بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
قۇربان ئابلىمىت
تۆت ياشلىق ئوغلۇم داۋاملىق سول قولىدا تاماق يەيدىغان،سول قولىدا رەسىم سىزىدىغان،دېمەك، ھەممە ئىىشتا سول قولىنى ئىشلىتىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرىۋالدى. ئايالىم بولسا تىرىكىپ «قوشۇقنى ئوڭ قولۇڭغا ئال، بالام ئوڭ قولۇڭدا سىزساڭ بولمامدۇ؟...» دەپ ئوغلۇمنىڭ سول قولىدىن قوشۇق، چوكىنى، قېرىنداشنى ئوڭ قولىغا ئېلىپ قويسىمۇ، بىردەمدىن كىيىن، يەنە سول قولىغا ئېلىۋالاتتى. ماڭا گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ؟دېگەن مەنىدە قاراپ قوياتتى. بۇنداق چاغدا مەن ئايالىمغا «جېنىڭنى قىينىما» دەپ قوياتتىم. بىر كۈنى يەنە تاماق ۋاقتىدا ئايالىم ھەددىدىن ئېشىپ «بالام، تاماقنى ئوڭ قولىدا يىمىسە يامان بولىدۇ،ئېشىنى شەيتان ئىچىۋالىدۇ...» دېگەندەك گەپلەر بىلەن تەربىيە بىرىشنى باشلىۋەتتى. مەن ئەمدى گەپ قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئايالىمنى بىر يانغا تارتىپ؛ « بالىنىڭ ئەركىنلىگىنى بوغمىغىن، بۇنداق قىلىش بالىنىڭ ئەركىنلىگىنى، تۇغما قابىليىتىنى بوغۇپ قويغانلىق، بالىلارنى بۇنداق تەنبىھ بىرىپ باشقۇرۇپ تەربىيەلەش، بالىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى بىلەن مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش بولسا ئىجادچانلىق ۋە ئۆزگىچە خاراكتېرنى يارىتىدۇ. مۇستەقىل، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ ياشايدىغان ياشاش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دىدىم. ئايالىم غودۇڭشۇپ ئۆزىنىڭ ئىشى بلەن بەنت بولدى. بۇ يىل 9-ئايدا ئوغلۇمنى يەسلىگە بەردىم . بالام يەسلىگە ئوبدانلا كۈنۈپ قالدى. بىر كۈنى بالامنى ئالغىلى بارسام، بالامنىڭ يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى ماڭا؛ « بالىلىرى رەسىم سىزىشقا بەك ئامراق ئىكەن، يەسلىدىكى ئويۇنچۇق توشقاننى ئاجايىپ ئوخشىتىپ سىزىپتۇ » دېدى. كەچتە بالام بىلەن مۇڭدىشىپ بۇ ئەھۋالنى سۇرىسام، ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، سومكىسىدىن سىزغان رەسىمنى ئېلىپ ماڭا كۆرسەتتى. مەن ھەيران بولۇپ، ئايالىمنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم. ئۇ رەسىمنى كۈرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدى...
بىر كۈنى كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ، تاماق سىڭدۈرگەچ بالىلىرىمنى ئېلىپ بەشىنجى قەۋەتتىكى ئۆيۈمدىن پەسكە چۈشتۈم. قىزىم پەسكە چۈشۇپلا ساۋاقداشلىرى، مەكتەپداشلىرى بىلەن ئويۇنغا كىرىشىپ كەتتى. قورۇدىكى ۋاستىكىبۇل مەيدانىدا ياش قۇرامى خېلىلا پەرقلىنىغان بەش-ئالتىچە ئوغۇل بالا كىچىك ۋالىبۇل توپنى ۋاستىكىبۇل ئورنىدا ئويناۋاتاتتى. توپنى كىم تۇتۇۋالسا شۇ بالا توپنى گارغا ئاتاتتى.ئوغلۇم بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، « توپنى ئېلىپ بەر» دەپ مېنى خاپا قىلىشقا باشلىدى.مەن قوشنامنىڭ ئوغلىغا، توپ ئەگەر قولۇڭغا كەلسە توپنى ئوغلۇمغا بەرگىن دېدىم. توپ كەلگەندىن كىيىن، قوشنامنىڭ بالىسى توپنى ئوغلۇمغا بەردى. ئوغلۇم توپنى ئېلىپ بىر قانچىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆرلىتىپ، يەنە توپنى قوشنامنىڭ بالىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. قوشنامنىڭ ئوغلى توپنى گارغا ئاتتى، توپ چۈشتى. شۇنىڭدىن كىيىن بالىلار توپنى بىر-بىرىگە پاس بىرىپ ئوينايدىغان ھالەتكە ئۆتتى. ئوغلۇم گەرچە توپنى ئاران تۇتۇپ يەرگە ئۇرغۇدەك بولسىمۇ، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلغاندەك توپنى ئەكىلىپ ئوغلۇمغا بەردى. ئوغلۇم يەنە توپنى يەرگە بىر قانچىنى ئۇرۇپ ئۆرلىتىپ قايتۇرۇپ بەردى. دېمەك، ئوغلۇم توپ ئويناۋاتقان بالىلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى...
بالىلار تەربىيەسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىچە؛ بالىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ھەددىدىن ئارتۇق چەكلەش ۋە تىزگىنلش،بالىلارنى ئويۇنلاردىن توسۇش، بالىلاردىن ئىتائەتمەنلىكنى تەلەپ قىلىش، بالىلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مېنىڭچىمۇ، ئىتىزام تەرتىپىنى ھەددىدىن ئاتۇق تەكىتلەش ۋە ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، بالىلارنىڭ ئىجادچانلىغىنى نابۇد قىلىدۇ. بۇنداق چاغدا بالىلارنىڭ خاسلىقى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، خاسلىق جەھەتتىن ساغلام تەرەقىياتقا ئېرىشەلمەي، ئالغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلمايدىغان، باشقىلار قىلمىغان ئىشلارنى قىلماي، پەقەت باشقىلار قىلغان ئىشلارنىلا قىلىدىغان، جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان، ئىرادىسىز بۇلۇپ قالىدۇ.
بالىلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشنى تەلەپ قىلىش- ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى. شۇنداق بۇلغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى،مېھرى-مۇھەببەت بىرىش بىلەن باشقۇرۇشنى ئىلمىي بىرلەشتۈرىشى، ئىھتىيات سىزىقىنى بەكلا ئۇزارتىۋەتمەسلىگى، بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزىگە قىلدۇرۇش،قىلغان ئىشلىرىغا سەۋرىچانلىق بىلەن يىتەكچىلىك قىلىش لازىم. تەبىئەت دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ھالەتلەرگە قارىتا سورىغان سۇئالىرىغا ئىنچىكىلىك بىلەن جاۋاپ بىرىشى،قىزىقىشىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنىش روھىنى يىتىلدۈرگەندە، ئاندىن بالىلارنىڭ ئىنكاسى تېز، مەسلىلەرنى ئەتراپلىق ھەل قىلالايدىغان، تۇرمۇشقا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئىجادىي قابىلىيىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، جەمىئىيەتكە مەسئۇل بولۇش روھى يىتىلگەن، تۇرمۇشقا خۇجا بۇلىدىغان بالىلارنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەڭ
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنى
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇ
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى تاماكا ساراڭلىقى
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- بالىلىق ھەققىدە ھىكمەتلەر
- بەزى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگ
- ھەربىربالا-بىر ۋەتەن
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە
- ھىكايە سۆزلەپ بالىلارنىڭ بىلىمىنى كېڭە
- مودا قوغلىشىش ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلەرگە تەس
- بالىلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىگە تەسىر قى
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئو
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر
- بالا تەربىيسىدە مۇنۇ ئىشلارمۇ سەمڭىزدە
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
يۇلقۇن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-03-26 12:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-14 21:04
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغا
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇن
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلىق يېت
- ئوقۇغۇچىلاردىكى تاماكا ساراڭلىقى
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- بالىلىق ھەققىدە ھىكمەتلەر
- بەزى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەر
- ھەربىربالا-بىر ۋەتەن
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- بالىلىرىمىز كائىناتقا قىزىقسۇن
- ئىستۇدېنتلىق ھاياتى ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەس
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بالىنىڭ
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھە
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- مۇھىم بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاش.
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتىدارى ت
- بالىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ
- نىشاننى بەلگىلەش ، ئۈلگە تىكلەش.
- كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ