ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى پىسخىكىسى ھاياتلىق تەربىيەسىنى

ۋاقىت : 2013-09-04 10:19 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى پىسخىكىسى ھاياتلىق تەربىيەسىنىڭ سىگىنالىنى چالدى

ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى پىسخىكىسى ھاياتلىق تەربىيەسىنىڭ سىگىنالىنى چالدى

ئوت-چۆپلەر ئۆسۈپ، قۇشلار ئۇچۇۋاتقان پەسىلدە، بىر نەچچە ياش ھاياتنىڭ نابۇت بولغانلىقى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭۋەن دېگەن يېرىدىكى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇزۇن چېچىنى كەستۈرىۋېتىشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ بەشىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن سەكرەپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئېغىر ۋەقەلەر ياش–ئۆسمۈرلەر توپى ئىچىدە بىرلا ئەمەس. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قارىشىچە ئەرزىمەيدىغان بەزى مەسىلىلەر ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىكىسىدا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان بوسۇغىغا ئايلىنىپ قالغان.

ئاتا-ئانىلار بىزگە پەقەت بىر قېتىملا ھاياتلىق بېرىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشمۇ ھەرخىل ئىسسىق-سوغۇقلارنى ھەتتا ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىلا ئاندىن مۇكەممەللىشىدۇ.بۇ دۇنياغا كېلىپ ئومۇمەن جاپا-مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلارنى باشتىن كەچۈرىمىز. لېكىن، بۇ ياش بالىلار نېمە ئۈچۈن بۇ داۋلىنى چۈشىنەلمەيدىغاندۇ ؟! ياكى بىزنىڭ تەربىيەمىزدە مەسىلە كۆرۈلدىمۇ؟ جەمئىيىتىمىز، ئائىلىمىز ۋە مەكتەپلىرىمىزدە قانداقتۇ بىرەر نەرسە چۈشۈپ قالدىمۇ؟

ھاياتلىق ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، نەتىجە، چاچ، باشقىلارنىڭ ماختىشى ياكى سوغۇق مۇئامىلە قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ. يېڭى ياش ئەۋلادلار نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈۋالىدۇ ؟! بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارغا قارىتا ھاياتلىق تەربىيەسى بېرىشىمىز تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ تېخى بەك ئاجىزلىقى ۋە مۈشكۈل شارائىت ئالدىدا ئۇلارنىڭ تاقابىل تۇرۇشقا كۈچى يەتمىگەنلىكىدە.ئالىملار مۇنداق قارايدۇ، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا ھاياتلىق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى خېلىلا يېتەرلىك ئەمەس، بالىلارغا ھاياتلىقىنى ئاسراش، ئۆزىنى قوغداش تەربىيەسى بېرىش يەنىلا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بىز بۇ دەرسنى تولۇقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەندىن تاشقىرى، تېخىمۇ مۇھىمى جىسمانىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. كۈچلۈك روھ بارلىق نەتىجە ۋە مەدھىيلەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ.

جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزى «جۇڭگو، ياپونىيە،كورىيە، ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقات دوكلاتى» نى يېڭىلا ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇڭگودىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئېڭى ۋە ئەڭ ئەمەلىي ئىشلەشتەك كىشىلىك قارىشىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %80.7 ى ‹‹ئەگەر دۆلەت كىرىزىسقا ئۇچرىسا، دۆلەت ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى خالايدىغانلىقى›› نى بىلدۈرگەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ جۇڭگو مائارىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز پائال يۇقىر ئۆرلەيدىغان بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ۋە ھەرقانداق ئىشنى ئۈستىگە ئېلىش روھىغا ئىگە، بۇ ياخشى ئىش. لېكىن كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن ئېغىر تىراگېدىيەلەر بىزگە ياش–ئۆسمۈرلەر پەقەت گۈزەل غايە ۋە ئارزۇغىلا ئىگە بولۇپ، ئىرادىسى ناھايىتى ئاجىز بولسا، قىيىنچىلىق ئالدىدا ئىلاجىسىز قالىدىغانلىقىنى، ھەتتا، قول قوشتۇرۇپ قاراپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە كۆرسەتتى، مۇشۇنداق تۇرسا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ ؟

قەدىمكى كىشىلەر: جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، دېگەن. ئوڭۇشسىز شارائىتتا چېنىقىش كەم بولسا، ئاجىزلىق خۇددىي كۆلەڭگىدەك ئەگىشىۋالىدۇ. بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئۇ ياشلارنى ئەيىبلەش ھوقۇقىمىز يوق، لېكىن بىزنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىپ، شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تىراگېدىيەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى توسۇش ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

جەمئىيەت ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك داغلاملىق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىلتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى، يەنى ئۇلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققى تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارنى ئۆستۈرىشى كېرەك. مەكتەپلەر شۇنىڭغا ئوخشاش دەرسلەرنى تەسسىس قىلىپ، بالىلارغا بولغان پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ھەر ئىشنى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىش بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئەتراپلىق ئۆسۈپ-يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم. مەكتەپلەر ۋە ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرىشى كېرەك. ھەر بىر بالىنىڭ ئۆز ئىندىۋىدۇئاللىقى بولىدۇ، مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، بىز ئۇلارغا ئۆ-ئۆزىنى كۈچەيتىش تەربىيەسى بېرىشىمىز لازىم. بالىلارنىڭ توغرا كىشىلىك قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى، ھاياتلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك. ھاياتلىق تەربىيەسى چەت ئەللەردە بىر قەدەر بالدۇر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ھاياتلىق تەربىيەسىنى تۇرمۇش ئىچىگە سىڭدۈرگەن.

ياش-ئۆسمۈرلەرگە ھەرقانداق گۈزەل ياكى ئالىيجاناپ غايىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىز ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى، ھاياتلىق بولمىسا، ھەممىسى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك. بىز باشتىن كەچۈرگەن شەرەپ-نومۇس ، جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسى ھاياتلىقنىڭ كىچىككىنە بىر ئىزاھاتىدىنلا ئىبارەت، بارلىق جاپا-مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يەڭگىلى بولىدۇ، ئۆزىگە، ھاياتلىقنىڭ چىداملىقلىقىغا ئىشىنىش، ئۆز ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش لازىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زۆرۈر ئوقۇيدىغان دەرىسى بولۇشى كېرەك. بىز ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش تىراگېدىيەلىرىنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى، جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇلارغا ھەقىقىي كۆيىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ كۆيىنىش پىرىنسىپسىز ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىش ياكى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش، قىينچىلىققا ئۇچرىغان چاغدا، ئۇلارنى قەيسەرلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ