ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

ۋاقىت : 2013-10-25 17:42 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

نۆۋەتتە ئوخشىمىغان رايونلار ئارسىىدىكى مائارىپ پەرقىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك مەسىلە-يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە چىقىش نىسبىتىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەنلىكى. كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، شەرقىي ئوتتۇرا غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش پەرقى چوڭ ئەمەس، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېىيتقاندا، يېزىلار بولۇپمۇ ئوتتورا غەربىي قىسىمدىكى يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. مائارىپ مىنستىرى يۈەن گۈيرېن مائارىپ ئادىللىقىدىن مۇشۇنداق ھەسرەتلەنمەكتە.

ئېلىمىز ئالى مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەردە يېزا ئوقۇغۇچىلىرى 1990-يىلدىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلىغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتىدا يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %30تىن %10كە چۈشۈپ قالغان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدا 2010-يىلى يېزىلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ئاران %17نى ئىگىلىگەن. ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۇرىدىكى، «قانچە ئاساسى قاتلامدىن كەلسە، شۇنچە ياخشى مەكتەپكە چىقالماسلىق»تىن ئىبارەت بۇ يۈزلىنىش كەسكىنلەشمەكتە. مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى بىر تەرەپتىن نۆۋەتتىكى مائارىپ تەڭپۇڭسىزلىقى ھادىسسىنىڭ ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپ تەڭپۇڭسىزلىقىنى ھەل قىلىشىنىڭ ناھايىتى قېيىنلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئوبيىكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە چىقىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىماقتا. ئالىملار ئاكتىپ مۇراجىئەت قىلىپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش داۋامىدا بەلگىلىك ساننى يېزا رايونلىرىغا بەردى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋىرستېتى ناھىيە ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن رايونلاردىكى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئۆگىنىش نەتىجىسى مۇنەۋەر ياكى مەلۇم جەھەتتە يۇشۇرۇن ئىقتىدارى بار يېزىلاردىكى شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، «ئارزۇ پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى چەكلىك بولۇپ، يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.

بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما بىلىم ئېلىش ئىنتايىن جاپالىق بولىۋاتقان مەزگىلىدە تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن، زاى نېمە يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە كېرىشگە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تىرشىچانلىقنى توسۇۋاتقىنى زادى قايسى يول؟ بۇ يەردىكى ئاچقۇچ يەنىلا مائارىپ مەنبىي بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە. يېزا مائارىپى- ئېلىمىز مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قېيىن نۇقتا. «يېزىلارنىڭ شەھەر يېزىلارنى قوللاش» تەسىرىدە مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشتە ئوخشاشلا ئالدى بىلەن شەھەرلەرنى تەمىنلەش، بۇ داڭلىق مەكتەپلەر بايلىقىنىڭ زىيادە شەھەرلەرگە مەركەزلىشىپ قىلىش ھادىسسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىنقى يىللاردا يېزا مائارىپى گەرچە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما « شەھەر يېزىلارنىڭ تەتۈر ئېسىلىپ تۇرۇش» ھادىسسى تۈپتىن ھەل قىلىنمىدى. يۈەن گۈيرېن ئوتتۇرىغا قويغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلى ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاممىۋى مالىيە خامچوت ئىشلىرى چىقىمىدا يېزا بىلەن شەھەرلەرنىڭ 700يۈەن پەرقلەنگەن. ئادەتتىكى تولۇقسىز مەكتەپلەرنىڭ چىقىمىدا يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ 900يۈەن پەرقلەنگەن. راسخۇت سېلىنمىسى يېتىشمەسلىكتىن باشقا، يېزا مائارىپى يەنە ئوقۇتۇش شارائىتى ناچار بولۇش، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى جەلىپ قىلىش تەس بولۇش، قىسمەن يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېشى نىسپەتەن چوڭ بولۇش قاتارلىق قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

بىر تەرەپتىن ئاساسى ئاجىز، يەنە بىر تەرەپتىن بېرىلىدىغان تولۇقلىما يىتەرلىك ئەمەس. مۇشۇ سەۋەبلەر مائارىپتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ، مانا بۇ مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسرىتىنىڭ مەنبىي. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شەھەر يېزىلار مائارىپىدىكى «ئىككى مەنبەلىك قېيىنچىلىق» ھەل قىلىنمىسا، يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە چىقىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يۈەن گۈيرېن ئېيتقاندەك، «يېزا بالىلىرى، ئائىلىسىدە قېيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى شەھەرلەر ۋە باي ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما ئەگەر ئادىل مائارىپ مۇھىتى بولمىسا، ئادىل مەكتەپ ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ، نۇرغۇن قىتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقان يېزا بالىلىرىنىڭ داڭلىق، نۇقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە چىقىش ئۈمىدى تەسكە توختايدۇ.

نۆۋەتتە مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش شارائىتىدا، يېزا ئوقۇغۇچىلىرى شۈھبىسزكى، مائارىپنىڭ «ئەڭ كىچىك مەنپەئەتلەنگۈچىسى»، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى زورايتىش زۆرۈر. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئالى مەكتەپلەر مائارىپ مەنبىيىگە مۇۋاپىق ئىتىبار بېرىشى، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بۇ يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالى مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، يەنە يېزا مائارىپى تەمىناتىنى زورايتىپ، يېزا بالىلىرىنى شەھەر بالىلىرىغا ئوخشاش مائارىپ مەنبىيىدىن بەھرىمان قىلىش كېرەك. مائارىپتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەقىقىي ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتىكى تەڭسىزلىكنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىكىلى بولىدۇ.

 

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ