ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى

ۋاقىت : 2014-03-03 01:42 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى

ھاياتتا پەرزەنتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئاتا - ئانا بولمىسا كېرەك. شۇڭىمۇ ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى ئوخشاشمىغاچقا، تەربىيە ئىقتىدارىمۇ ئوخشاشمايدۇ. تۇرمۇشىمىزنى كۆزەتسەك، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرىنى ماختاشنى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلى قىلىۋالغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇلار: بالىلارنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشىنى ماختىغاندا، ئۇلار ئۆز ئىشىدىن سۆيۈنۈپ، ھەممە ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىدىغان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم بېرىشى ناتايىن. چۈنكى، ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان، قىزىقىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا - ئانىلارنىڭ سىزىپ بەرگەن چەمبىرىكى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ - دە، ھاياتلىقىدا تەقدىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە مۇستەقىل پىكىر قىلىش، ئىزدىنىش روھىدىن مەھرۇم بولۇپ، قانداقتۇر باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى، يۆلىشىگە تايىنىدىغان، ئۆزىگە قالسا ھېچ ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ.
فىرانسىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىمى ۋە مۇتەپەككۇرى سات تەرجىمىھالى يېزىلغان «خەت – چەكلەر» ناملىق ئەسىرىدە ماختاشنىڭ بالىلار تەربىيەسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بالىلارنى كىچىكىدىن ھەممە ئىشىنى ماختاپ ئۆگىتىپ قويسا، ئۇلار قىلغان ھەربىر ئىشىدا چوڭلارنىڭ ماختىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چوڭلارنىڭ سەنىمىگە ئۇسسۇل ئويناشنى بىلىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشقا، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە تەۋەككۈل قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. يالغاندىن ئەقىللىق، سەمىمىي، بىلىملىك بولۇۋالىدۇ. ئامال بار باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشنى ئويلاپ، مۇستەقىل تەپەككۇرى، ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بويىچە ئىش قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ باشقىلارنىڭ چاۋىكى ۋە ئالقىشىدىن ئايرىلىپ قالسا قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ...» دېگەن.
      بۇنىڭدىن شۇ ئايانكى، بالا تەربىيەسىدە ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ماختاۋېرىش ھاجەتسىز. بالىلارنى ماختاشقا كۆندۈرۈپ قويغاندا تەنقىدكە چىدىمايدىغان، قىزغىن ئالقىش ۋە ماختاشلار بولمىسا، بىرەر ئىشنى مۇستەقىل قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ماختاشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى ماختىشىمىز، تەنقىدلەشكە تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم تەنقىدلىشىمىز لازىم. بۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشىشىغا، تەپەككۇر قىلىشىغا، يېڭىلىق يارىتىشىغا، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەردە ئەستايىدىل بولۇشىغا ئاساس بولالايدۇ. شۇنداق قىلالىساق، بالىلار نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ گۈزەللىك، نېمىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى باشقىلارنىڭ كاللىسى بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ كاللىسى بىلەن پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
     ئەنگلىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ سىتيات مىلنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى سەرگۈزەشتىسىدىن ماختاشنىڭ بالا تەربىيەسىدىكى رولىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنەلەيمىز. سىتيات مىل ئاتىسىنىڭ تەربىيەسىدە ئۈچ يېشىدىن ئېتىبارەن گېرىك تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. 11 يېشىدا لاتىن تىلىنى ئۆگىنىپ، كېيىن لاتىن تىلىدا تەرجىمانلىق قىلالايدىغان بولغان. ئۇ تېخى ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويمايلا ئۆز ئېلىدىكى يازغۇچىلارنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بولغان. 13 يېشىدا سىياسىي، ئىقتىساد پەنلىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. 17 يېشىدا ئۇنىڭ بىلىمى ئالىي مەكتەپ لىكتورلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكەن. ئۇ بىلىم ئېلىش ۋە تەربىيەلىنىش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپلا قالماي، بەلكى باشقا ساھەلەردىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن ھەم پارلامېنت ئەزاسى بولغان. باشقىلار ئۇنىڭدىن: «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدىكى سىر نەدە؟» دەپ سورىغاندا «دادام كىچىكىمدىن قاراشلىرىنى ماڭا بۇيرۇق خاراكتېرىدە تاڭمايتتى، بەلكى ئۇلارنى ماڭا مەسلىھەت خاراكتېرىدە چۈشەندۈرەتتى. دادام مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ھەربىر ئىشىمنى تاماشىبىن سالاھىيىتىدە ماختىماي، بەلكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدە مۇئەييەنلەشتۈرەتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە مېنى ماختىمايتتى ھەم تەنقىدلىمەيتتى. بەلكى ئۆزۈمنىڭ قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش قارىشى بويىچە شەيئىلەرنى چۈشىنىۋېلىشىمغا ياردەم قىلاتتى. دادام ئەزەلدىن ماختىنىش ياكى بىرەر شاھادەتنامە ۋە ياكى تەقدىرنامىلەر ئۈچۈن باشقا بالىلار بىلەن رىقابەتلىشىشىمگە مەجبۇرلىمايتتى، بەلكى باشقىلار قىلىۋاتقان ئىشلارنى قىلىشنى ئەمەس، ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ۋە ئۆزۈم قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشىمغا يېتەكلەيتتى. دادامنىڭ بۇنداق ئىلمىي تەربىيەسى يېتىلىشىمدە تولىمۇ زور رول ئوينىغان» دېگەن.
      كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېرى، تەربىيەلىنىشى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئوخشاشماسلىقى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىمۇ پەرقلىنىدۇ. ئەمما، مەيلى ئالغان تەربىيەڭىز ياكى مەدەنىيەت ساپايىڭىزنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بالىلارنى ماختاشقا ياكى تەنقىدلەشكە توغرا كەلگەندە، فىرانسىيەلىك مەشھۇر ئالىم سات بىلەن ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ سىتيات مىلنىڭ بايانلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى ماختاۋەرگەندە، ئۇلار چوڭلارنىڭ«نۇسخىسى»غا ئايلىنىشقا تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ «نۇسخىسى»نى تاپالمايدۇ. جەمئىيەتكە، كىشىلىك تۇرمۇشقا ۋە دۇنياغا بولغان ئۆزىگە خاس تەسەۋۋۇرى، دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشى شەكىللىنەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا، جەمئىيەتكە ۋە دۇنياغا بولغان قاراشلىرىغا، ئۆگىنىش، خىزمەت نەتىجىسى ۋە باشقا نەتىجىلىرىگە باھا بېرىشتە، ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەمەس، سۆھبەتنى ئاساس قىلىشىمىز؛ بۇيرۇقنى ئەمەس، مەسلىھەتنى ئاساس قىلىشىمىز؛ كۆڭلىنى خۇش قىلىشنى ئەمەس، تەربىيەنى ئاساس قىلىشىمىز لازىم. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزى قىلالايدىغان ۋە ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز لازىم .

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ