ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
تاشپولات روزى

ئامېرىكانىڭ مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمىنى دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلىمەستىن، مەكتەپ تۇرغان رايونغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر 6 يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3 يىل، ئوتتۇرا مەكتەپ 6 يىل بولىدۇ. يەنى “6، 3، 3” بولىدۇ. بەزى مەكتەپلەر “5، 3، 4” ياكى “6، 6” ياكى “8، 4” بولىدۇ.
ئوقۇش يىلىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەملىك كۈننى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئۆلچەملىك كۈنى بولسا 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپقا ئاجراتقان پۇلنىڭ ئازىيىشى بىلەن يەرلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىشى بىلەن ئۆلچەملىك كۈن ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.
يەسلى تۈزۈمى
كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن باشلاپ يەسلىگە كىرىپ ئوقۇش مەجبۇرى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار باللىرىنى كىچىكىدىنلا تەييارلىق يەسلى مەكتەپ(Pre Nursery school) ياكى تەييارلىق يەسلى مەكتەپ(Nursery school) لارغا بېرىدۇ. “Pre Nursery school” بولسا 6 ئايدىن 3 ياشقىچە بولغان بالىلارنى، “Nursery school” بولسا 3 ياشتىن 4 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ. بۇ ئىككى يەسلىنىڭ دۆلەتكە قاراشلىقى ياكى شەخسىگە قاراشلىقى بولىدۇ. دۆلەتكە قاراشلىق يەسلىدە ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ. كىرىمى تۆۋەنلەرنىڭ بالىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئىككى يەسلىنىڭ سىنىپلىرى مەكتەپكە قاراپ ئوخشىمايدۇ. ھەپتىسىدە 2 كۈن ياكى ھەپتىسىگە 5 كۈن ياكى چۈشتىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن ئوقۇيدىغان سىنىپلار بولىدۇ.
ئاممىۋى مەكتەپ(Public School)
ئاممىۋى مەكتەپتە ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پۇل ئېلىنماي دەرس ئۆتىلىدۇ. يەسلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلاردىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىنتامى ئېلىنمايدۇ. مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى مەكتەپ ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ياخشى مەكتەپلەرگە بېرىش ئۈچۈن تۇرۇۋاتقان ئويلىرىنى ياخشى مەكتەپلەر ئەتراپىدىن ئالىدۇ. مەكتەپنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى، ئۆلچەملىك زېھنى سىناش (Stanfor 9, Sat قاتارلىق) ئىنتامنىڭ نەتىجىسى، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش نىسبىتى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېكىنىش ئەھۋالى، ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ئاجراتقان مائارىپ خىراجىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ
شەخسى مەكتەپ(Private School)
شەخسى مەكتەپلەر ئوقۇش پۇلى بىلەن ئىئانە پۇلى ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ. شۇڭا ئاممىۋى ئاسارەتلەر ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىنىدۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆگىنىش پروگراممىسى ھەم تەنھەرىكەت قۇلۇپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مائارىپ پرىنسىپىنى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاممىۋى مەكتەپلەر بىلەن بولغان يەنە بىر پەرقى، ئەنگىلىس تىلىنى ئانا تىلى قىلمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئەنگىلىسچە ئۆگىنىدىغان سىنىپلارنى ئېچىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ.
شەخسى مەكتەپلەرنىڭ تۇرى ھەرخىل بولسىمۇ، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا 2 چوڭ تۆرگە بولىنىدۇ. بىرى تەييارلىق مەكتەپ(Preparatory School)، يەنە بىرى دىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەكتەپ(Parochial School.(Parochial School دا كىرىش قىيىن بولغان مەكتەپلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ.Parochial School ھەرخىل دىنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپنى كۆرسەتسىمۇ ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چېركاۋىغا تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل سەنئەت ياكى پەن-تېخنىكىنى ئالاھىدە كەسىپ قىلغان مەكتەپلەر ياكى جىنسىغا قاراپ ئايرىلغان مەكتەپ قاتارلىقلار بولىدۇ.
ئائىلە مەكتىپى(Home School)
كالىفورنىيە شتاتىدا ئائىلە مەكتىپىنى قانۇن جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىدۇ. تۆۋەندىكى مەكتەپلەر كالىفورنىيە شتاتىدا قانۇنلۇق:
ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى: ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى كالىفورنىيە شتاتى بەلگىلىگەن بالىلارنىڭ ئوقۇش يىلىغا مۇۋاپىق كەلگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. دەرس مەزمۇنى ئاممىۋى ياكى شەخسى مەكتەپلەر قوللانغان دەرسلىكلەر بىلەن ئوخشاش. دەرس ۋاقتى بىر يىلدا ئاز دېگەندە 175 كۈن بولۇشى، كۆنىگە ئەتىگىنى 8 دىن چۈشتىن كېيىن 4 كېچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ ئاز دېگەندە 3 ساەتتى ئىشلىتىلىشى كېرەك.
شەخسى مەكتەپ: ئوي، شەخسى مەكتەپ دەپ قۇرۇلۇپ، شەخسى ۋەدىنامە(Private Affidavit) بىلەن ئۇنۇڭدىن باشقا شتاتنىڭ ئاممىۋى ئوقۇتۇش نازارەتچى(State Superintendent of Public Instruction) قاتارلىق ماتېرىياللار تەلەپ قىلىنىدۇ. بىراق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ بار يوقلۇقى ئانچە مۇھىم ئەمەس.
مۇستەقىل ئۆگىنىش پروگرامما: ئاممىۋى مەكتەپلەردە ئورنى بولغان ئوي مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇتۇش دەرسلىكلىرى ئاممىۋى مەكتەپلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇنداق ئۆيدە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى چوقۇم بولۇشى كېرەك.
كەسپى مەكتەپ
ئالاھىدە تېخنىكىنى مەخسۇس ئۆگىنەي دېگەنلەر بۇ مەكتەپنى تاللايدۇ. ئادەتتە بۇ مەكتەپنى “Vocational School” ياكى “Technical School” دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ دەرسلىك مەزمۇنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتچان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىدە خىزمەتكە چىقىش ناھايىتى قۇلايلىق. بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ كۆپسانلىقى شەخسى بولىدۇ. ئۇنىڭدا كومپيۇتېر، لايىھە، ھۆسنى تۈزەش، بازار ئىلمى، گۈزەل سەنئەت، سودا، كىنو ئىشلەش، ساياھەتچىلىك، ئەرتىسلىك، مۇزىكا، رەسىمچىلىك، مېھمانخانا باشقۇرغۇچى قاتارلىقلارنى كەسىپ قىلغان كەسىپلەرنى ئۆگىنىدۇ.
2 ياكى 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ
ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرى 2 يىللىق ياكى 4 يىللىق بولىدۇ. ئاممىۋى Public ئىككى پيىللىق ئالى مەكتەپلەرنى “Community College”، شەخسى 2 يىللىق مەكتەپلەرنى”Junior College” دەپ ئاتايدۇ. 2 يىللىق ئالى مەكتەپلەرگە ئوخشىمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلار تەيارلىق باكلاۋىرلىق ئۇنۋان A.A (Associate of Arts) نى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار 2 يىللىق ئالى مەكتەپتە ئاساسلىق دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، 4 يىللىق ئالى مەكتەپلەرگە نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئوقۇيدۇ. بۇنداق بۆلىشى 2 يىللىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئەرزان ھەم مەزمۇنى ئاددىي.
كەسپى دەرىسلىرى كۆپ بولغان 4 يىللىق ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپنى “University” ھەم يەككە ئالىي مەكتەپنى “College” دەپ ئاتايدۇ. دەرسلىك مەزمۇنى 2 يىللىق ئالىي مەكتەپلەردىن مۇرەككەپ ھەم دەرسلىكمۇ كۆپ بولىدۇ. تەبىئىي پەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى B.S.(Bachelor of Science) نى ئېلىش ئۈچۈن، ئىزدىمايى پەندە B.S.(Bachelor of Arts) ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرگە قاراپ ئوقۇش مەۋسۇمى ئىككى مەۋسۇمSemester، ئۈچ مەۋسۇم(Trimester)، تۆت مەۋسۇم(Quarter) دەپ ئايرىلىدۇ.
2 مەۋسۇملۇق ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاي بىلەن 1-ئايدا دەرس باشلايدۇ. قىشلىق تەتىل بىلەن يازلىق تەتىل ئارىلىقىدىمۇ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ نومۇر ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ كوپ.
ئاسپىرانت (Graduate School)
باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغانلار ئوقۇيدىغان بولۇپ، دەرسلىكنىڭ كەسپىلىگى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنى “Graduate School” ياكى “Professional School” دەپ ئاتايدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماگىستىرلىق ئۇنۋانى (Master’s Degree) ياكى دوكتورلۇق ئۇنۋانى(Doctoral Degree)نى ئالىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتا
- مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈ
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقى
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقا
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- يېزىلارنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى بىكار ق
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوند
- ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا
- دېھقانلار راستىنلا مائارىپنى چۈشەنمەمد
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ
- ‹‹ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشكە كا
- دۇنيادىكى ھەيران قالارلىق ئونىۋېرسىتېت
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپىمىزغا بىر دىئاگىنوز
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- يېزىلارنىڭ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى بىكار قىلىپ،
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ئوقۇ
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ئوقۇ
- ئوقۇش – ئوقۇتۇش ۋە تەلىم – تەربىيە
- دېھقانلار راستىنلا مائارىپنى چۈشەنمەمدۇ؟
- مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغ
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نېمىلەرگە
- زامانىۋى كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتىنى تېزلى
- مائارىپنىڭ سۈپىتى نىمە ئۈچۈن
- ئۈچ يىلغىچە ھەر بىر كوچا، تارماق رايوندا ئوقۇ