ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى

ۋاقىت : 2013-11-10 00:54 | مەنبەسى : باغداش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى

ئابباس ئۆمەرئەلقۇت

 
              «ئوقۇتقۇچى-ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى»,«ئوقۇتقۇچى ئون مىتىرنىرىدىن سالام بىرىشكەتىگىشلىك كىشلەر»,«ئوقۇتقۇچىلىق قۇياش ئاستىدىكى ئۇلۇغ كەسىپ» «ئوقۇتقۇچى...».بۇبىزھەردائىم بولۇپمۇھەريىلى 9-ئايلارنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆپ ئاڭلايدىغان ھەم ئاڭلاپ ئادەت بولۇپ كەتكەن گەپ سۆزلەر.ھەر قىتىم  ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئىجراسىدىكى «مۇئەللىم»ناملىق ناخشىنى ئاڭلىغىنىمداقەلبىم ئىختىيارسىزھاياجانلىنىپ كىتىدۇ.ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىغىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.
           مەن باشلانغۇچ،تولۇقسزلاردائوقۇتقۇچى بولۇشقاقىزىقامتىم-يوقمۇ؟بۇنىسى ئىنىق ئىسىمدەيوق.بىراق تولۇق ئوتتۇرىدائوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن باشلاپ تەبىئىي ھالدا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇم تىكلەندى.چۇنكى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئوقۇتقۇچىلىق بارلىق كەسىپلەرئىچىدىكى ئەڭ پاك ۋە ئەڭ ھالال،نۇرغۇن كىشىگە خۇشاللىق بىغىشلايدىغان ،كىشلەرنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان ،كىشلەرنى جاھالەتتىن يۇرۇقلۇققا باشلايدىغان بىر كەسىپ ئىدى. تەلىيىمگە راستىنلا پىداگوگىكاخاراكتىرلىك ئالىي مەكتەپتەئوقۇپ قالدىم ۋە كىين ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتاھانىدىن ئۆتۇپ،ئوقۇتقۇچى بولۇش ئارزۇيۇمغا يەتكەنمۇ بولدۇم.بىراق ئوقۇتقۇچى بولدۇميۇ ئارزۇيۇمغاتولۇق يەتكەندەك ھىس قىلىمىدىم چۇنكى ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار مەن ئويلىغان ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ يىراق ئىدى،شۇنداقتىمۇ ياخشى بىر ئوقۇتقۇچى  بولۇش ئۇچۇن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم.دىمەكچىمەنكى ئوقۇتقۇچى ئەڭ جاپاكەش ئىنسان ،بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى يېزائوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچى بولماق بەك مۇشكۇل،بۇنىڭ ئۇچۇن نۇرغۇن- نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشكە،نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋازكىچىشكە، قىلماسلىققاتىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. مەكتەپلەردەئوقۇتقۇچىلار دەرىس ئۆتكەندىن باشقا يەنەتۇرلۇك خىزمەتلەرنى ئىشلەشكەتوغراكىلىدۇ ،تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەرنى كۈتىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ،چۇنكى مائارىپ ساھەسى بولۇپمۇ مەكتەپلەر ئادەم كۆپ توپلىنىدىغان  سورۇن بولغاچقا ھەرقانداق ئىش چىقساتەبىئى ھالدىلا مەكتەپلەرئاۋۋال ئويلىشلىدۇ ،بۇيەردە شۇنىڭغا دائىرخىزمەتلەرناھايىتى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىدۇ .
            ئالدىنقى يىلللاردا ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا Aتىپلىق يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىۋىدى ،مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارگۇيا دوختۇرلارغا ئوخشاش تىرمۇمىتىرلارنى كۆتىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى قەدەمدە بىرئۆلچەپ ئۇلارغا ئالدىنى ئىلىش دورىلىرىنى تەييارلاپ قىلمىغانلىرىمىز قالمىدى.يىقىندايەنە ئىچكىرىدىكى بەزى جايلاردامەكتەپلەرگە سىرىتتىكى كىشلەرنىڭ ھۇجۇم قىلىش  ۋەقەلىرى يۇز بىرىۋىدى، مەكتەپلەردەئامانلىق يەنىمۇكۇچەيتىلىپ دەرۋازىدىن كىرىپ چىقىش تۈزۈمى چىڭىتىلدى. كىچىلىرىمۇ ئۇخلىماي مەكتەپنى قوغدايدىغان بولدۇق.كۆپچىلىكنىڭ ئىسدە بولساكىرەك، 2003 -يىلى سارىس كىسلى تارقالغاندا مەكتەپلەرگە كىرىش –چىقىشمۇ شۇقەدەرتەسلىشىپ كەتكەن ئىدى. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكنىڭ كۆزدەتۇتۇلغانلىقى ناھايتىمۇ ئايان!بىراق بۇئىشلاردا ئەڭ جاپاتارتىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلار بولدى.ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچىسى گەپ ئاڭلىسىمۇ بەزىلىرى يەنىلابالىلىقىنى قىلپ گەپ ئاڭلىماي ئۆزى بىلگىنىنى قىلىپ ئوقۇتقۇچىلارغا ئاۋارىچىلىق تىرىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.بۇنداق چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلار بەكلا جاپا تارتىدۇ.‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتنى ئۆتكۆزۈش جەريانلىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆرمىگەن كۇنلىرى ئازقالدى.تالاي دەم ئىلىشلەر قۇربان قىلىندى،تالاي ھىيىت بايراملار،ھەتتا  تەتىللەرمۇ خىزمەت بىلەن ئۆتتى. بۇنىڭدىمۇ يەنەجاپا تارتىدىغىنى ئوقۇتقۇچىلار بولدى، چۈنكى ئۇلار دەرىس ئۆتۈش،ئوقۇغۇچى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىگەندىن سىرىت تالايكاپىيەنلەرنى ۋە ئارخىپلارنى ئىشلەشكە توغراكەلدى ،ئۇلاركىچىنى كۇندۇزگە ئۇلاپ ,تالاي جاپا-مۇشاققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ بۇ خىزمەتلەرنى ھەرھالدا ئوڭۇشلۇق ئىشلەپ تاماملاندى.شارائىت ياخشىلىنىپ خىزمەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپالىرىنى باشقىلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ يەتكەن بولسىمۇ بىراق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىدا ئالاھىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە گەرچە مائاش ئۆستۇرۇش ئىشلىرى پات-پات بولۇپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مائاشتىن باشقا ھىچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا ئالغان مائاشلاربىلەن پەقەت كۇن ئۆتكۇزۇشكىلابولاتتى . مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۇندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئازغىنە مائاشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرمۇش چىقىمنى قامدىيالماي قالدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار بارلىقىنى مائارىپقا بىغىشلاپ پەرزەنىت تەربىيلەۋاتقان بولسىمۇ بىراق كىشلەرئالدىدىكى ئىناۋىتى يەنىلاتۆۋەن ھالەتتەتۇرىۋەردى.ئوقۇتقۇچىلار ناھايتىمۇ ھىممەتلىك كىشىلەر ئىدى. بىراق ئۇلار ئۆزھىممىتىگە لايىق قىممەتكە ئىرىشەلمەي قالدى.
            ئالدىنقى يىلى مەلۇم بىرخەنزۇچەژۇرنالدىن ئىچكىرىدىكى مەلۇم  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدازىددىيەت تۇغۇلۇپ قالغاندا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىدىن ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن كەچۇرۇم سوراشقا مەجبۇرلىنىپ ئاخىرىداساراڭ بولۇپ قالغانلىقى ،يەنە بىر مەكتەپتە يەنەبىرئوقۇتقۇچى ئائىلەباشلىقىدىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كىيىن ياتىقىدازەھەرئىچىپ ئۆلىۋالغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىنى تەرجىمەقىلىپ ئىچىم ئىچىشىپ تۇرغان مەزگىلدە مەن تۇرغان جايدا شۇنىڭغائوخشاپ كىتىدىغان بىرۋەقە يۇزبەردى.يەنى مەلۇم بىر مەكتەپتە خىزمەتتە ناھايىتى ئەستايىدىل بىر ياش ئوقۇتقۇچى بارئىدى.ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى،ئاكتىپلىقى مەكتەپتىكى ھەممنى قايىل قىلاتتى.ئاپتونۇم رايۇننىڭ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› خىزمتىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى كىلىدۇ دىگەن مەزگىللەردە يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلشىنى تۇراقلاشتۇرۇش مۇھىم خىزمەت ھىساپلىناتتى.ئەنە شۇنداق مەزگىلدە ھىلىقى ئوقۇتقۇچى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىينى بەكمۇ كۆپ ئىشلىگەن.بىراق ئازساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئەتتىگەنلىك دەرىسكە دائىم دىگۈدەك كىچىكىپ كىلىۋەرگەن.ئوقۇتقۇچى تەربىيە بەرسىمۇ ئاڭلىمىغان.مەلۇم بىركۇنى ئوقۇتقۇچى ‹‹ئەتە يەنە كىچىكسەڭلار خالانى تازلىغىلى سالىمەن›› دىگەن.چۈنكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار كىچىكسە، مەكتەپكە كەلمىسە، ئىشقىلىپ قايسى سىنىپتىن ۋەئوقۇغۇچىدىن  مەسىلە كۆرۇلسە شۇ سىنىپ مەسئۇلىدىن سۈرۈشتەقىلىنىدۇ-دە! ھىلىقى ئوقۇتقۇچى بالىلارغاشۇنداق دىگەن بولسىمۇ بىراق ئەتىسى يەنە شۇ بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار «كىچىكسەم قانداق قىلالايىتتىڭ؟ »دىگەندەك قىلىپ يەنىلاكىچىكىپ كەلگەن.ئوقۇتقۇچى كەچتە دىگىننى قىلىپ ئۇئوقۇغۇچىلارغابىردەم خالانى تازلاتقۇزغان.كىم بىلسۇن ئەتىسى ئەتتىگەندە ئالدىنقى كۇنى خالانى تازلىغان مەلۇم بىرئوقۇغۇچىنىڭ دادىسى مەكتەپكە چىقىپ جىدەل چىقارغان. بۇجىدەلنى مەكتەپ مۇدىرى بىسىقتۇرماقچى بولۇپ ئۇ دىھقانغاگەپ چۇشەندۇرۇپ بولالماي ئۇنىڭ بىلەن توتۇشۇپ قالغان. ئارىلىقتاباشىقىلارنىڭ ئارىغا چۇشىشى بىلەن ئۇلاريارىشىپ،دىھقانمۇكەمچىلىكىنى بوينىغائىلىپ كىرىپ كەتكەن.ئارىدىن بىرنەچچەسائەت ئۆتمەيلا ھىلىقى دىھقاننىىڭ دەم ئىلىشقا چىققان ناھىيەدەرىجىلىك مەلۇم كادىرتۇغقىنى يۇقىرىغامەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىنىڭ دادىسىنى ئۇردى دەپ ئەرز قىلغان.يۇقىرىدىن  مەكتەپ مۇدىرىنى ھىلىقى دىھقاندىن كەچۇرۇم سوراشنى، ئەگەردە كەچۇرۇم سورىمىسا مەكتەپنىڭ ۋەمەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بەزى مەنپەئەتلىرىگە زىيان يىتىدىغانلىقىنى ، شۇنداقلامەكتەپتىكىلەرنىڭ يىللىق سىناپ تەكشۈرۈشتە زىيان تارتىدىغانلىقىنى،ھەتتامەكتەپنىڭ ناھىيە بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى  ئىيتىقان.ھىلىقى مەكتەپ مۇدىرى ئامالسىزلىقتىن بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ ھىلىقى ساۋاتىسز دىھقاندىن كەچۈرۈم سورىغىلى كىرگەن.بىراق ئۇ دىھقان ئادەم ئۇنىمىغان.كىيىن مەكتەپ مۇدىرى شۇئەتراپتىكى يۇز-ئابرۇيلۇق كىشلەرنى ۋە مەلۇم مىقداردا كۆڭۇل سوۋغىسىنى ئىلىپ ئىككىنچى قىتىم قايتا كىرگەن.بۇچاغدا ھىلىقى دىھقان نۇرغۇن قاتتىق گەپلەرنى دىۋىلىپ ئاندىن ئاران دىگەندە مەكتەپ مۇدىرىنى كەچۈرگەن. بۇ ۋەقە شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن،مەكتەپ مۇدىرى ۋە بۇمەكتەپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار بۇنىڭدىن قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان بولسمۇ،بىراق دەردىنى ئىچىگەيۇتۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان..ئويلاپ بىقىڭ،مەكتەپ مۇدىرى ھىلىقى دىھقاننى بىرتەستەك سالغىنى ئۈچۈن ساۋاتىسز دىھقاننىڭ ئالدىداكەچۇرۇم سوراشقا مەجبۇر بولغان.ئەجىبامەكتەپ مۇدىرى ساراڭمىدۇ؟ بىكاردىن-بىكارغا ئۇرغانمىدۇ؟توغرا ، مەكتەپ ئادەم تەربىيلەيدىغان جاي .بىراق ئوقۇتقۇچىمۇ ئادەمدە؟ ئۇنىڭدىمۇئۆزىگەچۇشلۇق غۇرۇر بارغۇ؟ئەگەر ھىلىقى دىھقاننى مەكتەپ مۇدىرى ئۇرماي كەنىتنىڭ بىرەر كادىرى ياكى يىزا كادىرىئۇرغان بولسا كەچۇرۇم سورارمىدى؟بۇنىسى ناتايىن! شۇنىڭدىن كىيىن ھىلىقى دىھقان تۇرۇشلۇق كەنىتتىن مەكتەپكەكىلىدىغان بالىلارنىڭ خورىكى تىخىمۇ ئۆسۈپ كەتكەن.ئوقۇتقۇچىلارئامالسىزچىشىنى چىشلەپ ئۆتۇشكە مەجبۇربولغان.
           ئارىدىن بىريىل ئۆتكەندە 5-ئايدا يەنە ھىلىقى ئوقۇتقۇچى  نۆۋەتچى ۋاقتىدا دەرىسكەكىرمەي سىرىتتا ئوينىغان مەلۇم قىز ئوقۇغۇچىغا تەربىيە بەرگەندەئۇنىماي تاكاللاشقان،ئوقۇتقۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلغان . ئوقۇتقۇچى ئاچچىقىغا پايلىماي ئۇنى بىرتەستەك سالغان.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلاھىلىقى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىنى تىپىپ كىرىپ ،ئىشخانىغاباستۇرۇپ كىرىپ ھىلىقى ئوقۇتقۇچىنى ئۇرغان.باشقائوقۇتقۇچىلار ‹‹ زىيالىي››،‹‹ئوقۇتقۇچى››بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويۇشتىن باشقا ئىش قىلالمىغان.بۇئەھۋال يېزىلىق ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كىيىن ساقچىخانىدىكىلەرھىلىقى ئەر-ئايالدىن بىر يىرىم مىڭ يۇەن جەرىمانەئىلىپ ئۇلارنى ۋاقتىنچە قويۇپ بەرگەن ھەم كىيىن جىلۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىيىتقان.بىراق خىلى ئۇزۇن مەزگىللەرگىچەجىيىلۇ قىلىنمىغان.ھىلىقى تاياق يىگەن ئوقۇتقۇچىمۇ مەلۇم مەزگىل داۋالانغاندىن كىيىن چىشىنى چىشلەپ مەكتەپكەچىققان.ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتى،ئىززەت-ئابرۇيى يەرگە ئۇرۇلغان.بەلكىم قانۇن ئورۇنلىرى كىيىن ھىلىقى ئۇرغۇچىنى جازالاپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن! ( بۇ ۋەقە دەل مەكتەپلەردەمەكتەپ بىخەتەرلىكىنى ناھايتى چىڭ تۇتىلىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن).
          ئەلۋەتتەئوقۇغۇچى ئۇرۇش قانۇنغاخىلاپ! مەكتەپنىڭمۇ بۇ ھەقتە تۇرلۇك چارە-تەدبىرلىرى بار.بىراق تەلىم-تەربىيە جەريانىدا بۇنداق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئاتا ئانىلار بالىلىرى ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچرىغاندا ئەھۋالنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دوكلات قىلىپ ئۇلارنىڭ بىرتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى كىرەك ئىدى.بىراق ئاتائانىلار ئۇنداق قىلمايدۇ.كۆپىنچە ئاتائانىنىڭ  نەزىرىدە ئوقۇتقۇچى ھىچنىمە ئەمەس.ئۇلارنى خالىغانچە ئۇرۇشقا، تىللاشقا بولىدۇ.
          دىمەك ،مانامۇشۇنداق ئەھۋاللارئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن بىزارقىلىپ قويماقتا! ھازىر يىزىلاردائىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلاردىن باشىقا كەسىپكە ئالمىشىپ كىتىدىغانلار بارمۇ دەپ سورالسا تەبئىيكى %90ئوقۇتقۇچى ئالمىشىپ كىتىشنى  خالايدۇ.چۇنكى ھىممەتكەلايىق قىممەتكە،جاپاغالايىق ئىززەتكە ئىرىشەلمەسلىك ئوقۇتقۇچىلارنى كەسىپتىن زىرىكىدىغان قىلىپ قويدى.قاچانكى مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتقۇچىلارغىمۇتەلىم-تەربىيەجەريانىدائازراق بولسىمۇتەنقىدلەش ئەركىنلىكى بىرىلسە،ئوقۇتقۇچىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى كۆتىرىلسە، باشقىلار ئوقۇتقۇچىنى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى ئەمەس بەلكى ھەقىقىي بىرئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى دەپ تونۇيالىسا ئاندىن ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىي ھالدابىزباشتا ئىيىتقان باھالارغا لايىق بولغان بولىدۇ. بولمىسائۇلار پەقەت قۇرۇق شۇئارغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ-خالاس!
          قىرىندىشىم،سىز ئوقۇتقۇچىنى ھەرگەز كەمسىتمەڭ،ھەم ھەرگىزمۇتۆۋەن كۆرمەڭ! ئەكسىچە ئۇنى ئۇلۇغ بىلىڭ! چۈنكى دانالار ئىيتقانكى:‹‹ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى  مائارىپتا،مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدى ئوقۇتقۇچىلاردا!››

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئالدىنقىسى:ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى
كېينكىسى: يوق
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ