مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز
مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز
غالىپ مۇھەممەت قارلۇق
مائارىپنىڭ ماددىيلاشقان كۆزنىكى بولغان مەكتەپلەرگە نىسبەتەن دەرسخانا ئەڭ ھالقىلىق جاي. بىز كۆپىنچە ھاللاردا دەرسخانىنى تەييار، ئۆلۈك بىلىملەرنىڭ قاچىلىنىش ئامبىرى دەپلا چۈشىنىپ كەلدۇق. نەتىجىدە، بالىلىرىمىز يادىلاشنىڭ پېشۋالىرىغا، مۇلاھىزە ۋە گۇماننىڭ رەقىبلىرىگە، كاللا ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ھۇرۇنلۇق مائارىپىنىڭ گۇماشتىلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى. شۇڭا بىزدە ئالىي مەكتەپ دىپلومىنى ئېلىپ ‹‹غەلبىلىك›› ھالدا ئوقۇش پۈتكۈزەلەيدىغانلار كۆپ. بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپىمىزدىكى تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ‹‹جەمئىيەت ئېھتىياجىغا ماس كەسىپلەرنى ئاچتۇق ۋە ئاچىمىز ›› دەپ مۇراجىئەت قىلىشى شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئارقىسىغا دەرسخانىنى تونۇشتىن ئىبارەت ‹‹تەڭقىسلىق›› ۋە ئىجادىيلىق يۇشۇرۇنغان. ئاپتونوم رايونلوق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى تەلئەت قادىرى ئەپەندى مائارىپىمىزنىڭ بۇرۇقتۇرما ئەھۋاللاردىن يەكۈنلەنگەن تەسىراتلىرى ئاساسىدا يازغان مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە ئامېرىكىلىق مائارىپشۇناسنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قىستۇرغان: ‹‹زىيادە قاتتىق باشقۇرۇش تۈپەيلى شەرقلىقلەرنىڭ تەييارلىق مەكتەپلىرى مەكتەپكە ئەمەس، ھەربىي گازارمىغا ئوخشاپ قالغان. مېنى ھەممىدىن بەك بىئارام قىلغىنى بالىلارنىڭ ئىجادكارلىقىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تۈزۈم – تەرتىپ ۋە ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ ناھايىتى قاتتىقلىقى تەكىتلەنگەن. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ دەۋر بالىلارنىڭ بىلىش ۋە ئەقلى، جىسمانىي جەھەتتىن يېتىلىش مەزگىلىدۇر.>> مانا مۇشۇنداق دەرسخانىدا بىز ھازىر ھەسرەت چېكىپ ئېيتىۋاتقان ‹‹ماشىنىلاشقان›› ئادەملەر تۆرەلدى. بىراق،مائارىپ مىجەز جەھەتتىن ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى ياقتۇراتتى. ‹‹ تەكلىماكاندىن ياۋرۇپاغىچە›› ناملىق كىتابتا ‹‹بىر سائەتنىڭ ئىچىدە مېنى قىلچە قىزىقتۇرالمايدىغان بىر دۆۋە بىلىملەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىمەن. يەنىلا چىشىمنى چىشلەپ دەرسنىڭ تۈگىشىنىلا ئۈمىد قىلاتتىم. ئۆيگە قايتقاندىلا ئۆزۈم خالايدىغان مائارىپتىن بەھرىمان بولاتتىم. مەندە ھېچقانداق قاراشتىن گۇمانلانغۇدەك ئەقلىي ماقالمۇ يوق ئىدى. پەقەت ئىمتىھان يېقىنلاشقاندىلا، ئىنتايىن ئەستايىدىل پوزىتسىيەدە قوبۇل قىلىنغان بۇ بىر قاتار ئىدىيەلەرنى ئەستە ساقلاش ئامبىرىمدىن مەجبۇرىي ئېلىپ چىقاتتىم – دە، ئۇنى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش قاتمال ۋە سۈرلۈك ئىمتىھان سوئاللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەپچىل قالقان قىلاتتىم. گەرچە مەكتەپتىن نەچچە رەت زېرىكسەممۇ، بۇ بىلىملەر ماڭا ۋەدە قىلغان يىراق كەلگۈسىنى ئويلاپ مۇراسىمغا قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇردۇم››. بۇ سۆزلەر قىلچىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. بىلىم ئادەمگە ئۆلۈك ھالەتتە ئۆزلەشسە، ئۇ يۈك بولۇپ قالىدۇ. ئەكسىچە ئۇ مۇئەييەن تاسقاشتىن ئۆتسە قىممەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. بىز دەرسخانىمىزدا ئىككى قولنى كەينىگە قىلىپ خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك جىم ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئېغىز غىرىچلىمايدىغان ‹‹موللا مۈشۈك››ئوقۇغۇچىلارنى ئەلا ئوقۇغۇچى، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى دەپ سۈپەتلەشكە ئامراق. قانداقتۇر جىم ئولتۇرالمايدىغان ياكى ‹‹مۇئەللىم سىزنىڭ خاتا بولۇپ قالدى›› دەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆچ كۆرىمىز. ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز ئاشۇ ئوقۇغۇچىلاردىكى تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ئويناقلىقى ھەم ئىجادىيلىقى ئىدى.
ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخىدا ئەڭ بۇرۇنقى دەرسخانا تەبىئەت ئىدى. كېيىن سىنىپ ۋە دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشى بىلەن جەمئىيەت، ئاندىن كېيىن مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى. تۈپ بىلىملەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ جۇغلىنىش، راۋاجلىنىش ۋە كۈچكە ئايلىنىش جەريانى ھەر بىر مىللەتكە خاس بولۇشى كېرەك. خاسلىق، ئۇ ئىجادىيلىق ۋە ئىجادكارلىقتىن دالالەت بېرىدۇ. شۇڭا ماددىي نەرسىلەرنىڭ قېلىپى بولغان بىلەن، تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇرنىڭ ئەندىزىسى بولمايدۇ. بىزدىكى ‹‹ھەر كاللىدا ھەر خىيال ››دېگەن ئىبارىمۇ بۇنى ئوبدان سۈرەتلەپ بېرىدۇ. مائارىپ ئەمەلىيەتتە تەپەككۇرنى ئېچىش، تەپەككۇرنى غىدىقلاش، مۇنداقچە ئېيتقاندا تەپەككۇرغا يېقىنلىش كېرەك. بىراق بۇ نۇقتا بىزدە سەل قارالماقتا. ‹‹ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساپا تەربىيەسى›› ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان مۇنۇ تەپسىلات ئادەمنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ: ‹‹جۇڭگۇنىڭ مائارىپىنى كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسىغا ئوخشىتىشقا بولىدىكەن، بالىلار رەسىم سىزغاندا ھەممىدىن بەك ئوخشاپتىمۇ دېگەن سۆزگە كۆڭۈل بۆلىدىكەن. جۇڭگۇدىكى بالىلار قۇياشنى بىر خىل رەڭ، بىر خىل شەكىلدە سىزىشقا ئادەتلەنگەن ئىكەن. ئامېرىكىدا قۇياشنى كۆك، چاسا قىلىپ سىزسا بولىۋىرىدۇ، شۇڭا ئامېرىكىلىق بالىلار رەسىم سىزىپ بولۇپ ‹‹ئوخشاپتىمۇ›› دېگەننىڭ ئورنىغا ‹‹قانداق چىقىپتۇ››دەپ سورايدۇ. ‹‹ئوخشاپتىمۇ›› دېگەن سۆزدىن چىقىپ تۇرىدىكى، ئۇنىڭ چوقۇم قېلىپى، نۇسخىسى بولغان بولىدۇ. شۇڭا ‹‹ئوخشاپتىمۇ››دېگەن سۆز ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ بولۇپ، بۇنداق مائارىپنىڭ تۇپرىقىدىن ئىجادىي تەپەككۇرنىڭ بىخلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. تەپەككۇر ئەركىنلىكى ۋە ئىجادىيەت مۇھىتى ھازىرلانمىغان مائارىپتا، قانداقمۇ پەرق ۋە خاسلىققا تويۇنغان تەپەككۇر چېچەكلەپ مېۋە بىرەلىسۇن؟!››بۇ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، دەرسخانا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قورۇقى ئەمەس. بەلكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىشى كېرەك. بىز نوقۇل سىنىپنىلا دەرسخانا دەپ چۈشىنىۋالىمىز، تەبىئەتمۇ، جەمئىيەتمۇ بىر دەرسخانا، بىز مەكتەپتىكى دەرسخانا بىلەن تەبىئەت ۋە جەمئىيەت دەرسخانىسىنڭ ئارىلىقىدىكى تامنى ئۆرىۋېتىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. مانا بۇ دەرىسخانىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى، تەلىپى ۋە مەزمۇنى. قەدىمىي رىم مۇتەپەككۇرى سىپنوزانىڭ مۇنۇ سۆزىنى بىز دەرسخانىنىڭ خىتابى قىلساق كۆپچىلىك چۈشىنەرمىكىن: ‹‹كۆر، ئوقۇ، چۈشەن›› سۆزلە، ئويلا، تەپەككۇر قىل! بىزگە ئۆز تەسەۋۋۇرى، تەپەككۇرى بار، مۇستەقىل روھقا ئىگە ئەۋلادلار كېرەك. ھەقىقىي دەرسخانا مانا بۇنداق ‹‹تۆرەلمىلەر››نىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىشى كېرەك. ئېنىشتىيىن توغرا ئېيتىدۇ: ‹‹مەكتەپلەردە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماستىن، بەلكى، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لازىم.›› ئېنىشتىيىننىڭ بۇ گىپى بىزگە دەرسخانىنىڭ مەزمۇنى توغرىلىق ئېنىق بىر تەبىر كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
مېنىڭچە، مائارىپ بىر كۆزنى تېڭىۋالغان، جەمئىيەتتىن ئايرىلغان بىلىش ھەرىكىتى ئەمەس. شۇنداق، تەرەققىياتقا يۈزلىنىۋاتققان دەۋر دەرسخانىنى ‹‹ئۆزىنى يېڭىلاش›› قا چاقىردى، چاقىرىق مەڭگۈلۈك خاراكتېرگە ئىگە. تەبىئىيكى دەرسخانىنىڭ ئۆزىنى ‹‹ئىزدىشى›› چەكسىزلىككە سوزۇلغان بولىدۇ، مائارىپ شۇ جەريانىدا ئۆزىنى نامايان قىلىپ بارىدۇ ۋە بارغۇسى!
(تەھرىر : ئىزدەن)
«مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتا
- مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈ
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقى
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقا
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- يېزىلارنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى بىكار ق
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوند
- ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا
- دېھقانلار راستىنلا مائارىپنى چۈشەنمەمد
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- «جۇڭگوچە يازلىق تەتىل» قىيىن مۇھىتىدىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىس
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
قۇمتۇغراق تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-10-20 12:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-11-08 10:11
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- يېزىلارنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى بىكار قىلىپ،
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ئوقۇ
- ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ئوقۇ
- ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە
- دېھقانلار راستىنلا مائارىپنى چۈشەنمەمدۇ؟
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ئوقۇ