ئون ئاي قۇرساق كۆتۈرۈپ، بوۋاق تۇغۇلدى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ جاراڭلىق يىغا ئاۋازى ئاتا-ئانىنى تۇلىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ. «يىغا» يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنيا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەمىمىزگە مەلۇم، يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاق سۆزلىيەلمەيدۇ، يىغلاش، يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ تۇغما قابىلىيتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى قۇرالى، ياش ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ يىغلاش سەۋەبىنى بىلەلمىسە چۇقۇم ئىچى تىتىلداپ، ئامالسىز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئادەتتە يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى زىل ھەم جاراڭلىق، ئارقا-ئارقىدىن رېتىملىق ھالدا چىقىدۇ، ناۋادا بوۋاق ئاغرىپ قالغان بولسا ئاغرىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە ئاغرىق داۋامىدا، يىغا ئاۋازى، يىغا ئاۋازىنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە رىتىمىدىمۇ ئۆزگېرىش بولىدۇ. مەسلەن:
يىغا ئاۋازى جاراڭلىق، كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئىككى پۇتى بىلەن چىڭ تېپىپ قۇلىنى شورىسا-بۇۋاقنىڭ ئۇسسىغانلىقى ھەم قۇسىقىنىڭمۇ ئاچقانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.
يىغا ئاۋازى قۇلاققا خوشياقمىغىدەك دەرىجىدە چىڭ، كۆزىدە ياش يوق، ھەم تېپىپ ھەم چىشلىسە-بۇۋاقنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
. يىغا ئاۋازى جاراڭلىق، ئارلىقتا توختاپ غىڭشىسا-بۇۋاقنىڭ قورقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. توختىماي يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاپ كۆز يىشى قىلسا چىراي ئىپادىسىمۇ تەمكىن بولسا - بۇۋاقنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاپ غىدىڭشىپ، چىرايىدا ئاغرىق ئالامىتى كۆرۈلسە- بىر يېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇۋاقنىڭ يىغىسىمۇ راۋان ئەمەس چىرايى سارغايغان، روھسىز ھەم ھاڭۋاقتى بوپ قالسا- قاتتىق مىجەزى يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەلۋەتتە، ھەرخىل كىسەللەرنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىمۇ شۇ ئادەمنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بولىدۇ، بۇۋاق بېقىش جەريانىدا، ياش ئاتا-ئانىلار بۇۋاق ئادەتتىن تاشقىرى يىغلىغاندا، بۇۋاقنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى يىغىسىنى پەرقلەندۈرەلىسە، بۇۋىقىنىڭ قانداق يىڭى مەسلىلەرگە دۈچ كىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ.
ياش ئاتا-ئانىلار بۇۋاقلارنىڭ بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تىببىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بۇۋاقنىڭ ھەرخىل ئۆزگېرىشلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ۋاقتىدا ئەپلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆگىنەيلى!