ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلى
گۈلمىرە مۇھەممەد، مۇبارەك ئىسمائىل
توردىن مۇنداق بىر ئۇچۇرنى كۆردۇق، ئامېرىكىدا بالىلار ئۆيدە يالغۇز قالغاندا ناتونۇش كىشىلەر ئىشىكنى چەككەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ يولدا ناتونۇش كىشىلەر بىر يەرگە ئاپىرىمەن دېسە ياكى بىر نەرسە بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟ مەكتەپتىن قايتقاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا قايسى نومۇرغا تېلېفون قىلىش كېرەك؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ سوئاللارغا تاكى بالىلار توغرا جاۋاب بەرگۈچە ئۆگىتىدىكەن.
يېقىندا ئۈندىدار، تور ۋە تاراتقۇلاردىن ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە بېرىپ – كېلىش جەريانىدا يوقاپ كەتكەنلىكى، بەزى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ بالىلارنى ئالداپ ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇرلار تارقالدى. گەرچە بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بەزىلىرى يالغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى كۆپىيىپ قالدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 74 – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەدىنە تۇراپ مۇنداق دېدى: يىللاردىن بۇيان، مەكتىپىمىز بالىلارنىڭ ئامانلىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. مەكتىپىمىزدە ئامانلىق قوغدىغۇچىدىن سەككىزى بار، ئۇلار 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدۇ، مەكتەپتىكى ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئامانلىق قوغداش خادىملىرىغا ھەمكارلىشىپ بالىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىپ – كېتىش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى بىرمۇبىر سانايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەكتىپىمىز ئەتراپىدىكى ساقچىخانىلارمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرىش ۋە دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىدا مەكتەپ ئالدىدا ئامانلىق قوغداش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى مەسئۇل سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر كۈندە ئىككى قېتىم يوقلىما قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، ئۆزىنى قوغداش توغرىسىدا قەرەللىك لېكسىيە سۆزلەش، فىلىم قويۇپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ساقچىسى رىزۋانگۈل روزى مۇنداق دېدى: يېقىندا بىز بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىش دېلولىرىنى كۆپلەپ تاپشۇرۇۋالدۇق. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشىغا موھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ياكى بىخەتەرلىك ساۋاتلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى؛ ئائىلىدە ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشى؛ جەمئىيەتتە بولسا ئىدارە – ئورگانلارمۇ بۇ مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، بالىلارغا پائالىيەت ئارقىلىق تەربىيە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەتتە بۇ توغرىسىدا گەپ – سۆزلەر تارقالغاندا، مەكتەپ ۋە ئاتا – ئانىلار قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەي، سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ساراسىمىگە سالىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئاتا – ئانا ۋەكىلى ئامىنە ۋەلى مۇنداق دېدى: يېقىندا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن، مەندە ئەندىشە پەيدا بولدى. بالىلار ناتونۇش كىشىلەرنىڭ گېپىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. گەرچە ئۆيدە بالىمىزغا بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن تەربىيە ئىشلىگەن بولساقمۇ، ئەندىشىمىز يەنىلا تۈگىگىنى يوق، شۇڭا يېقىندىن بۇيان بالامنى ئۆزۈم مەكتەپكە ئاپىرىپ، ئەكىلىۋاتىمەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، بالىلىرىمىزنىڭ بىخەتەر مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يىل تولۇقسىز 2 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى نەسىمە قۇدرەت مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە ئۆزىمىزنى قوغداش توغرىدا لېكسىيە سۆزلەيدۇ. ئۆيدە ئاتا – ئانام بۇ توغرىسىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى سۆزلەيدۇ. مەن ئۆزۈمنى قانداق قوغداشنى خېلىلا ئۆگىنىۋالدىم. ئۆزىمىزنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىمى ناتونۇش كىشىلەرگە گەپ قىلماسلىق، ئۇلار گەپ قىلغان تەقدىردىمۇ پەرۋا قىلماسلىق ئىكەن.
مانا مۇشۇنىڭدەك بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ بالىلارنى ئالداپ كەتكەنلىكىدەك گەپ – سۆزلەر، دېلولار جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق زىيارەتتىن مەكتەپ، سىياسىي – قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان خىزمەتنى بوشاشتۇرۇپ قويمىغانلىقىنى، ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە توغرا تەربىيەسىدە سەبىيلەرگە سۇنۇلغان قارا قوللاردىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق .
(تەھرىر : سەپەر)
«ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: «تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىل
- «تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ۋە ئادەتتىكى تو
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن
- بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىل
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئ
- ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغد
- لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
- قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپ
- مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قان
- جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش
- ئاساسىي مائارىپ قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىدۇ
- تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زاد
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىش
- «تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ۋە ئادەتتىكى تولۇق ئ
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت
- بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زى
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا
- لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
- قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قا
- مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پاي
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- «غايىپ بولغان ئانا تىل ئىشەنچىسى» نى تېپىۋىل
- ‹‹ئانا تىل›› ئوقۇتۇشى يەنىلا مۇھىم
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ما
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى