بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم
بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم

بالا تەربىيەسى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ. بالا تەربىيىسىدە ئاتا- ئانىلار، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە بىلەن مەكتەپ تەربيەسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم.
راستچىل ئادەم ھەرقانداق چاغدا مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ. بىزدە « يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام»،« يالغانچى يالغان گەپ تاپالمىغاندا، راست سۆزلەپ سالىدۇ» دەيدىغان گەپلەر بار. دېمەك، يالغانچى ئادەمنىڭ مەيلى ئائىلىدە ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن، ئىناۋىتى بولمايلا قالماي، بەلكى ھامان بىر كۈنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. يالغانچىلىق ۋاقىتلىق ھادىسە، يالغانچى ئادەمنىڭ ھەقىقىي دوستىمۇ بولمايدۇ. يالغانچى ئادەم ساختىپەز، ھىيلىگەر ھەمدە باشقىلارنى ئالداپ ئارىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولغاچقا، يالغانچىغا ھەممە ئادەم ئۆچ. خۇددى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى« يالغانچى بالا» دەك يالغاندىن « بۆرە كەلدى» دەپ كىشىلەرنى ئالداپ كۆڭلىنى خوش قىلغان بىلەن،« بۆرە ھەقىقىي كەلگەن»دە بولسا ھېچكىم يالغانچىغا ئىشەنمەيدۇ، ياردەم قىلمايدۇ.
▲بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار بالىلار ئالدىدا راستچىل بولۇپ ۋە بالىلىرىدىن راست سۆزلەش، يالغانچىلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلسا؛ ئوقۇتقۇچىمۇ بالا تەربىيىسىدە راستچىل، سەمىمىي بولۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، ئۇلاردا كۆز بويامچىلىق، يالغانچلىق قىلمىشلىرىنى بايقىغان ھامان دەرھال تەنقىدىي - تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى يامان قىلمىشلاردىن توسسا بالىلاردا راستچىل، سەمىمىي بولۇشتەك ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەتنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەرقانداق ئەھۋالدا چوقۇم راستچىل بولۇشى، بالىلارنى يالغانچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلماسلىقى كېرەك. بالىلارنىڭ يالغانچىلىق قىلمىشى ئالدى بىلەن ئائىلىۋى تۇرمۇشتا ئاتا- ئانىلارنىڭ يالغانچىلىق قىلىپ بىر- بىرىنى ئالدىشى سەۋەپلىك پەيدا بولىدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار راست سۆزلەپ زىيان تارتقاندىن كۆرە يالغان سۆزلەپ پايدا ئېلىشنى، راست سۆزلەپ تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن يالغان سۆزلەپ قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلىدۇ- دە، بىر- بىرىگە يالغان سۆزلەيدۇ. بۇ خىل خاراكتېر بالىلار پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىپ بالىلارمۇ دەرس تەكرار قىلالمىسا تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىيەلمىسە،« ئاخشام ئۆيدە توك يوق ئىدى».....دېگەندەك باھانە- سەۋەبلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
▲يالغانچىلىق ھامان ئاشكارلىنىدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ راستچىل بولغاندا، ئوقۇتقۇچى راستچىلىقنى تەۋسىيە قىلىپ، سەمىميەتسىزلىك ۋە يالغانچىلىققا رەددىيە بەرگەندىلا، بالىلاردىكى يالغانچىلىق خاھىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولغاندىلا سەمىمىي،ئەمەلىيەتچان ھەم ھەق- ناھەق قارىشى ئېنىق بولىدۇ، شۇڭا بالىلاردىكى راستچىللىق تەربىيەسى بالىلارنىڭ غورۇرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك . ئاتا- ئانىلار مەيلى ئائىلىۋى ئىشلاردا ياكى ئېلىم- بېرىم، سودا-سېسىق ئىشلىرىدا بولسۇن، چوقۇم بار ئىمكانىيەت بىلەن راستچىل بولۇشى، سەمىمىيلىكنى مىزان، راستچىلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى ھەم بالىلارنىمۇ مۇشۇ خىل تەلەپنى چىقىش قىلىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
▲بالا تەربىيىسىدە ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىزگە يۇقىرى تەلەپ قويماي پايدا مەنپەئەت ئۈچۈن يالغانچلىق قىلساق، بالىلىرىمىزمۇ بىزدىن ئۈگىنىدۇ كىچىك ئىش ھەم ئادەتتىكى ئىش دەپ بالىلارنىڭ بىرەر قېتىملىق يالغانچىلىقىنى بولدى قىلساق، يالغانچىلىق قىلىپ تاسادىپىي تەنقىدلەردىن قۇتۇلۇشىغا پۇرسەت بەرسەك چوڭ سەۋەنلىككە يول قويغان بولىمىز، ھەتتا يالغانچىلىق سەۋەبلىك زور پۇشايمانغا قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. دېمەك، ئىنسان ئۈچۈن راستچىللىق گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت، راستچىللىق ئىشەنچ ھەم ئىستىقبال، بالىلار ئۈچۈن راستچىلللىق كەلگۈسىدىكى تەقدىر ھەم ئىناۋەت.
(تەھرىر : سەپەر)
«بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا يېتەكلىشى لازىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلاردىكى ئاشقۇنلىقنى بىر مىنۇتتا ھەل قىلىش
- بالىلاردىكى ئاشقۇنلىقنى بىر مىنۇتتا ھە
- بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بول
- كىچىك بوۋىقىڭىزنىڭ نىمىلەرنى دەيدىغانل
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ي
- ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدى
- دائىم ماختىلىدىغان بالىلار مۇرەككەپ مە
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھى
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- كىچىك قىز تورخۇمارلىقنى تاش
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان
- قىزلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى
- بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئىلھام بېرەيلى
- بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
- پەرزەنتىڭىزنى ئۆزىگە ئىشىنى
- بالىلاردىكى ئاشقۇنلىقنى بىر مىنۇتتا ھەل قىلى
- بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا
- كىچىك بوۋىقىڭىزنىڭ نىمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلد
- ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ بالىلار تەربىيىسىدىكى رول
- دائىم ماختىلىدىغان بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىل
- ماختاش ۋە بالىلار تەربىيەسى
- مەكتەپنىڭ بالىلارغا ماس كېلىشى ئەڭ مۇھىم
- پەرزەنتىڭىزنىڭ پىخسىكىسى ساغلاممۇ ؟
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- بالىلارنى كېچىكىدىن باشلاپ راستچىل بولۇشقا
- بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلد
- پەرزەنتلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈر
- بالىلارغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم
- بالىلارنى ئەھمىيەتسىز كارتون فىلىملەر رام قى
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئەقلىي تەرەققىيات
- بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئال
- بالىلاردىكى نامۇۋاپىق بەسلىشىش پىسخىكىسىنى
- ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇ
- يان تېلېفون بالىلارغا نېمىلەرنى ھەدىيە قىلدى
- قانداق قىلغاندا بالىلىرىمىزدا كىتاب ئوقۇش ھە
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش بالىنىڭ
- بالىلار داۋاملىق ئۇرۇشسا، ئەقلىي ئىقتىدارى ت
- بالىلارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى بالدۇر ئۆگىنىشى يا
- نىشاننى بەلگىلەش ، ئۈلگە تىكلەش.
- مۇھىم بولغان سۆزلەرنى تەكرارلاش.
- كىچىك قىزلار ‹‹خانىم››غا ئايلىنىپ قالدىمۇ
- بالىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ