى كىرەكلىكىدىن ئىبارەت پىرىنسىپنى چۈشىنىش،مەسىللەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى دەرىس ئىچىگە باشلاپ كىرىش.
3. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىدىن كىيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى ، ئىسلاھاتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرى ۋە پايدىسىنى چۈشەندۇرۇش.
مۇھىم نوختا: يىزا،شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە شىنجىن قاتارلىق ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلارنىڭ ئېچىلىشى.
قىيىن نوختا : ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنشىگە ماس كىلشى كىرەكلىكىدىن ئىبارەت پىرىنسىپنى چۈشىنىش،ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلارنىڭ سۇتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولى ۋە تەسىرىنى بىلىش.
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار يىزا،شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە شىنجىن قاتارلىق ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلارنىڭ ئېچىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى  ئاسان ئىگەللىيەلىسىمۇ ،لىكىن ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلارنىڭ سۇتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولى ۋە تەسىرىنى بىلىشى بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى54-بەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ54-55-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
مەھسۇلاتنى ئائىللەرگە ھۆددىگە بىرىش مەسئولىيەت تۈزۈمى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ ئىسلاھات ئەڭ دەسلەپ قەيەردە باشلانغان؟ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ54-55-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
پارتىينىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومومى يىغىنىدىن كىيىن ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىسلاھات ئېلىپ بىرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.ئىسلاھات ئاۋۋال يىزىلاردا باشلاندى.ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فىڭياڭ ناھىيسى شاۋگاڭ كەنتىدىكى دىھقانلار ئالدى بىلەن ئېتىزلارنى بۆلۇپ،مەھسۇلاتنى ئائىللەرگە ھۆددىگە بىرىپ ،پايدا زىيانغا ئۆزى ئىگە بولدى.بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ،بۇ خىل ئۇسۇل مەركەزنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئىرىشتى.شۇنىڭدىن كىيىن مەركەزنىڭ يىتەكچىلىكىدە ،يىزىلاردا مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش  ئاساس قىلىنغان مەسئولىيەت تۈزۈمى قەدەممۇ-قەدەم يولغا قۇيۇلۇپ ،يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرشى زور دەرجىدە  تەرەققىياتقا ئىرىشتى،يىزىلارنىڭ بېيىشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىلدى. مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئولىيەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ،مەسئولىيەت ئايدىڭلىشىپ ،دىھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقى زور دەرجىدە يۇقىرى كۆتۈرلۈپ ،يىزا ئىگىلىكىدە يىلمۇ-يىل مول ھۇسۇل ئېلىندى.دىھقانلار مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئولىيەت تۈزۈمنى قىزغىن ھىمايە قىلىشتى.
شىنجىن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادى رايۇنلارنىڭ قۇرۇلۇشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال:ئەڭ دەسلەپ ئېچىۋىتىلگەن ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلار قايسىلار؟ ئېچىۋىتىشنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتى قانداق بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ55-56-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
پارتىينىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومومى يىغىنىدىن كىيىن،ئىشىكنى سىرىتقا ئېچىۋىتىشمۇ باشلاندى.1980-يىلى ئىلىمىز شىنجىن،جۇخەي،شەنتۇ،شىيامىندا تكت ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇن قۇردى.ئۇلار دۆلەتنىڭ ئىتبار بىرىش ئىقتىسادى سىياسىتىدىن پايدىلنىپ،چەت ئەل مەبلىغىنى قوبۇل قىلىپ ،ئىلغا پەن تېخنىكا ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش تەجىربىسىنى كىرگۈزۈپ ،زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى.
كىيىن دۆلىتىمىز ئېچىۋىتىلگەن رايۇنلارنى تەدرىجى كىڭەيتىپ ،1984-يىلى دىڭىز بۇيدىكى گۇاڭجۇ،شاڭخەي قاتارلىق 14شەھەرنى ئېچىۋەتتى.خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادى رايۇنىنى تەسس قىلدى،شاڭخەيدە پۇدۇڭ تەرەققىيات رايۇنى قۇردى.ھازىر ئېچىۋىتىلگەن رايۇنلار دىڭىز بۇيدىن ئىچكى رايۇنلارغا تەرەققى قىلىپ ،ئالاھىدە ئىقتىسادى رايۇنلار-دىڭىز بۇيدىكى ئېچىۋىتىلگەن  شەھەرلەر-د دىڭىز بۇيدىكى ئېچىۋىتىلگەن ئىقتىسادى رايۇنلار- ئىچكى رايۇنلاردىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىك ،كۆپ قاتلاملىق ۋە كەڭ ساھەلىك ئېچىۋىتىش ئەندىزسى شەكىللەندى.
دۆلەت كارخانىللىرىدىكى ئىسلاھات
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال:شەھەرلەردە ئىسلاھات قاچان باشلانغان؟قايسى جەھەتلەردىن ئېلىپ بېرىلغان؟ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ58-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
1985-يىلدىن باشلاپ ،شەھەرلەردە ئىسلاھات ئومۇمىيۇزلۈك قانات يايدۇرۇلدى،مۇھىم نوختا –دۆلەت كارخانىلىردىكى ئىسلاھات ئىدى.بۇ ئاساسى جەھەتتىن ئۈچ جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلدى.ئەسلىدىكى بىرلا خىل ئومۇمى مۇلۇكچىلىك ئىگىلىكى ، ئومۇمى مۇلۇكچىلىك ئىگىلىكى ئاساسى گەۋدە قىلىنغان كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىگە ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇلدى.دۆلەت كارخانىلىرىدا ھۆكۈمەت بىلەن كارخاننى ئايرىش يولغا قۇيۇلۇپ ،كارىانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تەدرىجى كىڭەيتىلىپ ،ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسئولىيەت تۈزۈمى يولغا قۇيۇلدى.ئەمگىكىگە قاراپ تەخسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان ،كۆپ خىل تەخسىمات شەكلى بىللە مەۋجۇت بولغان تۈزۈم يولغا قۇيۇلدى.1992-يىلى  پارتىينىڭ 14-قۇرۇلتېيىدا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ،دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىسلاھات قەدىمى تىزلىتىلىپ ،چوڭ ،ئوتتۇرا كارخانىلاردا  شىركەت تۈزۈمى،پاي تۈزۈمى،يولغا قۇيۇلۇپ ،ھازىرقى زامان كارخانا تۈزۈمىنى بەربا قىلىشقا قەدەم تاشلاندى.كىچىك كارخانىلارغا قارىتا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش،بىرلەشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر قوللىنىلىپ ،كارخانىلارنىڭ ئىسلاھات قەدىمى تىزلىتىلدى.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس   ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش
مەھسۇلاتنى ئائىللەرگە ھۆدىگە بىرىش مەسئولىيەت تۈزۈمى : 1978-يىلى،ئەنخۇي شىياۋگاڭ
شىنجىن قاتارلىق ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنلارنىڭ قۇرۇلۇشى :1980-يىلى شىنجىن،جۇخەي،شەنتۇ،شىيامىن
دۆلەت كارخانىللىرىدىكى ئىسلاھات: 1985-يىلى شەھەرلەردىكى ئىسلاھات، 3جەھەتتىن
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى :
دەرىس تىمىسى : 10-دەرىس جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى دىڭ شىياۋپىڭ،دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريەسى يىتەكچىلىك ئورنىنىڭ تىكلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. دىڭ شىياۋپىڭ ئوتتۇرغا قويغان تۆت ئاساسى پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى،12-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرغا قۇيغان جۇڭگۈچە ئالاھىدلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيەسى،13-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرغا قۇيغان ئاساسى لۇشىيەن ،دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار نى بىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخى شەخسلەرگە،تارىخى مەسىللەرگە باھابىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىر كۆتۈرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.يولداش دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش، جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىشللىرىدىكى باش لاھىيلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان شانلىق ھاياتىنى بىلدۇرۇش.
مۇھىم نوختا: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى- دىڭ شىياۋپىڭ
قىيىن نوختا :دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ماركىسىزىم ئىددىيسىنىڭ جوڭگۇدىكى يېڭى تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى بىلىش.
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى- دىڭ شىياۋپىڭ دىگەن مەزمۇنىنى ئاسان ئىگەللىيەلىسىمۇ ،لىكىن دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ماركىسىزىم ئىددىيسىنىڭ جوڭگۇدىكى يېڭى تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى بىلىشى بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى62-بەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ62-63-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى-دىڭ شىياۋپىڭ
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ تۆت ئاساسى پىرىنسىپنى كىم ئوتتۇرغا قويغان؟ يولداش دىڭ شىياۋپىڭ 12-قۇرۇلتايدا قانداق كۆرسەتمە بەرگەن؟ 13-قۇرۇلتايدىچۇ؟نىمە ئۈچۈن يولداش دىڭ شىياۋپىڭنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى دەيمىز؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ62-63-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
پارتىينىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتىت 3-ئومۇمى يىغىنىدىن بۇرۇن،دىڭ شىياۋپىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنى ئوتتۇرغا قۇيغانىدى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش جەريانىدا پەيدا بولغان بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۇرۇش  مەسلىسىگە قارتا ئۇ يەنە‹‹جۇڭگودا تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ،تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش لازىم›› دەپ كۆرسەتتى. تۆت ئاساسى پىرىنسىپ- كومىمۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش،سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش،خەلىق دىمۇگىراتىيەسى دىكتاتۇرسىدا چىڭ تۇرۇش،ماركىسىزىم-لىنىنىزىم،ماۋزىدۇڭ ئىددىيسىدە چىڭ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
 1982-يىلى ج ك پ نىڭ 12-قۇرۇلتېيىدا دېڭ شىياۋپىڭ ئېنىق قىلىپ :بىز زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىشتا جوڭگونىڭ ئەمەلىيتىنى ئاساس قىلشىمىز ‹‹ماركىسىزىمنىڭ ئومۇمى ھەقىقىتىنى ئىلمىزنىڭ كونكىرىت ئەمەلىيتى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ،ئۆز يۇلمىزدا مېڭىپ،جۇڭگوچە سوتسىيالىرىم قۇرۇشىمىز لازىم ››دەپ كۆرسەتتى.
 1987-يىلى پارتىينىڭ 13-قۇرۇلتېيى ئۈچۈن سوتسىيالىزىمنىڭ  دەسلەپكى باسقۇچى توغرىسىدىكى نەزىريەنى شەرھىلەپ،پارتىينىڭ سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش ،تۆت ئاساسى پىرىنسىپتاچىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسى لۇشىيەننى ئوتتۇرغا قۇيىدى.
 جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا دېڭ شىياۋپىڭ سوتسىيالىزىم دىگەن نىمە؟ سوتسىيالىزىمنى قانداق قۇرۇش كىرەك؟دىگەن بىر قاتار مەسىللەرنى ھەل قىلدى.شۇڭلاشقا ئۇنى ئىلمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى دەيمىز.
دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريەسى يىتەكچىلىك ئورنىنىڭ تىكلىنىشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇپنى كۆزدىن كەچۇرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟14-قۇرۇلتايدا دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريەسىگە قانداق باھا بىرىلگەن؟دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريەسىنى پارتىينىڭ يىتەكچى ئىددىيسى قىلىش قاچان بەلگىلەنگەن؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ64-65-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
1980-يىللارنىڭ ئاخردىن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە  ،جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش خاراكتىرى ‹‹كاپتالىزىم››مۇ ياكى‹‹سوتسىيالىزىم ››مۇ دىگەن قىيىن مەسلىگە دۇچ كەلدى.مۇشۇنداق ھالقىلىپ پەيىتتە دېڭ شىياۋپىڭ 1992-يىلنىڭ بېشىدا جەنۇپنى كۆزدىن كەچۇرگەندە پارتىينىڭ ئاساسى لۇشىيەنى 100يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ،ئالاھىدە رايۇننىڭ خاراكتىرى كاپتالىزىم ئەمەس بەلكى سوتسىيالىزىم دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش ئىدديسى تەدرىجى دىڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسىنى شەكىللەندۇردى.بۇ نەزەرىيە جۇڭگونىڭ  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار مەسىلىلەرگە خېلى سىستىمىلىق جاۋاپ بەردى.ئۇ-ماركىسىزىمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى.
1992-يىلى ج ك پ نىڭ 14-قۇرۇلتېيىدا دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش نەزەرىيسىگە يۇكسەك باھا بىرىپ ،ئۇنىڭ پۇتۇن پارتىيدىكى يىتەكچىلىك ئورنى تىكلەندى.بۇ قۇرۇلتايدا جىياڭ زىمىن يادرولۇقىدىكى 3-ئەۋلات رەھبەرلىك كوللىكتىپى شەكىللەندى.
1997-يىلى دىڭ شىياۋپىڭ ۋاپات بولدى. ج ك پ نىڭ 15-قۇرۇلتېيىدا ماقۇللانغان پارتىينىڭ نىزامنامىسىدە :ج ك پ ماركىسىزىم-لېنىنىزىم ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى،دېڭ شىياۋپىڭ نەزەريسىنى ئۆزنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى قىلدۇ،دەپ بەلگىلەندى. دىڭ شىياۋپىڭ  نەزەرىيسى پارتىينىڭ يىتەكچى ئىددىيسى قىلىپ تىكلەندى.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس   جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىشنىڭ باش لاھىيلىگۈچىسى-دىڭ شىياۋپىڭ : تۆت ئاساسى پىرىنسىپ،12-13-قۇرۇلتاي
دىڭ شىياۋپىڭ نەزىريەسى يىتەكچىلىك ئورنىنىڭ تىكلىنىشى : 14-قۇرۇلتاي،15-قۇرۇلتاي
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 63-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
دەرىس تىمىسى   1-پائالىيەت دەرسى 
                      جەميەت تەكشۈرۈش-يۇرتۇمنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى
دەرىس تىپى: پائالىيەت دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
پائالىيەت مەزمۇنى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەن 30 يىلدىن يۇرىتتا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۇرۇش. گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ ،مەخسۇس تىمىدا تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ،تەكشۇرۇش نەتىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەكشۇرۇش دوكىلاتى يېزىش.
پائالىيەت نىشانى:1. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان،يۇرىتتا يۈز بەرگەن كونكىرىت ئۆزگىرىشلەرنى تەكشۈرۈپ،كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قارشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش.
2. جەمىيەت تەكشۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ بەزى ئاساسى ئۈسۈللىرىنى ئۆگىنىپ،ئۆزىنىڭ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن، جەمىيەت تەكشۇرۇش ھەققىدە مۇلاھىزە دوكىلاتى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىنى سىناپ بىقىش.
پائالىيەت قەدەم باسقۇچلىرى: 1. سىنىپتىكى ساۋاقداشلار كەنىتلەرنى بىرلىك قىلىپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىلار بىرلىك قىلىنغان ھالدا جەمىيەت تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. ھەر بىر گۇرۇپ ئۆزىنىڭ تەكشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.تەكشۇرۇش تىمىسىنى بىكىتىدۇ.(يۇرتىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرى،ئوي –جاي،قاتناش،مائارىپ قاتارلىقلار)
تاللىغان تىمىغا ئاساسەن گۇرۇپپا ئىچىدىكى ساۋاقداشلار ئۆز ئارا ئىش تەخسىم قىلشىۋىلىپ،تەكشۇرۇشنى ھەمكارلىشىپ تاماملاش لازىم.
تەكشۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھەر قايسى گۇرۇپپىدىكى ساۋاقداشلار زىيارەت ىاتىرسى ۋە توپلىغان ماتىرياللىرىنى رەتلەپ ،تەكشۇرۇش دوكىلاتى يېزىپ تاپشۇرىدۇ،ياخشى يېزىلغانلىرى سىنىپ ئىچىدە ئوقۇلىدۇ.
 
 
دەرىس تىمىسى   11-دەرىس مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە مىللى تىرتورىيلىك ئاپتونۇمىيەنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1.مىللى تېررىتورىيلىك ئاپتونۇمىيە سىياسىتىنىڭ يولغا قۇيۇلۇشى،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنىنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكى قاتارلىق بىلىملەرنى بىلدۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىر كۆتۈرۈش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش تۇغرىسىدا تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
مۇھىم نوختا: مىللى تېررىتورىيلىك ئاپتونۇمىيە سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى،مەركىزى ھۆكۈمەت يولغا قويغان مىللەتلەرنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتى
 قىيىن نوختا :مىللى تىرتورىيلىك ئاپتونۇمىيە سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشنىڭ سەۋەبى
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللى تىرتورىيلىك ئاپتونۇمىيە سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىشى بىر قەدەر قىيىنراق.باشقا بىلىم نوختىللىرىنى ئاسان چۈشىنەلەيدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى72-بەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ72-73-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
مىللى تىېررىتورىيلىك ئاپتونومىينىڭ يولغا قۇيۇلۇشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىكى قانداق؟نىمە سەۋەپتىن مىللى تېررىتورىيلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى يولغا قۇيۇلغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ72-73-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
جۇڭگو -56مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت .ئۇزاق تارىخى تەرەقىقيات جەريانىدا ھەر قايسى مىللەتلەر سىياسى،ئىقتىساد،مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا بىقىنىدىغان،بىر-بىردىن ئايرىلمايدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۇرگەن ھەمدە خەنزۇلارنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ چوڭ دائىردە ئارلىشپ،كىچىك دائىردە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .يېڭى جۇڭگو قۇرۇلىدىغان ۋاقىتتا ،ج ك پ دۆلەت ئىچىدىكى ھەممە مىللەت باراۋەر بولۇش،ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا مىللى تىرتورىيلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قۇيۇش ھەققىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ تەكلىپ ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۇرگەچكە ،مىللەتلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئىلشىغا ئىرىشتى. پۇتۇن مەملىكەتتە ئۆلكە دەرجىلىك ئاپتۇنۇم رايۇندىن بەشى ۋە نۇرغۇن ئاپتۇنۇم ئوبىلاست ،ئاپتۇنۇم ناھىيلەر قۇرۇلدى.مىللى تىرتورىيلىك ئاپتۇنۇمىيە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ،مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقى،رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۆلىتمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە تۈپ سىياسى تۈزۈمىنىڭ بىر تۈرىگە ئايلاندى.
مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال .يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن مىللەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق سىياسەت يولغا قۇيۇلغان؟ نەتجىسى قانداق بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ73-74-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
ئۇزاقتىن بۇيان مەملىكىتمىزدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسى،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئىنتايىن تەكشىسىز بولۇپ كەلدى.جڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ،مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتى ھەر قايسى مىللەتلەرنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرى تىز تەرەققى قىلدى.ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادى پۇتۇن مەملىكەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى.ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ ئاز سانلىق مىللەت خەلىقلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋيسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيسىمۇ زور دەرجىدە ئۆستى. مەركەز غەربى رايۇنلارنى كەڭ كۈلەمدە ئېچىش سىياسىتىنى يولغا قۇيغاندىن بۇيان ،ئاز سانلىق مىللەتلەر نۇپۇسى بىر قەدەر كۆپ بولغان غەربى رايۇنلاردا كەڭ كۈلەمدە ئېچىش ۋە زور تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيتى بارلىققا كەلدى.
ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،مەركەز زور تۈركۈمدىكى كادىرلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايۇنلىرىغا ياردەمگە ئەۋەتتى،شەندۇڭدىن شىزاڭغا ياردەمگە بارغان كۇڭ فەنسېن ئەنە شۇلارنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى:
  1. دەرىس   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى
مىللى تىېررىتورىيلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى:
مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى:
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 76-بەت ئىزدىنىش
ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
دەرىس تىمىسى   12-دەرس شياڭگاڭ ۋە ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم››تەسەۋۋۇرىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلۇش ۋەشىياڭگاڭ،ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشى  قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1.‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم›› نىڭ مەنىسى،شىياڭگاڭ،ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشىنىڭ ئەھمىيتى،بۇ رايۇنلاردا مۇتلەق ئاپتونومىيەنى يولغا قۇيۇشنىڭ سەۋەبى قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگەللەش،تارىخى مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىر كۆتۈرۈش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تۇغرىسىدا تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
مۇھىم نوختا: شىياڭگاڭ،ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشىنىڭ ئەھمىيتى
 قىيىن نوختا : ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم›› تەسەۋۋۇرىنىڭ مەنىسى
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم›› تەسەۋۋۇرىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى بىر قەدەر قىيىنراق.باشقا بىلىم نوختىللىرىنى ئاسان چۈشىنەلەيدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى77-بەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ77-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم›› تەسەۋۋۇرى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم››تەسەۋۋۇرىنى كىم ئوتتۇرغا قويغان ؟مەزمۇنى نىمە؟ تەسىرى قانداق بولغان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ77-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
شىياڭگاڭ،ئاۋمىن ۋە تەيۋەن مەسىللىرى تارىختىن قىلىپ قالغان مەسىلە بۇلۇپ،بۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىپ ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى ئىدى.ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى ئېچىۋىتىش يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ،دىڭ شىياۋپىڭ ۋەتەننى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەتىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ ،‹‹ بىر دۆلەت،ئىككى تۈزۈم››دىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار تەسەۋۋۇرنى ئىجادى يۇسۇندا ئوتتۇرغا قويدى. ‹‹ بىر دۆلەت،ئىككى تۈزۈم››-ج خ ج تىرتورىيسىدە ،چوڭ قۇرۇقلۇقتا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى،تەيۋەن،شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىندا كاپىتالىستىك تۈزۈمنى يولغا قۇيۇشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تۈزۈم ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئولۇغۋار ئىش ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ بىرىپ،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتى.
شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشى
سۇئال .شىياڭگاڭ بىلەن ئاۋمىن قاچان ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ78-79-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
‹‹ بىر دۆلەت،ئىككى تۈزۈم›› تەسەۋۋۇرىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشى شىياڭگاڭ بىلەن ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كىلنىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى.شۇنىڭدىن كىيىن جۇڭگو-ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەت 2يىل سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ،1984-يىلىنىڭ ئاخىرىدا رەسمى بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ ،ج خ ج ھوكۈمىتى 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭغا ئىگىلىك ھوقۇقى يۇرگۈزۇشنى  ئەسلىگە كەلتۇرۇپ ،مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە قاراشلىق شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايۇنى تەسىس قىلىدۇ،دەپ جاكارلىدى.1987-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو –پورتىگالىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىمۇ بىرلەشمە خىتاپنامە ئىمزالاپ،ج خ ج ھۆكۈمىتى 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋمىنغا ئىگىلىك ھوقۇقى يۇرگۈزۇشنى  ئەسلىگە كەلتۇرىدۇ،دەپ جاكارلىدى.شۇنىڭ بىلەن شىياڭگاڭ بىلەن ئاۋمىن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى.
 ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
 
دوسكا لاھىيەسى: 12-دەرس شياڭگاڭ ۋە ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كىلىشى
‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم››تەسەۋۋۇرى: دىڭ شىياۋپىڭ
شىياڭگاڭ ،ئاۋمىننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى:1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى،1999-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى   13-دەرس دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئالاقىسى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئولۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش،كۈنسىرى قۇيۇقلىشىۋاتقان ئالاقە  قاتارلىق مەزمۇنلار ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئالاقىسى سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1.ۋەتەننى تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ سىياسەت ۋە فاڭجىنى،‹‹تىنىچ بىرلىككە كىلىش،بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش››ئاساسى فاڭجىنى،جىياڭزىمىننىڭ 8تۈرلۈك تەشەببۇسى،چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئالاقىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىلىش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخى مەسىللەرنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۇرۇپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تۇغرىسىدا تەربىيە ئىشلىنىدۇ.
مۇھىم نوختا: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىكىتكەن ۋەتەننى تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ سىياسەت ۋە فاڭجىنى
 قىيىن نوختا : ‹‹تىنىچ بىرلىككە كىلىش،بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش››ئاساسى فاڭجىنى
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ كۈنسىرى قۇيۇقلىشىۋاتقان ئالاقىسىنى چۈشىنىشى بىر قەدەر ئاسانراق،‹‹تىنىچ بىرلىككە كىلىش،بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش››ئاساسى فاڭجىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنىڭ سەۋەبىنى ،جەريانىنى ئىگەللىشى بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى83-بەت ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ83-84-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ دۆلىتىمىز ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ83-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەيۋەن بىلەن ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنى مۇقەددەس ۋەزىپە دەپ قاراپ ،تەيۋەننى ئازات قىلىشنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويدى.50يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تەيۋەننى تىنىچ يول بىلەن ئازات قىلىش ئىددىيسىنى ئوتتۇرغا قويدى.1978-يىلدىن كىيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ۋەتەننى تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئولۇغ سىياسەت ۋە فاڭجىنىنى بىكىتتى.ئۇزاق ئۆتمەي تەيۋەنگە قارتىلغان ‹‹ تىنىچ بىرلىككە كەلتۇرۇش،بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش›› ئاساسى فاڭجىنى شەكىللەندى،ھەمدە بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىلىپ،ئىككى قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتى پەسەيتىلىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئولۇغۋار ئىشى ئىلگىرى سۇرۇلدى.1987-يىلى تىيۋەن دائىرلىرى ‹‹ئۈچ قىلماسلىق ›› سىياسىتىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولدى.
سۇئال . 90-يىلدى كىيىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدا قانداق ئۆزگىرىش بولدى ؟ يولداش جىياڭزىمىننىڭ 8تۈرلۈك تەشەببۇسى قايسى؟
ئىككى قىرغاق ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈنسىرى قويۇقلۇشىشىغا ئەگىشىپ 1990-يىلى تەيۋەندە دېڭىز بۇغۇزى ئىككى قىرغىقى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمىيتى قۇرۇلدى.1991-يىلى ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىدا دېڭىز بۇغۇزى ئىككى قىرغىقى مۇناسىۋىتى جەمىيتى قۇرۇلدى. 1992-يىلى بۇ ئىككى جەمىيەت ‹‹ دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى بىر جوڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ›› دەپ ئورتاق تۈنۈش ھاسىل قىلدى.
1995-يىلى جىياڭ زىمىن ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى توغرىسىدا 8تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ ‹‹ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش-تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋە ئالدىنقى شەرتى››، ‹‹ېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنى تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇش سۆھبىتىنى ئىككى باسقۇچقا بكلۈپ ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ››،‹‹تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇشنى تىرشىپ قولغا كەلتۇرۇش،ئەمما قۇرال ئىشلىتىشتىن ۋاز كىچىشكە ۋە دە بەرمەسلىك››،‹‹سىياسى ئىختىلاپنى دەپ ئىككى قىرغاقنىڭ مۇناسىۋىتى ۋەھەمكارلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك››... قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى ھەمدە بۇ تەشەببۇس يېڭى دەۋىردە ۋەتەننى تىنىچ بىرلىككە كەلتۇرۇشنىڭ مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى يىتەكچى ئىددىيە بولۇپ قالدى.
 
كۈنسىرى قويۇقلىشىۋاتقان ئالاقە
سۇئال .‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش،تىنىچ بىرلىككە كەلتۇرۇش›› فاڭجىنىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى خخىل خ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ86-87-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
20نەچچە يىل مابەينىدە ‹‹تىنىچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۇرۇش ،بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بۇلۇش››ئاساسى فاڭجىنىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ،ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق تىرىششى ئارقىلىق ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقىسى،شۇنداقلا ئىقتىساد،مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.ئىقتىسادى جەھەتتە ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ بىر –بىرىنى ئىلگرى سۈرۈش،بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە ئۆز ئارا مەنپەت يەتكۈزۈشىدەك ۋەزىيەت دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.
1979-يىلدىن كىيىن تەيۋەندىن چوڭ قۇرۇقلۇققا تۇققان يوقلاشقا كىلىدىغانلارنىڭ سانى يىلسىرى ئاشتى.ئىككى قىرغاقنىڭ ئۆتەڭ سودىسىنىڭ قىممىتى 1979-يىلى 77مىليۇن دوللار ئىدى،2005-يىلغا كەلگەندە 495مىليارىد 700مىلىيۇن ئامرىكا دوللىرىغا يەتتى.ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا قاتناش،تىلفۇن ،تىلگىرامما يۇللاش،فاكىس يوللاش،كۆچمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق كەسىپلەر يولغا قۇيۇلدى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
 
دوسكا لاھىيەسى: 13-دەرس دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ئالاقىسى
 
 ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش
 
كۈنسىرى قويۇقلىشىۋاتقان ئالاقە
 
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :  88-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى   14-دەرس پۇلات قورغان
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە خەلىق دېڭىز ئارمىيسى ۋە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى،باشقۇرۇلدىغان سىنارەد قىسمىنىڭ تەرەققى قىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1.دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى دېڭىز ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ھازىرقى تەرەققىياتى،ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىقى قىلىپ ياسىغان باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەد قاتارلىق قۇراللار قاتارلىق مەزمۇنلارنى بىلىدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى تەھلىل قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى  تەرەققىياتىنى بىلدۇرۇپ، دۆلىتىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش .
مۇھىم نوختا: زامانىۋى دېڭىز ئارمىيسى ۋە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى
 قىيىن نوختا : دۆلەت مۇداپىئەسى  قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتى
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار دېڭىز ئارمىيسى ۋە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى ئاسان بىلەلىسىمۇ،لىكىن دۆلەت مۇداپىئەسى  قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگەللىشى  بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىزنىڭ 1949-يىلدىن 2009-يىلغىچە دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بارغان ھەربى پاراتلىرىنىڭ قىسقارتىلغان سىن فىلىمىنى قۇيۇپ بىرىش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ92-93-94-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
خەلىق دېڭىز ئارمىيسى ۋە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز ئارمىيسى قاچان قۇرۇلغان؟ ھاۋا ئارمىيسىچۇ؟ ھازىرقى تەرەققىياتى قانداق؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ92-93-94-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ،جۇڭگو خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسىنىڭ تۇنجى دېڭىز ئارمىيسى-شەرقى جۇڭگو ھەربى رايۇن دېڭىز ئارمىيسى قۇرۇلدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن شىمالى دېڭىز،شەرقى دېڭىز ۋە قەنۇبى دېڭىز فىلوتلىرى ئارقا –ئارقىدىن قۇرۇلدى.
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندا، دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ئاران 100 نەچچىلا كونا پاراخۇتى بار ئىدى .ۋەتىنىمىز دېڭىز چېگرىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ،ئىلىمىز كۆپ خىل پاراخۇتلارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياساپ ،دېڭىز .ئارمىيسىنى كۈچەيتتى .1971-يىلى ،ئىلىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بىلەن قۇراللانغان قوغلىغۇچى پاراخۇت كۆپ قېتىملىق ئىلمي تەجىربە ۋە چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى .ئارقىدىنلا ،دېڭىز ئارمىيسى يەنە ئېلىمىز ئۆزى ياساپ چىققان يادرو سۇ ئاستى پاراخۇتى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن  ئۆزىنى قۇراللاندۇردى .
خەلق ھاۋا ئارمىيسى قۇرۇقلۇق ئارمىيسى ئاساسىدا قۇرۇلغان .20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ بېشىدا ،ھاۋا ئارمىيسى قىسمى 3000دىن كۆپرەك ھەرخىل ئايروپىلانغا ئىگە ئىدى . ھاۋا ئارمىيسى ئەمدىلا قۇرۇلغاندا ،ئامرېكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ،چاۋشىيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇش سىنىقىغا دۇچ كەلدى .ھاۋا ئارمىيە جەڭچىلىرى دۇشمەن بىلەن باتۇرانە جەڭ قىلىپ ،دۇشمەن ئايرىپىلانىدىن 300نەچچىنى ئېتىپ چۇشۇرۇپ،شانلىق قەڭ نەتىجىسىنى قولغا كەلتۇردى.
خەلق ھاۋا ئارمىيسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ،ئايرىپىلانلارنى ئاساسەن چەت ئەللەرىن سېتىۋالاتتى،كىيىنچە پەيدىن-پەي دۆلىتىمىز ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئايرىپىلانلارنى ئىشلىتىدىغان بولدى.1956-يىلى دۆلىتىمىز ‹‹قىرغۇچى 5››تىپلىق قىرغۇچى ئايرىپلاننى تەقلىد قىلىپ ياساپ چىقتى.كىيىن دۆلىتىمىز يەنە كۆپ خىل تىپتىكى ئايرىپىلانلارنى ياساپ چىقتى.ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان،ئىشىك ئېچىۋىتلگەندىن بۇيان دۆلىتىمىز ھاۋا ئارمىيسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى سەكرەش ھاسىل قىلىندى.ھاۋا ئارمىيسى ۋەتەننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغدايدىغان پۇلات جەڭچىگە ئايلاندى.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسمىنىڭ تەرەققىياتى
سۇئال .دۆلىتىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەت قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىنى بايان قىلىڭ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ95-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسمى زامانىۋى قۇشۇندا كەم بولسا بولمايدۇ،ئۇ،ئاساسلىقى يادروھۇجۇمىغا قايتارما زەربە بىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىەە ئالغان.1966-يىلى ،جۇڭگو ئىستىراتىگىيلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسمىنى قۇردى.
1956-يىلى ،جۇئىنلەي مەركىزى ھەربى ئىشلار كومتىتىنىڭ يېغىنىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلپ ،ئالىم چىيەن شۆسىننىڭ باشقۇرۇلدىغان سىنارەدنى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.مەركەز باشقۇرۇلدىغان سىنارەدنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشنى قارار قىلدى.1964-يىلى ،جۇڭگو ئۆزى لاھىيلەپ ياساپ چىققان باشقۇرۇلدىغان سىنارەدنى مۇۋاپىقيەتلىك سىناق قىلىپ ،2يىلدىن كىيىن يەنە تۇنجى يادرولۇق باشقۇرۇلدىغان سىنارەد قۇرالى ئۇتۇقلۇق ياسالدى.بۇ،جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم مۇۋاپىقىيىتى.دۆلىتمىز باشقۇرۇلدىغان سىنارەد قىسمى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئوتتۇرا مۇساپىلىك، يىراق مۇساپىلىك ۋە قىتئەلەر ئارا يادرولۇق باشقۇرۇلدىغان سىنارەد قۇراللىرى ۋە باشقا كۆپ خىل باشقۇرۇلدىغان سىنارەد بىلەن ئۆزىنى قۇراللاندۇرۇپ ،بىر قەدەر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولدى.
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
 
دوسكا لاھىيەسى: 14-دەرس پۇلات قورغان
 
 خەلىق دېڭىز ئارمىيسى ۋە ھاۋا ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى
 
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قىسمىنىڭ تەرەققىياتى
 
بىرىلگەن تاپشۇرۇق :93-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى   15-دەرس مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بۇلۇش ئاساسىدىكى تىنىچلىق دىپلوماتىيىسى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى، جوئىنلەي زوڭلىنىڭ باندوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشى  قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1.دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خۇجا بولۇش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىسى ۋە قولغا كەلتۇرۇلگەن ئوتۇقلار، تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشنىڭ ئارقا كۆرۇنۇشى،‹‹باندوڭ روھى›› نىڭ مەنىسى قاتارلىق بىلىملەرنى بىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى تەھلىل قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ خەلىقئارا جەميەتتىكى تەسىرى ۋە ئورنىنى بىلدۇرۇپ ، دۆلىتىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش .
مۇھىم نوختا: دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خۇجا بولۇش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىسى ۋە تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشى
 قىيىن نوختا : تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ خەلىقئارادا قوللاشقا ئىرىشىپ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاساسى مىزانغا ئايلانغانلىقىنى بىلىش
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل ئۆز ئۆزىگە خۇجا بولۇش ئاساسىدىكى دىپلوماتىيە سىياسىسى ۋە تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى  ئاسان بىلەلىسىمۇ،لىكىن تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنىڭ خەلىقئارا جەمىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرىنى  ئىگەللىشى  بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 98-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ98-99-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ دۆلىتىمىزنىڭ  سىرتىقا قاراتقان دىپلوماتىيە سىياسى قانداق؟دىپلوماتىيە جەھەتتە قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلدى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ98-99-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن مۇستەقىل،ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بۇلۇش ئاساسىدىكى تىنىچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويدى.يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان كۈنى ماۋزىدۇڭ پۇتۇن دۇنياغا ‹‹ھۆكۈمىتىمىز- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىگە ۋە پۇتۇن مەملىكەت خەلقىگە ۋەكىللىك قىلدىغان بىردىن-بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت.ھۆكۈمىتىمىز ئومۇمەن باراۋەر بۇلۇش،ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە زىمىن پۇتۇنلۇكى ،ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلىشنى خالايدىغان ھەر قانداق چەت ئەل ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ››دەپ جاكارلىدى.
1949-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى تۇنجى بولۇپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنى ئىتراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە دۆلىتىمىز بىلەن رەسمى دىپلۇماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. شۇ يىلىلا 17 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.1953-يىلنىڭ ئاخىردا ،ھۆكۈمىتىمىز ھىندىستان بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ شىزاڭ رايۇنىدىكى مۇناسىۋىتى مەسلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.جۇئىنلەي ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قۇبۇل قىلغاندا ،زىمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش،بىر-بىرگە تاجاۋۇز قىلماسلىق ،بىر-بىرنىڭ ئىچكى ئىشغا ئارلاشماسلىق ،باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا ئىتبار بىرىشتىن ئىبارەت تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قۇيۇپ ،ئۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلشنىڭ پىرىنسىپى قىلدى.كىيىن تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى خەلقئارادا چۇڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى ۋە دۇنيادىكى بارغانسىرى كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ،دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلدىغان ئاساسى مىزانغا ئايلاندى. 1954-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ ،ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلشىغا ئىرىشتى.
 
جۇئىنلەينىڭ باندوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشى
سۇئال .‹‹باندوڭ روھى›› نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ100-101-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
1955-يىلى ئاسىيا،ئافرىقىدىكى نۇرغۇن مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ھىندونىزىيدىكى باندوڭ شەھرىگە يىغىلىپ ،مۇستەملىكچى دۆلەتلەر قاتناشمىغان تۇنجى ئاسىيا-ئافرىقا خەلقئارا يىغىننى ئاچتى،يىغىندا تىنىچلىقنى قوغداش،مىللى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۇرۇش ۋە مىللى ئىگلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئورتاق كۆڭۇل بۇلىدىغان مەسلە مۇھاكىمە قىلىندى.يىغىندا جاھانگىر دۆلەتلەر بەزى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈشكۈرتىپ ،جۇڭگو ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىدا كومنىزىمغا ھۇجۇم قىلدى،ھەتتا ئۇلار جۇڭگو خوشنا دۆلەتلەرگە ‹‹ئاغدۇرمىچىلىق ››ھەركىتى ئېلىپ بېرۋاتدۇ،دەپ گۇمانلاندى.جۇئىنلەي جاھانگىرلارنىڭ يىغىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيقەستىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت،ئىختىلاپنى كۆزدە تۇتۇپ،‹‹ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كىلىپ،ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەردە ئۆز قاراشلىرىنى ساقلاپ قىلىش››فاڭجىنىنى ئوتتۇرغا قويۇپ يىغىننىڭ مۇۋاپىقيەتلىك داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۇردى.شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. كىيىن كىشىلەر باندوڭ يىغىنىدا ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ئاسىيا-ئافىرىقاخەلىقى بىردەك  ئىتتىپاقلىشىش،دونيا تىنىچلىقىنى قوغداش، ھەر قايسى ئەل خەلىقلىرى ئوتتۇرسىدىكى دوسلۇقنى ئىلگىرى سۇرۇش روھىنى ‹‹ باندوڭ روھى›› دەپ ئاتالدى.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
 
دوسكا لاھىيەسى: 15-دەرس مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خۇجا بۇلۇش ئاساسىدىكى تىنىچلىق دىپلوماتىيىسى
 
 تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى
 
جۇئىنلەي زوڭلىنىڭ باندوڭ يىغىنىغا قاتنىشىشى
 
بىرىلگەن تاپشۇرۇق
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى     16-دەرس دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى  ،جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ،جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىننى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىشى  قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىپ دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دىپلوماتىيە جەھەتلەردىكى تىرتشچانلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۇرگەن  نەتىجىلىرى چۇشەندۇرلىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى  ،جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى،دىپلوماتىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۇرۇلگەن نەتىجىلەرنى بىلدۇرۇپ،70-يىللاردىن كىيىن دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ خەلىقئارا جەميەتتىكى تەسىرى ۋە ئورنىنى بىلدۇرۇپ ، دۆلىتىدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسياتىنى  ئاشۇرۇش .
مۇھىم نوختا: جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى  ،جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ،جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىننى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىشى
 قىيىن نوختا : 70-يىللاردىن كىيىنكى جوڭگۇ-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش سەۋەبى ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدە پارلاق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كىلىش سەۋەبىنى بىلىش
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى  ،جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى  ئاسان بىلەلىسىمۇ،لىكىن دىپلوماتىيە ساھەسىدە پارلاق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كىلىش سەۋەبىنى ئىگەللىشى  بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 104-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ104-105-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغان ۋاقىتتكى جوڭگۇ-ئامرىكا مۇناسىۋىتى بىلەن 70-يىللاردىن كىيىنكى جوڭگۇ-ئامرىكا مۇناسىۋىتىكى ئۆزگىرىشنى بايان قىلىپ بېقىڭ؟ جوڭگۇ-ئامرىكا ئىككى تەرەپ قاچان رەسمى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ104-105-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇلغاندىن كىيىن ئامرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا دۇشمەنلىك بىلەن قاراپ ،جۇڭگوغا قارىتا ئىمبارگو قىلىش،قامال قىلىش،مۇھاسىرگە ئېلىپ تەھدىت سېلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئىككى تەرەپ 20نەچچە يىل دۇشمەنلىشىش ھالىتىدە تۇردى.جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىر كۆتۈرلىشىشگە ئەگىشىپ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەلپىگە ئايلاندى. جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىدە بۇرۇلۇش بولدى. 1971-يىلى 7-ئايدا،نىكسون زۇڭتۇڭنىڭ دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى كېسنىگىر جۇڭگونى مەخپى زىيارەت قىلدى ھەمدە ئىككى تەرەپ شاڭخەيدە ‹‹جوڭگۇ-ئامرىكا قۇشما ئاخبارات›› نى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى نۇرماللىششقا باشلىدى.1979-يىلى جوڭگۇ-ئامرىكا رەسمى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئامرىكا پەقەت بىرلا جوڭگۇ بارلىقىنى ، تەيۋەننىڭ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى.
جۇڭگونىڭ  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى
سۇئال . جۇڭگونىڭ  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنى قاچان ئەسلىگە كەلگەن؟دىپلوماتىيە ساھەسىدە يەنە قانداق نەتىىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلگەن؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ106-107-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
1971-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ب د ت نىڭ 26-نۆۋەتلىك يىغىنى ئالبانىيە قاتارلىق 23 دۆلەتنىڭ تەكلىپىنى كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاپ ، ج خ ج نىڭ ب د ت دىكى قانۇنلۇق ھوقۇقىنى،جۇڭگونىڭ خەۋىپسىزلىك كىڭىشىگە دائىمى ئەزالىق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۇردى.
1972-يىلى ياپۇنىيە باش ۋەزىرى تاناكا كاكوئىې قۇڭگونى زىيارەت قىلىپ ، ئىككى دۆلەت رەسمى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.ئارقىدىنلا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن قۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.دۇنياداجۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.ئىلمىزنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارتىلدى.
جۇڭگونىڭ ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىشى
سۇئال . ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى دۆلىتىمىزدە قاچان چاقىرىلغان؟ تىمىسى نىمە؟
ئوقۇغۇچىلاردەرىسلىك كىتاپنىڭ 108-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك  مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق  سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تىزلىشىپ،ئونۋىرسال دۆلەت كۈچى ئېشىپ،دىپلوماتىيە جەھەتتە ئولۇغ نەتىجىلەر قولغا كەلتۇرۇلۇپ،خەلىقئارا ئىشلاردا بارغانسىرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى.يېڭى ئەسىرنىڭ 1-يىلى يەنى 2001-يىلى ئاسىيا –تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمى يىغىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك يىغىنى جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2001-يىلدىكى APEC  يىغىنىنىڭ ئاساسى تىمىسى ‹‹ يېڭى ئەسىر،يېڭى خىرىس،قاتنىشىش،ھەمكارلىق، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۇرۇش›› ئىدى. شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن APEC  يىغىنى جۇڭگودا ھازىرغىچە ئېچىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ،ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيتى ھىساپلىنىدۇ.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
 
دوسكا لاھىيەسى: 16-دەرس دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى
جۇڭگو-ئامرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرماللىشىشى  : 1971-يىلى ،    1979-يىلى
جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى :1971-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىننى ئېچىشنى ئۈستىگە ئېلىشى : 2001-يىلى
 
 بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 105-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى   2-پائالىيەت دەرسى 
       تارىخى ئەمەلىيەتنى كۆپچىلىك سۆزلەش-يېڭى جوڭگۇنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى
دەرىس تىپى: پائالىيەت دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
پائالىيەت مەزمۇنى: پۇتۇن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار سۆھبەت يىغىنى شەكلى ئارقىلىق يېڭى جوڭگۇنىڭ دىپلوماتىيە مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۈستىدە ئەركىن سۆزلىشىش.
پائالىيەت نىشانى:1.يېڭى جوڭگۇنىڭ دىپلوماتىيە مۇۋاپىقيەتلىرنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ خەلىقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىر كۆتۇرۇلگەنلىكىنى ھېس قىلىش،
2. دىپلوماتىك پائالىيەت ۋە كۆرەشنى سۆزلەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ قۇدىرەت تېپىشىنىڭ دىپلوماتىيە كۆرۇشىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى ئىكەنلىكىنى بىلىش.
3. دىپلوماتىيە پائالىيتىدىكى دانالىق ۋە دىپلوماتىيە سەنئىتىنى ھىس قىلىش.
پائالىيەت قەدەم باسقۇچلىرى: 1. ئالدى بىلەن 112-بەتتىكى ئەمەلى ئۆلگە ئوقۇپ بىرىلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ماتىريال توپلاش،قانداق بايان قىلىش ھەققىدە چۈشەنچە بىرىلىدۇ.
2. سىنىپتىكى ساۋاقداشلار گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىلار بىرلىك قىلىنغان ھالدا دىپلوماتىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۇرۇلگەن مۇۋاپىقيەتلەر توغرىسىدا ماتىريال توپلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
3. ھەر بىر گۇرۇپ ئۆزىنىڭ توپلىغان ماتىرياللىرىنى رەتلەپ ،ئونىڭدىن شەكلى ئىخچام،جانلىق ھىكايە ياكى ئەمەلى دوكىلات يېزىپ چىقىدۇ ۋە سىنىپتا ئوتتۇرغا قۇيىدۇ.
4. ھەر قايسى گۇرۇپپا ئۆزلىرى تەييارلىغان ماتىرياللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن سىنىپ ئىچىدە باھالىنىدۇ ۋە بۇ جەرياندا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ساۋاقداشلار سايلاپ چىقىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.
5. پائالىيەت جەريانىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىلىدۇ ۋە توپلانغان ماتىرياللار يىغىۋېلىنىدۇ.
 
 
دەرىس تىمىسى     17-دەرس  پەن تېخنىكىدىكى مۇۋاپىقىيەتلەر (1)
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە ‹‹ئىككى بومبا،بىر ھەمراھ›› ۋە سوقىچاق تىپلىق شالغۇت شال  قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىپ دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە يىزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدىكى پەن تېخنىكا نەتىجىلىرى چۇشەندۇرلىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىلغار پەن تخنىكا نەتىجىللىرىنى ۋە دىڭ جىياشەن ۋە لۇيەنپىڭ قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارنى بىلىش، بۇ ئالىملارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ئۆگۈنۈش ئارقىلىق مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ پەن تېخنىكا جەھەتتىكى مۇۋاپىقيەتلىرىنى بىلدۇرۇش ئارقىلىق ،تىرشىپ ئۆگۈنۈپ ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسدا تەربىيە ئىشلەش.
مۇھىم نوختا: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىلغار پەن تخنىكا نەتىجىللىرىنى ۋە مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى بىلىش
 قىيىن نوختا : يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان پەن –تېخنىكا جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلىشىدىكى سەۋەپنى بىلىش.
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىلغار پەن تخنىكا نەتىجىللىرىنى ۋە مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى  ئاسان بىلەلىسىمۇ،لىكىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان پەن –تېخنىكا جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلىشىدىكى سەۋەبىنى ئىگەللىشى  بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 116-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ116-118-بتىدىگىچە بولغان مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
‹‹ ئىككى بومبا،بىر ھەمراھ››
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ ‹‹ ئىككى بومبا››نىڭ تۆھپىكارى كىم؟ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلۇشىدا قانداق مۇۋاپىقىيەتلەر قولغا كەلتۇرۇلگەن؟  
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ116-117-118بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
1958-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئالىمى دىڭ جىياشەن ئاتوم بومبىسى ياساش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالىدۇ. 20نەچچە ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچى ۋە بىر قانچە ئالىم بىرقانچە يىل جاپالىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ تۈنجى ئاتوم بومبىسى مۇۋاپىقيەتلىك سىناق قىلىندى.تۈنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك پارتىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيىتتى،شۇنداقلا جاھانگىرلارنىڭ يادرو مونۇپۇللىقىنى بىتچىت قىلدى.
دۆلىتىمىز ئاتوم بومبىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقۇرۇلدىغان سىنارەدنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىنىمۇ بىرگە ئېلىپ باردى.1664-يىلى 6-ئايدا دۆلتىمىز ئۆزى لاھىيلىگەن ئوتتۇرا يىقىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مۇۋاپىقيەتلىك سىناق قىلىندى.1966-يىلى 10-ئايدا يادرو ئوق بىشى قاچىلانغان ئوتتۇرا يىقىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مۇۋاپىقيەتلىك سىناق قىلىندى.
1970-يىلى دۆلىتىمىز ‹‹ ئۇزۇن سەپەر›› نامىلىق تۇشۇغۇچى راكىتا ئارقىلىق تۇنجى يەر شارى سۇنئى ھەمراھ-‹‹شەرق قىزاردى ››نى مۇۋاپىقيەتلىك قۇيۇپ بىرىپ ،سوۋىت ئىتتىپاقى،ئامرىكا،فىرانسىيە،ياپۇنىيەدىن كىيىنكى دۇنيا بۇيىنچە يەر شارى سۇنئى ھەمراھىنى مۇستەقىل قۇيۇپ بىرەلەيدىغان 5-دۆلەتكە ئايلاندى.1999-يىلى ئىلىمىز تۈنجى ئادەمسىز‹‹ خاسىيەتلىك كىمە ›› نى مۇۋاپىقيەتلىك قۇيۇپ بەردى.2003-يىلى تۈنجى ئادەملىك ئالەم كىمىسى ‹‹ خاسىيەتلىك كىمە ›› نى،2005-يىلى ئادەملىك ئالەم كىمىسى ‹‹ خاسىيەتلىك كىمە ›› نى مۇۋاپىقيەتلىك قۇيۇپ بەردى.
سوقىچاق تىپلىق شالغۇت شال
سۇئال . شالغۇت شال ئاتىسى كىم؟ ئو قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن؟
ئوقۇغۇچىلاردەرىسلىك كىتاپنىڭ 119-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك  مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق  سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
2001-يىلى دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتلاش يىغىنىدا يولداش جىياڭ زىمىن دۆلەتلىك ئەڭ ئالى پەن تېخنىكا مۇكاپاتىنى شال يىتىشتۇرۇش مۇتەخەسىسى يۇەن لوڭپىڭغا تارقىتىپ بەردى.
يۇەن لوڭپىڭ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئەلا سورىتلىق شال يىتىشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان،1973-يىلى دۇنيا بۇيچە تۈنجى قېتىم سوقىچاق تىپلىق شالغۇت شالنى يىتىشتۇرۇپ چىققان.ئۇ يىتىشتۇرگەن بۇ شالنىڭ  مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 650 كىلوگىرامدىن يۇقىرى بولۇپ،ئادەتتىكى شالغا قارغاندا مەھسۇلات مىقدارى %20دىن كۆپرەك بولغاچقا خەلىقئارا يىزا ئىگىلىك ساھەسىدە ‹‹ شالغۇت شال ئاتىسى›› دەپ نام چىقاردى.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
 
دوسكا لاھىيەسى: 17-دەرس  پەن تېخنىكىدىكى مۇۋاپىقىيەتلەر (1)
‹‹ ئىككى بومبا، بىر ھەمراھ››  : ئاتوم بومبىسى،باشقۇرۇلدىغان سىنارەد، دىڭ جىياشەن،يەر شارى سۇنئى ھەمراھى
سوقىچاق تىپلىق شالغۇت شال: يۇەن لوڭپىڭ
 
 بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 117-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى     18-دەرس  پەن تېخنىكىدىكى مۇۋاپىقىيەتلەر ()
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە 863 پىلانى ۋە كومپىيوتىر تور تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىللشى  قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىپ دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى يۇقىر پەن تېخنىكا قۇرۇلۇشىدىكى پەن تېخنىكا نەتىجىلىرى چۇشەندۇرلىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق 863 پىلانىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىش جەريانى ۋە كونكىرىتنى مەزمۇنى،نىشانى قاتارلىق بىلىملەرنى ئىگەللەش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ پەن تېخنىكا جەھەتتىكى مۇۋاپىقيەتلىرىنى بىلدۇرۇش ئارقىلىق ،تىرشىپ ئۆگۈنۈپ ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسدا تەربىيە ئىشلەش.
مۇھىم نوختا:863 پىلانىنىڭ بىكىتىلىشى
 قىيىن نوختا : 863 پىلانىنىڭ بىكىتىلىشىنىڭ زۇرۇرلىكىنى بىلىش
ئۆگۈنۈش ھالەت تەھلىلى: بۇ سائەتلىك دەرىستە ئوقۇغۇچىلار 863 پىلانىنڭ نىملىكىنى ۋە كونكىرىتنى مەزمۇنىنى    ئاسان بىلەلىسىمۇ،لىكىن 863 پىلانىنىڭ بىكىتىلىشىنىڭ زۇرۇرلىكىنى بىلىشى  بىر قەدەر قىيىنراق.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 122-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ122-123-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
863 پىلانى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
1.سۇئال؛ 863 پىلانى دىگەن نىمە؟ ئو نىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ122-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
1986-يىلى  3-ئايدا دۆلىتىمىزنىڭ تۆت پىشقەدەم ئالىمى بىرلىكتە ج ك پ مەرگىز كومتىتىغا ‹‹ دۇنيانىڭ ئىستىراتىگىيلىك يۇقىر پەن تېخنىكا تەرەققىياتىغا يىتىشىۋېلىش توغرىسىدا تەكلىپ›› نامىدا بىر پارچە خەت يازدى. بۇ خەتتە دۇنيادىكى يېڭى پەن تېخنىكا خىرىسى ئالدىدا جۇڭگو ئارقىدا قالماسلىقى كىرەك،ھازىردىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ چامىمىز يەتكەن مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يىتىشىۋېلىشىمىز كىرەك ، ئەمەلى كۈچىمىز ياخشىلانغاندا بىر گەپ بۇلار دىسەك پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قۇيىمىز دەپ كۆرسىتلىدى.دىڭ شىياۋپىڭ بۇ خەتنى كۆرۇپ دەرھال تەستىق سالدى.تۆت ئالىمنىڭ تەكلىپى ۋە دىڭ شىياۋپىڭنىڭ تەستىقى 1986-يىلى 3-ئايدا يېزىلغان بولغاچقا بۇ پىلان 863پىلانى دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە 100 نەچچە ئالىم بۇ پىلان ئۇستىدە قايتا-قايتا دەلىللەش ئېلىپ بېرىپ،‹‹863 پىرۇگىراممىسى››نى شەكىللەندۇردى.بىئو تېخنىكا،ئالەم تېخنىكىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى،لازىر تېخنىكىسى،ئاپتۇماتلاشتۇرۇش تېخنىكىسى،ئىنىرگىيە مەنبەسى تېخنىكىسى ۋە يېڭى ماتىريالدىن ئىبارەت 7 ساھەنى تاللاپ ، ئۇنى ئىلىمىزنىڭ يۇقىر تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نوختىسى قىلدى.1996-يىلى يەنە دېڭىز-ئوكيان تېخنىكىسى بۇ پىلاننىڭ 8-ساھەسى قىلىندى.
كومپىيوتىر تور تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى
سۇئال .كومپىيۇتىر تور تىخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىش ئەھۋالى قانداق بۇلىۋاتىدۇ؟
ئوقۇغۇچىلاردەرىسلىك كىتاپنىڭ 124-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك  مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق  سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىنسانلار يۇكسەك ئۇچۇرلاشقان دەۋىرگە قەدەم قويدى. ئىنتىرنىت تورى دۇنيانى ئۆزگەرتىپ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى جەھەتتە چۇڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا.تورغا چىقىش ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى.2004-يىلغا كەلگەندە يەر شارى بۇيچە تورغا چىققانلارنىڭ سانى 810مىلىيۇنغا يەتتى. ئىلمىزدىمۇ تور تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز بولۇپ تورغا چىققانلارنىڭ سانى 1997-يىلدىكى 620مىڭدىن كۆپىيىپ 2005-يىلغا كەلگەندە 111مىليۇنغا يەتتى.ھازىر كىشىلەر توردا خەۋەر كۆرىدۇ،خىلمۇ-خىل ماتىرياللارنى ئىزدەپ بىلىم ئىگەللەيدۇ، ئىلىكتىرونلۇق خەت يوللايدۇ،مال سېتىۋالىدۇ،دەرىس ئاڭلايدۇ...ئالاقە تورى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغا چوڭقۇر سېڭىپ كىرىۋاتىدۇ، ئەمما توردىن مۇۋاپىق پايدىلانمىغاندا پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى: 18-دەرس  پەن تېخنىكىدىكى مۇۋاپىقىيەتلەر ()
863 پىلانى:  1986-يىلى 3-ئاي
كومپىيوتىر تور تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى: بىلىم ،خەت، دەرىس، مال ...
 بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 117-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى     19-دەرس ئىسلاھات،تەرەققىيات جەريانىدىكى مائارىپ
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە  دۆلەتنى پەن –تېخنىكا ۋە مائارىپ  ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە ئاساس سىلىش قۇرۇلۇشى، ئالى مائارىپنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىپ دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مائارىپنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى چۇشەندۇرلىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مائارىپنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرنى بىلدۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرۇش.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ  مائاىپ جەھەتتىكى مۇۋاپىقيەتلىرىنى بىلدۇرۇش ئارقىلىق ،تىرشىپ ئۆگۈنۈپ ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسدا تەربىيە ئىشلەش.
مۇھىم نوختا: دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزگەن سىياسەت تەدبىرلىرنى بىلىش.
 قىيىن نوختا : دۆلەتنى پەن تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۇرۇشنىڭ مەنىسىنى بىلىش.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 128-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ128-129-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
دۆلەتنى پەن –تېخنىكا ۋە مائارىپ  ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە ئاساس سىلىش قۇرۇلۇشى
دەرىس مەزمۇنىدىن تۈۋەندىكى بىرقانچە سۇئاللار چىقىرلىپ ئوتتۇرغا تاشلىنىدۇ.ئوقۇتقۇچى سۇئال سۇراش، ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرش ، ئوقۇتقۇچى خۇلاسىلەش شەكلىدە دەرىس مەزمۇنى يەتكۈزىلىدۇ.
سۇئال؛ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۈچۈن قانداق سىياسەت تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
ئوقۇغۇچىلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ128-129-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ،بۇلۇپمۇ ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋىتلگەندىن بۇيان ،مائارىپ ئىشلىرى ئىنتايىن زور تەرەققىياتقا ئىرىشتى .پارتىيە ۋە ھۈكۈمەت ئاساسى مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تېخمۇ ئەھمىيەت بىرىپ 1986-يىلى 《جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى》نى ئىلان قىلىپ يولغا قويدى .دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپغا سىلىنىدىغان سىلىنمىنى كۆپەيتتى ھەمدە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەبلەغ ئىئانە قىلىپ مەكتەپ ئېچىشقا رىغبەتلەندۈردى .جايلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ياخشلىنىپ ،ئۈسكۈنىللىرى ئىلغار بەزى باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى .
2000-يىلغا كەلگەندە ،مەملىكەت بويىچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى ،ئىلىمىزدىكى باشلانغۇچ ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى تەرەققى قىلىۋاتقان نۇپۇسى كۆپ دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان ،پارتىيە ۋە ھۈكۈمەت 《دۆلەتنى پەن –تىخېنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش 》تەرەققىيات ئىسىراتىگىيسىنى يولغا قۇيۇپ 《مائارىپنى ئالدى بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىراتىگيلىك ئورۇنغا قويۇش  》نى ئېنىق ئوتتۇرغا قويدى ،توققۇز يىللىق  مەجبۇرىيەت مائارىپىنى دۆلەتنى پەن –تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساس سىلىش قۇرۇلۇشى قىلدى ھەمدە ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇپ ،پارتيىنىڭ مائارىپ فاڭجىننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەخلاقى ،ئەقلى ،جېسمانى ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپىلىق يىتىلگەن سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يىتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .
 
ئالى مائارىپنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشى
سۇئال .يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ئالى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدا قانداق ئىلگىرلەش بولدى؟
ئوقۇغۇچىلاردەرىسلىك كىتاپنىڭ 130-بىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك  مەزمۇنلارنى كۆرۇش ئارقىلىق  سۇئالغا جاۋاپ بىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىگەنلىرى ئومۇمىلاشتۇرۇلۇپ خۇلاسە قىلىپ بىرىلىدۇ .
يىڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيان ،ئالى مائارىپتا ئىلىگىرى كۈرۈلۈپ باقمىغان زور تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى .ئومۇمى جەھەتىن  قارغاندا ، ئالى مائارىپ خېلى كۈلەمنى شەكىلەندۈردى،مەكتەپلەرنىڭ سانى زور دەجدە كۈپىيىپ پەنلەرنىڭ تۈرى بىر جدەر تۇلۇقلىنىپ ،ئۇرۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىدى بارغانسىرى مۇۋااپقلاشتۇرلدى .مائارىپ سۈپتى ،مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنمى،ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىمۇ كۈرنەرلىك ئۆستى .20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىردا ،يېڭى ئەسىرنىڭ خىرسىنى كۈتۋېلىش ئۈچۈن .مائارىپ مىنىستىرىلكى بېيجىڭ ئۇنۋىرستىتى، چىڭىخۇا ئۇنۋىرستىتى قاتارلىق بىر قانچە ئالى مەكتەپنى دۇنيا بۇينچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپ ۋە يۇقرى سەۋيلىك ئالى مەكتەپكە ئايلاندۇرۇشقا ھەركەتلەندۈردى .
ئالى مەكتەپلەردىكى پەن تېخنىكا خىزمىتىنىڭ  نەتىجىسى كۈرنەرلىك بولدى .ئۇلار دۆلەتنىڭ 863پىلانى تۈرنىڭ 3/1قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئۈستىگە ئالدى ،ئىرشكەن دۆلەت كەشپىيات مۇكاپاتى مەملىكەت بۇيىچە تەخمىنەن 3/1نى ئىگلىدى .پەن –تېخنىكا تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە ،بەزىلىرى دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى ۋە يېقىنلاشتى ،ئالىي مەكتەپلەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ،ئىسمى جېسمانى لايىق مۇھىم پەن –تېخنىكا يۆنىلىش قوشۇنى بۇلۇپ قالدى .
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى: 19-دەرس ئىسلاھات،تەرەققىيات جەريانىدىكى مائارىپ
دۆلەتنى پەن –تېخنىكا ۋە مائارىپ  ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە ئاساس سىلىش قۇرۇلۇشى: جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى، دۆلەتنى پەن –تىخېنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش
ئالى مائارىپنىڭ زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشى: بېيجىڭ ئۇنۋىرستىتى، چىڭىخۇا ئۇنۋىرستىتى
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 129-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى 3   -پائالىيەت دەرسى 
     20-ئەسىر مىلودىيسىدىكى ‹‹تارىخ››
دەرىس تىپى: پائالىيەت دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
پائالىيەت مەزمۇنى: 20-ئەىسردىكى  كىلاسىك تارىخى ناخشىلارنى توپلاش،ئاڭلاش ۋە ئېيتىش
پائالىيەت نىشانى: تۈرلۈك تارىخى دەۋرىلەردىكى ناخىشىلارنى توپلاش،ئاڭلاش.ئېيتىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردىكى ئىجتىمائى ئۆزگىرىش،ئىنقىلابى كۆرەش ۋە كىشىلەرنىڭ روھى قىياپىتىنى ۋاستىلىك ھالدا چۈشىنىش،ساۋاقداشلار ئارسىدا تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈننى تۇتاشتۇرۇشتەك ھەمنەپەسلىكنى قوزغاپ،ئۆزىنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى يىتىلدۇرۇش نىشانىغا يىتىشنى مەخسەت قىلىدۇ.
پائالىيەت قەدەم باسقۇچلىرى: 1. ئالدى بىلەن بۇسائەتلىك پائالىيەت دەرسىنىڭ مەخسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىلىدۇ.
2. سىنىپتىكى ساۋاقداشلار گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىدۇ ھەمدە گۇرۇپپىلار بىرلىك قىلىنغان ھالدا يىغىپ كەلگەن ناخشا ،ئۈن-سىن ماتىرياللىرىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ ۋە بۇ ماتىرياللارغا ئاساسەن ناخشىلارغا ئارقا كۆرۇنۇش تۇنۇشتۇرۇش،ناخشا ئىجاد قىلىنغان دەۋىر ئارقا كۈرۈنۈشى،ناخشىدا ئىپادىلەنگەن ئاساسى مەزمۇن ئوتتۇرغا قۇيۇلىدۇ.
3.گۇرۇپپىنى بىرلىك قىلىپ،20-ئەسىر مىلودىيىسىدىكى‹‹ تارىخ›› نى ئورۇنداش تىمىسىدا پىكىر بايان قىلىپ،ناخشىنىڭ دەۋرى ئارقا كۆرۈنىشى ۋە تارىخى قىممىتىنى تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
4. سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلار ئەڭ ياخشى پائالىيەت لاھىيسى،ئەڭ ياخشى تىما، ئەڭ ياخشى ناخشا ئېيىتقۇچى،ئەڭ ياخشى چۈشەندۇرگۈچىنى باھالاپ چىقىدۇ ۋە سىنىپ ئىچىدە مۇكاپاتلىنىدۇ.
5. پائالىيەت جەريانىدىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە داۋاملىق ئىزدىنىش ھەققىدە تەكلىپ بىرىلىدۇ.
 
 
دەرىس تىمىسى   20-دەرس ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش،كونىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىللىرىنى يارتىش
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە  ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشى،دۇنيادىكى كۈچلۈك تەنتەربىيە دۆلىتى بولۇشقا يۈزلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەدەبىيات-سەنئەت،تەنتەربىيە ساھەسىدىكى شانلىق مۇۋاپىقىيەتلەر بىلدۇرۇلۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يىتىلدۇرۇلىدۇ.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3.دۆلىتىمىزنىڭ  ئەدەبىيات-سەنئەت،تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇۋاپىقيەتلىرىنى بىلدۇرۇش ئارقىلىق ،تىرشىپ ئۆگۈنۈپ ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسدا تەربىيە ئىشلەش.
مۇھىم نوختا: دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەدەبىيات-سەنئەت،تەنتەربىيە ساھەسىدىكى شانلىق مۇۋاپىقىيەتلەر
 قىيىن نوختا : ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن رىئال تۇرمۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش.
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 133-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ133-134-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى
يېڭى جوڭگۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ ،ئەدەبىيات –سەنئەتمۇ يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويدى .1956-يىلى جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى ‹ھەمدە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ،ھەممە ئېىقملار بەس –بەستە سايراش ›فاڭجىېننى ئوتتۇرغا قويدى ،ئەدەبىيات –سەنئەت ئىجاىديتىدە يىپيېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى .ئىنقىلاب يىللىرى ۋە رىئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ،تىمىسى يېڭى ،يېڭى ئۇسلۇبى  ئۆزگىچە نۇرغۇن ئەسەرلەر ئارقا –ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى .
‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ›دىن كىيىن ،بۇلۇپمۇ ئىسلاھات ئىلىپ بېرىلغان ،ئىشىك ئېچىۋىتلگەندىن بۇيان ،ئەدەبىيات –سەنئەت ساھەسىدىكىلەر يەنە بىر ئىجادىيەت باھارىنى كۈتىۋالدى .ئالدى بىلەن ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ›نى قايتا ئەسلتىدىغان بەزى ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى .كىيىن ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش ،ئىشىكىنى ئىچىۋىتىش مەزمۇن قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەر ،يەنە مىللى ئەخلاقى روھ نامايەن قىلىنغان ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى .
سەنئەتنىڭ تەرەققى قىلىشى
جۇڭخۇۋا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغان بۇيان ،كىنو-تىلىۋىزىيە سەنئىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى .ئىسلاھار ئىلىپ بىرلغان ،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان ،تىلىۋىزور تەدرىجى ھەربىر ئائىلىگە كىرىپ ،كىنو –تىلىۋىزىيە سەنئىتى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى .كەڭ خەلىق ئاممىسى ياخشىى كۆرىدىغان تىلىۋىزىيە فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانىغا كەلدى .بەزى تىلىۋىزىيە فىلىملەر ھەتتا خەلىقئارا مۇكاپاتقا ئىرىشتى .يېڭى جوڭگۇنىڭ رەسساملىق ،خەتتاتلىق ،تىياتىر ،مۇزىكا ،ئۇسسۇل ۋە سىرىك قاتارلىق سەنئەتلىرىدىمۇ ناھايىتى ياخىشى نەتىجلەر قولغا كەلتۈرۈلدى .ھەرخىل ئۇسلۇب ،ھەرخىل ئېقىملاردا نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كىلپ ،خەلىقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنى زور دەرىجىدە بېيىتتى .
دۇنيادىكى كۈچلۈك تەنتەربىيە دۆلىتى بۇلۇشقا يۈزلىنىش
كونا جوڭگۇدا تەنتەربىيە ھەرىكتىنىڭ سەۋىيەسى بەك تۆۋەن ،كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ناچار بولغاچقا ،چەت ئەللىكلەر جوڭگۇلۇقلارنى ‹شەرقى ئاسىيا كىسەلمەنلىرى ›دەپ مەسخىرە قىلاتتى .يېڭى جوڭگۇ دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن ،خەلىقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈسۈشىگە ئەگشىپ ،ئاممۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى مەسىلەن :رادىئو گىنماستىكسى ،چامباشچىلىقنى مەشىق قىلىش ،ھەرخىل توپ مۇسابىقللىرى قاتارلىقلار ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى .ماۋزىدۇڭ ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈلگەن ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كۈچەيتىش ئاساس قىلىنغان تەنتەربىيە دەرىسى مەكتەپلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىق دەرىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدى .20-ئەسەرنىڭ 90-يىللىرىدا ،دۆلەت تەنتەربىيە ھەركىتىنى پۈتكۈل مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ ،مۇكەممەل تەنتەربىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ،ئومۇمى خەلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەركىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى .
1990-يىلى دۆلىتمىز تۇنجى قېتىم ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىننى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدى .2008-يىلى جوڭگۇ دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. جوڭگۇ دۇنيادىكى تەنتەربىيە جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەتلەر سىپىگە قاراپ ماڭماقتا .
 
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى: 20-دەرس ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش،كونىللىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ يېڭىللىرىنى يارتىش
ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى:
سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى:
تەنتەربىيەدىكى مۇۋاپىقىيەت:
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 135-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
دەرىس تىمىسى   21-دەرس كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەر 
دەرىس تىپى: نەزىرىيە دەرسى
دەرىس ۋاقىتى:
دەرىس مەزمۇنى:بۇ سائەتلىك دەرىستە  كىيىم –كىچەك،يىمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي،يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئىستىمالدىكى ئۆزگىرىش،ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئجتىمائى كاپالەت  قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ
ئوقۇتۇش نىشانى:  1. بۇ سائەتلىك دەرىس ئارقىلىق دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ كىيىم –كىچەك، يىمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي،يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئىستىمالدىكى ئۆزگىرىش،ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئجتىمائى كاپالەت ساھەسىدىكى شانلىق مۇۋاپىقىيەتلەر بىلدۇرۇلۇپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىللەرنى ئونۋىرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى يىتىلدۇرۇلىدۇ.
  2. ئوقۇتقۇچى يىتەكلەش،ئوقۇغۇچىلار ئىزدىنىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ،بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىش خاراكتىردىكى ئۆگۈنۈش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇشكە يىتەكلەش.
3. دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىلدۇرۇش ئارقىلىق ،بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قەدىرگە يىتىش توغرىسدا تەربىيە ئىشلەش.
مۇھىم نوختا: دۆلىتمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كىيىم –كىچەك،يىمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي،يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئىستىمالدىكى ئۆزگىرىشنى بىلىش
 قىيىن نوختا : ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئجتىمائى كاپالەت تۈزۈمى ھەققىدىكى بىلىملەرنى بىلىش
ئوقۇتۇش جەريانى:ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن سۇراپ كۆرۇلگەندىن كىيىن ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسلىك كىتاپنىڭ 146-بىتىدىكى ئوڭ تەرەپتىكى مەزمۇننى ئوقۇشقا يىتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك كىتاپنىڭ146-147-بتىدىكى مەزمۇننى كۆرۇپ چىقىشقا ئازىراق ۋاقىت  بىرىلىدۇ.
كىيىم –كىچەك،يىمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي،يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئىستىمالدىكى ئۆزگىرىش
يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ،ئىلىمىز خەلىقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى پەيدىنپەي ئۆستى .بۇلۇپمۇ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلغان ،ئىشىك –ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان ،كىشىلەرنىڭ كىيىم –كىچەك ،يىمەك –ئىچمەك ،تۇرالغۇ ئۆي ،يۈرۈش –تۇرۇش ،ئىستمال قاتارلىق جەھەتلىرىدە ئىلگىرى كۈرۈلمىگەن زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى .20-ئەسىرنىڭ ئاخرىغا كەلگەندە ،ئىلىمىز ئومۇمى جەھەتتىن ھاللىق جەمىئەتكە قەدەم قويدى .
ئىسلاھات ئىلىپ بىرلغان ،ئىشىك ئىچىۋىتىلگەندىن بۇرۇن كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل كۈل رەڭلىك جۇڭسەن فورمىسى ياكى كۆك (يىشىل )رەڭلىك ھەربى فورما كىيەتتى .ئىشىك ئېچىۋىتلگەندىن كىيىن ،كىشىلەرنىڭ كىيىنىشىمۇ ئۆزگىرىپ سەرخىللاشتى ۋە كۆپ خىللاشتى ،ماگزىنىلاردىكى داڭلىق (ماركىلىق )كىيىم –كىچەكلەر بىر-بىرىدىن پاسون تالىشاتتى .مودا كىيىملەرنى كۆرسىتىش ئويۇنلىرى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىش سورۇنىغا ئايلاندى .كىيىم –كىچەك ۋە زىبۇ –زىننەت بۇيۇملىرى ئادەتتىكى ئىھتىياج بۇلۇپلا قالماي ،بەلكى كىشلەرنىڭ سالاپەت ۋە خاراكتىرىنى نامايەن قىلىشنىڭ شەكلىگە ئايلاندى .
ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلغان ،ئىشىك ئېچىۋىتلگەندىن بۇرۇن ،كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتى خېلى ناچار ئىدى ،ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلغان ،ئىشىك ئېچىۋتىلگەندىن كىيىن ئەھۋالدا ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى ،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماي ،بەلكى ئۆي ئىچى بېزەلدى ۋە تۇرالغۇ ئۆي شارائىتىمۇ كۆزگە كۈرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلاندى .1995-يىلى دۆلەت شەھەر –بازارلاردا ‹تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ›نى باشلاپ ،ئوتتۇرا –تۆۋەن كىرىمدىكى ئىشچى –خىزمەتچىلەرنى تەننەرىخ بىلەن مۇۋاپىق ئۆي سېتىۋالىدىغان قىلدى .
ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلغان ،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان ئىلىمىزنىڭ قاتناش شارائىتى كۈرۈنەرلىك ياخشلىنىپ ،تۈمۈر يول ،تاشيول ،ھاۋا يوللىرى ئىنتايىن تېز كۆپەيدى .
ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئجتىمائى كاپالەت
ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلغان ،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان ،ئىلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تۈزۈمىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولدى .بۇرۇنقى ‹تۈمۈر تاۋاق ›پەيدىنپەي چېقىپ تاشلىنىپ ،ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كىڭىيىپ ،كىشلەر ئىختىساسلىقلار بازىرىدىن ئىختىيارلىقى بىلەن كەسىپ تاللايدىغان بولدى .گۇۋاھنامە بىلەن ئىشلەش ،ئىشقا ئورۇنلىشىش تەربىيسى ،ئاشكارا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش قاتارلىق يېڭى شەيئىلەر ئارقا –ئارقىدىن پەيدا بولدى .ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ئۆزگىرىشگە ماسلىشىش ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى .
ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلشىشغا ئەگىشىپ ،ئىلىمىز ئەنئەنىۋى ئىجتىمائى كاپالەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ،سوتسىيالىستىك بازار ئىگلىكىنىڭ تەلىپىگە ماس كىلىدىغان ئىجتىمائى كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش جەھەتتە پائال ئىزدەندى ،ئىجتىمائى كاپالەت تۈزۈمىمۇ تەدرىجى پىشىپ يىتىلىشكە باشلىدى.شەھەر بازار ئاھالىللىرىنىڭ تۇۋەن تۇرمۇش كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىلدى.ياشانغانلار سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە زور ئىلگىرلەش بولدى.داۋالاش سۇغۇرتا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇمىيۈزلۈك باشلىنىپ،شەھەر بازار ئىجتىمائى كاپالەت سىستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئىرىشتى.
ئوقۇتۇش قۇرالى:  كۆرسەتمىلىك رەسىم ،خەرىتە
دوسكا لاھىيەسى:  21-دەرس كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىرىشلەر 
كىيىم –كىچەك،يىمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي،يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئىستىمالدىكى ئۆزگىرىش:
ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئجتىمائى كاپالەت:
بىرىلگەن تاپشۇرۇق : 149-بەت ئەقىل ئىشلىتىڭ
 ئوقۇتۇشتىكى قايتا ئويلىنىش :
 
 
 
 
گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ پىكىرى
 
 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
باغۋەن321 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-29 23:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-31 13:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ