ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت پىسخىكىسى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەيلى

ۋاقىت : 2014-07-13 18:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

بالىلاردا  مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەيلى

بالىلاردا  مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەيلى


▲ئۆزىگە ئىشىنىش ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، غەلبىگە باشلايدۇ. لېكىن، ھازىر بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇس بولۇۋاتىدۇ. ئۆزى قارار چىقىرىپ مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان، داۋاملىق باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغان، ئائىلىدە خۇجايىن بولۇۋېلىپ كەلگۈسىنى يارىتىشقا تىرىشمايدىغان ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
يەنى  ئاتا-ئانىلار بالىلارنى قورقۇتماسلىق كېرەك. بىز بالىلىرىمىزنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ «يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ئوكۇل ئۇرىدۇ، جىن كەلدى...» دېگەندەك قورقۇتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ جىملەيمىز. نەتىجىدە، بالىلىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپ قورقۇنچاق، يۈرەكسىز چوڭ بولۇپ، ئۇلاردا نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان ناچار پىسخىكا شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا  باتۇرلۇق ھەققىدىكى چۆچەكلەرنى ۋە ئەقلىگە ئوزۇق بولىدىغان ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ سەبىي تۇيغۇسىدا ئېسىل پەزىلەتلەر بىخلاشقا باشلايدۇ. شۇڭا بالا خاپا قىلغاندا بالىنىڭ كەيپىياتىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ بەزلەش كېرەك، بولمىسا ئەكىس تەسىر كېلىپ چىقىدۇ.
▲بالىلارنى ئۆزى قىلغان ئىشقا ئۆزى ئىگە بولۇشقا يېتەكلەش لازىم. بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسا، چوڭلاردىن قورقۇپ ئاسانلا يالغان سۆزلەيدۇ. بۇنداق چاغدا سەۋرچانلىق بىلەن بالىلارغا تەربىيە قىلىپ «ھېچقىسى يوق، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن...» دەپ خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا ئۈندەپ، تۈزۈتۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرسەك، بالىلار يالغان سۆزلىمەيدىغان بولىدۇ، ھەمدە خاتالىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا تونۇيدۇ. بۇنداق قىلغاندا ھەم بالىلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىپ ھەقىقىي سىرداشقىلى، ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىپ، ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچان خارەكتىر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
▲ بالىلارنى قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشكە يېتەكلەش لازىم. بالىلار كىچىككىنە قىيىنچىلىققا يولۇقسا، «دادام، ئاپام بارغۇ» دەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىنتىلمەيدۇ. چۈنكى بىز ھەممە ئىشتا بالىلارغا يۆلەنچۈك بولۇپ كۆندۈرۈپ قويغاچقا، بالىلارنىڭ جاپاغا چىداش روھىي كەمچىل بولۇپ قالغان. بىز بالىلار مېڭىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ كەينىدە پايپېتەك بولۇپ يۈرىمىز، يېقىلىپ چۈشسە يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، توپىسىنى قېقىپ يۈرگەچكە بالىلار «يېقىلىپ چۈشسىمۇ يۆلەپ قويمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايدىغان»، جاپادىن قورقۇدىغان بولۇپ قالىدۇ. بالىلار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ئۆزى قىلىشى، ئۆزىدە بار بولغان ئىقتىدارنى بايقىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
▲بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىغا  ھۆرمەت  قىلىش   كېرەك. بالىلار كىچىك چېغىدا كۆپىنچە ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق چاغدا تېرىكمەستىن كۈتۈپ تۇرۇش، خاتا قىلغان ئىشلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن تۈزۈتۈپ، كۆرسىتىپ بېرىش لازىم. بالىلارنى ئەيىبلەش ئالغا ئىنتىلىش روھىنى بوغۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا كۈتۈپ تۇرىدىغان، يول كۆرسەتمىسە ماڭالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. توغرا قىلسا ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇش، ماختاش لازىم. بازارغا چىقىپ سودا-سېتىق ئىشلىرىنى قىلىپ كېلىشكە بۇيرۇش، ئائىلىدىكى قۇربى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. مۇستەقىللىق ئېڭىغا ئىگە بالىلار چوڭ بولغاندا مۇۋەپپىقىيەت دەرۋازىسىنى ئاسان ئاچالايدۇ.
▲ تەربىيلەشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم. بىز لاياقەتلىك بولساقلا، تەربىيلىگەن بالىمىزمۇ لاياقەتلىك بولىدۇ. بۇنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. بىزنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىمىز ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا بالىغا سىڭىپ ماڭىدۇ. شۇڭا، بالا تېخى كىچىك، ھېچنەرسە بىلمەيدۇ دەپ قارىماي، ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ دەپ ئويلاش كېرەك. چۈنكى بالا بىر پارچە ئاق قەغەز. قانداق بوياش بىزنىڭ ئىقتىدارىمىزغا باغلىق. بالا مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ۋەزىپىمىز تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى مەكتەپكە بېرىپلا ئەمدى ۋەزىپەم تۈگىدى، ئوقۇتقۇچى تەربىيلىسۇن دەپلا كارى بولمايدۇ. ئىش بۇنداق ئاددىي ئەمەس، چۈنكى بالا مەكتەپتىن كەلسە ئائىلىدە بىز يېتەكلەيمىز. بىلىم قۇرۇلمىسىنى كېڭەيتىمىز، يەنى ئۇرۇق-تۇغقان مېھرى، ئەدەب-ئەخلاق، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرنى سىڭدۈرۈپ ماڭىمىز. بالىلار «ئاتا-ئانام، ئوقۇتقۇچۇم ھەممىنى بىلىدۇ، بىلمەيدىغىنى يوق» دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا، بىزدە ھەر تەرەپلىمە بىلىم بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، بالىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان، تەربىيەنى قۇبۇل قىلمايدىغان  ئەھۋاللار  كېلىپ  چىقىدۇ.
▲ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ كەتمەسلىك لازىم.  . تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەركە ئۆگىنىپ قالغان بالىلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىز، ھېسسياتى تۇراقسىز بولىدىكەن. بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق. بالىلارنى  ئۇزاق  مۇددەت  بىخەتەر  مۇھىتتا  تۇرغۇزغاندا، ئۇلارنىڭ  مۇستەقىللىقى  ۋە  زېھنىي  كۈچىنىڭ  تەرەققىياتى  بارغانسېرى  ئاستىلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلار ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىپ قالسا، ئۆزى يېڭىشكە يېتەكلەش لازىم. شۇنداق قىلغاندا، بالىلاردا تۇرمۇشتىكى بەزى ھادىسىلەرگە يولۇققاندا قارشى تۇرۇش كۈچى ھاسىل بولىدۇ-دە، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالايدۇ. بەلگىلىك قىممەت قارىشى تۇرغۇزالايدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ، ئادىمىيلىك خارەكتېرنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ