ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رولى
ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رولى
تېلېۋېزوردىن بالىلار تەربىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس پىروگىراممىنى كۆرۈۋېتىپ، پىروگراممىدا بىر مۇتەخەسىسنىڭ بالىلار تەربىيەسى ھەققىدىكى تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن چوڭ مەنپەئەت ئالغاندەك بولدۇم. بۇ ھېكايىدە مۇنداق دېيىلگەن:
ئانا تۇنجى قېتىم ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، بالىلار باغچىسى تەرببىيەچىسى ئۇنىڭغا:« بالىڭىزنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بار ئىكەن، ئورۇندۇقتا ئۈچ مىنۇتمۇ جىم تۇرالمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى، سىز ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىڭ!» دەپتۇ. ئۆيگە كېتىۋاتقاچ بالىسى ئانىسىدىن تەربىيەچىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى سوراپتۇ، ئانىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، يىغلىۋەتكىلى تاس قاپتۇ، چۈنكى شۇ سىنىپتىكى30 بالا ئارىسىدا ئۇنىڭ بالىسىنىڭلا ئىپادىسى ياخشى ئەمەس ئىكەن؛ تەربىيەچىسى ئۇنىڭ بالىسىدىن رازى ئەمەس ئىكەن. لېكىن ئۇ بالىسىغا« مۇئەللىم سېنى ماختىدى، سېنى بۇرۇن ئورۇندۇقتا بىر مىنۇتمۇ جىم ئولتۇرالمايتتى، ھازىر ئۈچ مىنۇت ئولتۇرالايدىغان بولدى» دېدى، باشقا ئانىلارنىڭ ماڭا شۇنداق مەستلىكى كەلدى، چۈنكى سىنىپ بويىچە سەنلا ئىلگىرلەپسەن، دەپتۇ، شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭ ئوغلى تۇنجى قېتىم ئاتا- ئانىسىغا زورلاتقۇزماي ئىككى قاچا تاماق يەپتۇ.
ئوغلى مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى يىلىدىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا مۇئەللىم ئۇنىڭغا« بالىڭىزنىڭ ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى سىنىپتىكى 50 ئوقۇغۇچى ئارىسىدا 40- بولدى، بىز ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىپ قالدۇق، ئەڭ ياخشىسى، بالىڭىزنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىڭ» دەپتۇ. ئانا سىنىپتىن چىقىپلا يىغلاپ تاشلاپتۇ، لېكىن ئۆيگە بارغاندا بالىسىغا: مۇئەللىمنىڭ ساڭا ئىشەنچى بار ئىكەن، سېىنى« تىرىشسىلا، دەرستە يېنىدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېدى. ئانا بۇ گەپنى ئاڭلىغان بالىسىنىڭ خۈنۈك كۆزلىرىنىڭ چاقناپ كەتكەنلىكىنى، مەيۈس چىرايىنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئانا شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلىنى مۇلايىم ۋە چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىپتۇ. ئوغلى ئەتىسى مەكتەپكە ئادەتتىكىدىن بالدۇر مېڭىپتۇ.
بالا ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنكى يەنە بىر ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا، ئانا ئوغلىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىنى كۈتۈپتۇ، چۈنكى ھەر قېتىملىق ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا ئوغلىنىڭ ئىسمى ئوقۇشتا ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا باشتا چاقىرىلىدىكەن. بۇ قېتىم كۈتۈلمىگەن يەردىن تاكى ئاتا ئانىلار يىغىنى ئاياغلاشقۇچە ئوغلىنىڭ ئىسمى چاقىرىلماپتۇ. ئانا سەل ھەيران بولۇپ، قايتىدىغان چېغىدا مۇئەللىمدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ، مۇئەللىم ئۇنىڭغا:« ئوغلىڭىزنىڭ ھازىرقى نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلىشى سەل تەس بولارمىكىن» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئانا خوشال ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چېقىۋاتقاندا ئوغلىنىڭ ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ، يولدا قولىنى ئوغلىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ماڭغاچ كۆڭلىدە تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئىللىق سېزىم ھېس قىپتۇ. ئۇ ئوغلىغا: سىنىپ مەسئۇلىڭ سەندىن شۇنداق رازى ئىكەن، ئۇ سېنى « تىرىشسىلا، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلەيدۇ» دېدى، دەپتۇ.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرىنچى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ چاقىرىق قەغىزى كەلگەندە، مەكتەپ ئۇ بالىنىڭ ئانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئوغلىنىڭ مەكتەپكە بىر كېلىپ كېتىشىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئانىنىڭ كۆڭلى ئوغلىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ، ئۇ يىغلاۋېتىپ:« ئانا ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەقىللىق بالا ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن. بىراق، بۇ دۇنيادا سىزلا ماڭا ئىشىنىسىز» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئانا ھەم ئازاپلىنىپتۇ، ھەم خوشال بوپتۇ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان كۆز يېشى قولىدىكى چاقىرىق قەغىزىگە ئېقىشقا باشلاپتۇ.
تەربىيىلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۆزى پەرقلەرنى ئېتىراراپ قىلىدىغان، مەغلۇپ بولۇشقا يول قويىدىغان تەربىيە؛ ئىنسانىي روھقا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەربىيە؛ ئوڭ يۆلىنىشلىك ئىلھام بېرىدىغان، ئاكتىپ يېتەكلەيدىغان، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان؛ ئۇتۇق قازىنىشقا ئىشىنىدىغان تەربىيە؛ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈزلۈكسىز يېتىلىدىغان تەربىيە.« ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسى» ھەر بىر ئادەمدىكى غەيەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارنى تونۇپ يېتىپ، توغرا تەربىيە ئارقىلىق بۇنداق يوشۇرۇن ئىقتىدارنى نامايەن قىلىدۇ ۋە جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەخسلەر ئارىسىدىكى پەرقنى ئېتىراپ قىلىپ، پەرقنى قوبۇل قىلىپ، قايىل بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرلىتىدۇ. ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسى ئارقىلىق بالىلارنىڭ غورۇرىنى قوغداپ قالغىلى، ئاتا- ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت تۇرغۇزغىلى، بالىلارنىڭ ئۈگىنىشىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؛ ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسى ئارقىلىق بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى، بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە چىدامچانلىقىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسىنى قوللانغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك:
يەنى ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسىنى ئائىلە تەربىيىسىدىلا قوللىنىش يېتەرلىك بولمايدۇ. مەكتەپلەرنىڭ كۈچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسىنى بىرىكمە كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۈگنىش ۋە تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.
ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسىنىڭ مەلۇم چېكى بولۇشى كېرەك.ئىلھام بېرىش دېگەنلىك يول قويۇشلا دېگەنلىك ئەمەس، ماختاش بىلەن تەنقىدنى تەڭ قوللىنىش كېرەك. ھەمىشە ماختىساق، بالىلارنىڭ تونۇشىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ قويىمىز.زۆرۈر تەنقىد بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بالىلىق مۇۋەپىقىيەتكە ئېرىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەت ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، كۈندىلىك تەلىم- تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، لېكىن ئۇسۇلغا دىققىي قىلمىساق بولمايدۇ
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رولى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەيلى
- كىچىك بوۋىقىڭىزنىڭ نىمىلەرنى دەيدىغانل
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدى
- دائىم ماختىلىدىغان بالىلار مۇرەككەپ مە
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھى
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاش
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان
- قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى
- بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى
- بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنى
- بالىلار تۇرمۇشنىڭ خوجايىنى بولسۇن
- بالىلار پىسخىكا جەھەتتىمۇ ساغلام بولسۇ
- كىچىك بوۋىقىڭىزنىڭ نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلد
- ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رول
- دائىم ماختىلىدىغان بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىل
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھىم
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاشلىت
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلد
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- بىر ياشىلىق بالىلارغا ماتېماتكىنى قانداق ئۆگ
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھە
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بالىنىڭ
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتىدارى ت
- نىشاننى بەلگىلەش ، ئۈلگە تىكلەش.
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- مۇھىم بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاش.
- بالىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ
- كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ