مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
جېڭ جىۋېن
مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا ئىگىلەپ، جاپاغا بەرداشلىق بېرىشتۇر، بۇ پۇقرالار تولىمۇ ئارزۇ قىلغان، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىلىق، مائارىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ گەۋدىلىك، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل بولغان ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىش دېگەنلىكتۇر.
ئىدىيەدىكى قاتماللىق، تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى توسالغۇ، مەنپەئەتتىكى توسقۇنلۇق مائارىپ ئىسلاھاتىنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرىپ قويدى، بۇ قىيىن مەسىلىلەر مەجبۇرلاش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھەل قىلىش يوللىرىنى كۈتمەكتە. بۇ مەسىلىلەر ئىچىدە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن بولۇشى مۇمكىن. مائارىپ ئىسلاھاتىدا ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمى بىلەن ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى ماسلاشتۇرۇش قىيىن، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ھەم تۈگۈن ھەم توسما، ھەم قوماندانلىق تايىقى ھەم يۆنىلىش كۆرسەتكۈچ، ھەم ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى مائارىپىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ھەم ئادىللىققا كاپالەتلىك قىلىشى ھەم ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، شۇڭا، ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىنى مۈشكۈل جەريان دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو مائارىپ تەتىقىقات ئورنى، دۆلەت مائارىپ مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %78.3 مائارىپ ئىدارىسى باشلىقى: ھازىر جىددىي ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ‹‹ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى›› دەپ قارايدىكەن. شۇڭا، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.
مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يەنە يېڭىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن قىيىنچىلىق بار. مەسىلەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش خوجىلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتىش مەسىلىسى. يېقىندىن بۇيان بۇنداق سادالار ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، لېكىن سەل قاراشقا بولمايدىغان يېرى شۇكى، ‹‹قويۇپ بەرسە قالايمىقانلىشىدىغان، قالايمىقانلاشقاندا يۇغۇشتۇرۇلۇۋېتىدىغان›› ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇنداق ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى ھوقۇقنى قويۇپ بېرىش بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قويۇپ بېرىش ئەمما قالايمىقان بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. ھوقۇقنى قويۇپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، قانۇن – بەلگىلىمە، سىياسەت، ئۆلچەم، مەبلەغ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئالىي مەكتەپلەر ئىچكى تۈزەش قۇرۇلمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قائىدە – نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خوجىلىق ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش بويىچە ئۆزىنى چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئاشكارا يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
نېمە ئۈچۈن بەزى جايلاردا مەكتەپ تاللىغانلاردىن قالايمىقان ھەق ئېلىش خاھىشلىرىنى تۈزەش، پەرزەنتلەرنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىش كۈچلۈك توسالغۇغا ئۇچرايدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەب، مەكتەپلەر ئارا پەرق بولغانلىقىدا، ھالبۇكى ئەڭ زور پەرق تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلاردا ئىپادىلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ خىزمەتكە قويۇش ئومۇمىيەتكە چېتىلىدىغان زور ئىش ھەم قىيىن ئىش. چۈنكى، ئالماشتۇرۇپ خىزمەتكە قويۇش مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا – ئانىلار، مەكتەپ قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتتىكى مەنپەئەتكە چېتىلىدۇ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا ئادالەتسىزلىك پەيدا بولۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدۈرۈشكە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. قانداق قىلغاندا ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ خىزمەتكە قويۇش يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى چارىلەرنى تېپىپ چىقىپ، يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغىلى بولىدۇ، بۇ مەسىلىنىمۇ ھەل قىلماي بولمايدۇ.
ھازىر مەملىكىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پۇقراۋى مەكتەپلەر 140 مىڭدىن ئېشىپ، ئوقۇغۇچىلار 39 مىليون 110 مىڭغا يەتتى. پۇقراۋى مائارىپ مائارىپ بايلىقىنى بېيىتىش، كۆپ مەنبەلىك تاللاش بىلەن تەمىن ئېتىش، مائارىپ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئەمما پۇقراۋى مائارىپ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ: پۇقراۋى مەكتەپ قانۇن ئىگىلىرىنىڭ تەۋەلىكى، باجغا ئېتىبار بېرىش، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت، قانۇن توسالغۇلىرى يەنىلا مەۋجۇت؛ مائارىپ ساھەسىدە پۇقراۋى مائارىپىنى كەمسىتىش خاھىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا؛ پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى مۇقىم ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا زور ... پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق باراۋەرلىكى، پۇرسەت باراۋەرلىكى، قائىدە – پىرىنسىپ باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى تۈرلۈك شەكىلدىكى نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن ئامىللارنى تۈگىتىش ياكى تۈگىتەلمەسلىك پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يۇقارقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى جۈرئەت قىلىش، يۈكسەك ئورتاق پىكىر ، كۈچلۈك بىركمە كۈچ ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئاممىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالغاندىلا، مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات غەلبىلىك بولىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ
- لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
- قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپ
- مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قان
- جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش
- ئاساسىي مائارىپ قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىدۇ
- تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زاد
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىش
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنى
- «غايىپ بولغان ئانا تىل ئىشەنچىسى» نى تې
- نۇقتىلىق مەكتەپ ۋە نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس
- باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىقىدا ئېنگلىزچە ئە
- ‹‹ئانا تىل›› ئوقۇتۇشى يەنىلا مۇھىم
- لاياقەتسىز ئوقوتقۇچى ئەپۇ قىلىنمايدۇ
- قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قا
- مائارىپ ئىسلاھاتى مۈشكۈل جەريان
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
- چەت ئەللەردە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى قانداق با
- جوۋ گوپىڭ: ئانا تىل مائارىپنىڭ باشلىنىش نۇقتى
- ئاساسىي مائارىپ قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىدۇ
- تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پاي
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- «غايىپ بولغان ئانا تىل ئىشەنچىسى» نى تېپىۋىل
- ‹‹ئانا تىل›› ئوقۇتۇشى يەنىلا مۇھىم
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ما
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- جۇڭگو مائارىپى مەغلۇبىيەتتۇر
- «قوش تىل» ئۆگىنىش دەۋرنىڭ تەلىپى
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى