پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
ياسىن مەتنىياز
پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىش ئادەتكە ئايلاندى. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلغاندا بولسۇن ۋە ياكى مەكتەپلەردىكى بىرەر مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەندە بولسۇن، ئاتا – ئانىلار ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق ئۇلارنى تەقدىرلەيدۇ. ئىشقىلىپ چوڭلار بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەر ئاماللارنى ئويلاپ باقىدۇ.
پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش ئەلۋەتتە زۆرۈر، بىراق ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلى توغرا بولۇشى كېرەك. پىسخولوگ دېكىس مۇنداق بىر مەسەلنى سۆزلىگەن: ‹‹بىر توپ بالا بىر بوۋاينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئويناپ، مەھەللىنى بېشىغا كېيىپتۇ، تاقىتى تاق بولغان بوۋاي ئاخىرى ئۆيىدىن چىقىپ بالىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۈچ دوللاردىن بېرىپ: <سىلەرنىڭ خۇشال – خۇرام چۇرقىرىشىپ يۈرگىنىڭلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم ! بۇ مېنىڭ كىچىككىنە كۆڭلۈم> دەپتۇ. بالىلار خۇشال ھالدا قايتىشىپتۇ، ئەتىسىدىن باشلاپ بالىلار يەنە كېلىپ چۇرقىرىشىپ ئويناپتۇ. بوۋاي يەنە ئۆيىدىن چىقىپ ھەر بىرىگە ئىككى دوللاردىن بېرىپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋېرىپتۇ، بۇ قېتىم بوۋاي ھەر بىرىگە بىر دوللاردىن بېرىپتۇ، بالىلار نارازى بولۇپ: <ئاران بىر دوللارما؟ سىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپا تارتىدىغىنىمىزنى بىلەمسىز؟> دەپلا پېشىنى قېقىپ ماڭماقچى بوپتۇ ۋە بوۋايغا ئەمدى ھەرگىز بۇ يەردە ئوينىماسلىققا ۋەدە بېرىپتۇ ››.
بۇ مەسەلدىكى بوۋاينىڭ تاپقان چارىسى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ‹‹ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئويناش››تىن ئىبارەت ئىچكى مۇددىئاسىنى ‹‹پۇل ئۈچۈن ئويناش››تىن ئىبارەت تاشقى مۇددىئاغا ئۆزگەرتكەن. دېمەك، ماددىي مۇكاپات پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشتىكى تاشقى ئامىل بولغان.
ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلىشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرسىمۇ، بىراق، داۋاملىق بۇنداق بولۇۋەرگەندە ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى سۇسلاپلا قالماي، بەلكى ئۇلاردا بىر تال كەمپۈت، بىرەر قۇر يېڭى كىيىم ۋە ياكى بىرنەچچە يۈەن ئۈچۈنلا ئۆگىنىدىغان ناچار ئادەت شەكىللىنىدۇ.
پەرزەنتلەرنى مۇكاپاتلاشنىڭ رولى ھەقىقەتەن چوڭ. ئۇلار ئۆگىنىشتە ئىلگىرىلىگەن ۋاقىتتا ياكى سىناقلاردا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن چاغلاردا مۇكاپاتلاپ تۇرساق، ئۇلارغا ئىلھام بولۇپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاشنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايدىغان بولدى. لېكىن شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش لازىمكى، ھەر قانچە ئېسىل نەرسە بىلەن مۇكاپاتلىغان تەقدىرىمۇ ئاتا – ئانىلىق مېھرى بىلەن مۇكاپاتلاشقا يەتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارغا بەرگەن نەرسىمىز ھەرگىزمۇ ئۇلارنى قوزغىتىدىغان يەمچۈك ئەمەس، پەرزەنتلىرىمىز بۇنداق يەمچۈكلەرگە كۆنۈپ قالىدىغان بېلىق بولۇپ قالسا بولمايدۇ.
بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە – تۈزۈمى بولىدۇ، بالىلارنى مۇكاپاتلاشمۇ بىر ئائىلىنىڭ يوسۇنىغا ئايلانغاندا، رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بالىلار بىلەن مۇڭدىشىدىغان، ياخشى سۆز – ھەرىكەت بىلەن ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، مۇكاپاتلايدىغان مۇقىم ۋاقىتنى بېكىتىۋالغاندا، ئاندىن ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، مېھىر – مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
ماددىي مۇكاپاتتىن مەنىۋى جەھەتتىكى ئىلھاملاندۇرۇش مۇھىم دەپ قارايدىغانلارنىڭ نەزەرىدە، مېھىر – مۇھەببەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ. بىر ئادەمگە نىسبەتەن ماددىي مەئىشەتكە ئىنتىلىشتىن باشقا يەنە، سۆيۈش سۆيۈلۈش، ھۆرمەتلىنىش، چۈشىنىش، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىشتىن ئىبارەت مەنىۋى تەشنالىقلارمۇ بار. شۇڭا، پەرزەنتىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئاماللارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتقاندىلا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۈچەيتىپ، ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشىغا ئاساس سالغان بولىمىز.
ماددىي ياكى مەنىۋى ئىلھاملاندۇرۇشلار بىر خىل شەكىل خالاس! لېكىن، پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار ماددىي مۇكاپاتقا زورۇقۇپ كېتىپ، بالىلارنى تەمەخور قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ماددىي مۇكاپات بېرىش ئاتا – ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن يۈككە ئايلىنىدۇ ھەم بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، پەرزەنتلىرىمىزگە قاراپ ئىللىق بىر كۈلۈمسىرەشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى سوۋغىدۇر. مەيلى بىز ئۇلارنى ماختىغاندا بولسۇن ۋە ياكى مەدەت بەرگەندە بولسۇن چېھرىمىزدىن ئىللىق تەبەسسۇم كەتمىسە، ئۇلارنى تېخىمۇ قوزغىتالايمىز.
پەرزەنتىمىزنى تەربىيەلەشكە نىسبەتەن مۇكاپاتلاش مەقسەت ئەمەس. مەقسەت ئۇلارنى تېخىمۇ ئەركىن، تېخىمۇ چەكسىز قەلبكە ئىگە قىلىپ، خۇشال – خۇرام ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈش. ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشلىرىمىز گويا پارلاپ تۇرغان قۇياشتەك يوللىرىغا نۇر، قەلبىگە ھارارەت بېغىشلىيالىغاندىلا، بالىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاش
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان
- قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى
- بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى
- بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنى
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇ
- بالىلارنى بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ئارقىلى
- ئوقۇغۇچىلاردىكى تاماكا ساراڭلىقى
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- بالىلىق ھەققىدە ھىكمەتلەر
- بەزى بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگ
- ھەربىربالا-بىر ۋەتەن
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاشلىت
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى
- بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى
- بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنىدىغا
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇن
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ‹‹لاي قونچاق ›› تا ئىپادىلەنگەن بالىلار تە
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھە
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بالىنىڭ
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتىدارى ت
- نىشاننى بەلگىلەش ، ئۈلگە تىكلەش.
- مۇھىم بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاش.
- بالىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ
- كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ