بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى
بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىشى ئۇزاقتىن بۇيان مۇنازىرە قىلىنىپ كېلىۋاتقان قىززىق نۇقتا مەسىلىلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىيىنىش ۋە ياسىنىش مەسلىسى مەكتەپ، جەمىئىيەت ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئارىسىدا ئىزچىل غۇلغۇلا قىلىنماقتا. ئۇنداقتا ئايال ئوقۇتقۇچىلار زادى قانداق كىيىنىشى كېرەك؟
ئۆلچەملىك مەكتەپ فورمىسى كىيىشكە ئادەتلىنىش كېرەك. مەكتەپ فورمىسى ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىنى ئىپادىلەشتىكى بىر ۋاسىتە. ھازىر مەكتەپلىرىمىزدە مەكتەپ فورمىسىنىڭ پەسىللەرگە ماس كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىنمۇ ياكى بىر – ئىككى قۇرلا بولغان مەكتەپ فورمىسىنى ئايىغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر مەكتەپ فورمىسى كىيىش ئومۇملاشمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەڭگارەڭ كىيىنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا، جەمئىيەتتە ئاتا – ئانىلار ۋە باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى تازا ياخشى بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى: زىيادە مودا قوغلىشىش ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ بارسا، ھەر خىل پاسون – نۇسخىلار، پۈتۈن بەدەن كۆرۈنۈشى ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغان ھالەتتىكى كىيىملەر پەرزەنتلىرىمىزدە تېز يېتىلىپ قېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك كەيپىياتلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن ئۇ بىر ئادەم. ئۇنىڭمۇ باشقىلاردەك ئەركىن ھالدا ئۆز خاھىشى بويىچە كىيىم تاللاش ئەركىنلىكى بار. ئەمما، ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئوبراز ھەر قانداق خۇشاللىقتىن مۇھىم. سىز ھەر قانچە قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچى بولسىڭىزمۇ ئۆز ئوبرازىڭىزنى ساقلىيالمىسىڭىز سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز جۇلاسىز ياقۇتتەك كىشىگە ساختا تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، سىز ئاشۇ ھەرەڭ – سەرەڭ كىيىملەرنى كىيىۋالغىنىڭىزدا سىزگە قاراۋاتقانلارنىڭ نەزەرىگە، چىرايلىرىدىكى سىرلىق مەسخىرىگە دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ دەرس ئۆتۈۋاتقىنىڭىزدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر تال بورنى ئېلىش ئۈچۈن ئېڭىشىپ بولغۇچە ئېچىلىپ قالايلا دەپ قالغان كۆكسىڭىز ياكى يوتىڭىزغا تىكىلىپ قاراۋاتقان سەبىي چىرايلارنىڭ نېمىلەرنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى، روھىدا قانداق غەليانلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ جەمئىيەت مودا ئېقىمغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ قىممەت قارىشىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولماقتا. كىيىم – كېچەكلەرنىڭ باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى كىشىلەرنىڭ نام – ئابرۇيىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلار قەلبىگىمۇ سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئىززىتىڭىز قانداقتۇر ئېسىل كىيىمىڭىزدىن ئەمەس، يارىشىملىق قىياپىتىڭىز ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلىتىڭىز، بىلىم – قابىلىيىتىڭىزدە ئىپادىىلنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار دوراش پىسخىكىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تىپ. مانا بۇنداق ئالاھىدىلىك بىزدىن ياسىنىش جەھەتتە ئۇلاردا ئېستېتىك تۇيغۇ بېرىشىمىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى يېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق دەۋردە تۇرۇۋاتقان، يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان بولغاچقا، ئىنسانلاردا بولىدىغان يات جىنىسقا قىزىقىش ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان بۇ بالىلارغا نىسبەتەن، بۇنداق كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ زىننەت بۇيۇمىغا بولغان قىزىقىشىدىن تۇرمۇش قاينىمىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇۋېتىشى تەبىئىي.
جەمئىيەتتىكى گۈزەل ئەتىنى، پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان نۇرغۇنلىغان جۈپ كۆزلەرنىڭ نازارىتى ئوقۇتقۇچىلاردا. سىزنىڭ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭىز، سەھنىدىن يېڭىلا چۈشكەن ئارتىس كەبىي چېھرىڭىز، يېرىم – ياتا ئوچۇق كىيىمىڭىز ئاتا – ئانىلار ۋە جەمئىيەت سىزگە ئىشىنىپ تاپشۇرغان بالىلارنىڭ ئىستىقبالىنى بوغۇپ قويمىسۇن!
(تەھرىر : سەپەر)
«بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايلى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن
- بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىل
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئ
- ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغد
- لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
- قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپ
- مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قان
- جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش
- ئاساسىي مائارىپ قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىدۇ
- تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زاد
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىش
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت
- بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زى
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا
- لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
- قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قا
- مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قانداق با
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پاي
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- «غايىپ بولغان ئانا تىل ئىشەنچىسى» نى تېپىۋىل
- ‹‹ئانا تىل›› ئوقۇتۇشى يەنىلا مۇھىم
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ما
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى