ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇن

ۋاقىت : 2014-03-25 16:57 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇن


نۆۋەتتە، بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتلەردە نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي، بالىلاردا ئېغىر روھىي كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا، بالىلارغا زىيانلىق بۇنداق ئائىلە مۇھىتى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ:
1. خوشاللىق ئىزدىمەيدىغان، قاتتىق باشقۇرۇش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىدە خوشاللىق كەيپىياتى ئاز، بالىلارغا بولغان چەكلىمىلەر كۆپ. بۇنداق ئائىلىلەردە تەربىيەلەنگەن بالىلاردا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىش روھى كەمچىل بولىدۇ.
2. دائىم تەنقىدلەش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىدە دائىم ئائىلە ئەزالىرى بىر-بىرىنى تەنقىدلەيدۇ ۋە ئورۇنسىز بىر-بىرىنى ئەيىبلەيدۇ. بۇنداق ئائىلە بالىلارنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
3. بىزارلىق تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئۇرۇش-تالاش قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرگە تۇرۇشى پەقەت «بالىغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن» لا. بالىنىڭ جىمغۇر، چۈشكۈن، نورمالسىز يېتىلىپ قېلىشىغا مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتى سەۋەب بولىدۇ.
4. شەخسىيەتچىلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىلدىكى ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇبۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا، بولۇپمۇ بالىلاردا ھېسداشلىق، ۋاپادارلىق كەمچىل بولىدۇ.
5. دائىم خاپىغانلىق، چېچىلغاقلىق ھۆكۈم سۈرۈش تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى: بۇ خىل ئائىلىلەردە ئائىلە ئەزالىرى دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ، ئالغا ئىنتىلمەيدۇ، مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەن بولىدۇ، بۇ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
6. زىيادە ئەنسىزلىك ئەندىزلىك تىپىدىكى ئائىلە مۇھىتى. بۇ ىىل ئائىلىدە چوڭلار بالىلاردىن ئەنسىرەپ، ھەممىگە چات كېرىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا مۇستەقىللىق ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى يوقىلىپ، ھەمىشە روھىي بېسىم ئىچىدە ۋە چۈشكۈن ھالەتتە يۈرىدۇ.
بالىلاردا ساغلام پىسخىك ھالەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك بىر نەچچە خىل ئائىلە مۇھىتى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ