ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ

ۋاقىت : 2014-01-19 16:17 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ

 
(ئەبجەش يازمىلار)
ئابلەت ئابلىكىم
(غۇلجا ناھىيە ئۈچئۇن خۇيزۇ يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ)

لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
بىر ئۆمۈر ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەسپى ھاياتىدىن كىچىككىنە بولسىمۇ خۇلاسە چىقارماسلىق بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن نەقەدەر ئەپسۇسنارلىق ئىش ھە !ئادەم مەلۇم ئىش بىلەن ئۇزۇن مەزگىل مەشغۇل بولۇپ ئەگەر ئۇ ئادەمدە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشقا نىسپەتەن ھىچقانداق تەسىرات شەكىللەنمىسە مۇقەرەركى بۇ ئۇ ئادەمنىڭ غايە ۋە ئىتىقادسىز ئادەم ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ.چۈنكى ئۆزى ۋە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان ئىجتىمائى رىياللىق ئۈستىدە ئويلۇنۇش،پىكىر يۈرگۈزۈش،ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنى بايقاپ ئۇنى مەنىۋى بايلىق سۈپىتىدە باشقىلارغا تەقدىم قىلىش زىيالىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىدۇر.
‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 7-8-قوشما سانىدا شىياۋ كېۋىننىڭ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ جەھەتتە يېتىلىشىدە زۆرۈر بولغان (تۆت شوتا )›› ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.ئاپتۇر ماقالىسىدا  ‹‹ئوقۇتقۇچى كەسىپ جەھەتتە يېتىلىپ (مۇتەخەسىس تىپىدىكى) ئوقۇتقۇچى بولىمەن دەيدىكەن كىتاپنى،ئادەمنى،خىزمەت ئورنىنى،قەلەمنى شوتا قىلىشى كىرەك،ئۈگەنگىنى،ئوقۇغۇنى،ئۆتكەن دەرىسى،ئائىلە زىيارىتى ئۈستىدە ئويلۇنىدىغان بولۇشى كىرەك، ئوقۇتقۇچى ئوقۇش،ئۈگۈتىش بىلەنلا بولۇپ يازمىسا،ئويلانمىسا،ئۆزىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى رەتلىمىسە ئوقۇتۇش قارشى ئۆسمەيدۇ›› دەپ يازىدۇ.پىرۇپىسۇر يى لەن ‹‹ئۆمۈر بويى دەرىس پىلانى تۈزۈش بىلەنلا بولۇپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچى بولالىشى ناتايىن،لېكىن ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۈستىدە ئۈچ يىل ئەسلىمە يازغان ئوقۇتقۇچى داڭلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىشى مۈمكۈن››دېگەن.
20 يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش-بولماسلىغى،ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولۇشى تۈپ نىگىزىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىدىيىسىگە باغلىق.ئوقۇتقۇچى قانداق سۈپەت-ساپا،ئىدىيە ۋە قىممەت قارشى ھازىرلىشى زۆرۈر؟ تۆۋەندىكى پارچە-پۇرات يازمىلارنىڭ سىزنى بۇ ھەقتە بەلگۈلۈك چۈشەنچىگە ئىگە قىلالايدىغانلىقىغا ،ئويلاندۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن
ئاجىزلىق ــــ روھىيەتتە
سالاپەت - ئىنساننىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسۈتىدۇ.كۆپلىگەن كىشىلەر سالاپەتنى نوقۇل ھالدا فىزۇلۇگىيەلىك سۈپەت دەپلا تونۇيدۇ،ئەمەلىيەتتە سالاپەت تاشقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان ئوبراز گۈزەللىگىدۇر.
ئوقۇتقۇچى قانداق سالاپەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك؟ بەزى ئوقۇتقۇچىلار كىيىملىرى رەتسىز،چاچلىرىنى تارىمىغان، ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن ھالەتتە سىنىپقا كىرىپ كىتىدۇ،بەزى ئوقۇتقۇچىلار تاشقى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بىرىمەن دەپ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىپ ‹‹قېتىۋالىدۇ››،ئەمما ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر خىل ‹‹نامراتلىق›› تەپچىرەپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە بەزى ئوقۇتقۇچىلار ناھايىتى ئاددى كىيىملەرنى كىيسىمۇ روھى دۇنياسىدىن بىر خىل ئىللىقلىق،مىھرىبانلىق،سەمىمىلىك جۇلالىنىپ تۇرۇدۇ.نىمىشقىدۇر ئۇلاردا ئادەمنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان روھى كۈچ پارلاپ تۇرىدۇ.بۇ يەردىكى سەۋەپ نەدە؟
سوقرات پاناق،يۇغان قورساق،پاينەكباش ئىنتايىن كۆرۈمسىز ئادەم بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىزلىگىدىن قىلچە نۇمۇس ھېس قىلمىغان،كىشىلەر ئۇنىڭ تەڭداشسىز ئەقىل پاراسىتىدىن سۆيۈنگەن.سوقرات بىر كۈنى بىر باي بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ،يولدا ئۇلارغا قاراقچىلار ئۇچراپ قاپتۇ،ــ ئاپلا ئۇلار مىنى تونۇپ قالمىغىدى،ــ دەپتۇ باي ۋەھىمىگە چۆمۈپ.ــ ھەي،ئۇلار مىنى تونۇماي قالمىغىدى،ــ دەپتۇ سوقرات باينىڭ ئەكسىچە.چۈنكى ئەينى چاغدا سوقراتنىڭ نامى پۈتۈن ئالەمگە تارالغانكەن.
ساۋساۋ ناھايىتى كۆرۈمسىز ئادەم بولۇپ تاشقى قىياپىتىدىن نۇمۇس ھېس قىلىدىكەن،بىر كۈنى ئۇنىڭ دۆلىتىگە چەتئەلدىن ئەلچىلەر ئۆمىكى كەپتۇ،ساۋساۋ قول ئاستىدىكى بەسىتلىك،قاملاشقان ئىشىك باقارنى ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ئۆزى ئىشىك باقار بولۇۋاپتۇ.ئەلچىلەر ئۆمىكى يالغان پادىشاھ بىلەن ئۇزاق ھەمسۆھبەتتە بوپتۇ ۋە كېيىن ئىلىگە قايتىپ كىتىپتۇ.شۇ ئەلنىڭ پادىشاھى ئەلچىلەردىن پادىشاھ ساۋساۋنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى سوراپتۇ.
ــ ساۋساۋ تولىمۇ قاملاشقان،ئاقكۆڭۈل،سەمىمى ئادەم ئىكەن،ــ دەپتۇ ئەلچىلەر،ــ لېكىن ئۇنىڭ ئىشىك باقارى ئىنتايىن باتۇر،قەيسەر ھەم تالانىتلىق ئادەمدەك قىلىدۇ.      
بۇ ھېكايىدىن ئىنسان ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ بىر خىل روھى كۈچنىڭ مەۋجۇتلىغىنى كۆرۈۋالغىنى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچىدا ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاپەت بولۇشى،مۇنداقچە ئېيىتقاندا كىشىلەر بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلالىشى لازىم.‹‹مەن سىزنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىگىڭىزنى پەملىگەندىم››دىگەن سۆزگە كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ھۆرمەت-ئىپتىخارى سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى روھ پەرۋىشكارى،مۇنبەر ئالدىدىكى سەنئەتكاردۇر.ئوقۇتقۇچى تۆۋەن روھى ھالەت بىلەن دەرىسخانىگە كىرسە،ئۈمىدسىز،چۈشكۈن بولسا،كەيپىياتىنى تەڭشىيەلمىسە،تۆت ئادەمنىڭ ئالدىدا قاملاشتۇرۇپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمىسا،ئوقۇغۇچىلارنى،ئاتا-ئانىلارنى تەسىرلەندۈرەلمىسە،قايىل قىلالمىسا،قىممەت قاراش جەھەتتىن باشقىلارغا تەسىر كۆرسۈتەلمىسە،ھەق-ناھەق قارشىغا،غورۇر،ۋىجدانغا ئىگە بولمىسا،ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلالمىسا،لىكسىيە سۆزلىيەلمىسە،باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا توغرا يول كۆرسۈتۈپ بېرەلمىسە ئىنىقكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمىيەتتىكى ئوبرازى روشەن ۋە گەۋدىلىك بولمايدۇ.ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدىن نۇمۇس ھېس قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدىن پەخىرلىك ھېس قىلغاندىلا كىشىلەر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەقىقى ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تىگىشلىك يارقىن نۇرنى كۆرەلەيدۇ.
ئىنساننىڭ خارەكتىرى تەندە ئەمەس روھتا بولىدۇ.شۇڭا ئىنساننىڭ جىسمانى ئالاھىدىلىگى ئېرىققا تايانسا،مەنىۋى قىياپىتى ئۆزى تەربىيىسىنى ئالغان گۇرۇھ ياكى مىللەتتىن كىلىدۇ.شۇڭا ئالىكساندىر ماكۇدۇنىسكى‹‹مىنىڭ ھەقىقى دادام  فىلىپ ئەمەس،بەلكى ئارىستۇتىل،بىرىنجىسى مىنىڭ جىسمىمنىڭ، ئىككىنجىسى مىنىڭ روھىمنىڭ بارلىققا كىلىشىگە سەۋەپ بولغان››دېگەن.شۇنداق،بىر مۇتەپپەككۈر ئېيىتقاندەك ‹‹ئاجىزلىق مەنىۋىيەتتە بولىدۇ››.
ئۈمۈچۈك،چۈمۈلە،ھەسەل ھەرىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىز
ئۈمۈچۈك،چۈمۈلە،ھەسەل ھەرىسىدىن ئىبارەت جۇغى كىچىك،ئەمما ئەقىل-پاراسىتى زىيادە بۇ ھاشارەتلەر دائىم تەپەككۈرۈمنى غىدىقلاپ مىنى ھاياتلىق ۋە مۇقەددەس كەسپىمىز توغرىسىدا ئويلۇنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
ئۈمۈچۈك تور توقۇش جەھەتتىكى ماھارىتى بىلەن بالىلىق چاغلىرىمدا ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان.ئۇنىڭ تور دۇنياسىدا خۇددى پادىشاھلاردەك مەغرۇر ئولتۇرۇپ،ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ يىگىنىنى كۆرگۈنىمدە ئۇنىڭغا ھەيران قالاتتىم،ئۇنىڭ تورىغا ئىلىنىپلا قالغان ھاشارەت ھەرقانچە قىلىپمۇ توردىن چىقىپ كىتەلمەي ئاخىرى ئۇنىڭ مىزىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ كىتەتتى.لىكىن ئۇ توردىن ئايرىلسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى تامامەن يوقۇتۇپ ئاجىزلىقىنى ئاشكارلاپ قوياتتى.بۇ خىل ئوبىكتىپ قانۇنىيەت ئۇنى تورنى ئايلىنىپ ياشاشقا ئادەتلەندۈرگەندى.
چۈمۈلە ئۈمۈچۈككە ئوخشىمايدۇ،ئىشچان،قەيسەرلىگى بىلەن ئىنسانىيەتكە مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىپ كەلگەن بۇ مىكرۇ جانلىق مىنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلاتتى،مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۈنسىز سىردىشاتتىم،ئۇ ماڭا خوشاللىق ئاتا قىلاتتى.ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىش ئۇنىڭ باشقا جانلىقلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىگى بولسا كىرەك،ئۇنىڭ ئۇۋىسىنى قانچە قېتىم بۇزىۋەتسىڭىزمۇ ئۇ يەنىلا زىرىكمەي ئۇۋىسىنى تىزلا ئەسلىگە كەلتۈرۋالىدۇ،بۇ كىچىككىنە چۈمۈلە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە يوغان نەرسىلەرنى سۆرەپ ئۇۋىسىغا ئېلىپ كىتەلەيدۇ،شۇنىڭغا قارىغاندا چۈمۈلە ئىھتىمال جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئەستايىدىل جانلىق بولسا كىرەك،چۈمۈلىلەر شۇ قەدەر جانلىق، تەشەببۇسكار،پائالىيەتچان.ئۇلاردىكى بۇ خىل تەرتىپ-ئىنتىزام ۋە ھەمكارلىق بىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلدى،كىنۇ،تىلۋىزىيە فىلىملىرى ئىشلەندى،مەلۇم بىر فىلىمدە چۈمۈلىلەرنىڭ مەلۇم شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەنلىگى تەسۋىرلەندى،بۇ گەرچە مۇبالىغە بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى نامايان قىلىنغان.چۈمۈلە روھى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان روھى كۈچنىڭ سىمۋۇلى بولسىمۇ بىراق چۈمۈلە توخۇ،كالا،ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ئىنسانلارغا قىلچە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ،ئۇ گەرچە ئىشچان بولسىمۇ ئالاھىدە قىممەت يارىتالمايدۇ.
ھەسەل ھەرىسى تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇكەممەل تەشكىلى قۇرۇلمىغا ئىگە ئالاھىدە جانلىق،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى،قەيسەرلىگى،ئىشچانلىغى بىلەن گۈل شىرنىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ،ئۇنىڭدىن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەسەلنى يارىتىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە ھەسەل قىممەتلىك دورا سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىدىغان ئىستىمال بۇيۇمىغا ئايلاندى.ئۈمۈچۈك،چۈمۈلە،ھەسەل ھەرىسى ھەققىدىكى خىياللىرىم مىنى نۆۋەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى قاتلىمى ھەققىدە ئويلۇنىشقا مەجبۇر قىلدى.
ئوقۇتقۇچى ئەۋلات تەربىيىلىگۈچى،ئۇ تەربىيىلەنگۈچىلەرگە بىلىم ئىگىلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەلىب تۇپرىغىدا ئادىمىلىك ۋە ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ سۇلماس گۈللىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلارنىڭ مەنىۋى قىياپىتىگە ئاساسەن ئۈمۈچۈك تىپىدىكى،چۈمۈلە تىپىدىكى،ھەسەل ھەرىسى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار دەپ ئۈچ خىل تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ.
ئۈمۈچۈك تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلاربىر پۈتۈن ھاياتىدا ئۆزىنى مەركەز قىلىپ ياشايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسۈتىدۇ.ئۇلارغا ‹‹كۈن ئۆتسە پۇل كىرسە››ھېساپ.ئۇلار تىرىشىپ كەسپى ساپاسىنى ئۆستۈرمەيدۇ،ئۆز كەسپىگە ئائىت يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپ تۇرمىغاچقا ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە جەريانىدا بالىلارنى ئاسانلا بىزار قىلىپ قويىدۇ.بۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس كەسىپنى تىرىكچىلىك دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۋالغاچقا ئۇلار كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايلا قالماستىن ئوقۇتقۇچى دىگەن شەرەپلىك نامغا داغ چۈشۈرىدۇ.
چۈمۈلە تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تىرىشچان ئەممايىڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ئەمەس ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسۈتىدۇ.ئۇلاردا ھەركەت كۆپ بولسىمۇ يېتەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ،كونا بىلىم،چۈشەنچىلەرنى دەسمايە قىلىۋالغاچقا،ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرىۋاتقان دەۋىر رىياللىقىغا ماسلىشالمايدۇ.كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز كىشى كۆز ئەينىكىدىن ئايرىلغاندەك كىتاپنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ.ئۇلار نوقۇل بىلىم يەتكۈزگۈچىگىلا ئايلىنىپ قالغاچقا يېڭىلىق يارىتالمايدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى بوغۇپ قويىدۇ.
ھەسەل ھەرىسى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىنسانىيەت ياراتقان بىلىم جەۋھەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ،ئۇنى ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىگە تامدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىغىنى قاندۇرالايدىغان ئوقۇتقۇچىلاردۇر.ئۇلار بەدەل تۆلەش روھىغا ئىگە بولۇپ،بارلىغىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلايدۇ.ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئوبراز تىكلەپ،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادىمىلىك ۋە ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ يۇمران بىقلىرىنى كۆكلىتەلەيدۇ.بىراق ئۈمۈچۈك،چۈمۈلە تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ،ھەسەل ھەرىسى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قەدەر ئاز بولۇشى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئوقۇتقۇچى ئەبەدى تەربىيەلەنگۈچى،بىلىم چەكسىزلىگىدىكى بىر يولۇچى،مول بىلىم ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاياتى كۈچ مەنبەسى،كەسپى ئەخلاق ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنىڭ نامايەندىسى، يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئوقۇتقۇچى مۇۋاپىقىيىتىنىڭ ئاساسى.
كۈچلۈك رىقابەت دەۋىرنىڭ ئاساسى مىلۇدىيىسىگە ئايلانغان،ئىقتىسات يەرشارىلاشقان بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىدە بىزگە دەۋىر تەرەقىياتىغا ماسلاشقان،ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان،يىڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار،ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى چۈشۈنىدىغان،ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايدىغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىغىنى قاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە يېتىلىشىگە تۈرۈتكە بولالايدىغان،ئوقۇغۇچىلارنى سانسىزلىغان‹‹نىمە ئۈچۈن››لەر دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچالايدىغان،ئۇلارنى ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلەيدىغان قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار كىرەك.قىسقىسى بىزگە ھەسەل ھەرىسى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار كىرەك.
‹‹بۇلاق ۋە قۇدۇق››تىن ھاسىلار
زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىتنىڭ ‹‹بۇلاق ۋە قۇدۇق››ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپ (بۇ ھېكايە ‹‹ئىلى كەچلىك گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان) ئىختىيارسىز بالىلىقتىكى ماڭا تەسىر قىلغان بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى.شۇ چاغلاردا بىز مەھەللىمىزنىڭ غەربى قىسمىدىكى قارا سۇ بويىغا ئوينىغىلى باراتتۇق.قارا سۇ تالايلىغان بۇلاقلارنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ،يەر باغرىدىن ئۇقچۇپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيى بىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالاتتى.بىز سۈپ-سۈزۈك ،مۇزدەك بۇلاق سۈيىنى ئوچۇملاپ ئىچىپ قانمايىتتۇق،بۇلاق سۈيىدە يۈز- كۆزلىرىمىزنى يۇتۇپ راھەتلىنەتتۇق،بۇلاق بىزگە مىھىرلىك ھەم سېھىرلىك تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى،ئويلاپ باقسام بۇلاق بالىلىق قەلبىمدە ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىكەن.
بۇلاق تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ خاسىيەتلىك ئەسىرى،تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسى، ھاياتلىقنىڭ، جۇشقۇنلۇقنىڭ، جەڭگىۋارلىقنىڭ سىمۋۇلى.ھويلامدا بىر قۇدۇق بار،ھەر يىلى ئىككى قىتىم كولاتمىسام ئاسانلا قۇرۇپ قالىدۇ.بەزىدە سۈيى بۇزۇلۇپمۇ قالىدۇ تېخى.
بۇلاق بىلەن قۇدۇق ئىنسانلارنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرسىمۇ،ئۇلارنىڭ رولىدا ماھىيەتلىك پەرىق مەۋجۇت.بۇلاق ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەيدىغان روھى كۈچنىڭ مەھسۇلى،شۇڭا بۇلاق سۇغا بولغان ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇپلا قالماي سىزگە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ.
‹‹بۇلاق ۋە قۇدۇق››ھېكايىسىدىكى گۈلنۇر ھەدە ئاق كۆڭۈل،سەمىمى،ئوچۇق-يورۇقلىغى بىلەن مەندە ئۆزگىچە تەسىرات پەيدا قىلدى.‹‹گۈلنۇر ھەدە ئىدارىگە كېلىپلا بىر ئادەم بۇيرىمىسىمۇ ئىشخانىلارنى تازىلاپ،ئۈستەللەرنى سۈرتۈپ پارقىرتىۋىتىدۇ،ئىشخانىدىكى ئاۋارچىلىگى كۆپ،باش قاتتۇرۇدىغان،قول تۇتۇدىغان ئىشلارنىڭ كۆپىنى مۇشۇ گۈلنۇر ھەدەملا قىلىدۇ››،‹‹بۇ ئايالنىڭ چىقىشقاق،چاققانلىقىغا،ئىشنى قىيىن ئوڭاي دىمەي ،بەس سالماي،قول سېلىپ ئىشلەپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغان مىجەزىگە ھەممىمىز قايىل››
ئىدارىدا ھەممىلا ئادەم زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن مىدىرلايدۇ،چۈنكى مىدىرلاپ تۇرمىسا قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ.بۇ خىل خىزمەت پوزىتسىيىسى بىزدە ھەركەت كۆپ،ئۈنۈم يېتەرلىك بولماسلىق ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.گۈلنۇر ھادە ئۇ كىشىلەرگە ئوخشىمايدۇ،ئۇ خىزمەت قىلىشنى مەجبۇرىيەت ئەمەس زۆرۈرىيەت دەپ بىلىدۇ.ئۇ تۇرمۇش ۋە ھاياتقا نىسبەتەن قىزغىن بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ.مانا بۇ گۈلنۇر ھەدە خارەكتىرىدىكى ئۆزگۈچىلىك.
‹‹بۆلۈمىمىزدىكى گۈلنۇر ھەدە قايناپ تۇرغان سۈزۈك سۇلىرى بىلەن ئەتراپقا ھاياتلىق بەخىش ئېتىۋاتقان بۇلاققا ئوخشىسا،باشقا خىزمەتداشلىرىم ئەشۇ زورلاپ تارتىپ چىقارمىغىچە ئۆزلۈگىدىن بىر چىلەك سۇ چىقمايدىغان، ئەتراپىدىكى ھاياتلىققا ئۆزلۈگىدىن مەنپەئەت بەرمەيدىغان قۇدۇققا ئوخشايىتتى››
ھېكايىدا قۇدۇق بىر خىل تۇرمۇش رىتىمىغا ئادەتلەنگەن پاسسىپ ئادەملەرگە،بۇلاق ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاكتىپ ئادەملەرگە ئوخشۇتۇلۇپ،ئۇلار روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان.ھېكايىدىكى قۇدۇق ۋە بۇلاق توغرىسىدىكى تەسۋىرلەر تەسەۋۇرۇمنى غىدىقلاپ،تەپەككۈرۈمنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇردى.
ئوقۇتقۇچى كولاپ تۇرمىسا سۈيى قۇرۇپ قالىدىغان قۇدۇق ئەمەس،سۈيى ئەبەدى ئۆكسىمەيدىغان بۇلاق بولىشى كېرەك.شۇندىلا ئۇ ئەۋلاتلارنىڭ مەنىۋى چاڭقاقلىغىنى قاندۇرالايدۇ.ئوقۇتقۇچى بۇلاق بولىشى كېرەك،چۈنكى بۇلاق سۈيى ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.كونا بىلىم،چۈشەنچىلەرنى ئۆمۈرلۈك دەسمايە قىلىۋالغان ئوقۇتقۇچىلار كولاپ تۇرمىسا سۈيى قۇرۇپ قالىدىغان قۇدۇققا ئوخشايدۇ.ھېكايىدىن يەنە شۇنداق ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدۇم: تۇرمۇشقا،ھاياتقا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىغان،ئۈمىدۋار كىشىلەر خۇددى بۇلاققا ئوخشاش ئەتراپقا مېھىر-مۇھەببەت تارىتىدۇ،پاسسىپ كىشىلەر خۇددى قۇدۇقتەك ئەتراپىدىكى ھاياتلىققا ئۆزلىگىدىن مەنپەئەت بەرمەيدۇ.مانا بۇ ھېكايىدىكى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىگە يوشۇرنۇپ جۇلالىنىپ تۇرغان ئۆزگىچە ئىدىيە.
دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ،ئوقۇتقۇچى مۇكەممەللىك يارىتىش يولىدا بىر ئۆمۈر ئىزدەنگۈچىدۇر،ئوقۇتقۇچى تەربىيىلىنىشىنىڭ چىكى بولمايدۇ،ئوقۇتقۇچى ئەخلاق-پەزىلەت،بىلىم،ماھارەت، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئەبەدى تەربىيىلەنگۈچىدۇر.ئوقۇش تارىخى ئوقۇتقۇچى ئىقتىدارىنىڭ مەڭگۈلۈك گۇۋاھچىسى بولالمايدۇ،بىلىم بىرقانچە يىلنى بىرلىك قىلىپ شىددەت بىلەن يىڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كونا بىلىمنى دەستەك قىلىش روھى نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ نۇرغۇن كەمچىللىكلىرىنى ئەپۇ قىلىۋىتىشى مۈمكىن، ئۇلارنىڭ ئەپۇ قىلالمايدىغىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقتىدارسىزلىغىدۇر.
 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ