تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بىركەلىمە
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بىركەلىمە
مەھەممەتجان ساۋۇت
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە (2008 – يىل)تاللاپ كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر مەزمۇنىنىڭ تېرەنلىكى، تېما دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەرىپلەندى. تاللانغان ئەسەرلەر ۋە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنىڭ بۇ دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلۈشى ئوقۇغۇچىلارنى كەڭرى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ دەرسلىك مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم تەرەپلەردىن ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى.
1 . ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش قۇرامىغا ۋە مىللىي كىملىكىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم تېكىستلەر ۋە سۆز – جۈملىلەر كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ يارقىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن. مەسىلەن: كىتابقا ئاپرىنچۇر تېگىننىڭ <<مۇھەببەتنامە>> ناملىق ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. كۆرسەتمىدە ئىزاھلىنىشىچە، بۇ ئەسەر قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ۋە شۇ دەۋرنىڭ شېئىرىيەت شەكلىنىڭ قاراخانىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شېئىرىيەت شەكلى بىلەن بولغان پەرقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نەمۇنە سۈپىتىدە تاللانغان.
1 . بەكمۇ ئامراق...
ئامراق ئايالىم...
2 . يارىمنى ئويلىسام، قايغۇغا چۆكۈمەن،
قايغۇرغانسېرى، ئېھ قارا قاشلىقىم،
دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزار بولىمەن. دېگەندەك مىسرالارنى ئېلىش ھاجەتمىدى؟ يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ ‹‹ئوربىتا›› ناملىق پوۋېستى تېتىملىق، ئىپادىلەش كۈچىگە باي ئەسەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ مەزمۇن ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر نۇقتىسىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياش – قۇرامى ۋە تۇرمۇشىغا تازا ماس ئەمەس. يەنە بىرى، ‹‹ئەركەك توشقان جىم تۇرالماس، تاتلاپ يەرنى ئۇ ھەرقاچان، جىم تۇرىدۇ چىشى توشقان، خۇمارلىشىپ كۆزى ھامان›› ‹‹مۇلەن ھەققىدە باللادا››دىن ئېلىندى. ‹‹سىلەرنى ئالداپ پۇلۇڭلارنى ئېلىۋالغانلار بىر بولسا قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىدۇ، بىر بولسا پاھىشە ئوينايدۇ››. لېف تولستوينىڭ ‹‹بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ؟›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى. ‹‹ئايپاشا دوپپىنى گەۋدىلىك روزىمەتكە كىيدۈرۈۋاتقاندا، روزىمەتنىڭ قوينىغا ئاق بېلىق كىرىپ قالغاندەك يۈرىكى تىپىرلاپ كەتتى – دە، تۇيۇقسىزلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى.
ۋاي ئانىكام، ماۋۇ گاداينىڭ قېلىنلىقىنى...
ئانار گۈلىدەك ھۆپپىدە قىزىرىپ، پۈتۈن بەدىنى سىماپتەك جىمىرلاپ كەتكەن ئايپاشا قۇلاقلىرىنى تۇتتى...كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتكەن روزىمەتمۇ ھەممە چىشىنى كۆرسىتىپ ھىجايدى، چۈنكى ئۇنىڭ كالپۇكلىرىغا ئاسلاندەك قاچقان ئايپاشانىڭ قۇلاقلىرى نىسىپ بولغانىدى...
پاھ... پاھ... پاھ... بۇ خېنىمنىڭ كۆڭلىنىڭ ئۇزلۇقىنى! لېكىن قۇلىقىغا...، روزىمەت يەنە پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى، مەيلى، مەيلى، روزىمەت خۇشال ئۈچۈن ئايپاشانىڭ قۇلىقىمۇ ئوخشاشلا تاتلىق ھى... ھى... ھى...›› جالالىدىن بەھرامنىڭ ‹‹روزىمەت خۇشال›› ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى. يۇقىرىقى پارچىلار ئوقۇغۇچىلارغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق سۆزلەرنى دەرسخانىدا ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەپسىز بولۇپ قالماي، ئوقۇتقۇچىغىمۇ قولايسىز.
2 . ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئەسەرلىرىنىڭ تاللىنىشى يېتەرلىك بولمىغان. ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە، بولۇپمۇ تاللىما دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مەلۇم ژانىردا ئەسەر يېزىپ، بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاشمۇ دەرسلىككە ئەسەر تاللاشنىڭ مەلۇم ئۆلچىمى قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىنى چۈشىنىش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاشتەك ياخشى پۇرسەت يارىتىلغان. لېكىن بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللىغاندا، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە ياكى ئەدەبىيات ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان، شۇنداقلا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي تەربىيەلىنىش يۆنىلىشىگە ماس كېلىدىغان ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى تاللانماي قالغان.
3 . بۇ قېتىم تۈزۈلگەن دەرسلىك كىتابنىڭ تاللىما دەرسلىك قىسمىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە ئىلگىرى كىرگۈزۈلمىگەن بىر قىسىم يېڭىچە نەزەرىيەۋى بىلىملەر ۋە ئاتالغۇلار كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، زۆرۈر دەرسلىك قىسمىغا بېرىلگەن تېكىستلەرگە ماس نەزەرىيەۋى بىلىملەر بەكلا ئاز كىرگۈزۈلۈپ، كىتاب مەزمۇنى سەل كەمتۈك بولۇپ قالغان.
4 . دەرسلىكنىڭ فولكلور قىسمى ئومۇمىي مەزمۇنىنىڭ ئاممىبابلىقى، قاراتمىلىقىنىڭ ئېنىقلىقى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى جەھەتلەردىن ئىلگىرى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىن پەرقلەنسىمۇ، مەنىۋى فولكلور ۋە ئىجتىمائىي فولكلور قىسمىدىكى بىر قىسىم تېمىلاردا مەزمۇن تەكرارلىقى كۆرۈلگەن.
5 . ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىگە ئائىت مەزمۇنلارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلىرىغا نىسبەتەن خېلىلا قىسقارتىۋېتىلگەن. باشقا نەزەرىيەۋى بىلىملەرگە ئائىت مىساللار تۆۋەن سەۋىيەلىك بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى سوئاللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىدىن خېلىلا تۆۋەن. ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالى ياكى ھەرخىل تەقلىدىي ئىمتىھان سوئاللىرىدا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم قىيىن مەسىلىلەردىن يانداپ ئۆتۈپ كېتىلگەن.
(تەھرىر : سەپەر)
«تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بىركەلىمە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېينكىسى: يوق
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر تىل – ئەدەب
- 双语二年级上册数学教案第二,第三单元
- 《 小学六年级下册科学教案《拓展
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنز
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەي
- 中学信息技术教学优点
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- 一年级上册思品与生活教案
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- « يەتتە تال برىليانت » دەرسنىڭ دوكلاد لا
- كىتاب ئەقىل چىرىقى
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تىل-ئەدەبىياتدە
- ئەدەبىيات دەرسلىكىدە يېڭى دەرسكە باشلا
- ئۇچۇر تېخنىكا دەرسىنىڭ -سائەتلىك دەرس ت
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- باشلانغۇچ 5- يىللىق ئۇچۇر دەرسلىكى پىلان ، خەن
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى
- 一年级上册思品与生活教案
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- چاقىرىق:ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا ساۋات چىقىرى
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟