ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى

ۋاقىت : 2013-12-08 18:37 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى

سوسۇر (موڭغۇل)

(1)

ئىنسانىيەتنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىسى باشلانغاندىن تارتىپ، شۇ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى بىلىش ھەققىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى توختاپ قالغىنى يوق. لېكىن، بىزنىڭ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز ئىنساننىڭ ئۆز قىلمىش-ئەتمىشلىرى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇن قانداق ئىش يۈز بەرگەن؟ مىلادى مانچىنچى ئەسىردە نېمە ئىش بولغان؟ مېسسوپوتامىيە مەدەنىيىتى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ رىملىقلار، مىسىرلىقلار، ۋىزانتىيەلىكلەر، ھىندىلار ۋە جۇڭگولۇقلار قانداق شانلىق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان؟ دېگەندەكلەردىن نېرى بولالمايدۇ. ئۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلاردىمۇ نەزەرىمىز كۆپىنچە كونا تاش قورال، يېڭى تاش قورال ۋە يېڭىچە قورال-ياراغ دېگەندەك ئەسلىھەلەرگە مەركەزلىشىدۇ. لېكىن، تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى رولىغا سەل قاراپ، كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەت، پائالىيەتلىرىنى تىل نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە كۆڭۈل بەرمەيمىز. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىدە تىل ئەڭ زور ئاكتىپلىق ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئىنسانلار كونا تاش قورال دەۋرىدىن ھازىرغىچە ھەرخىل قوراللارنى ياسىغان بولسىمۇ، ھېچبىر قورال ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە تەبىئىي بار بولغان تىلدىن ئىبارەت بۇ قورالنىڭ ئورنىنى ۋە رولىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. تىل ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە باشچىلىق قىلالايدۇ. بەزىدە، ياشانغان، ھالسىز بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز مەردانە سۆزى شۇ قەبىلە كىشىلىرىنىڭ قولىغا قورال ئېلىپ، باشقا بىر قەبىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە ھەم مەدەت بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ بارلىق مەدەنىيلىكى ۋە بەدىۋىلىكى، پازىللىقى ھەم پاسىقلىقى، ئۆم-ئىناقلىقى ۋە غۇم-ئاداۋەتلىرى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن كۆرە ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە باشچىلىق قىلغۇچى ئەڭ ئۆتكۈر قورالى تىلدا ئايان بولىدۇ. تىل تەپەككۇرنىڭ بېقىندىسى بولغاچقا، تەپەككۇر ۋە ئاڭنىڭ مۇئەييەن چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. سىز ئويلاپ يەتكەن سۆز-جۈملىلەر، ھەرخىل ئۇچۇرلار چوڭ مېڭىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تىل بىر بومبىغا، تەپەككۇر ۋە ئىدىيە ئۇنىڭ پىلتىسىگە ئوخشايدۇ. تەپەككۇر، ئىدىيە ۋە تىل بىرلەشكەندىلا ئىنساننىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكىتى ئۆز نەتىجىسىگە يۈزلىنىدۇ.

تىل يېزىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، يېزىق پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر ساقلاش ۋە ئۇچۇر تارقىتىشى پۈتۈنلەي چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇشىغا ۋە ئاغزاكى بايانغا تايىنىلغان. شۇ سەۋەب ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى رەسىم، بەلگىلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئىپادىلەشنى ئىجاد قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساس سالغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىللار داۋامىدا بۇ رەسىم، بەلگىلەر تىل ئالاقىسى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق بېيىپ، دەسلەپكى تەسۋىرىي يېزىق شەكىللىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىختىرالىرىغا ئىمكانىيەت ئاتا قىلغان. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسان تەپەككۇرىنى تىل ۋە يېزىق ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق ئىمكانىيەتلىرىنى زورايتىپ، تىلنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىي مەنىدىكى قورال نۇقتىسىدىن ئىنسان ئەقىل-پاراسىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، تىلغا يېڭىچە بىر خىل پۇرسەت ۋە قىممەت ئاتا قىلغان.

(2)

تىل غايەت زور ھارۋىغا ئوخشاش بىر ياكى بىرقانچە مىللەت كىشىلىرىنى ئۆزىگە يۈكلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش داۋامىدا چارچاش، خوراش، ئۇپراش ۋە يەنە ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى يېڭىلاش ئارقىلىق ئۆزىگە يېڭى ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تىلدىكى مەلۇم بىر سۆزلۈك ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەنەلەر خۇددى چوڭ بىر ماشىنىنىڭ بىر زاپچىسىغا ئوخشاش ئاشۇ ماشىنىنىڭ يۈرۈشمەسلىكى، چاتاق چىقىشى سەۋەبلىك ئاستا-ئاستا كونىراپ، داتلىشىدۇ ھەم ئاخىرى بېرىپ كاردىن چىقىدۇ. ئېلىمىز تىل-يېزىق چوڭ دۆلىتى. بۇ يەردە خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە، موڭغۇل تىلى، تىبەت تىلى، ئۇيغۇرتىلى قاتارلىق نۇرغۇن تىللار بار. بۇ تىللار ئۇزاقتىن بۇيان ئۆز سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلدى. ئېلىمىزدە قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆز ئالدىغا تىل-يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت 50 تىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بۇرۇن ئىشلىتىلگەن، ھازىر ئىشلىتىشتىن قالغان يېزىقلاردىن قەدىمكى تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئۇدۇن يېزىقى، پاسپا مۇڭغۇل يېزىقى، قىتان چوڭ يېزىقى، قىتان كىچىك يېزىقى، جۇرجىت يېزىقى، تاڭغۇت يېزىقى قاتارلىق 17خىل يېزىق بار. مانا بۇلار تىلنىڭ يەنە بىر جەھەتتىكى ئۇپرىشى ۋە يوقىلىشىدۇر. بۇ يېزىقلار ئېلىمىز تىل-يېزىق تۇپرىقىدا ئۆز قىممىتىنى ئازدۇر-كۆپتۇر جۇلالىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق، تىلدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئېقىندا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقى ئۆزىگە خاس بۇژغۇن چاچرىتىپ، جۇلاسىنى چاقناتقان. ئۇلار خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت چوڭ تىل مۇھىتىدا مەۋجۇت بولۇش داۋامىدا خەنزۇ تىلىنىڭ لېكسىكىسىنى بېيىتقان ھەم تەرەققىي قىلدۇرغان. موڭغۇل تىلىنى مىسال ئالساق، موڭغۇل تىلىدىكى «نادام»، «خادا»، «خاقان» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ خەنزۇ تىلى لېكسىكىسىدا پەيدا بولۇشى خەنزۇ تىلىغا چەكسىز يايلاق، ئۇچقۇر تۇلپار ۋە ساپ سۈت ھىدىنى ئاتا قىلغان.

تارىخقا نەزەر سالساق، بېكىنمىلىككە ۋە تۇرغۇنلۇققا تولغان بۇرۇختۇم ھالەت تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە يوقىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبتۇر. تىل كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاسرىشى ۋە بېيىتىشىغا موھتاج بولۇپ، ئەل ئىچى تىل سەنئىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك كۆپ خىل پائالىيەتلىرى تىلنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا گۈللەپ-كۆكلىشىگە ئىمكان ھازىرلايدۇ. بۇ مۇھىتتا تىلدىن باشقا يەنە باشقىلارغا ئانچە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئادەم شائىر ۋە يازغۇچى مەۋجۇت بولىدۇ. شائىر ۋە يازغۇچىلار تىلنىڭ ئەڭ دىلكەش ساھىبلىرىدۇر. شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ تىنىمسىز ئىجادىيىتىمۇ تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا ئۆز جۇلاسى ۋە نىداسىدىن مەھرۇم ھالدا بىھۇشلانغان تىلنى ئويغىتىش ۋە بېيىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز قەلبى ئارقىلىق تىلنى غىدىقلاپ، سەزگۈسىنى ئويغىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ يوقالغان روھىغا ۋە ئازابىغا مەلھەم بولىدۇ؛ تۇرمۇشنى خاتىرىلەش ئارقىلىق تىلنى بىرمۇ بىر رەتلەپ، ئۇنى ئۆزى بەرپا قىلغان ئىجاد قەسىرىگە باشلايدۇ، مۇھەببەتلىك ۋە ھاياجانلىق تۇرمۇش قوينىغا تاشلايدۇ. تىلنىڭ زېرەكلىكى ۋە زەكىيلىكى، ئۆز ساھىبىنىڭ ئىلھامى ۋە ئىنئامىدا كىشى قەلبىنى لال قىلالايدىغانلىقى، مەردانە، مەغرۇرلۇققىمۇ، ۋەيرانە، جىمغورلۇققىمۇ ئىگە ئىكەنلىكى شائىر ۋە يازغۇچىغا بەش قولدەك ئايان. شۇڭا، شائىر ۋە يازغۇچىلار تىلنىڭ ئۆز جەزبىسىدىن ئايرىلماسلىقى، ئۇپراپ، خورىماسلىقى ئۈچۈن بار ۋۇجۇدى ۋە قۇۋۋىتى بىلەن تىلنى پەپىلەيدۇ، بېيىتىدۇ، شۇ ئارقىلىق تىلغا تەپەككۇر، ئىدىيەگە تۇتاشقان ۋە تىلنىڭ ئەسلىي مەنە قاتلىمىنى بۆسىدىغان تارام-تارام يوللارنى ئاچىدۇ. تىل بېيىتىشقا ۋە پەپىلەشكە موھتاج، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە جەلپكار ھاياتقا ۋە بۇرچقا ئېرىشىشكە تېخىمۇ موھتاج.

قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىنسانلار تىل مەۋجۇتلۇقىدا مەۋجۇت بولۇپ، تىلنىڭ ساقلىنىش ھالىتىدە ياشاپ كەلدى. بىر مىللەتكە نىسبەتەن مەدەنىيەت دەل ئۇلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغان مۇنبەت زېمىنى قاتتىق ئەمەلىي كۈچى بولسا، تىل ئۇلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يوشۇرۇن شەكلى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىدۇر. ناۋادا بىر مىللەت بۇ ئىككى نۇقتىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. تىل تەرەققىياتى جەريانىدا ئېلىمىزدىكى بەزى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمدىنلا ئۆزلىرىنىڭ تىلشۇناسلىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق خاس ئەسەرلەرنى يېزىپ، ئاچقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. تىبەت تىلشۇناسى تونمى سامېھوتا 7-ئەسىردىلا سانسىكىرت يېزىقىدىن پايدىلىنىپ، تىبەت تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تىبەت يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ يەنە «تەلىم ئاساسلىرىدىن 30قەسىدە(سۇمكاپا)»، «تىل تاۋۇشلىرى بايانى(تاگسكىي ئۈجۈگپا)» قاتارلىق گىرامماتىكا كىتابلىرىنى يازغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىدۇ چۆجىجيۇزەن «تىبەت تىلى گىرامماتىكىسى» ناملىق كىتابنى يازغان. ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىمۇ 11-ئەسىردىلا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى يازغان. موڭغۇل ئالىمى دەگمەت دورجى 14-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا «موڭغۇل تىلى ئانالىزى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ، موڭغۇل يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئاساس سالغان. يۇقىرىقى ئەمگەكلەر ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ئەمگەكلىرى تىلنى ئۇپراشتىن ساقلاش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار تىل-يېزىقنى ئۆزىنى ئۆزى قوغداش يولىغا باشلىغان.

(3)

تىل توغرىلىق سۆز ئېچىلسا، ئانا تىلىم بولغان موڭغۇل تىلىنىڭ بوشاڭلىقى، رايىشلىقى، مۇلايىملىقى ۋە زىيادە نەپىسلىكىگە ئىختىيارسىز «ئېچىنىمەن». چۈنكى بۇ تىل ھەم ئاسان ئاجىزلىشىدىغان ھەم ئاسان تىرىلىدىغان، شۇنداقلا يات تىل تەركىبلىرىنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، قىلچە قوغدىنىش ئىقتىدارى يوق بىر خىل تىل. شۇ سەۋەب، موڭغۇل تىللىق كىشىلەرنىڭ يات بىر تىلنى ئۆگىنىشى شۇ قەدەر ئاسان ھەم ئاددىيدۇر. بۇ تىل شېئىرنىڭ نەپىسلىكىنى، ھېسسىياتنىڭ مۇلايىملىقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. مېنىڭچە، دەل ئاشۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئارتۇقچىلىقى ياكى ئاجىزلىقى بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆز ساھىبىنىڭ ئەبجەش تىل مۇھىتىغا مەيىن شامال كەبىي سىڭىشىپ ئۇپرايدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ. موڭغۇل مىللىتى تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپىنچە قەيسەر، قىزىققان، جۇشقۇن بىر سىما كېلىدۇ. ئەمما سىز ئۇلارغا ھەقىقىي يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى چۈشەنگىنىڭىزدە، سىزنى ھەيرانلىققا ۋە ئۇنتۇلغۇسىز كەيپىياتقا باشلايدىغىنى دەل ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى ئاجىزلىق ۋە روھىي دۇنياسىنى ئىپادىلەيدىغان تىلىدىكى رايىشلىق بولۇپ، خۇددى ئۇلارنىڭ ئۈزۈلمەس خەلق ناخشىلىرىدىكى يايلاق، ئېقىن، ئايال، تۇلپار، ئاتا-ئانا ۋە بالىلاردىكىدەك ساددا، بىغۇبارلىققا، شەيدا-مەھلىيالىققا ئوخشايدۇ. ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقسام، موڭغۇل تىلىنىڭ مۇقەددەس قەسىرىدە ئۇنى ئۆز ئەقىدىسىدە مۇكەممەل ساقلاپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا شىنجاڭدىكى ئويراتلار ئىكەن. چۈنكى، ئۇلار ئۆز دىيالېكتىكىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى ۋە مۇستەھكەم روھى بىلەن دۇنياۋى قەھرىمانلىق ئېپوسى «جاڭغىر»نى ساقلاپ قالدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەڭرىنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىلتىپاتى ۋە ياكى ئويرات دىيالېكتىكىسىنىڭ سېھىر كۈچىمۇ ئەمەس، بەلكى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھەببىتى ۋە شەپقىتىدۇر!!!
 

(4)
 

ئويراتلارنىڭ ئەۋلادى بولمىش بۈگۈنكى مەن شىنجاڭدا ياشىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تەلەيلىك ھېسابلايمەن. چۈنكى كۆپ خىل تىل بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ مۇنبەت زېمىندا ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، موڭغۇل تىلى ۋە قىرغىز تىلى قاتارلىق ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۆزگىچە نىدا ۋە جۇلا، ئۆزگىچە پۇراق ۋە سىياق بىلەن خاسلىقىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. سىز بۇ تىللارنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش سەزگۈڭىزدىن باشقا يەنە كۆرۈش، پۇراش، سېزىش، تېتىش سەزگۈلىرىڭىزنى ئىشقا سېلىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا بۇ تىللارنى ھەقىقىي چۈشىنىسىز ۋە سېھرىنى بايقايسىز، شۇ ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلب تەكتىدىكى پىنھان سىرلارنى چۈشىنىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بۇ رەڭدار تىللارنىڭ خاسلىقىدىن تەسەۋۋۇرىڭىزغا قانات ياساپ، تېخىمۇ تېرەن مەنەلەر مەنزىلىگە يېتەلەيسىز. ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونى كۆپ خىل تەركىبلەر بىر گەۋدىگە ئايلانغان رەڭدار ۋە جەلپكار دۇنيا. مىللىتى، تىلى ۋە ئېتىقادى ھەر خىل كىشىلەر بىللە ئىناق ۋە ئىتتىپاق ياشىغاندىلا دۇنيا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە رەڭدارلىقىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. ناۋادا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بىر خىل تىلنى ئىشلىتىپ، بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىپ، غايەت زور بىر يەرشارى كەنتى بەرپا قىلسا، بۇنىڭ بىر ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن. چۈنكى، ئىنسانىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن تالايلىغان تەرەققىيات پۇرسەتلىرىدىن ۋە تەپەككۇر ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قېلىپ، تېخىمۇ تار ۋە چەكلىك، زۇلمەتلىك ۋە نەپسانىيەتچىلىك تولغان بىر دۇنياغا ساھىب بولۇشى مۇمكىن.

كىچىكىمدىن تارتىپ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ خىل تىل بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھىتتا چوڭ بولغاچقا، ئاشۇ تىللاردا قانداقتۇر بىر ئۈزۈلمەس رېشتەم ۋە نېسىۋەم باردەك، ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى بىلىشتىن سىرت، شۇ تىللارنىڭ شاپائىتىدە قەلبلەر تەكتىگىمۇ بىمالال چۆكەلەيمەن. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تىللار ماڭا ئۆز ھىممەتلىرىنى ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە مېنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمنى موللاشتۇرۇپ، ئانا تىلىمغا تېخىمۇ زور چېچەنلىك، چېۋەرلىك ۋە جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلدى. مانا بۇ تىلدىن ماڭا كەلگەن ئامەت.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ