ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

ۋاقىت : 2014-01-03 15:43 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

مەنزۆھرە ئىبراھىم

   مەن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋە ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، مۇنبەردە دەرس سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان، ئەقىل بۇلىقىنى ئاچىدىغان، ئۇلار بىلەن كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، جاپا چەكسەممۇ قىلچە ۋايسىمايدىغان، ئۆز كەسپىمگە ئىشتىياق باغلىغان ئاددىي ئوقۇتقۇچى.

   مەن ھازىرغىچە 19 يىللىق قىش – يازنى ئۆتكۈزدۈم. بۇ جەرياندا تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي شىمال ئېتەكلىرىدىكى تاغلىق – ئېدىرلىقلاردا، قەھرىتان قىش پەسلىنىڭ قار – شىۋىرغانلىرى، بوران – چاپقۇنلىرىغا، تومۇز ئاپتىپىنىڭ كۈچلۈك قىزدۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي، جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلىدىم. چۈنكى مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى.

   ئائىلەمنىڭ كۆز نۇرى بولغان سۆيۈملۈك پەرزەنتىمنى ھەپتە – ھەپتىلەپ قېرىنداشلىرىمغا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمغا تاشلاپ قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يىراق قىرلارغا ئاتلاندىم. ماڭا تەشنا قەلبلەرگە ئەقىل ئۇرۇقى چاچتىم، ماڭا تەشنا كۆڭۈللەرگە مېھرىمنى بەردىم. مەكتەپ فورمىسى پۇلى، قوشۇمچە ماتېرىيال ھەقلىرىنى تۆلىيەلمىگەن، ئائىلىسى قىيىنچىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قولۇمنى سۇندۇم. ھېيت – بايراملاردا بويۇن قىسىپ قالغان ئوقۇغۇچىلىمغا يېڭى كىيىملەرنى ئېلىپ بەردىم. ئۇلارنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەن ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ھاياجانغا چۆمدۈم. ئۇلارنىڭ قارا كۆزلىرى ياشقا تولغاندا يۈرىكىم ئېچىشىپ تەڭ يىغلىدىم. چۈنكى مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى .

   قىش پەسلىدە يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقتىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن قىشلىق يېقىلغۇنىڭ غېمى بىر يۈك، پات – پات يۇيۇنۇش، كىيىملەرنى يۇيۇپ قۇرۇتۇش تېخىمۇ تەس. ئانىسى كېسەلمەن، دادىسى مېيىپ بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇنداق ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تېخىمۇ تەس. بىر كۈنى قارىسام بىر قىز ئوقۇغۇچۇمنىڭ بېشى ‹‹يايلاق››قا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئاپىسىنىڭ قىزىغا قارىغۇدەك ھالى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالالمىدىم. خىزمەتداشلىرىمنىڭ ‹‹بۇ تازىلىق ئۆيىمۇ، ئىشخانىغا ئوخشىماي قالدىغۇ، ئىچىڭىز ئېلەشمىدىما؟›› دىيىشلىرىگە پەرۋا قىلماي، ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىپ يۇيۇپ تاغاق سالدىم، قىلچىمۇ سەسكەنمەي ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملاشتۇردۇم. چۈنكى مەن ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى.

   بالىلار ئارىسىدا ئانچە – مۇنچە ماجىرالار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىرلا تەرەپنىڭ سۆزى بويىچە ھەل قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. ئىككى بالا ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ سۆزلەپ، بېشىڭىزنى ئوچاق قىلىۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزىنىمۇ ئاڭلاپ قويۇش كېرەك، ئەلۋەتتە. ماجىرا ھەل بولسىلا ئىش پۈتتى دېگىلى بولاتتىمۇ؟ چوقۇم ياراشتۇرۇش، دوستلاشتۇرۇشقا سەل قارىماسلىق كېرەك! چۈنكى، بالىلار يەنە تەتۈر قاراشمايدۇ دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەۋاسىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن، خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى ئەپۇ سورىتىپ بولغىچە سوتچىنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالىمەن. چۈنكى مەن ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى.

   دەرسخانا ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئىلىم ئۆگىتىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەلىم ئالىدىغان جاي. مەن ئەنە شۇ جايدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن دەرس سۆزلەيمەن، كېچە – كېچىلەپ دەرس تەييارلايمەن، دۆۋە – دۆۋە تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تەكشۈرىمەن. تۈرلۈك يىغىن، ئۆگىنىشلەرگە قاتنىشىپ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى ھەرۋاقىت توغرىلاپ تۇرىمەن. نۆۋەتچىلىك قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايمەن. بالىلار تاسادىپىي زەخىملىنىپ قالسا ياكى ئاغرىپ قالسا دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىمەن. پات – پات ئاتا – ئانىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئورتاق تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. چۈنكى مەن ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى.

   مەن ھەر كۈنى شۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتىمەن. دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپلا، توردىن ماتېرىيال ئىزدەيمەن، ياخشى بولغان دەرسلىك دېتالى تۈزۈش ئۈچۈن كۈچەيمەن. يۇلتۇزلار چاراقلاپ كۈلگەن ئايدىڭ كېچىلەردە، ھەممە ئۇيقۇغا پاتقاندا ئەتىكى دەرسىم ئۈچۈن ئويلىنىمەن. ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن، ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە – ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن. بەزىدە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ماڭا تەسىر قىلغان، مېنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىمنى قوزغىغان ئىشلارنى خاتىرىلەپ قويىمەن. چۈنكى مەن ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى!

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ