ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم نۇقتىلار

ۋاقىت : 2014-06-14 13:35 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم نۇقتىلار

بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم نۇقتىلار

بالىلارنى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتى. ئائىلە تەربىيىسىدە بالىلارغا يامان تەسىر بېرىدىغان ناچار ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسى جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە نۇقتىلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.
  بىرىنچى، بالىڭىزنى ھەرگىز كەمسىتمەڭ. «ئەجەپ دۆت ئىكەنسىنا »، «ياغاچ قۇلاقمۇ سەن» دېگەندەك ئاغزىمىزدىن مۇنداقلا چىقىپ كەتكەن گەپ- سۆزلەر ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ غورۇرىغا بەكمۇ تېگىدۇ.
  ئىككىنچى، بالىڭىزنى قورقۇتماڭ. بالىلارنى دائىم قورقۇتۇش، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلارغا دائىم دېگۈدەك «كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن»، «ئەمدى شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەربىيە قىلساق، بالىلار قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز چوڭ بولۇپ قالىدۇ.
  ئۈچىنچى، بالىڭىزغا ئالدىراپ ۋەدە بەرمەڭ. «نەتىجەڭ ياخشى بولسا، نېمە دېسەڭ شۇنى ئېلىپ بېرىمەن» دەپ ئىلھام بېرىشمۇ بىر خىل ناچار ئادەت بولۇپ، بۇنداق قىلساق،بالىلار ئۆزلىكىدىن ئۆگەنمەيدىغان، پەقەت ماددىي بۇيۇم ئۈچۈنلا تىرىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ-دە، كەلگۈسىدە ئۆز نىشانىنى يوقىتىپ قويىدۇ. 
  تۆتىنچى، «بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق قىلمايمەن دېگىن» دەپ بالىلارنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. چۈنكى بالىلار خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا دائىم ئۇلارنى ئۇنداق ۋەدىلەرنى بېرىشكە مەجبۇرلىساق، بالىلار  يالغان سۆزلەيدىغان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆز خاتالىقىنى مەجبۇرلاش ئاستىدا ئەمەس، بەلكى چۈشەندۈرۈش ئاستىدا تونۇتۇش كېرەك. 
  بەشىنچى، بالىڭىزنىڭ كۆزىگە بەك كىرىۋالماڭ. بالىڭىزنىڭ كۆزىگە ھەددىدىن زىيادە كىرىۋالسىڭىز، بالىڭىز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىز ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزى قىلسۇن.
  ئالتىنچى، بالىڭىزغا تولا كوتۇلدىماڭ. بالىڭىزغا تولا كوتۇلداۋەرسىڭىز، بالىڭىز «ھەممە ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىغان ئوخشايمەن» دەپ ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھەمدە كوتۇلدىشىڭىزدىن بىزار بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا بىرەر ئىشنى تاپشۇرماقچى بولسىڭىز ئېنىق، يىغىنچاق قىلىپ چۈشەندۈرۈڭ، ئامال بار ئارتۇق گەپنى قىلىشتىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ.
  يەتتىنچى، بالىڭىزنى قارغۇلارچە ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ. مەسىلەن، بالىڭىزنى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ، سىز بۇيرىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىسىڭىز، بالىڭىز تەبىئىيلا شۇ ئىشنى قىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزغا گەپ قىلغاندا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت تەلەپپۇزىدا گەپ قىلىڭ.
 ەككىزىنچى، بالىڭىزنى بەكلا مەيلىگە قويۇۋەتمەڭ. بالىلارنى  ھەددىدىن  زىيادە ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشمۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. چۈنكى بالىلارنى بەكلا   ئۆز    مەيلىگە   قويۇۋەتسە، ئۇلارنىڭ  يوشۇرۇن   ئىقتىدارىنى   جارى   قىلدۇرۇشقا، ياراملىق، مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشقا پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشنىڭ نورمال بولغىنى ياخشى. 
  توققۇزىنچى، بالىڭىزنىڭ يېشىغا لايىق كەلمەيدىغان تۈزۈملەرنى بېكىتىۋالماڭ. مەسىلەن، ئىككى ياشلىق بالىڭىزغا بەش ياشلىق بالىلارغا قويىدىغان تەلەپلەرنى قويىۋالماڭ، ئۇنداق قىلسىڭىز، ئەگەر بالىڭىز سىز قويغان تەلەپلەرنى ئورۇندىيالماي قالسا، ئۆزىنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغاندەك، باشقىلارنىڭ كەينىدىلا قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالىدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ