ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بەزى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ

ۋاقىت : 2014-01-30 03:21 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بەزى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا بېرىۋېتىدۇ

بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى دائىم باشقىلارغا بېرىۋېتىشىدىن تەئەججۈپلىنىشى مۇمكىن.

ھەقىقەتەنمۇ بەزى بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا يىغلاپ-قاقشاپ يۈرۈپ ئالغۇزغان نەرسىلىرىنى بىر نەچچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەيلا دوستلىرىغا بېرىۋېتىدۇ. ئاتا-ئانىسى سوراپ قالسا يوقىتىپ قويدۇم دەپ يالغان ئېيتىشتىنمۇ يانمايدۇ. يەنە بەزى بالىلار تېخى كۈندە دېگۈدەك ئاتا-ئانىسىدىن پۇل ئېلىپ دوستلىرىغا خەجلەپ بېرىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بۇنچىلىك ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بالىلار دوستلىرى بىلەن ھەقىقىي دوستلۇق ئورنىتىدۇ، بىر–بىرىدىن ھېچنەرسىسىنى ئايىمايدۇ، ھەتتا ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنىمۇ دوستلىرىغا بېرىۋېتىشتىن يانمايدۇ.

ئەمما بىر قىسىم بالىلاردا بۇخىل ئەھۋال ئۆز ماھىيىتىدىن چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار قەستەن باشقىلارغا بىرىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىغا نەرسە ئالدۇرىدۇ. بەزىدە تېخى ئۆيىدىكى مۇھىم نەرسىلەرنىمۇ ئاتا-ئانىسىدىن سورىماي دوستلىرىغا بېرىۋېتىدۇ (بەزى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار بالىلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ). بۇ خىل بالىلارنىڭ ئومۇمىي ھالىتىنى تەھلىل قىلساق، ئۇلار ئاساسەن كوللېكتىپ ئىچىدە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان، ئۆگىنىشكە قىزىقمايدىغان، يۈرەكسىز، باشقىلار قىلغان ئىشلارنى دەماللىققا قىلىپ كېتەلمەيدىغان، ئىچ مىجەز بالىلاردۇر. بۇ ئالاھىدىلىكلەر شۇ بالىنى يالغۇز قىلىشقا قىستايدۇ، ئادەتتىمۇ بالىلار يالغۇز قىلىشتىن قورقىدىغان بولغاچقا، ئەتراپىدا ئادەم كۆپ تۇرۇپمۇ يالغۇزسىراش، چەتكە قېقىلىش ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىينايدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا بالىلار ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشقا، يالغۇز قالماسلىققا ئۇرۇنىدۇ، يەنى كۈندە يېڭى ئويۇنچۇق، ياخشى يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىپ ئۇلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئېرىشىپ ئۆزى بىلەن ئويناشقا قىزىقتۇرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ئەلۋەتتە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. بىللە بىر نەرسە يېيىش، ئويۇنچۇقلارنى بىرگە ئويناش جەريانىدا ئۇنىڭ يېنىدا ئۆزى بىلەن بىرگە ئوينايدىغان، گېپىنى قىلىدىغان دوستى بولىدۇ، يالغۇز قالمايدۇ. شۇڭا بۇنداق بالىلار خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىنى باشقىلاردىن كېلىدىغان خۇشاللىققا تېگىشىدۇ، ئاتا-ئانىسىغا زورلۇق قىلىپ نەرسە ئالدۇرىدۇ، پۇل سورايدۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسا، مەكتەپكە بارمايدىغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، ئاتا–ئانىسىغا تەھدىت سالىدۇ. بۇنداق شارائىتتا ئاتا–ئانىلارمۇ ئىلاجسىز پەرزەنتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ.

 
   مېنىڭچە ئاشۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ياكى بالىلار باغچىسىدا يالغۇز قېلىپ، باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. بالىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى مىجەز-خاراكتېرى، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئوقۇشقا قىزىقماسلىقى تەبىئىي ھالدا ئۇنى ساۋاقداشلىرىنىڭ، دوستلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بالىدا يالغۇز قېلىش، چەتكە قېقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي سەۋەب.
 
   ئائىلە تەربىيىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، بالا ياشاۋاتقان ئائىلە مۇھىتى ئۇلارنى شۇنداق قىلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. يەنى بەزى بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە، مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىسە ئىدىيىسىدە ھەممىلا ئادەم مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مەن بىلەن ئويناشنى، بىرگە يۈرۈشنى خالىمايدۇ، دېگەن ئاڭ شەكىللىنىپ قېلىپ باشقا بالىلارنىڭ ئويۇنىغا دادىللىق بىلەن ئارلىشىپ كىرەلمەيدۇ، باشقىلار بىلەن ماسلىشىپ ئوينىيالماي، كۈلكىگە قېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ-دە، ئويۇن تۈگىگىچە ئاساسەن بىر چەتتە قاراپ تۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى بالىلىقىغا قاندۇرۇپ چوڭ قىلماي ئەكسىچە: ‹‹كىيىم-كېچەكلىرىڭنى مەينەت قىلما، بىر يەرلىرىڭنى يارا قىلىۋالما›› دەپ ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشلىرى تۈپەيلىدىن بالىلاردا يۇقىرىقىدەك باشقىلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
 
   ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى باشقىلارغا بېرىش ئارقىلىق ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىش خاھىشى بالىلاردىلا ئەمەس، چوڭلاردىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنى بالىلىق مەزگىلىدىن تارتىپ توغرا يېتەكلەپ، ئادەملەر ئارىسىدىكى مېھرى- مۇھەببەتنى توغرا ھېس قىلدۇرۇپ بالىلارنىڭ روھىي ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا چوڭ بولغاندىمۇ يەنىلا يۇقىرىقى تاكتىكىسىنى مەلۇم شەكىلدە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەنە شۇ يولغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن.
 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(4)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ