مودا قوغلىشىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە تەسىرى
مودا قوغلىشىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە تەسىرى
ئامانگۈل نىياز
يەكشەنبە كۈنى كىتابخانىغا كىرىپ ئۆزۈم ياقتۇرغان بىرقانچە كىتاب سېتىۋالغاندىن كېيىن، دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىردىم.
− مودا بولۇۋاتقان نوركا پەلتۇدىن بىرنى كىيىپ قويمامسەن، كىيمىگەنلەر ئاز قالدى جۇمۇ؟
− قانچىدىن سېتىۋاتىسەن؟
− ئوخشىمايدۇ، يۇقىرىسى 40 مىڭ يۈەندىن، تۆۋىنى 7000 يۈەندىن. ساڭا ئەرزانراق بېرەي، پۇلۇڭ يېتىشمىسە، بۆلۈپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ.
− بولدى، ھازىرچە ئالماي تۇراي، نېسى سېتىۋالىدىغانلارمۇ بارمۇ؟
− بار، كۆپىنچىلىرى خىزمەتچىلەر، ئۇلار قىممەت كىيىملەرنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن سېتىۋالىدۇ.
ئويلاپ قالدىم، مائاش كارتىسى، ئۆي خېتى قاتارلىقلارنى رەنىگە قويۇپ بانكىدىن قەرز ئېلىپ، ئۆي ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغان ئىشلار بار ئىدى، مانا ئەمدى مودا كىيىملەرگىچە يۈزلىنىپتىمىز، تەرەققىيات بەك تېز بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟
ئەتىسى سەھەردە ئىشقا كەلسەم يەسلىدىكى ئالتە ياشلىق ئىككى قىز چېچىنى قىزغۇچ ۋە سېرىق بويىۋاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ دەرھال ئۇلارنىڭ ئاپىسىنى چاقىرتتىم، رەڭدار بۈدۈر چاچلىرىدىن قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ياش ئانا ئوڭايسىزلاندىمۇ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
− كېيىنكى شەنبە كۈنى ئىنىمنىڭ تويى بولماقچى ئىدى، شۇڭا ...
ئۇنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چاچ بوياق تەركىبىدە خىمىيەلىك تەركىبلەرنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئۇنىڭ بالىلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتىم.
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزۈمگە بىر دوپپا ئالغاچ، قىزىمغىمۇ بىرنى ئالماقچى بولدۇم، ئەپسۇس قىزىم دوپپا كىيسە سەھرالىققا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى، كىيمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەتئىي رەت قىلدى.
مانا بۇ جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ تۈرلۈك مودا ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ غايىۋى كىملىكىنى نامايان قىلىش يولىدا ھېرىپ – چارچاشقا قارىماي تارقىتىۋاتقان كۆرۈنمەس ۋىرۇسلار. مودا ئادەتتە ياش، جىنس، كەسىپ، كىرىم، بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە قىزىقىش قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىشلىق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قارىغۇلارچە چوقۇنۇشىدىن قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان بىر خىل ئېقىم. ئىستېمالنىڭ رەڭدار نۇرلىرى كۆزلىرىمىزنى تورلاشتۇرۇپ، سەزگۈلىرىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇۋاتامدۇ قانداق، تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنمەس يىپلىرىغا باغلىنىپ، مېدىيا ۋاسىتىلىرىنىڭ تالان – تاراج ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىز. ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز، ئېھتىياجىمىز ۋە باشقىلارغا تەسىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، ھېلى ئاپتوموبىل بازارلىرىنى قىزىتىۋەتسەك، ھېلى تېلېفون، كىيىم – كېچەك بازارلىرىنى قىزىتىپ يۈرۈۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىمى بۇنداق پائالىيەتلىرىمىز ئۆزىمىز بىلەن كەتمەي، پەرزەنتلىرىمىزگە ئويلىمىغان سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىش بىلەن بىللە، كۈندىن – كۈنگە يىراقتا قېلىۋاتقان مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزۇۋاتىدۇ. بىر مەزگىل كورېيە قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ئاندىن بەس – بەستە تۈركىيە ماللىرىغا چوقۇنۇپ كەتتۇق، مانا ئەمدى ياۋروپالىشىش سۈرئىتىمىزنىڭ تېزلىكىدىن چەت ئەللىكلەر ھەيران قېلىۋاتىدۇ. ھەركىم ئۆز قىزىقىشى ۋە ئادىتى بويىچە ئىستېمال قىلىۋاتسىمۇ، بىراق ئارىمىزدا قارىغۇلارچە ئىستېمال قىلىش ھادىسىلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بىز باشقا ئەللەر ئىشلەپچىقارغان ماللارغا چوقۇنغان بولغاچقا، پەرزەنتلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ كارخانىچىلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا تازا ئىشەنمەيدۇ. رېستوران قىزغىنلىقىمىز سەۋەبىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنلىرىمىزمۇ ئاددىي يىغىلىش ياكى تۇغۇلغان كۈنلىرىنى رېستوراندا ياكى دىسكوخانىلاردا ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدى. زاماننىڭ كەينىدە قالماسلىق ۋە گۈزەللىكىمىزنى تولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئوچۇق كۆينەك، تار، قىسقا يوپكىلارنى كىيىپتۇق. مىللىتىمىز ئۇدۇمىدا ئەزەلدىن ئاددىي – ساددا كىيىنىش ۋە پاكىزلىق ئادىتى ساقلىنىپ كەلگەن. بەزىدە ئۆزىمىزدە قىلچە مەسئۇلىيەت يوقتەك، ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك ناچار خاھىشلارنى تەپ تارتمايلا تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا دۆڭگەپ قويۇۋاتىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەپ قويۇپلا، خاتالىقلارغا يول قويۇۋاتىمىز. كېيىنكى كۈنلەردە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپ بولماسلىقى، مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ تېخىمۇ سۇسلاپ، ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئەنسىرەيمىز – يۇ، مىللەت، جەمئىيەت ۋە كېيىنكىلەر ئالدىدىكى كۈچلۈك مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي تونۇپ يەتمەيۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇپ، پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيەلەپ، مېھىرسىرىغان قەلبلەرگە ساخاۋەت نۇرلىرىنى چېچىۋاتقانلارمۇ كۆپ. مېنىڭچە، ئاتا – ئانا بولغانلار ئەمەلىي ئۆزلۈك ئېتىقادى ۋە ئائىلە ئەخلاقى تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، سەلبىي تەسىرلەرنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى تولىمۇ زۆرۈر.
(تەھرىر : admin)
«مودا قوغلىشىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە تەسىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ھىكايە سۆزلەپ بالىلارنىڭ بىلىمىنى كېڭەيتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
- ھىكايە سۆزلەپ بالىلارنىڭ بىلىمىنى كېڭە
- مودا قوغلىشىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە تەس
- بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە تەسىر قى
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئو
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر
- بالا تەربىيسىدە مۇنۇ ئىشلارمۇ سەمڭىزدە
- ئەقىل بۆلۈنمىسى 160 بولغان ئاجايىپ ئەقىل
- تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بو
- ئورۇنسىز جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق
- بوۋاقلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسىنى قانداق ي
- بوۋاق ئانا سۈتىدىن زېرىكسە قانداق قىلىش
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بال
- بالىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىن
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابى
- ھىكايە سۆزلەپ بالىلارنىڭ بىلىمىنى كېڭەيتىشت
- مودا قوغلىشىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە تەسىرى
- بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىدىغ
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھە
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالا تەربىيسىدە مۇنۇ ئىشلارمۇ سەمڭىزدە بولسۇ
- ئەقىل بۆلۈنمىسى 160 بولغان ئاجايىپ ئەقىللىق با
- تەشۋىشلىنىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىغ
- ئورۇنسىز جىدەل قىلغان بالىلارغا قانداق مۇئام
- بوۋاقلارنىڭ كېچىلىك ئۇيقۇسىنى قانداق ياخشىل
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن
- ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەس
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- مۇھىم بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاش.
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بالىنىڭ
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ
- گۈزەل ئەخلاق
- 15 ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ ئەقىلىي قابىلىيتى
- نىشاننى بەلگىلەش ، ئۈلگە تىكلەش.
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتىدارى ت
- بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھېكايە ئېيتىپ بېرى