پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
يەكشەنبە كۈنى ئىدى. قىزىم تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئوينىغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى . بۇ چاغدا كەچ سائەت يەتتىدىن ئاشقانىدى . مەن كەچ بولۇپ قاپتۇ،ئەتە ئويناڭ ،دىيىشىمگە ، قىزىم مىنىڭ ئوينۇغۇم بار تۇرسا ، داۋاملىق شۇنداق دەپ مىنى ئوينىغىلى قويمايدىكەنسىلەر ، دېگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ قېلىقىغا ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدىم . چۈنكى،نەچچە ۋاقىتتىن قىزىمنىڭ بۇنچىلىك خاپا بولغىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.ئەسلىدە ئۇنىڭ كەيپىياتى بەكمۇ تۇراقلىق ئىدى . ئوينىغاندا خوشال ئوينايتتى ،گىپى بولسا يېنىمغا كىلىپ مۇڭدىشاتتى ، مەكتەپتە ياكى مەھەللىدە دوستلىرى بىلەن رەنجىشىپ قالدىمۇ ئۆزىنى ھېچقاچان بۇنچىلىك پاراكەندە قىلمايتتى …. دىمەك،سىنىپ مەسئۇلى دىگەندەك،قىزىمنىڭمۇ پىسخىكىدا ئاز-تۇلا مەسىلە كۆرۈلۇشكە باشلىدى.
ئىلگىرى بەزى ئىشلارغا تازا ئىتىبار بېرىپ كەتمىگەن بولسام كېرەك ، ئەمدىلىكتە بوش ۋاقىت تاپساملا بالىلاردىكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىدىغان بولدۇم . ھەم مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن جاۋاپ ئىزدىدىم .
بىر ماتىرىيالدا پىسخىكىلىق ساغلاملىق ئاكتىپ،ئۈنۈملۈك پىسخىك پائالىيەتلار، تۇراقلىق ، نورمال پىسخىك ھالەتلەر ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمىيەت ۋە تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ ، دەپ تەبىر بىرىلگەن بولۇپ، ھازىر بالىلاردا ناچار پىسخىكىلىق شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئىش ھەركىتىنى ھەددىدىن زىيادە بوغىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مىسال ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن .
شۇ كۈندىكى قىزىمنىڭ كەيپىياتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ئىچىگە يۇشۇرۇپ كەلگەن ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ ، بۇنى قىلساڭ بولمايدۇ ، دىگەندەك ‹‹بوغۇش››لارنىڭ يىغىندىسى دىيىشكە بولاتتى .
ئۇنداقتا ئاتا-ئانا بولغۇچى بالا نىمە دىسە ماقۇل بولىشى كىرەكمۇ ؟ قانداق قىلغاندا ئۇلاردا ساغلام روھىي ھالەت ، ساغلام پىسخىكا شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ ؟
‹‹تالانتلىق بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ سىرى›› دىگەن كىتابنى كۆرىۋېتىپ تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى :
بالىلىق مەزگىل بەدەننىڭ كۈچىيىش مەزگىلى ، پىسخىك يىتىلىش مەزگىلى ، روھنىڭ ئاسان سېلىنىش مەزگىلى ۋە كىشىلىك پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى.ھازىر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتى ئۈچۈن كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنى بىلەن ئۆزىنىمۇ،بالىلارنىمۇ رازى قىلالماي ، ھەل قىلىش قىيىن بىر مەسىلىگە يۇلۇققانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىمىز،چوڭلارنىڭ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭىنى ئويغىتىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
ھەممىمىزگە ئايان ، بالا دىگەن بىر پارچە ئاق قەغەز . ئۇنىڭغا نىمىنى سىزىش ، بۇ ئاق قەغەزدە قانداق ئىزلارنى قالدۇرۇش ئاتا-ئانىغا باغلىق . بالا تۇغۇلۇپ بىز بىلەن ئورتاقلاشقۇدەك بولغۇچە بالا بىلەن چوڭلار ئوتتۇرسىدا پات-پات ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.ئەمما، بۇ ئىشلار قارىماققا بىز ئاتا-ئانىلار بولغىچىلارغا نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ.چۈنكى بىز ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدۇق ، بىز ئۇلار ئۈچۈن زور قۇربانلىق بەردۇق ، شۇڭا بالا دىگەن چۇقۇم ئاتا-ئانىنىڭ دىگىنىنى قىلىشى كىرەك ، دەپ قارايدىكەنمىز . بىز دائىم بالىلارغا كۆيۇنۇشنىلا نەزەرگە ئېلىپ ،ئۇلارنىڭ چارچىغاندا كەيپىياتىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئۆزى خالىغان ھەركەتنى قىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز . ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆڭلى بىلەن ھېسابلاشماي ، ئۇلارنىڭ قىززىققان ئىشىنى ھە دىسىلا چەكلەيدىكەنمىز . يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنداق بېسىملار يىغىلغانسىرى ئۇلاردا ساغلام بولمىغان پىسخىك تۇسالغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا،ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ھەقىقىي ساغلام قىلىپ تەربىلەيدىكەنمىز دەيدىكەنمىز ، بالىلارنى كىچىك چېغىدىن باشلاپ ئۇلارنى كۆزىتىشكە ،ئۇلارنىڭ پىسخىك تۇرمۇشىنى چۈشىنىشكە كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىشىمىز، بالىلارغا ھە دىگەندىلا ئۆز مەيدانىمىزنى،ئىدىيەرىمىزنى مەجبۇرىي تاڭماسلىقىمىز لازىم ئىكەن .
سىز ياش ئاتا-ئانىمۇ ؟ ئۇنداقتا ، سىزمۇ ئويلىنىپ كۆرۈڭ ، پەرزەنتىڭىزنڭ پىسخىكىسى ساغلاممۇ ؟
(تەھرىر : سەپەر)
«پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھى
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاش
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان
- قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى
- بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى
- بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنى
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇ
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى تاماكا ساراڭلىقى
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- بالىلىق ھەققىدە ھىكمەتلەر
- بەزى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگ
- مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھىم
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاشلىت
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى
- بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى
- بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغا
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھە
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بالىنىڭ
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتىدارى ت
- نىشاننى بەلگىلەش ، ئۈلگە تىكلەش.
- مۇھىم بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاش.
- بالىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ
- كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ