ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىقىدا ئېنگلىزچە ئەمەلدىن قالماقچى

ۋاقىت : 2013-11-21 23:24 | مەنبەسى : نۇر تورى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
 بېيجىڭدا باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدا ئېنگلىزچە ئەمەلدىن قالماقچى

جۇڭشىن ئاگېنتلىقى بېيجىڭ 20-نويابىر تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 19-نويابىر «باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىزتىلى ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئۆزگەرتىش» تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بىرسىدە، كېلەر يىلدىن باشلاپ، باشلانغۇچنىڭ 1-، 2-يىللىقلىرىدا ئېنگلىز تىلىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق دەرسلىك ئورۇنلاشتۇرماي، 3-يىللىققا چىققاندا نۆلدىن باشلاپ چەتئەل تىلى تەسىس قىلماقچى بولدى.
بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى 19- دىكابىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا كۆپلىگەن باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرلىرى، يەسىلى باشلىقلىرى بېيجىڭدىكى ئاساسىي مائارىپتا كۆرىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ جژفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۆۋەتتە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدا مەكتەپ تاللاش مەسىلىسى ئېغىر، ئاساسىي مائارىپ باسقۇچىدا بولسا دەرس-تاپشۇرۇق يۈكى ئېغىر بولىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، بېيجىڭدىكى كۆپ قىسىم باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-، 2- يىللىقلىرىدا ھەر ھەپتىدە 2 سائەت ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى ئۆتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋە تاپشۇرۇق يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىنگلىزتىلى ئىمتىھانىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىز تىلى دەرسلىكىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى؛ باشلانغۇچ 1-، 2- يىللىقلاردا ئېنگلىز تىلى تۈرىدىكى دەرسلىكلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى؛ ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدا بېيجىڭدا نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان دەرس پىلانى بويىچە ئېنگلىز تىلى دەرسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشماقچى بولىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە پىكىر يىغىش پىلانىنى چىقىرىپ، ئىنگلىزتىلىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىگىلىگەن نوپوزىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغان ئىدى. ئىنگلىز تىلى دەرسلىكى ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا ئائىت تەڭشەشلەر جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىۋاتىدۇ. فۇ جژفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، مۇناسىۋەتلىك بۇ تەدبىرلەر ئىنگلىز تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەنلەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئون نەچچە يىل ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىپمۇ، يەنىلا چەتئەللىكلەرنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئوقۇ- ئوقۇتۇش شەكلىنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن نۆۋەتتىكى «گاچا ئېنگلىز تىلى» مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىغىلى بولىدۇ.
فۇجژفېڭنىڭ ئاشكارلىشىچە، يېقىندا بېيجىڭدا «ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىرلەر»نى ئېلان قىلىدىكەن، بۇنىڭدا مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاڭلاش- سۆزلەش ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىدىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا بولسا ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىلىپ، ئېنگلىز تىلىنىڭ ئەسلىدىكى ئالاقە قۇرالى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئەسلىگە كەلتۈرىلىدىكەن.
بېيجىڭ مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساڭ جىنلۇڭ مۇنداق دەيدۇ، بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئىنگلىز تىلى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى- ئېنگلىز تىلى دەرسلىكىنىڭ ئىمتىھانپەرەس يۆنىلىشىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچىللىقىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش، ئېنگلىز تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى نۇمۇر ئېلىپمۇ ئېنگلىز تىلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇشتەك ھادىسىسىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدىكى ئېنگلىز تىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى سەۋەب بەلكىم بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىغا زور زېھىن ۋە پۇل سەرپ قىلىپمۇ، ئەمەلىي ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقىنى ئويلاشقان بولسا كېرەك.
ئېنگلىز تىلىنى 3- يىللىقتىن باشلاپ ئۆتۈشكە قارىتا، ئاتا-ئانىلار يۈكنى يەڭگىللىتىشنى قوللىدى، ھەمدە ئۇنچىلىك كىچىك بالىغا ئىنگلىزتىلىنى بالدۇر ئۆگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدى؛ بەزى ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئېنگلىز تىلىنى تۈرلۈك تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا «كۆتىرە بەرگەنلىك»، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي تۈردىكى «نۆلدىن باشلاش» ئەمەس دەپ گۇمانلاندى؛ يەنە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلەش كۇرۇسلىرىغا ئاپىرىپ بېرىشنى قوللاپ، بۇنىڭ ئىمتىھان ئۈچۈن ئەمەسلىكى، بەلكى بالىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.
بېيۋەي ياش- ئۆسمۈرلەر ئېنگلىز تىلى بازىرىنىڭ باش نازارەتچىسى زويەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ، ئاتا- ئانىلارغا قارىتىلغان بىر پارچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %80 ئاتا-ئانىلار «باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئىنگلىزتىلى دەرسلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىتىش ئويىغا تەسىر يەتمەيدىكەن».
مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق دەيدۇ، بېيجىڭدا تۆۋەن يىللىققىنىڭ ئېنگلىز تىلى دەرسلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، باشلانغۇچ مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتىن ئايرىلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ. يەنە بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇنداق دەيدۇ، چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلغاندا، بالىلارنىڭ ئېنگلىز تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ھەقىقەتەن زور ئىلگىرلەش بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە بېيجىڭدا چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشقا دائىرى ئېنىق بىر سىياسىتى يوق، شۇڭا مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇقىم ۋە كاپالەتكە ئىگە بولغان «چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ئامبىرى» قۇرۇش تەكلىۋىنى بەردى.
بېيجىڭدىكى كۆپلىگەن تەبىيىلەش ئورۇنلىرى بولسا، بۇ خىل تەڭشەش سىياسىتىنى بازارغا پايدىلىق ئۇچۇر دەپ قارىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار مۇنداق دەيدۇ، تەربىيىلەش ئورۇنلىرىمۇ ئىنگلىزچە ئۆگىتىشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەقەلىك ئوقۇتۇش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن تەييارلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئىنگلىزتىلىنى جانلىق ئۆگىنىشىگە يېتەكلەيدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ